< 2 Књига о царевима 3 >

1 А Јорам, син Ахавов, зацари се над Израиљем у Самарији осамнаесте године царовања Јосафатовог над Јудом, и царова дванаест година.
يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى، ئاھابنىڭ ئوغلى يەھورام سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.
2 И чињаше што је зло пред Господом, али не као отац његов и као мати његова, јер обори лик Валов који беше начинио отац његов.
ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئاتىسى بىلەن ئانىسى قىلغان دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاتىسى ياساتقان «بائال تۈۋرۈكى»نى ئېلىپ تاشلىدى.
3 Али оста у гресима Јеровоама, сина Наватовог, којима наведе на грех Израиља, и не одступи од њих.
لېكىن ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلاردىن ھېچ يانمىدى.
4 А Миса цар моавски имаше много стоке, и даваше цару Израиљевом сто хиљада јагањаца и сто хиљада овнова под руном.
موئابنىڭ پادىشاھى مېشا ناھايىتى چوڭ قويچى ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز مىڭ قوزا ھەم يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئولپان قىلاتتى.
5 Али кад умре Ахав, одметну се цар моавски од цара Израиљевог.
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئاھاب ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن موئابنىڭ پادىشاھى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا يۈز ئۆرۈدى.
6 А цар Јорам изађе у то време из Самарије и преброја свега Израиља.
ئۇ ۋاقىتتا يەھورام پادىشاھ سامارىيەدىن چىقىپ ھەممە ئىسرائىلنى [جەڭ ئۈچۈن] ئېدىتلىدى.
7 И отиде, те посла к Јосафату цару Јудином и поручи му: Цар моавски одметну се од мене; хоћеш ли ићи са мном на војску на Моавце? А он рече: Хоћу, ја као ти, мој народ као твој народ, моји коњи као твоји коњи.
ئۇ يەنە ئادەم ئەۋىتىپ يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا خەۋەر بېرىپ: موئابنىڭ پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرىدى؛ موئاب بىلەن سوقۇشقىلى چىقامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: چىقىمەن؛ بىزدە مېنىڭ-سېنىڭ دەيدىغان گەپ يوقتۇر، مېنىڭ خەلقىم سېنىڭ خەلقىڭدۇر، مېنىڭ ئاتلىرىم سېنىڭ ئاتلىرىڭدۇر، دېدى.
8 Иза тога рече: А којим ћемо путем ићи? А он рече: Преко пустиње едомске.
ئۇ يەنە: قايسى يول بىلەن چىقايلى، دەپ سورىدى. يەھورام: بىز ئېدوم چۆلىنىڭ يولى بىلەن چىقايلى، دەپ جاۋاب بەردى.
9 И тако изађе цар Израиљев и цар Јудин и цар едомски, и идоше путем седам дана, и не беше воде војсци ни стоци, која иђаше за њима.
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا قوشۇلۇپ ماڭدى. ئۇلار يەتتە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، قوشۇن ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئات-ئۇلاغلارغا سۇ قالمىدى.
10 И рече цар Израиљев: Јаох! Дозва Господ ова три цара да их преда у руке Моавцима.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: ئاپلا! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ، بىر يەرگە جەم قىلغان ئوخشايدۇ، دېدى.
11 А Јосафат рече: Има ли ту који пророк Господњи да упитамо Господа преко њега? А један између слуга цара Израиљевог одговори и рече: Овде је Јелисије, син Сафатов, који је Илији поливао водом руке.
لېكىن يەھوشافات: پەرۋەردىگاردىن يول سورىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ ــ دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ چاكارلىرىدىن بىرى: ئىلىياسنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بەرگەن شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا بۇ يەردە بار، دېدى.
12 Тада рече Јосафату: У њега је реч Господња: и отидоше к њему цар Израиљев и Јосафат и цар едомски.
يەھوشافات: پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭدا بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھوشافات ۋە ئېدومنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ باردى.
13 А Јелисије рече цару Израиљевом: Шта је мени до тебе? Иди ка пророцима оца свог и ка пророцима матере своје. А цар Израиљев рече му: Не, јер Господ дозва ова три цара да их преда у руке Моавцима.
ئېلىشا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ مېنىڭ سېنىڭ بىلەن نېمە كارىم! ئۆز ئاتاڭنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئاناڭنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قېشىغا بارغىن، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى: ئۇنداق دېمىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن جەم قىلغان ئوخشايدۇ، ــ دېدى.
14 А Јелисије рече: Тако да је жив Господ над војскама, пред којим стојим, да не гледам на Јосафата цара Јудиног, не бих марио за те нити бих те погледао.
ئېلىشا: مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافاتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان بولسام، سېنى كۆزگە ئىلمىغان ياكى ساڭا قارىمىغان بولاتتىم.
15 Него сада доведите ми гудача. И кад гудач гуђаше, дође рука Господња нада њ;
لېكىن ئەمدى بېرىپ بىر سازچىنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. سازچى ساز چالغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
16 И рече: Овако вели Господ: Начините по овој долини много јама.
ئۇ: پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «بۇ ۋادىنىڭ ھەممە يېرىگە ئورا كولاڭلار» دېدى، ــ دېدى ئاندىن يەنە:
17 Јер овако вели Господ: Нећете осетити ветра нити ћете видети дажда, али ће се долина ова напунити воде, те ћете пити и ви и људи ваши и стока ваша.
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يا شامال يا يامغۇر كۆرمىسەڭلارمۇ، بۇ ۋادى سۇغا تولۇپ، ئۆزۈڭلار بىلەن ئات-ئۇلاغلىرىڭلار ھەممىسى سۇ ئىچىسىلەر».
18 Па и то је мало Господу, него и Моавце ће вам предати у руке.
لېكىن بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە كىچىك ئىش بولۇپ، ئۇ موئابنىمۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرىدۇ.
19 И раскопаћете све тврде градове, и све изабране градове, и посећи ћете сва добра дрвета и заронити све изворе водене, и сваку њиву добру потрћете камењем.
سىلەر بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە بارلىق ئېسىل شەھەرلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بارلىق ياخشى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ، ھەممە بۇلاقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تاشلار بىلەن قاپلاپ خاراب قىلىسىلەر» ــ دېدى.
20 А ујутру кад се приноси дар, гле, дође вода од едомске, и напуни се земља воде.
ۋە ئەتىسى ئەتىگەنلىك قۇربانلىق سۇنۇلغان ۋاقتىدا، مانا، سۇ ئېدوم زېمىنى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ، ھەممە يەرنى سۇغا توشقۇزدى.
21 А сви Моавци чувши да су изишли цареви да ударе на њих, сазваше све који се почињаху пасати и старије и стадоше на међи.
ئەمما موئابلارنىڭ ھەممىسى: پادىشاھلار بىز بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان بولۇپ، ساۋۇت-قالقان كۆتۈرەلىگۈدەك چوڭ-كىچىك ھەممىسى چېگرادا تىزىلىپ سەپتە تۇردى.
22 А ујутру кад усташе и сунце ограну над оном водом, угледаше Моавци према себи воду где се црвени као крв.
ئۇلار ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ قارىسا، كۈن نۇرى ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۇ ئۈستىگە چۈشكەنىدى؛ كۈننىڭ شولىسىدا سۇ ئۇلارغا قاندەك كۆرۈندى. ئۇلار: ــ
23 И рекоше: Крв је; побили су се цареви, и један другог погубили; сада дакле на плен, Моавци!
بۇ قان ئىكەن! پادىشاھلار ئۇرۇشۇپ بىر-بىرىنى قىرغان ئوخشايدۇ. ئى موئابلار! دەرھال ئولجىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ بۆلىشىۋالايلى! دېدى.
24 А кад дођоше до логора Израиљевог, подигоше се Израиљци и разбише Моавце, те побегоше испред њих, а они уђоше у земљу моавску бијући их.
لېكىن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يەتكەندە، ئىسرائىللار ئورنىدىن قوپۇپ موئابلارغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار بەدەر قاچتى. ئىسرائىللار ئۇلارنى سۈرۈپ-توقاي قىلىۋەتتى.
25 И градове њихове раскопаше, и на сваку добру њиву бацајући сваки по камен засуше је, и све изворе водене заронише, и сва добра дрвета посекоше тако да само оставише камење у Кир-аресету. И опколивши га праћари стадоше га бити.
ئۇلار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، ھەربىر ئادەم تاش ئېلىپ، ھەممە مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى تولدۇرۇۋەتكۈچە تاش تاشلىدى. ئۇلار ھەممە بۇلاق-قۇدۇقلارنى تىندۇرۇپ، ھەممە ياخشى دەرەخلەرنى كېسىۋەتتى. ئۇلار كىر-ھارەسەت شەھىرىدىكى تاشلاردىن باشقا ھېچ نېمىنى قالدۇرمىدى. شۇ شەھەرگە بولسا، سالغا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا چۆرگىلەپ ھۇجۇم قىلدى.
26 А цар моавски кад виде да ће га надвладати војска, узе са собом седам стотина људи, који махаху мачем, да продру кроз војску цара едомског, али не могоше.
موئابنىڭ پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە زىيادە قاتتىق كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۆزى بىلەن يەتتە يۈز قىلىچۋازنى ئېلىپ ئېدومنىڭ پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئاتلاندى؛ لېكىن ئۇلار بۆسۈپ ئۆتەلمىدى.
27 Тада узе сина свог првенца који хтеде бити цар на његово место, и принесе га на жртву паљеницу на зиду. Тада се подиже велики гнев на Израиља, те отидоше оданде и вратише се у своју земљу.
شۇنىڭ بىلەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى تۇنجى ئوغلىنى ئېلىپ، سېپىلنىڭ تۆپىسىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق قەھرىگە ئۇچرىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ پادىشاھ موئاب پادىشاھتىن ئايرىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز يۇرتىغا كېتىشتى.

< 2 Књига о царевима 3 >