< Књига пророка Исаије 42 >

1 Ево слуге мог, кога подупирем, изабраника мог, који је мио души мојој; метнућу Дух свој на Њега, суд народима јављаће.
قاراڭلار، مانا مەن يۆلەيدىغان ئۆز قۇلۇمغا! جېنىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان مېنىڭ تاللىغىنىم؛ مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
2 Неће викати ни подизати, нити ће се чути глас Његов по улицама.
ئۇ نە ۋارقىراپ-جارقىرىمايدۇ، نە چۇقان كۆتۈرمەيدۇ نە ئاۋازىنى كوچىلاردا ئاڭلاتمايدۇ.
3 Трску стучену неће преломити, и свештило које се пуши неће угасити; јављаће суд по истини.
تاكى ئۇ غەلىبە بىلەن توغرا ھۆكۈملەرنى چىقارغۇچە، يانجىلغان قومۇشنى سۇندۇرمايدۇ، تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچۈرمەيدۇ؛
4 Неће Му досадити, нити ће се уморити, докле не постави суд на земљи, и острва ће чекати науку Његову.
ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەر يۈزىدە تىكلىمىگۈچە، ئۇ ھالسىزلانمايدۇ، كۆڭلى يانمايدۇ؛ ئاراللارمۇ ئۇنىڭ پەرمان-قانۇنىنى تەلمۈرۈپ كۇتىدۇ.
5 Овако говори Бог Господ, који је створио небеса и разапео их, који је распростро земљу и шта она рађа, који даје дисање народу што је на њој и дух онима што ходе по њој:
ئاسمانلارنى يارىتىپ ئۇلارنى كەرگەن، يەر-زېمىننى ھەم ئۇنىڭدىن چىققانلارنى يايغان، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلققە نەپەس، ئۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلارغا روھ بەرگۈچى تەڭرى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
6 Ја Господ дозвах Те у правди, и држаћу Те за руку, и чуваћу Те, и учинићу Те да будеш завет народу, видело народима;
مەنكى پەرۋەردىگار سېنى ھەققانىيلىق بىلەن شۇنىڭغا چاقىرغانمەنكى، ــ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتىمەن، سېنى قوغداپ ساقلايمەن، ھەم سېنى خەلققە ئەھدە سۈپىتىدە، ئەللەرگە بىر نۇر قىلىپ بېرىمەن؛
7 Да отвориш очи слепима, да изведеш сужње из затвора и из тамнице који седе у тами.
قارىغۇ كۆزلەرنى ئېچىشقا، زىنداندىن مەھبۇسلارنى، تۈرمىدە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى قۇتقۇزۇشقا سېنى [ئەۋەتىمەن].
8 Ја сам Господ, то је име моје, и славу своју нећу дати другом ни хвалу своју ликовима резаним.
مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مېنىڭ نامىم شۇدۇر؛ شان-شەرىپىمنى باشقا بىرسىگە، ماڭا تەۋە بولغان مەدھىيىنى ئويما مەبۇدلارغا بەرمەيمەن.
9 Ево, пређашње дође, и ја јављам ново, пре него настане казујем вам.
مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن؛ ئۇلار تېخى يۈز بەرمىگۈچە، مەن ئۇلارنى سىلەرگە بايان قىلىمەن.
10 Певајте Господу песму нову, хвалу Његову од краја земље, који се плавите по мору и све што је у њему, острва и који живите на њима.
ــ پەرۋەردىگارغا يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار، ئى دېڭىزدا يۈرگەنلەر ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلار، ئاراللار ھەم ئۇلاردا تۇرغانلارمۇ، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!
11 Пустиња и градови њени, села где станује Кидар, нека подигну глас, нека певају који живе по стенама, нека кликују саврх гора.
دالا ھەم ئۇنىڭدىكى شەھەرلەر، كېدار قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان كەنتلەر ئاۋازىنى كۆتۈرسۇن، سېلادىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتسۇن، تاغلارنىڭ چوققىلىرىدىن تەنتەنە قىلسۇن!
12 Нека дају славу Господу, и хвалу Његову нека јављају по острвима.
ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن، ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى ئاراللاردىمۇ جاكارلانسۇن.
13 Господ ће изаћи као јунак, подигнуће ревност своју као војник, викаће и кликовати, надвладаће непријатеље своје.
پەرۋەردىگار پالۋاندەك چىقىدۇ، باتۇر لەشكەردەك ئوتلۇق مۇھەببىتىنى قوزغايدۇ؛ ئۇ ۋارقىرايدۇ، بەرھەق شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ دۈشمەنلىرى ئۈستىگە زور كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ.
14 Ћутах дуго, чињах се глув, устезах се; али ћу сада викати као жена кад се порађа, и све ћу потрти и истребити.
ــ «مەن ئەبەدىلئەبەد سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم؛ جىم تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئىنچىقلاپ توۋلايمەن؛ ھەم ھاسىرايمەن ھەم ئىڭرايمەن!
15 Опустећу горе и брегове, и сваку траву на њима осушићу, и од река ћу начинити острва, и језера ћу исушити.
مەن تاغلارنى ھەم دۆڭلەرنى چۆلدەرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممە يېشىللىقلىرىنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ دەريالارنى ئاراللارغا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛ كۆلچەكلەرنىمۇ قاغجىرىتىمەن.
16 И водићу слепе путем који нису знали; водићу их стазама које нису знали; обратићу пред њима мрак у светлост и шта је неравно у равно. То ћу им учинити, и нећу их оставити.
قارىغۇلارنى ئۆزى بىلمىگەن بىر يول بىلەن ئاپىرىپ قويىمەن، ئۇلارنى ئۇلار بىلمىگەن يوللاردا يېتەكلەيمەن؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاراڭغۇلۇقنى نۇر، ئەگرى-توقاي يەرلەرنى تۈپتۈز قىلىمەن. مەن مۇشۇ ئىشلارنى قىلماي قالمايمەن، ئۇلاردىن ھېچ ۋاز كەچمەيمەن.
17 Тада ће се вратити натраг и посрамити се који се уздају у лик резани, који говоре ликовима ливеним: Ви сте наши богови.
ئويما مەبۇدلارغا تايانغانلار، قۇيما مەبۇدلارغا: «سىلەر ئىلاھلىرىمىزدۇر» دېگەنلەر بولسا، ئۇلار يولدىن ياندۇرۇلماي قالمايدۇ، قاتتىق شەرمەندە قىلىنىدۇ.
18 Чујте, глуви; прогледајте, слепи, да видите.
ــ «ئاڭلاڭلار، ئى گاسلار! قارىغۇلار، كۆرۈش ئۈچۈن قاراڭلار!
19 Ко је слеп осим слуге мог? И ко је глув као посланик мој кога шаљем? Ко је слеп као Савршени? Ко је слеп као слуга Господњи?
مېنىڭ قۇلۇمدىن باشقا يەنە كىم قارىغۇ؟ مېنىڭ ئەۋەتكەن «ئەلچىم»دىن باشقا يەنە كىم گاس؟ كىم مەن بىلەن ئەھدىلەشكەندەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىدەك شۇنچە قارىغۇدۇ؟
20 Гледаш много, али не видиш; отворене су ти уши, али не чујеш.
سەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگىنىڭ بىلەن، بىراق نەزىرىڭگە ھېچ ئالمايسەن؛ ئۇنىڭ قۇلىقى ئېچىلغىنى بىلەن، ئۇ ئاڭلىمايدۇ».
21 Господу беше мио ради правде Његове, учини закон великим и славним.
پەرۋەردىگار ئۆز ھەققانىيلىقى ئۈچۈن لايىق كۆردىكى، تەۋرات-قانۇنىنى ئۇلۇغ ھەم شان-شەرەپلىك دەپ كۆرسەتتى.
22 А народ је оплењен и потлачен, сви су колики повезани у пећинама и сакривени у тамницама; посташе плен, а нема никога да би избавио; посташе грабеж, а нема никога да би рекао: Врати.
بىراق شۇلار بولسا ئولجا ئېلىنغان ھەم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بىر خەلقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورا-تۇزاقتا تۇتۇلغان، گۈندىخانىلاردا قامىلىپ غايىب بولىدۇ؛ ئۇلار غەنىيمەت بولىدۇ، ھېچكىم قۇتقۇزمايدۇ؛ ئۇلار ئولجا بولىدۇ، ھېچكىم: «قايتۇرۇپ بېرىش!» دېمەيدۇ.
23 Ко између вас чује ово и пази и слуша за после?
بىراق ئاراڭلاردا كىم بۇنىڭغا قۇلاق سالسۇن؟ كىم بۇلارنى ئاڭلاپ كەلگۈسى زامانلارغا كۆڭۈل قويسۇن؟
24 Ко је дао Јакова да се потлачи и Израиља отимачима? Није ли Господ, коме згрешисмо? Јер не хтеше ходити путевима Његовим нити слушаше закон Његов.
ئەمدى كىم ياقۇپنى ئولجا قىلغان؟ كىم ئىسرائىلنى بۇلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؟ بۇنى قىلغىنى بولسا، بىز گۇناھ قىلىپ كەمسىتكەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىشنى خالىمايتتى؛ ياكى ئۇنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلمايتتى.
25 Зато изли на њих жестоку јарост своју и силан рат, и запали га унаоколо, али он не разуме; запали га, али он не мари.
شۇڭا ئۇ ئۇلار ئۈستىگە غەزەپ-قەھرىنى، ئۇرۇشنىڭ زوراۋانلىقىنى تۆكۈپ چۈشۈردى؛ بۇلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت تۇتاشتۇردى؛ بىراق ئۇ تونۇپ يەتمىدى؛ بۇلار ئۇنى كۆيدۈردى، بىراق ئۇ ھېچ ساۋاق ئالمىدى.

< Књига пророка Исаије 42 >