< Књига проповедникова 3 >

1 Свему има време, и сваком послу под небом има време.
ھەربىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى بار، ئاسمانلار ئاستىدىكى ھەممە ئارزۇنىڭ ئۆز ۋاقتىمۇ بار؛
2 Има време кад се рађа, и време кад се умире; време кад се сади, и време кад се чупа посађено;
تۇغۇلۇشنىڭ بىر ۋاقتى بار، ئۆلۈشنىڭمۇ بىر ۋاقتى بار؛ تىكىش ۋاقتى بار، تىكىلگەننى سۆكۈش ۋاقتى بار؛
3 Време кад се убија, и време кад се исцељује; време кад се разваљује, и време кад се гради.
ئۆلتۈرۈش ۋاقتى بار، ساقايتىش ۋاقتى بار؛ بۇزۇش ۋاقتى بار، قۇرۇش ۋاقتى بار؛
4 Време плачу и време смеху; време ридању и време игрању;
يىغلاش ۋاقتى بار، كۈلۈش ۋاقتى بار؛ ماتەم تۇتۇش ۋاقتى بار، ئۇسسۇل ئويناش ۋاقتى بار؛
5 Време кад се размеће камење, и време кад се скупља камење; време кад се грли, и време кад се оставља грљење;
تاشلارنى چۆرىۋېتىش ۋاقتى بار، تاشلارنى يىغىپ-توپلاش ۋاقتى بار؛ قۇچاقلاش ۋاقتى بار، قۇچاقلاشتىن ئۆزىنى تارتىش ۋاقتى بار؛
6 Време кад се тече, и време кад се губи; време кад се чува, и време кад се баца;
ئىزدەش ۋاقتى بار، يوقالدى دەپ ۋاز كېچىش ۋاقتىمۇ بار؛
7 Време кад се дере, и време кад се сашива; време кад се ћути и време кад се говори.
يىرتىش ۋاقتى بار، تىكىش ۋاقتى بار؛ سۈكۈت قېلىش ۋاقتى بار، سۆز قىلىش ۋاقتى بار؛
8 Време кад се љуби, и време кад се мрзи; време рату и време миру.
سۆيۈش ۋاقتى بار، نەپرەتلىنىش ۋاقتى بار؛ ئۇرۇش ۋاقتى بار، تىنچلىق ۋاقتى بار.
9 Каква је корист ономе који ради од оног око чега се труди?
ئىشلىگەن ئۆز ئىشلىگىنىدىن نېمە پايدا ئالىدۇ؟
10 Видео сам послове које је Бог дао синовима људским да се муче око њих.
مەن خۇدا ئىنسان بالىلىرىغا يۈكلىگەن، ئىشلەپ جاپا تارتىش كېرەك بولغان ئىشنى كۆرگەنمەن.
11 Све је учинио да је лепо у своје време, и савет метнуо им је у срце, али да не може човек докучити дела која Бог твори, ни почетка ни краја.
ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئۇ يەنە مەڭگۈلۈكنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان؛ شۇڭا، ئىنسان خۇدانىڭ ئۆز ھاياتىغا باشتىن ئاخىرغىچە نېمىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەستۇر.
12 Дознах да нема ништа боље за њих него да се веселе и чине добро за живота свог.
ئىنسانلارغا ھاياتىدا شادلىنىش ۋە ياخشىلىق قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش يوق ئىكەن دەپ بىلىپ يەتتىم.
13 И кад сваки човек једе и пије и ужива добра од сваког труда свог, то је дар Божји.
شۇنداقلا يەنە، ھەربىر كىشىنىڭ يېيىش-ئىچىشى، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەجرىدىن ھۇزۇر ئېلىشى، مانا بۇ خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر.
14 Дознах да шта год твори Бог оно траје довека, не може му се ништа додати нити се од тога може шта одузети; и Бог твори да би Га се бојали.
خۇدانىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، دەپ بىلىمەن؛ ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى قوشۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ سەۋەبى ئىنساننى ئۆزىدىن ئەيمىندۈرۈشتۇر.
15 Шта је било то је сада, и шта ће бити то је већ било; јер Бог повраћа шта је прошло.
ھازىر بولغانلىرى ئۆتكەندىمۇ بولغاندۇر؛ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىش ئاللىقاچان بولغاندۇر؛ خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ.
16 Још видех под сунцем где је место суда безбожност и место правде безбожност.
مەن قۇياش ئاستىدا يەنە شۇ ئىشنى كۆردۈمكى ــ سوراق ئورنىدا، شۇ يەردە ھېلىھەم رەزىللىك تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق تۇرۇش كېرەك بولغان جايدا، مانا رەزىللىك تۇرىدۇ!
17 И рекох у срцу свом: Бог ће судити праведнику и безбожнику; јер има време свему и сваком послу.
مەن كۆڭلۈمدە: «خۇدا ھەققانىي ھەم رەزىل ئادەمنى سوراققا تارتىدۇ؛ چۈنكى ھەربىر ئارزۇ-مەقسەت ۋە ھەربىر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار» ــ دېدىم.
18 Рекох у срцу свом за синове људске да им је Бог показао да виде да су као стока.
مەن كۆڭلۈمدە: ــ بۇنداق بولۇشى ئىنسان بالىلىرىنىڭ سەۋەبىدىندۇر؛ خۇدا ئۇلارنى سىنىماقچى، [بۇ ئىشلار] ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى ئۈچۈن بولغان، دەپ ئويلىدىم.
19 Јер шта бива синовима људским то бива и стоци, једнако им бива; како гине она тако гину и они, и сви имају исти дух; и човек ништа није бољи од стоке, јер је све таштина.
چۈنكى ئىنسان بالىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى ھايۋانلارغىمۇ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلاردىن ئالدىنقىسى قانداق ئۆلگەن بولسا، كېيىنكىسىمۇ شۇنداق ئۆلىدۇ، ئۇلاردا ئوخشاشلا بىرلا نەپەس باردۇر. ئىنساننىڭ ھايۋانلاردىن ھېچ ئارتۇقچىلىقى يوق؛ چۈنكى ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر.
20 Све иде на једно место; све је од праха и све се враћа у прах.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جايغا بارىدۇ؛ ھەممىسى توپا-چاڭدىن چىققان، ھەممىسى توپا-چاڭغا قايتىدۇ.
21 Ко зна да дух синова људских иде горе, а дух стоке да иде доле под земљу?
كىم ئادەم بالىلىرىنىڭ روھىنى بىلىدۇ؟ ئۇ يۇقىرىغا چىقامدۇ، بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ھايۋانلارنىڭ روھى، ئۇ يەر تېگىگە چۈشەمدۇ، كىم بىلىدۇ؟
22 Зато видех да ништа нема боље човеку него да се весели оним што ради, јер му је то део; јер ко ће га довести да види шта ће бити после њега?
شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنساننىڭ ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇرلىنىشىدىن ئارتۇق ئىش يوقتۇر، دەپ كۆردۇم؛ چۈنكى مانا، بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى كۆرۈشكە كىم ئېلىپ كېلىدۇ؟

< Књига проповедникова 3 >