< 1 Књига Самуилова 29 >

1 А Филистеји скупише сву војску своју код Афека, а Израиљ стаде у логор код извора у Језраелу.
فىلىستىيلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى يىغىپ ئافەكتە جەم قىلدى؛ ئىسرائىللار يىزرەئەلدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدا چېدىر تىكتى.
2 И кнезови филистејски иђаху са стотинама и хиљадама; а Давид и његови људи иђаху најпосле с Ахисом.
فىلىستىيلەرنىڭ سەردارلىرى يۈز ياكى مىڭدىن ئەسكەرنى باشلاپ، سەپ تىزىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ كەينىدىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ ئاقىش بىلەن چىقىپ سەپ تۈزدى.
3 И рекоше кнезови филистејски: Шта ће ти Јевреји? А Ахис рече кнезовима филистејским: Није ли ово Давид слуга цара израиљског Саула, који је код мене толико времена, толико година, и не нађох на њему ништа откако је добегао до овог дана?
فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: ــ بۇ ئىبرانىيلار بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ــ دېدى. ئاقىش فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىگە: ــ بۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سائۇلنىڭ خىزمەتكارى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن، بىرنەچچە يىللاردىن بېرى مەن بىلەن تۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ماڭا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە ئۇنىڭدىن ھېچ ئەيىب بايقىمىدىم، دېدى.
4 Али се расрдише на њ кнезови филистејски, и рекоше му кнезови филистејски: Пошљи натраг тог човека, нека се врати у своје место, где си га поставио, и нека не иде с нама у бој, да се не окрене на нас у боју; јер чим би се опет умилио господару свом ако не главама ових људи?
ئەمما فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاندى. فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى قايتۇرۇۋەت! بۇ كىشى سەن ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان جايغا كەتسۇن؛ بىز بىلەن بىللە سوقۇشقا چۈشمىسۇن، بولمىسا، ئۇ سوقۇشتا بىزگە رەقىب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ئادەم ئۆز غوجىسى بىلەن نېمىسى ئارقىلىق يارىشىدۇ؟ بۇ ئادەملەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىش بىلەن بولمامدۇ؟
5 Није ли то Давид о коме се певало играјући и говорило: Згуби Саул своју хиљаду, али Давид својих десет хиљада?
بۇ قىز-ئاياللار بۇرۇن ئۇنىڭ توغرىسىدا ئۇسسۇل ئويناپ قوشاق قېتىپ: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دېگەن داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
6 Тада Ахис дозва Давида, и рече му: Тако био жив Господ, ти си поштен, и мило ми је да ходиш са мном у бој; јер не нађох никаквог зла на теби откако си дошао до овог дана; али ниси по вољи кнезовима.
ئاقىش داۋۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى]، سەن دۇرۇس ئادەمسەن، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن لەشكەرگاھدا خىزمەتتە بولۇشۇڭ كۆزلىرىمدە ياخشى ئىشتۇر؛ چۈنكى ماڭا كەلگەن كۈنىدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سەندىن ھېچ يامانلىق بايقىمىدىم. لېكىن سەن ئەمىرلەرگە ياقماپسەن.
7 Него врати се и иди с миром да не учиниш шта што не би било мило кнезовима филистејским.
شۇڭا تىنچ-ئامان يېنىپ كەتكىن، بولمىسا فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى نارازى قىلىپ قويىسەن، دېدى.
8 А Давид рече Ахису: Али шта сам учинио? Шта ли си нашао на слузи свом откако сам код тебе до овог дана, да не идем да се бијем с непријатељима господара свог цара?
داۋۇت ئاقىشقا: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ سىلىنىڭ قاشلىرىغا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە قىلغان قايسى [يامانلىقىم] ئۈچۈن مېنى غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن سوقۇشقىلى بارغۇزمايلا؟ ــ دېدى.
9 А Ахис одговарајући рече Давиду: Знам; доиста си ми мио као анђео Божји; али кнезови филистејски рекоше: Нека не иде с нама у бој.
ئاقىش داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ كۆزلىرىمدە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ماڭا ياخشى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. لېكىن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى سېنى بىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمىسۇن دەۋاتىدۇ، دېدى.
10 Него устани сутра рано са слугама господара свог које су дошле с тобом; устаните рано чим сване, па идите.
شۇڭا ئەتە سەھەردە قوپۇڭلار، ئۆزۈڭ ۋە بىللە كەلگەنلەر، يەنى مەن خوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرى؛ سەھەردە قوپۇڭلار، تاڭ يورۇشى بىلەنلا چىقىپ كېتىڭلار، دېدى.
11 И урани Давид и људи његови, и отиде рано, и врати се у земљу филистејску; а Филистеји отидоше у Језраел.
شۇڭا داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن سەھەردە تۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ماڭدى. فىلىستىيلەر بولسا يىزرەئەلگە چىقتى.

< 1 Књига Самуилова 29 >