< Псалми 90 >

1 Господе! Ти си нам уточиште од колења до колења.
خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ دۇئاسى: ــ يا رەببىم، سەن بارلىق دەۋردە بىزگە ماكان بولۇپ كېلىۋاتىسەن؛
2 Пре него се горе родише и сазда се земља и васиљена, и од века довека, Ти си Бог.
تاغلار ۋۇجۇدقا كەلمەستىن بۇرۇن، سەن يەر ۋە ئالەمنى شەكىللەندۈرمەستىن بۇرۇن، ئەزەلدىن ئەبەدگىچە تەڭرىدۇرسەن.
3 Ти враћаш човека у трулеж, и говориш: Вратите се синови људски!
سەن ئىنساننى تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ: ــ «ھەي، ئىنسان بالىلىرى، قايتىڭلار!» ــ دەيسەن.
4 Јер је хиљада година пред очима Твојим као дан јучерашњи, кад мине, и као стража ноћна.
مانا، سېنىڭ نەزىرىڭدە مىڭ يىل ــ ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈنكى بىر كۈن، تۈندىكى بىر جېسەكتۇر، خالاس.
5 Ти их као поводњем односиш; они су као сан, као трава, која рано вене,
سەن ئادەملەرنى سۇ تاشقىنىدەك ئېلىپ كېتىسەن، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۇيقۇدەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ ــ
6 Ујутру цвета и увене, увече се покоси и сасуши.
ئەتىگەندە ئۇلار كۆكىرىپ ئۈنىدۇ، كېچىسى بولسا كېسىلىپ، سولىشىپ كېتەر.
7 Јер нас нестаје од гнева Твог, и од јарости Твоје у сметњи смо.
چۈنكى بىز غەزىپىڭ بىلەن يوقايمىز، قەھرىڭ بىلەن دەككە-دۈككىدە قالىمىز.
8 Ставио си безакоња наша преда се, и тајне наше на светлост лица свог.
سەن قەبىھلىكلىرىمىزنى كۆز ئالدىڭغا، يوشۇرۇن قىلمىشلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرى ئالدىغا قويدۇڭ.
9 Сви се дани наши прекраћују од срдње Твоје, године наше пролазе као глас.
بارلىق كۈنلىرىمىز دەرغەزىپىڭ ئاستىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يىللىرىمىزنى بىر ئۇھ تارتىش بىلەنلا تۈگىتىمىز.
10 Дана година наших свега има до седамдесет година, а у јачег до осамдесет година: и сам је цвет њихов мука и невоља; јер теку брзо, и ми одлећемо.
ئۆمرىمىزنىڭ يىللىرى يەتمىش يىل، ماغدۇرىمىز بار بولسا سەكسەن يىل؛ بىراق ئۇلارنىڭ پەخرى جاپا ۋە بىھۇدىلىكتۇر؛ ھايات تېزلىك بىلەن ئۈزەر، مانا، بىز ئۇچۇپ كەتتۇق.
11 Ко зна силу гнева Твог и Твоју јарост, да би Те се као што треба бојао?
ساڭا بولغان ھۆرمەت-ئەيمىنىشنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھېسابلىنىدىغان، ئاچچىقىڭنىڭ شىددىتىنى كىم بىلسۇن؟
12 Научи нас тако бројати дане наше, да бисмо стекли срце мудро.
شۇڭا كۆڭلىمىزنى دانالىققا قويۇشىمىز ئۈچۈن، كۈنلىرىمىزنى ساناشنى بىزگە ئۆگەتكەيسەن!
13 Поврати се, Господе! Докле ћеш? Смилуј се на слуге своје.
يېنىمىزغا قايتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سېنى قاچانغىچە...؟! قۇللىرىڭغا رەھىم قىلغايسەن!
14 Ујутру нас насити доброте своје, и радоваћемо се и веселити у све дане своје.
بىزنى ئەتىگەندە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قاندۇرغايسەن؛ ئۇنداقتا بارلىق كۈنلىرىمىزدە كۈيلەرنى ياڭرىتىپ شادلىنىمىز.
15 Обрадуј нас према данима, у које си нас мучио, и према годинама, у које смо гледали невољу.
سەن بىزنى جاپاغا چۆمگەن كۈنلەرگە ئاساسەن، كۈلپەتنى كۆرگەن يىللىرىمىزغا ئاساسەن يەنە خۇرسەن قىلغىن!
16 Нека се покаже на слугама Твојим дело Твоје, и слава Твоја на синовима њиховим.
ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ قۇللىرىڭغا كۆرۈنگەي، شانۇ-شەۋكىتىڭ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ئاشكارا بولغاي!
17 Нека буде добра воља Господа Бога нашег с нама, и дело руку наших доврши нам, и дело руку наших доврши.
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ شېرىن مەرھەمىتى ئۈستىمىزدە بولغاي، قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىمىزگە بەرىكەتلىك قىلغايسەن، بەرھەق، قولىمىزنىڭ ئىشلىرىنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن!

< Псалми 90 >