< Књига Немијина 8 >

1 Тада се скупи сав народ једнодушно на улицу која је пред вратима воденим, и рекоше Јездри књижевнику да донесе књигу закона Мојсијевог који даде Господ Израиљу.
يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى. بۇ چاغدا پۈتۈن خالايىق خۇددى بىر ئادەمدەك بولۇپ «سۇ قوۋۇقى» ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، تەۋراتشۇناس ئەزرادىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىلغا تاپىلىغان تەۋرات-قانۇن كىتابىنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
2 И донесе Јездра свештеник закон пред збор, у коме беху људи и жене и сви који могаху разумети, првог дана седмог месеца.
يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كاھىن ئەزرا تەۋرات-قانۇن كىتابىنى جامائەتكە، يەنى ئەر-ئاياللار، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى؛
3 И чита је на улици која је пред вратима воденим од јутра до подне пред људима и женама и оним који могаху разумети, и уши свему народу беху обраћене ка књизи законској.
«سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، ئەتىگەندىن چۈشكىچە، ئەر-ئاياللارغا، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەرگە ئوقۇپ بەردى. پۈتكۈل جامائەتنىڭ قۇلاقلىرى تەۋرات-قانۇن كىتابىدىكى سۆزلەردە ئىدى.
4 А Јездра књижевник стајаше на месту повисоку, које беху начинили од дрвета за то; и до њега стајаше Мататија и Сема и Анаја и Урија и Хелкија и Масија с десне стране, а с леве Федаја и Мисаило и Малахија и Асум и Асвадана, Захарија и Месулам.
تەۋراتشۇناس ئەزرا مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا ھازىرلانغان ياغاچ مۇنبەرگە چىقىپ تۇردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى ماتتىتىيا، شېما، ئاناياھ، ئۇرىيا، ھىلقىيا بىلەن مائاسېياھلار ئىدى؛ سول تەرىپىدە تۇرغىنى پىدايا، مىشائەل، مالكىيا، ھاشوم، ھاشباددانا، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام ئىدى.
5 И отвори Јездра књигу на видику свем народу, јер беше више свега народа, и кад је отвори, уста сав народ.
ئەزرا پۈتكۈل خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا كىتابنى ئاچتى، چۈنكى ئۇ پۈتۈن خالايىقتىن ئېگىزدە تۇراتتى؛ ئۇ كىتابنى ئاچقاندا، بارلىق خالايىق ئورنىدىن قوپتى.
6 И Јездра благослови Господа Бога великог, а сав народ одговори: Амин, амин, подигнувши руке своје, па се савише и поклонише се Господу лицем до земље.
ئەزرا ئۇلۇغ خۇدا بولغان پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇۋىدى، بارلىق خالايىق قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جاۋابەن: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى؛ ئاندىن تىزلىنىپ، پىشانىسىنى يەرگە يېقىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
7 А Исус и Ваније и Сервевија, Јамин, Акув, Саветај, Одија, Масија, Келита, Азарија, Јозавад, Анан, Фелаја и други Левити поучаваху народ закону, и народ стајаше на месту.
ئاندىن كېيىن لاۋىيلاردىن يەشۇيا، بانى، شەرەبىيا، يامىن، ئاككۇب، شاببىتاي، خودىيا، مائاسېياھ، كېلىتا، ئازارىيا، يوزاباد، ھانان ۋە پېلايالار خالايىققا تەۋرات قانۇنىنى چۈشەندۈردى؛ جامائەت ئۆرە تۇراتتى.
8 И читаху књигу, закон Божји, разговетно и разлагаху смисао, те се разумеваше шта се читаше.
ئۇلار جامائەتكە كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنى جاراڭلىق ئوقۇپ بەردى ۋە ئوقۇلغاننى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بەردى.
9 Потом Немија, који је Тирсата, и свештеник Јездра књижевник и Левити који научаваху народ, рекоше свему народу: Овај је дан свет Господу Богу вашем; не тужите ни плачите. Јер плакаше сав народ слушајући шта говори закон.
ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرا ۋە خەلققە قانۇننىڭ مەنىسىنى ئۆگىتىدىغان لاۋىيلار پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بۈگۈن خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈندۇر، يىغا-زار قىلماڭلار! ــ دېدى. چۈنكى خالايىقنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ يىغا-زار قىلىپ كېتىشكەنىدى.
10 И рече им: Идите и једите претило и пијте слатко и шаљите делове онима који немају ништа зготовљено, јер је овај дан свет Господу нашем. Зато не будите жалосни, јер је радост Господња ваша сила.
ئاندىن [نەھەمىيا] ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ نازۇ-نېمەتلەرنى يەپ، شەربەتلەرنى ئىچىڭلار، ئۆزىگە [يىمەك-ئىچمەك] تەييارلىيالمىغانلارغا يېمەك-ئىچمەك بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن رەببىمىزگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈندۇر. غەمكىن بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ شادلىقى سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر، دېدى.
11 И Левити утишаше народ говорећи: Ћутите, јер је овај дан свет, и не будите жалосни.
لاۋىيلارمۇ: ــ بۈگۈن مۇقەددەس كۈن بولغاچقا، تىنچلىنىڭلار، غەمكىن بولماڭلار! ــ دەپ جامائەتنى تىنچلاندۇردى.
12 И отиде сав народ да једе и пије и да шаље делове, и веселише се веома што разумеше речи које им се казаше.
جامائەت قايتىپ بېرىپ، يەپ-ئىچىشتى، باشقىلارغىمۇ يىمەك-ئىچمەك ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، شاد-خۇراملىققا چۆمدى؛ چۈنكى ئۇلار بېرىلگەن تەلىم سۆزلىرىنى چۈشەنگەنىدى.
13 А сутрадан скупише се главари домова отачких из свега народа, свештеници и Левити, к Јездри књижевнику да уче шта закон говори.
ئەتىسى خالايىق ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىۋاشلىرى، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار تەۋراتشۇناس ئەزرانىڭ يېنىغا يىغىلىپ، تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى تېخىمۇ چۈشىنىپ پەم-پاراسەتكە ئېرىشمەكچى بولدى.
14 И нађоше написано у закону да је Господ заповедио преко Мојсија да синови Израиљеви бораве у сеницама на празник седмог месеца.
ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىللارغا يەتتىنچى ئايدىكى ھېيتتا كەپىلەردە تۇرۇشى كېرەكلىكى پۈتۈلگەنلىكىنى ئۇقتى،
15 И објавише и прогласише по свим градовима својим и у Јерусалиму говорећи: Идите у гору, и донесите грање маслиново и грање од дивље маслине и грање миртово и палмово и грање од шумнатих дрвета, да начините сенице, како је написано.
شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بارلىق شەھەرلەردە ۋە يېرۇسالېمدا: «سىلەر تاغقا چىقىپ، زەيتۇن شېخى بىلەن ياۋا زەيتۇن شاخلىرىنى، خاداس ئۆجمە شاخلىرىنى، خورما دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى ۋە يوپۇرماقلىرى باراقسان دەرەخ شاخلىرىنى ئەكىلىپ، تەۋراتتا يېزىلغىنىدەك كەپىلەرنى ياساڭلار» دېگەنلىكىنى تارقىتىپ جاركالاشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئۇقتى.
16 И народ изиђе и донесе и начини сенице сваки на свом крову и у свом трему и у тремовима дома Божјег и на улици код врата водених и на улици код врата Јефремових.
شۇنىڭ بىلەن خالايىق چىقىپ شاخ ئەكىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ھەربىرى ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىدە، ھويلىلىرىدا، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا، «سۇ قوۋۇقى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا ۋە «ئەفرائىم دەرۋازىسى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا كەپىلەرنى ياساپ تىكتى.
17 И тако начини сенице сав збор, што се беше вратио из ропства, и борављаху под сеницама. А од времена Исуса, сина Навиног, до тог дана не чинише тако синови Израиљеви. И би весеље веома велико.
سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن پۈتكۈل جامائەت كەپىلەرنى ياساپ تىكتى ۋە شۇنداقلا كەپىلەرگە جايلاشتى؛ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇنداق قىلىپ باقمىغانىدى. ھەممەيلەن قاتتىق خۇشال بولۇشتى.
18 И читаше се књига закона Божјег сваки дан, од првог дана до последњег; и празноваше празник седам дана, а осми дан би сабор, како је уређено.
بىرىنچى كۈندىن ئاخىرقى كۈنگىچە [ئەزرا] ھەركۈنى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى. ئۇلار يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى؛ سەككىزىنچى كۈنى بەلگىلىمە بويىچە تەنتەنىلىك ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

< Књига Немијина 8 >