< Књига о судијама 14 >

1 И сиђе Самсон у Тамнат, и виде онде једну девојку између кћери филистејских.
بىر ۋاقىتتا، شىمشون تىمناھقا چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىر قىزنى كۆردى؛ ئۇ فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرى ئىدى.
2 И вративши се каза оцу свом и матери својој говорећи: Видех девојку у Тамнату између кћери филистејских; ожените ме њом.
ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ: ــ مەن تىمناھدا فىلىستىي قىزلىرىدىن بىرىنى كۆردۈم، ئۇنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىڭلار، ــ دېدى.
3 А отац и мати рекоше му: Зар нема девојке међу кћерима твоје браће у свем народу мом, да идеш да се ожениш између Филистеја необрезаних? А Самсон одговори оцу свом: Њом ме ожени, јер ми је она омилела.
بىراق ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداشلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى بىزنىڭ پۈتكۈل قوۋمىمىزنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بىر قىز چىقماسمۇ؟ نېمىشقا خەتنىسىز بولغان فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلاردىن خوتۇن ئالماقچى بولىسەن؟ ــ دېدى؛ ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: ــ ئۇنى ماڭا ئېلىپ بەرگىن، چۈنكى ئۇ ماڭا بەك ياقتى، ــ دېدى.
4 А отац и мати његова не знаху да је то од Господа, и да тражи задевицу с Филистејима; јер у оно време Филистеји владаху синовима Израиљевим.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولغىنىنى بىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيلەر شۇ چاغدا ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇ فىلىستىيلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پۇرسەت ياراتماقچى ئىدى.
5 И тако сиђе Самсон с оцем својим и с матером својом у Тамнат, и кад дођоше до винограда тамнатских, гле, млад лав ричући сукоби га.
ئەمدى شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھقا چۈشتى؛ ئۇلار تىمناھدىكى ئۈزۈمزارلىقلارغا يېتىپ كەلگەندە، مانا بىر ياش شىر ھۆركىرىگەن پېتى ئۇنىڭغا ئېتىلدى.
6 И дух Господњи сиђе на њ, те растрже лава као јаре немајући ништа у руци: и не каза оцу ни матери шта је учинио.
شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ قولىدا ھېچنېمە بولمىغان ھالەتتە شىرنى تۇتۇپ، ئۇنى ئوغلاقنى يىرتقاندەك يىرتىپ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا دېمىدى.
7 И тако дошавши говори с девојком, и она омиле Самсону.
ئاندىن ئۇ [تىمناھقا] چۈشۈپ، ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ قىز شىمشونغا بەك ياراپ كەتتى.
8 А после неколико дана идући опет да је одведе, сврне да види мртвог лава; а гле, у мртвом лаву рој пчела и мед.
بىرمەزگىلدىن كېيىن ئۇ قىزنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قايتا بارغاندا، شىرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈپ باقاي دەپ يولدىن بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدە بىر توپ ھەسەل ھەرىلىرى بىلەن ھەسەل تۇراتتى.
9 И извади га у руку, и пође путем једући; и кад дође к оцу и матери, даде им те једоше; али им не рече да је из мртвог лава извадио мед.
ئۇ ھەسەلدىن ئوچۇمىغا ئېلىپ يەپ ماڭدى؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇلارغىمۇ بەردى، ئۇلارمۇ يېدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ھەسەلنى شىرنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ ئىچىدىن ئېلىپ كەلگىنىنى ئۇلارغا دېمىدى.
10 И тако дође отац његов к оној девојци, и Самсон учини онде весеље, јер тако чињаху момци.
ئۇنىڭ ئاتىسى [ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ] چۈشۈپ قىزنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇ يەردە شىمشون بىر زىياپەت بەردى، چۈنكى بۇرۇندىنلا توي قىلىدىغان يىگىتلەر شۇنداق قىلىدىغان رەسم-قائىدە بار ئىدى.
11 И кад га видеше Филистеји, изабраше тридесет другова да буду с њим.
ئۇلار شىمشوننى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا ئوتتۇز يىگىتنى تېپىپ كەلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.
12 И рече им Самсон: Ја ћу вам загонетнути загонетку, па ако ми је одгонетнете за седам дана док је весеље и погодите, даћу вам тридесет кошуља и тридесет свечаних хаљина.
شىمشون ئۇلارغا: ــ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي، ئەگەر سىلەر زىيارەت قىلىنىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىمەن؛
13 Ако ли не одгонетнете, ви ћете дати мени тридесет кошуља и тридесеторе свечане хаљине. А они му рекоше: Загонетни загонетку своју, да чујемо.
ئەگەر ئۇنى يېشىپ بېرەلمىسەڭلار، سىلەر ماڭا ئوتتۇز دانە كاناپ كۆينەك بىلەن ئوتتۇز يۈرۈش ئېگىن بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ماقۇل، ئۇنداق بولسا تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، قېنى ئاڭلايلى، ــ دېدى.
14 Тада им рече; од оног који једе изиђе јело, и од љутог изиђе слатко. И не могаше одгонетнути загонетке три дана.
ئۇ ئۇلارغا: ــ يېيىلىدىغىنى يېگۈچىنىڭ ئىچىدىن چىقتى؛ تاتلىق كۈچتۈڭگۈرنىڭ ئىچىدىن چىقتى، [بۇ نېمە]؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە بۇ تېپىشماقنى تاپالمىدى.
15 И седми дан рекоше жени Самсоновој: Наговори мужа свог да нам каже загонетку, или ћемо спалити огњем тебе и дом оца твог. Јесте ли нас зато позвали да нам узмете имање? Је ли тако?
يەتتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سىيلاپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىشكە ماقۇل قىلغىن؛ بولمىسا سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. سىلەر بىزنى يوقسۇل قىلىشقا بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! ــ دېدى.
16 И стаде плакати жена Самсонова пред њим говорећи: Ти мрзиш на ме, и ти ме не љубиш; загонетнуо си загонетку синовима народа мог, а нећеш мени да кажеш. А он јој рече: Гле, ни оцу свом ни матери својој нисам је казао, а теби да је кажем?
شىمشوننىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: ــ سەن ماڭا ئۆچ، مېنى پەقەت سۆيمەيسەن؛ سەن مېنىڭ قوۋمىمنىڭ بالىلىرىدىن بىر تېپىشماقنى سورىدىڭ، ئەمما ماڭا مەنىسىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭ، دەپ يىغلىغىلى تۇردى. شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مانا، مەن ئۇنى ئاتا-ئانامغىمۇ دەپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا دەپ بېرەمدىم؟ ــ دېدى.
17 И она плака пред њим за седам дана докле трајаше весеље. А седми дан каза јој, јер беше навалила на њ: а она каза загонетку синовима народа свог.
زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە كۈنىدە ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپلا يۈردى. شۇنداق بولدىكى، يەتتىنچى كۈنى بولغاندا ئايالى ئۇنى قىستاپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنىڭغا تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئايال بېرىپ ئۆز خەلقىنىڭ ئادەملىرىگە تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى.
18 Тада му рекоше људи града оног седми дан док сунце не зађе: Шта је слађе од меда, и шта је љуће од лава? А он им рече: Да нисте орали на мојој јуници, не бисте погодили моје загонетке.
شۇنىڭ بىلەن يەتتىنچى كۈنى كۈن پاتماستا، شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھەسەلدىنمۇ تاتلىقى بارمۇ؟ شىردىنمۇ كۈچتۈڭگۈرى بارمۇ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشمىقىمنى ھەرگىز تاپالمايتتىڭلار! ــ دېدى.
19 И дође на њ дух Господњи, те сиђе у Аскалон, и поби онде тридесет људи, и узе одело с њих и даде свечане хаљине онима који одгонетнуше загонетку; и расрди се врло и отиде кући оца свог.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى؛ ئۇ ئاشكېلونغا چۈشۈپ، ئاشكېلوندىكىلەردىن ئوتتۇز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئولجا ئېلىپ، ئولجىدىن ئىگىنلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بەرگەنلەرگە بەردى. شۇنىڭدەك شىمشوننىڭ غەزىپى كېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەتتى.
20 А жена Самсонова удаде се за друга његовог, с којим се беше удружио.
ئاندىن شىمشوننىڭ ئايالى شىمشوننىڭ ھەمراھلىرىدىن قولداش بولغان يىگىتكە تەۋە قىلىندى.

< Књига о судијама 14 >