< Isus Navin 17 >

1 I dopade dio plemenu Manasijinu, a on bješe prvenac Josifov; Mahiru prvencu Manasijinu ocu Galadovu, jer bješe èovjek junak, zato mu dopade Galad i Vasan;
ماناسسەھ يۈسۈپنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغاچقا، ئۇنىڭ قەبىلىسىگىمۇ چەك تاشلىنىپ مىراس بېرىلگەن. ماناسسەھنىڭ تۇنجى ئوغلى ماكىرنىڭ [ئەۋلادلىرى] (ماكىر گىلېئادنىڭ ئاتىسى ئىدى) باتۇر پالۋان بولغاچقا، ئۇلارغا گىلېئاد بىلەن باشان مىراس قىلىپ بېرىلدى.
2 Dobiše dio i ostali sinovi Manasijini po porodicama svojim, sinovi Avijezerovi, i sinovi Helekovi, i sinovi Azrilovi, i sinovi Sihemovi, i sinovi Eferovi, i sinovi Semidini. To su sinovi Manasije sina Josifova; ljudi po porodicama svojim.
ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىمۇ، جۈملىدىن ئابىئېزەرلەر، ھەلەكلەر، ئاسرىئەللەر، شەكەملەر، ھەفەرلەر بىلەن شېمىدالار ئۆز جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس ئۈلۈشىنى ئالدى. بۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەر جەمەت ئائىلىلىرى ئىدى.
3 A Salpad sin Efera sina Galada sina Mahira sina Manasijina nije imao sinova nego kæeri; i ovo su imena kæerima njegovijem: Mala i Nuja, Egla, Melha i Tersa.
ئەمدى ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى يوق بولۇپ، پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى.
4 I one doðoše pred Eleazara sveštenika i pred Isusa sina Navina i pred knezove, i rekoše: Gospod je zapovjedio Mojsiju da nam se dade našljedstvo meðu braæom našom. I dade im Isus po zapovijesti Gospodnjoj našljedstvo meðu braæom oca njihova.
ئۇلار كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئەمىرلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇساغا بىز توغرۇلۇق قېرىنداشلىرىمىز قاتارىدا مىراس بېرىشكە ئەمر قىلغانىدى، دېدى. شۇنى دېۋىدى، [يەشۇئا] پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا ئۇلارغا مىراس بەردى.
5 I dopade Manasiji deset dijelova, osim zemlje Galadske i Vasanske, koje su s onu stranu Jordana.
بۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى گىلېئاد بىلەن باشان زېمىنلىرىدىن باشقا، ماناسسەھكە يەنە ئون ئۈلۈش يەر بېرىلدى.
6 Jer kæeri Manasijine dobiše našljedstvo meðu sinovima njegovijem, a zemlja Galadska dopade drugim sinovima Manasijinim.
چۈنكى ماناسسەھنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قاتارىدا مىراسقا ئىگە بولغانىدى؛ گىلېئاد زېمىنى ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تەگكەنىدى.
7 A meða Manasijina bješe od Asira k Mihmeti, koja je prema Sihemu, potom ide ta meða nadesno k stanovnicima En-Tafujskim.
ماناسسەھنىڭ زېمىنىنىڭ چېگرىسى بولسا ئاشىردىن تارتىپ شەكەمنىڭ ئۇتتۇرىدىكى مىكمىتاتقا بېرىپ، ئاندىن جەنۇب تەرىپىگە قايرىلىپ، ئەن-تاپپۇئاھدا تۇرغۇچىلارنىڭ جايىغىچە تۇتىشاتتى.
8 A Manasijina je zemlja Tafujska, ali Tafuja na meði Manasijinoj pripada sinovima Jefremovijem.
چۈنكى تاپپۇئاھنىڭ زېمىنى بولسا ماناسسەھگە تەگكەنىدى؛ لېكىن ماناسسەھنىڭ چېگرىسىدىكى تاپپۇئاھ شەھىرى ئەفرائىمغا تەۋە ئىدى.
9 Odatle slazi meða na potok Kanu, s južne strane toga potoka; i gradovi su Jefremovi meðu gradovima Manasijinim; a meða je Manasijina sa sjeverne strane potoka i izlazi na more.
چېگرىسى ئۇ يەردىن كاناھ ئېقىنىغا چۈشۈپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن چىقتى. ئۇ يەردىكى شەھەرلەر بولسا ماناسسەھنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بولسىمۇ، ئەفرائىمغا تەگدى. ماناسسەھنىڭ چېگرىسى جىلغىنىڭ شىمال تەرىپى بىلەن بېرىپ دېڭىزغا يېتىپ ئاخىرلىشاتتى.
10 S juga je Jefremovo, a sa sjevera Manasijino, a more im je meða; i s Asirom granièe na sjeveru a s Isaharom na istoku.
جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى زېمىن ئەفرائىمغا، شىمال تەرىپىدىكى زېمىن ماناسسەھكە تەۋە ئىدى؛ غەرب تەرىپىنىڭ چېگرىسى دېڭىز ئىدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمال تەرىپىدە ئاشىرنىڭ ئۈلۈشىگىچە يېتىپ، شەرق تەرىپى ئىسساكارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقانىدى.
11 Jer je Manasijino u plemenu Isaharovu i Asirovu: Vet-San sa selima svojim, i Ivleam sa selima svojim, i Dorani sa selima svojim, i En-Dorani sa selima svojim, i Tanašani sa selima svojim, i Megiðani sa selima svojim; ta tri kraja.
ماناسسەھكىمۇ ئىسساكار بىلەن ئاشىرنىڭ ئۈلۈشلىرى ئىچىدىن بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، ئىبلېئام بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، دور ئاھالىسى بىلەن دورغا قاراشلىق كەنتلەر، ئەن-دور ئاھالىسى بىلەن ئەن-دورغا قاراشلىق كەنتلەر، تائاناق ئاھالىسى بىلەن تائاناققا قاراشلىق كەنتلەر ۋە مېگىددو ئاھالىسى بىلەن مېگىددوغا قاراشلىق كەنتلەر، يەنى «ئۈچ ئېگىزلىك» دېگەن يۇرت تەگدى.
12 Ali sinovi Manasijini ne mogoše izagnati Hananeja iz tijeh gradova, nego Hananeji stadoše živjeti u toj zemlji.
لېكىن ماناسسەھ بۇ شەھەردىكىلەرنى قوغلىۋىتەلمىدى؛ قانائانىيلار شۇ يۇرتلاردا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى.
13 Ali kad ojaèaše sinovi Izrailjevi, udariše danak na Hananeje, ali ih ne izagnaše.
ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن مۇتلەق قوغلىۋېتەلمىدى.
14 A sinovi Josifovi rekoše Isusu govoreæi: zašto si nam dao u našljedstvo jedan dio i jedno uže, kad je nas množina i Gospod nas je blagoslovio dovde?
يۈسۈپلەر بولسا يەشۇئاغا: ــ بىزلەر پەرۋەردىگار ھازىرغىچە شۇنداق بەرىكەتلەپ كەلگەن، چوڭ بىر خەلق تۇرساق، سەن نېمىشقا چەك تاشلاش بىلەن بىزگە پەقەت بىر ئۈلۈش مىراس، بىر پارچە يەرلا بەردىڭ؟ ــ دېدى.
15 A Isus im reèe: kad vas je množina, idite u šumu, i ondje okrèite sebi u zemlji Ferezejskoj i Rafajskoj, ako vam je tijesna gora Jefremova.
يەشۇئا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر چوڭ بىر خەلق بولساڭلار، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتى سىلەرگە تار كەلگەن بولسا، ئورمانغا بېرىپ ئۇ يەردىكى پەرىززىيلەر بىلەن [گىگانت] رەفايىيلار يۇرتىدا دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر جاينى چىقىرىۋېلىڭلار، دېدى.
16 A sinovi Josifovi rekoše: neæe nam biti dosta ova gora; a svi Hananeji koji žive u dolini imaju gvozdena kola; i oni koji su u Vet-Sanu i u selima njegovijem i oni koji su u dolini Jezraelskoj.
لېكىن يۈسۈپلەر: ــ تاغلىق يۇرت بىزگە يەتمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىلغىدا تۇرۇۋاتقانلار، مەيلى بەيت-شېئاندا ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردە بولسۇن ياكى يىزرەئەل جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۆمۈردىن جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىكەن، دېدى.
17 A Isus reèe domu Josifovu, Jefremu i Manasiji, govoreæi: velik si narod i silan si, neæeš imati jednoga dijela.
شۇنداق دېۋىدى، يەشۇئا يۈسۈپ جەمەتى بولغان ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھگە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە چوڭ بىر خەلقسىلەر ۋە زور كۈچۈڭلار باردۇر؛ شۇڭا سىلەرگە پەقەت بىر ئۈلۈشلا مىراس بېرىلسە بولمايدۇ؛
18 Nego gora neka bude tvoja; ako je šuma, isijeci je, pak æeš imati meðe njezine; jer æeš izagnati Hananeje, ako i imaju gvozdena kola, ako i jesu jaki.
ئاشۇ پۈتكۈل تاغلىق يۇرتمۇ سىلەرگە بېرىلىدۇ؛ گەرچە ئۇ ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئۇنى كېسىپ بوشىتىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغىمۇ ئىگە بولىسىلەر؛ قانائانىيلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بار، شۇنداقلا كۈچلۈك بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋىتەلەيسىلەر، ــ دېدى.

< Isus Navin 17 >