< Књига о судијама 19 >

1 И у то време, кад не беше цара у Израиљу, беше један Левит који живљаше као дошљак крај горе Јефремове, и узе иночу из Витлејема Јудиног.
ئىسرائىلدا تېخى پادىشاھ تىكلەنمىگەن شۇ كۈنلەردە، ئەفرائىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر لاۋىي كىشى بار ئىدى؛ ئۇ يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر قىزنى كېنىزەكلىككە ئالدى.
2 А иноча његова чињаше прељубу код њега, па отиде од њега кући оца свог у Витлејем Јудин, и оста онде четири месеца.
لېكىن ئۇ كېنىزەك ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۆت ئايچە تۇردى.
3 А муж њен уста и отиде за њом да јој лепо говори и да је доведе натраг, имајући са собом момка свог, и два магарца; и она га уведе у кућу оца свог, и кад га виде отац њен обрадова се доласку његовом.
ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئېرى قوپۇپ كېنىزىكىگە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، كۆڭلىنى ئېلىپ ياندۇرۇپ كېلىشكە كېنىزىكىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بىر خىزمەتكارىنى ۋە ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ باردى. كېنىزەك ئېرىنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى؛ ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ قارشى ئالدى.
4 И устави га таст његов, отац младичин, и оста код њега три дана, и онде јеђаху и пијаху и ноћиваху.
ئۇنىڭ قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى تۇتۇپ قالدى، ئۇ ئۇ يەردە ئۈچ كۈنگىچە يەپ-ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ قوپتى.
5 А четврти дан кад усташе рано, уста и он да иде; али отац младичин рече зету свом: Поткрепи срце своје залогајем хлеба, па онда идите.
تۆتىنچى كۈنى لاۋىي كىشى سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، كېنىزىكىنىڭ ئاتىسى كۈيئوغلىغا: ــ بىر توغرام نان يەپ يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئاندىن ماڭغىن، ــ دېدى.
6 И тако седоше и седоше обојица заједно и напише се; па рече отац младичин мужу: Хајде остани још ноћас, и буди весео.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى ئولتۇرۇپ بىللە يەپ-ئىچىپ تاماقلاندى. قىزنىڭ ئاتىسى ئۇ كىشىگە: ــ سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ كېچىمۇ قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن، دېدى.
7 Али човек уста да иде; али таст његов навали на њ, те опет ноћи онде.
بۇ كىشى ماڭغىلى قوپۇۋىدى، لېكىن قېينئاتىسى ئۇنى زورلاپ، يەنە ئېلىپ قالدى، ئۇ يەنە بىر كۈن قوندى.
8 Потом урани петог дана да иде; и рече му отац младичин: Поткрепи срце своје. И једући заједно забавише се докле и дан наже.
بەشىنچى كۈنى ئۇ سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلاندى، لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ [ئاۋۋال] يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى كۈن ئېگىلگۈچە ئولتۇرۇپ، بىللە تاماقلاندى.
9 Тада уста човек да иде, он и иноча му и момак; а таст његов, отац младичин, рече му: Ето, дан је већ нагао, вече је, преноћите овде; ето доцкан је, преноћи овде, и буди весео, па сутра ураните на пут, и иди к свом шатору.
ئاندىن بۇ كىشى كېنىزىكى ۋە خىزمەتكارىنى ئېلىپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ داداسى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كەچ كىرەي دەۋاتىدۇ، سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ يەردە يەنە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ مانا، كۈن مەغرىققە ئېگىلىپتۇ، بۇ يەردە قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن؛ ئاندىن ئەتە سەھەردە يولغا چىقىپ، ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار، ــ دېدى.
10 Али човек не хте ноћити; него уста и пође; и дође до Јевуса, а то је Јерусалим, и с њим два магарца натоварена и иноча његова.
لېكىن ئۇ كىشى ئەمدى يەنە بىر كېچە قونۇشقا ئۇنىماي، قوپۇپ يولغا چىقىپ يەبۇسنىڭ، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى توقۇقلۇق ئېشەك ۋە كېنىزىكى بار ئىدى.
11 А кад беху близу Јевуса, дан беше нагао врло, па рече слуга господару свом: Хајде брже да се свратимо у тај град Јевус, и ту да ноћимо.
ئۇلار يەبۇسقا يېقىن كەلگەندە كۈن ئولتۇراي دەپ قالغاچقا، خىزمەتكارى غوجىسىغا: ــ يەبۇسىيلارنىڭ بۇ شەھىرىگە كىرىپ، شۇ يەردە قونايلى، دېدى.
12 А господар му рече: Нећемо свртати у туђ град, који није синова Израиљевих, него ћемо ићи до Гаваје.
لېكىن غوجىسى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز ئىسرائىللار تۇرمايدىغان، يات ئەللەر تۇرىدىغان شەھەرگە كىرمەيلى، بەلكى گىبېئاھقا ئۆتۈپ كېتەيلى، دېدى.
13 Још рече момку свом: Хајде брже да стигнемо у које од тих места и да ноћимо у Гаваји или у Рами.
ئاندىن ئۇ يەنە خىزمەتكارىغا: ــ كەلگىن، بىز يېقىندىكى جايلاردىن بىرىگە بارايلى، گىبېئاھدا ياكى راماھدا قونايلى، دېدى.
14 И минуше онуда и отидоше; и сунце их зађе близу Гаваје Венијаминове.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېڭىپ، بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندا كۈن ئولتۇرغانىدى.
15 И окретоше онамо да отиду и преноће у Гаваји, и кад уђе, седе на улици градској; и не би никога да их прими у кућу да преноће.
ئۇلار گىبېئاھقا كىرىپ، ئۇ يەردە قونماقچى بولدى؛ شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى؛ لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى قوندۇرۇشقا ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى.
16 И гле, један старац враћаше се с посла свог из поља увече, а беше из горе Јефремове и живљаше као дошљак у Гаваји; а људи оног места беху синови Венијаминови.
ھالبۇكى، ئۇ كېچىسى قېرى بىر ئادەم ئىشىنى تۈگىتىپ، ئېتىزلىقتىن يېنىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ ئەسلىدە ئەفرائىم تاغلىق رايونىلىق ئادەم ئىدى، ئۇ گىبېئاھدا مۇساپىر بولۇپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى؛ لېكىن ئۇ يەردىكى خەلقلەر بىنيامىنلاردىن ئىدى.
17 И он подигавши очи своје угледа оног човека путника на улици градској; и рече му старац: Куда идеш? И откуда идеш?
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، بۇ يولۇچىنىڭ شەھەرنىڭ مەيدانىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
18 А он му одговори: Идемо до Витлејема Јудиног до на крај горе Јефремове; оданде сам, па сам ишао до Витлејема Јудиног, а сада идем к дому Господњем и нема никога да ме прими у кућу.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بىز يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدىن ئەفرائىم تاغلىقىنىڭ چەت ياقىلىرىغا كېتىپ بارىمىز؛ مەن ئەسلى شۇ جايدىن بولۇپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە بارغانىدىم؛ ئىشلىرىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى؛ لېكىن بۇ يەردە ھېچ كىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى.
19 А имамо и сламе и пиће за магарце своје, и хлеба и вина за се и за слушкињу твоју и за момка који је са слугом твојим имамо свега доста.
بىزنىڭ ئېشەكلىرىمىزگە بېرىدىغان سامان ۋە بوغۇزىمىز بار، ئۆزۈم، دېدەكلىرى، شۇنداقلا كەمىنىلىرىڭ بىلەن بولغان يىگىتكىمۇ نان ۋە شارابلار بار، بىزگە ھېچ نېمە كەم ئەمەس، ــ دېدى.
20 А старац му рече: Буди миран; шта ти год недостаје, ја ћу се старати за то; само немој ноћити на улици.
بۇنى ئاڭلاپ قېرى كىشى: ــ تىنچ-ئامان بولغايسەن؛ سىلەرىڭ موھتاجلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۈستۈمگە بولسۇن، ئەمما كوچىدا ياتماڭلار! ــ دەپ،
21 И уведе га у своју кућу, и положи магарцима; потом опраше ноге, и једоше и пише.
ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. مېھمانلار پۇتلىرىنى يۇيۇپ، يەپ-ئىچىپ غىزالاندى.
22 А кад се развеселише, гле, људи оног града, безаконици, опколише кућу, и стадоше лупати у врата, и рекоше старцу, господару од куће, говорећи: Изведи тог човека што је ушао у твоју кућу, да га познамо.
ئۇلار كۆڭلىدە خۇش بولۇپ تۇرغىنىدا، مانا، شەھەرنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچەيلەن، يەنى بىرقانچە لۈكچەك كېلىپ ئۆينى قورشىۋېلىپ، ئىشىكنى ئۇرۇپ-قېقىپ، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان قېرى كىشىگە: ــ سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەن شۇ كىشىنى بىزگە چىقىرىپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى.
23 И изашав к њима онај човек, господар од куће, рече им: Не, браћо, не чините зло; кад је човек ушао у моју кућу, не чините то безумље.
بۇنى ئاڭلاپ ئۆي ئىگىسى ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ بولمايدۇ، ئەي بۇرادەرلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار؛ بۇ كىشى مېنىڭ ئۆيۈمگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىكەن، سىلەر بۇنداق ئىپلاسلىق قىلماڭلار.
24 Ево кћи моја девојка и иноча његова, њих ћу вам извести, па њих осрамотите и чините с њима шта вам је воља, само човеку овом не чините то безумље.
مانا، مېنىڭ پاك بىر قىزىم بار، يەنە ئۇ كىشىنىڭ كېنىزىكى بار. مەن ئۇلارنى قېشىڭلارغا چىقىرىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى، نەزىرىڭلارغا نېمە خۇش ياقسا ئۇلارنى شۇنداق قىلىڭلار، لېكىن بۇ كىشىگە مۇشۇنداق ئىپلاسلىق ئىشنى قىلماڭلار، ــ دېدى.
25 Али га не хтеше послушати они људи; тада онај човек узе иночу своју и изведе је напоље к њима, и они је познаше, и злоставише је целу ноћ до зоре, и пустише је кад зора забеле.
لېكىن ئۇ ئادەملەر ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ يولۇچى كېنىزىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا سۆرەپ چىقىرىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەچتىن ئەتىگەنگىچە ئاياغ ئاستى قىلدى؛ ئۇلار تاڭ يورۇغاندا ئاندىن ئۇنى قويۇپ بەردى.
26 И дошавши жена у зору паде код врата од куће оног човека где беше господар њен, и лежа докле се не расвану.
چوكان تاڭ سەھەردە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ غوجىسى قونغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە يىقىلىپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە شۇ يەردە يېتىپ قالدى.
27 А господар њен уста ујутру, и кад отвори врата и изађе да иде својим путем, а то жена иноча његова лежаше на вратима кућним, и руке јој на прагу.
ئەتىگەندە ئۇنىڭ غوجىسى قوپۇپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، يولغا چىقماقچى بولۇپ تېشىغا چىقىۋىدى، مانا، ئۇنىڭ كېنىزىكى بولغان چوكان ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قوللىرى بوسۇغىنىڭ ئۈستىگە قويۇقلۇق ھالدا ياتاتتى.
28 И рече јој: Устани да идемо. Али не би одговора; тада је метну на магарца, и уставши човек пође у место своје,
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قوپقىن، بىز ماڭايلى، دېدى. لېكىن چوكان ھېچبىر جاۋاب بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوكاننى ئېشەككە ئارتىپ، قوزغىلىپ ئۆز ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى.
29 И дошав кући својој узе мач, и узе иночу своју и исече је с костима на дванаест комада и разасла у све крајеве Израиљеве.
ئۆز ئۆيىگە كەلگەندە، پىچاقنى ئېلىپ كېنىزىكىنىڭ جەسىتىنى سۆڭەكلىرى بويىچە ئون ئىككى پارچە قىلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل يۇرتىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئەۋەتتى.
30 И ко год виде говораше: Није се учинило нити се видело такво шта откад изиђоше синови Израиљеви из Мисира до данас. Промислите о том и већајте и говорите.
شۇنداق بولدىكى، بۇنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى: «ئىسرائىل مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغانىدى ياكى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. ئەمدى بۇ ئىشنى ئوبدان ئويلىشىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەيلى» ــ دېيىشتى.

< Књига о судијама 19 >