< 2 Књига о царевима 19 >

1 А кад то чу цар Језекија, раздре хаљине своје и веза око себе кострет, па отиде у дом Господњи.
شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى.
2 И посла Елијакима, који беше над двором, и Сомну писара и најстарије свештенике обучене у кострет к Исаији пророку, сину Амосовом.
ئۇ ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز قاپلانغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى.
3 И рекоше му: Овако вели Језекија: Ово је дан невоље и кара и руга; јер приспеше деца до порођаја, а нема снаге да се роде.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ھەزەكىيا مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالىلار تۇغۇلاي دەپ قالغاندا ئانىنىڭ تۇغقۇدەك ھالى قالمىغاندەك، مۇشۇ كۈن ئاۋارىچىلىك، رەسۋا قىلىنىدىغان، مازاق قىلىنىدىغان بىر كۈنىدۇر.
4 Да ако је чуо Господ Бог твој све што рече Равсак, ког посла цар асирски, господар његов да ружи Бога Живога и да Га вређа речима, које је чуо Господ Бог твој; помоли се за остатак који се налази.
ئۆز خوجايىنى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ مۇشۇ بارلىق گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېلىپ قالغان قالدىسى ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ» ــ دېدى.
5 И дођоше к Исаији слуге цара Језекије.
شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى.
6 И рече им Исаија: Овако реците господару свом: Овако вели Господ: Не плаши се од речи које си чуо, којима хулише на ме слуге цара асирског.
يەشايا ئۇلارغا: ــ «خوجايىنىڭلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛
7 Ево, ја ћу пустити на њ дух, те ће чути глас и вратити се у своју земљу, и учинићу да погине од мача у својој земљи.
مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. مەن ئۇنى ئۆز زېمىنىدا تۇرغۇزۇپ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى.
8 И тако, вративши се Равсак нађе цара асирског где бије Ливну, јер беше чуо да је отишао од Лахиса.
راب-شاكەھ ئۆزى كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان پادىشاھنىڭ يېنىغا كەلدى.
9 А он чу за Тираку, цара хуског где казаше: Ево иде да се бије с тобом. Зато опет посла посланике к Језекији говорећи:
چۈنكى پادىشاھ: «مانا، ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغانىدى. لېكىن ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ
10 Овако реците Језекији, цару Јудином: Немој да те вара Бог твој, у ког се уздаш говорећи: Неће се дати Јерусалим у руке цару асирском.
«سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭئارىسالدىلار: ــ «سەن تايىنىدىغان خۇدايىڭنىڭ ساڭا: «يېرۇسالېم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايدۇ» دېگىنىگە ئالدانما؛
11 Ето чуо си шта су учинили цареви асирски свим земљама потрвши их сасвим; а ти ли ћеш се избавити?
مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قۇتقۇزۇلامسەن؟
12 Јесу ли народе које сатрше оци моји избавили богови њихови, Госанце, Харанце, Ресефе и синове Еденове, који беху у Теласару?
ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنىڭ ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ، تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟
13 Где је цар ематски и цар арфадски и цар од града Сефарвима, од Ене и Аве?
خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»».
14 А кад Језекија прими књигу из руку посланика и прочита је, отиде у дом Господњи, и разви је Језекија пред Господом.
شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى.
15 И помоли се Језекија Господу говорећи: Господе Боже Израиљев, који седиш на херувимима, Ти си сам, Бог свим царствима на земљи, Ти си створио небо и земљу,
ۋە ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ سەن ئۆزۈڭدۇرسەن، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۈستىدىكى خۇدا پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىسەن.
16 Пригни, Господе, ухо своје и чуј; отвори, Господе, очи своје и види; чуј речи Сенахирима, који посла да ружи Бога Живога.
ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن!
17 Истина је, Господе, опустошили су цареви асирски оне народе и земље њихове;
ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى، شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ،
18 И побацали су богове њихове у огањ, јер не беху богови, него дело руку човечијих, дрво и камен; зато их потрше.
ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلىرى، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيلار ئۇلارنى ھالاك قىلدى.
19 И зато, Господе Боже наш, избави нас из руку његових, да познаду сва царства на земљи да си Ти, Господе, сам Бог.
ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!».
20 Тада посла Исаија син Амосов к Језекији, и поручи му: Овако вели Господ Бог Израиљев: Услишио сам за шта си ми се молио ради Сенахирима, цара асирског.
شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ماڭا سەنناخېرىب توغرۇلۇق قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم.
21 Ово је реч коју изрече Господ за њ: Руга ти се и подсмева ти се девојка, кћи сионска, за тобом маше главом кћи јерусалимска.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ «پاك قىز، يەنى زىئوننىڭ قىزى سېنى كەمسىتىدۇ، سېنى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ؛ يېرۇسالېمنىڭ قىزى كەينىڭگە قاراپ بېشىنى چايقايدۇ؛
22 Кога си ружио и хулио? И на кога си подигао глас? И подигао у вис очи своје? На Свеца Израиљевог.
سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى!
23 Преко посланика својих ружио си Господа и рекао си: С мноштвом кола својих изиђох на високе горе, на стране ливанске, и посећи ћу високе кедре његове и лепе јеле његове, и ући ћу у крајњи стан његов, у шуму његова Кармила.
ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ؛ ــ «مەن نۇرغۇنلىغان جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن تاغ چوققىسىغا، لىۋان تاغ باغرىلىرىغا يېتىپ كەلدىمكى، ئۇنىڭ ئېگىز كېدىر دەرەخلىرىنى، ئېسىل قارىغايلىرىنى كېسىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئەڭ چەت تۇرالغۇسىغا، ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقىغا كىرىپ يېتىمەن.
24 Ја сам копао и пио воду туђу, и исушио сам стопама својим све потоке градовима.
ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ ياقا يۇرتنىڭ سۈيىنى ئىچتىم؛ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتىۋەتتىم ــ دېدىڭ.
25 Ниси ли чуо да ја то одавна чиним и од искона да сам тако уредио? Сада пуштам то, да превратиш тврде градове у пусте гомиле.
ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟ ئۇزۇندىن بۇيان مەن شۇنى بېكىتكەنمەنكى، قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەنمەنكى، ھازىر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇمكى، مانا، سەن قەلئە-قورغانلىق شەھەرلەرنى خارابىلەرگە ئايلاندۇردۇڭ؛
26 Зато који у њима живе изнемогоше, уплашише се и сметоше се, посташе као трава пољска, као зелена травица, као трава на крововима, која се суши пре него сазри.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ، يەرگە قارىتىپ قويۇلدى، شەرمەندە قىلىندى؛ ئۇلار ئۆسىۋاتقان ئوت-چۆپتەك، يۇمران كۆك چۆپلەردەك، ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر ئۆسمەي قۇرۇپ كەتكەندەك بولدى.
27 Знам седење твоје, и полажење твоје и долажење твоје знам, и како бесниш на ме.
بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛
28 Јер бесниш на ме, и твоја обест дође до мојих ушију; зато ћу метнути брњицу своју на ноздрве твоје и узду своју у губицу твоју, па ћу те одвести натраг путем којим си дошао.
سېنىڭ ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن، ۋە ئۆزۈڭ كەلگەن يول بىلەن سېنى قايتۇرىمەن.
29 А теби ово нека буде знак: јешћете ове године шта само од себе роди, и друге године шта опет само од себе роди; а треће године сејте и жањите и садите винограде и једите род с њих.
ئى [ھەزەكىيا]، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر.
30 Јер остатак дома Јудиног, што остане, опет ће пустити жиле оздо и родити озго.
يەھۇدا جەمەتىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ، يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛
31 Јер ће из Јерусалима изаћи остатак, и из горе Сиона, који се сачувају. Ревност Господа над војскама учиниће то.
چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى، زىئون تېغىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار چىقىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇنى ئادا قىلىدۇ.
32 Зато овако вели Господ за цара асирског: Неће ући у овај град нити ће бацити амо стреле, неће се примаћи ка њему са штитом, нити ће ископати опкопе око њега.
شۇڭا، پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ۇ نە مۇشۇ شەھەرگە يېتىپ كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا بىر تال ئوقمۇ ئاتمايدۇ؛ نە قالقاننى كۆتۈرۈپ ئالدىغا كەلمەيدۇ، نە ئۇنىڭغا قارىتا قاشالارنىمۇ ياسىمايدۇ.
33 Вратиће се путем којим је дошао, а у град овај неће ући, вели Господ.
ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، ئۇ يول بىلەن قايتىدۇ ۋە مۇشۇ شەھەرگە كەلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
34 Јер ћу бранити тај град, и сачуваћу га себе ради и ради Давида, слуге свог.
ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ئۇنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن».
35 И исту ноћ анђео Господњи изађе и поби у логору асирском сто и осамдесет и пет хиљада; и кад усташе ујутру, а то све сами мртваци.
شۇ كېچە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى؛ مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى!
36 Те се подиже Сенахирим, цар асирски, и отиде, и вративши се оста у Ниневији.
شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى.
37 И кад се клањаше у дому Нисрока, бога свог, Адрамелех и Сарасар синови његови убише га мачем, а сами побегоше у земљу араратску, и на његово се место зацари Есарадон, син његов.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئاندىن ئۇلار بولسا ئارارات دېگەن يۇرتقا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئېسارھاددون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

< 2 Књига о царевима 19 >