< Псалми 108 >

1 Готово је срце моје, Боже; певаћу и хвалићу заједно са славом својом.
داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، بەرھەق، سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن!
2 Прени се псалтире и гусле, устаћу рано.
ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن!
3 Славићу Тебе, Господе, по народима, појаћу Теби по племенима.
خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن!
4 Јер је сврх небеса милост Твоја и до облака истина Твоја.
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغتۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى.
5 Узвиси се више небеса, Боже, и по свој земљи нека буде слава Твоја!
ئى خۇدا، شان-شۆھرىتىڭ ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغاي، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
6 Да би се избавили мили Твоји, помози десницом својом, и услиши ме.
ئۆز سۆيگەنلىرىڭنىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن.
7 Бог рече у светињи својој: "Веселићу се, разделићу Сихем, и долину Сокот размерићу.
خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى [تەقسىم قىلىشقا] ئۆلچەيمەن.
8 Мој је Галад, мој је Манасија, Јефрем је крепост главе моје, Јуда скиптар мој.
گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛
9 Моав је чаша из које се умивам, Едому ћу пружити обућу своју; над земљом филистејском попеваћу."
موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇغۇمنى تاشلايمەن؛ مەن فىلىستىيە ئۈستىدىن تەنتەنە قىلىمەن!».
10 Ко ће ме одвести у тврди град? Ко ће ме отпратити до Едома?
كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟
11 Зар нећеш Ти, Боже, који си нас одбацио, и не идеш, Боже, с војскама нашим?
ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟
12 Дај нам помоћ у тескоби, одбрана је човечија узалуд.
بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر!
13 Богом смо јаки; Он гази непријатеље наше.
خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر!

< Псалми 108 >