< Isaija 54 >
1 Veseli se, nerotkinjo koja ne raðaš, zapjevaj i poklikni ti, koja ne trpiš muka od poroðaja, jer pusta ima više djece negoli ona koja ima muža, veli Gospod.
ــ تەنتەنە قىل، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! ناخشىلارنى ياڭرات، شادلىنىپ توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان ئايال! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ | |
2 Raširi mjesto šatora svojega, i zavjesi stana tvojega neka se razastru, ne brani, produlji uža svoja, kolje svoje utvrdi.
چېدىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتىپ، تۇرالغۇلىرىڭنىڭ ئېتىكلىرىنى ئۇلار يايسۇن؛ كۈچۈڭنى ھېچ ئايىماي چېدىر تانىلىرىڭنى ئۇزارتقىن، قوزۇقلىرىڭنى چىڭايتقىن؛ | |
3 Jer æeš se nadesno i nalijevo rasprostraniti, i sjeme æe tvoje naslijediti narode, i puste æe gradove naseliti.
چۈنكى سەن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە كېڭىيىسەن؛ سېنىڭ ئەۋلادىڭ باشقا ئەللەرنى ئىگەلەيدۇ؛ ئۇلار غېرىب شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىدۇ. | |
4 Ne boj se, jer se neæeš osramotiti, i nemoj se stidjeti, jer neæeš biti prijekorna, nego æeš zaboraviti sramotu mladosti svoje, i prijekora udovišta svojega neæeš se više sjeæati.
قورقما، چۈنكى سەن ھېچ خىجالەتتە بولمايسەن، ھېچ ئۇياتقا قالدۇرۇلمايسەن، چۈنكى يەرگە ھېچ قارىتىلىپ قالمايسەن، چۈنكى ياشلىقىڭدىكى خىجىلچانلىقنى ئۇنتۇيسەن، تۇللۇقۇڭنىڭ ئاھانىتىنى ھېچ ئېسىڭگە كەلتۈرەلمەيسەن. | |
5 Jer ti je muž tvorac tvoj, ime mu je Gospod nad vojskama, i izbavitelj ti je svetac Izrailjev, Bog svoj zemlji zvaæe se.
چۈنكى سېنى يارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچىڭ بولسا سېنىڭ ئېرىڭ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامى؛ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولسا ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، ئۇ بارلىق يەر-زېمىننىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىدۇ. | |
6 Jer kao ženu ostavljenu i u duhu ožalošæenu dozva te Gospod, i kao mladu ženu puštenu, govori Gospod.
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى چاقىردى، ــ خۇددى ئېرى ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن، كۆڭلى سۇنۇق بىر ئايالدەك، ياشلىقىدا ياتلىق بولۇپ ئاندىن تاشلىۋېتىلگەن بىر ئايالنى چاقىرغاندەك چاقىردى» ــ دەيدۇ سېنىڭ خۇدايىڭ؛ | |
7 Za malo ostavih te, ali s velikom milošæu pribraæu te.
مەن بىر دەقىقە سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم، بىراق زور كۆيۈمچانلىق بىلەن سېنى يېنىمغا يىغىمەن؛ | |
8 U malom gnjevu sakrih za èas lice svoje od tebe, ali æu te vjeènom milošæu pomilovati, veli izbavitelj tvoj Gospod.
غەزىپىمنىڭ تېشىشى بىلەن مەن بىر دەقىقىلا يۈزۈمنى سەندىن يوشۇرۇپ قويدۇم؛ بىراق مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىمەن» ــ دەيدۇ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ پەرۋەردىگار. | |
9 Jer mi je to kao potop Nojev: jer kao što se zakleh da potop Nojev neæe više doæi na zemlju, tako se zakleh da se neæu razgnjeviti na te niti æu te karati.
مۇشۇ ئىشلار خۇددى نۇھ [پەيغەمبەر] دەۋرىدىكى توپان سۇلىرىدەك بولىدۇ ــ مەن نۇھ دەۋرىدىكى سۇلار ئىككىنچى يەر يۈزىنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ دەپ قەسەم ئىچكىنىمدەك، ــ مەن شۇنداق قەسەم ئىچكەنمەنكى، سەندىن ئىككىنچى غەزەپلەنمەيمەن، ساڭا ئىككىنچى تەنبىھ بەرمەيمەن. | |
10 Ako æe se i gore pomaknuti i humovi se pokolebati, opet milost moja neæe se odmaknuti od tebe, i zavjet mira mojega neæe se pokolebati, veli Gospod, koji ti je milostiv.
چۈنكى تاغلار يوقىلىدۇ، دۆڭلەرمۇ يۆتكىلىپ كېتىدۇ، بىراق مېھىر-مۇھەببىتىم سەندىن ھەرگىز كەتمەيدۇ، ساڭا ئارام-خاتىرجەملىك بەرگەن ئەھدەممۇ سەندىن نېرى بولمايدۇ» ــ دەيدۇ ساڭا كۆيۈمچانلىق قىلغۇچى پەرۋەردىگار. | |
11 Nevoljnice, koju vjetar razmeæe, koja si bez utjehe, evo ja æu namjestiti kamenje tvoje na mramoru porfirnom, i osnovaæu te na safirima.
ئى خار بولغان، بوراندا ئۇيان-بۇيان چايقالغان، ھېچ تەسەللى قىلىنمىغان [قىز]، مانا، مەن تاشلىرىڭنى رەڭدار سېمونت لاي بىلەن قىرلايمەن، كۆك ياقۇتلار بىلەن ئۇلۇڭنى سالىمەن؛ | |
12 I naèiniæu ti prozore od kristala, i vrata od kamena rubina, i sve meðe tvoje od dragoga kamenja.
پارقىراق مۇنارلىرىڭنى لەئەللەردىن، دەرۋازىلىرىڭنى چاقناق ياقۇتلاردىن، بارلىق سېپىللىرىڭنى جاۋاھىراتلاردىن قىلىپ ياسايمەن. | |
13 A sinovi æe tvoji svi biti nauèeni od Gospoda, i obilan mir imaæe sinovi tvoji.
سېنىڭ بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ؛ بالىلىرىڭنىڭ ئارام-خاتىرجەملىكى زور بولىدۇ! | |
14 Pravdom æeš se utvrditi, daleko æeš biti od nasilja, te se neæeš bojati, i od strahote, jer ti se neæe približiti.
سەن ھەققانىيلىق بىلەن تىكلىنىسەن؛ سەن زۇلۇمدىن يىراق، (چۈنكى سەن ھېچ قورقمايسەن) ۋەھشەتتىنمۇ يىراق تۇرغۇچى بولىسەن، چۈنكى ئۇ ساڭا ھېچ يېقىنلاشمايدۇ. | |
15 Gle, biæe ih koji æe se sabirati na te, ali neæe biti od mene; koji se god saberu na te, pašæe.
مانا، بىرەرسى ھامان يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا، (بىراق بۇ ئىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا بولغان ئەمەس)، كىمكى يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا سېنىڭ سەۋەبىڭدىن يىقىلىدۇ. | |
16 Gle, ja sam stvorio kovaèa koji raspaljuje ugljevlje i vadi oruðe za svoj posao, ja sam stvorio i krvnika da ubija.
مانا، كۆمۈر ئوتىنى يەلپۈتۈپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر قورالنى ياسىغۇچى تۆمۈرچىنى مەن ياراتقانمەن، ھەم خار قىلىش ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتقانمەن؛ | |
17 Nikako oružje naèinjeno protiv tebe neæe biti sreæno, i svaki jezik koji se podigne na te na sudu sapreæeš. To je našljedstvo sluga Gospodnjih i pravda njihova od mene, veli Gospod.
ساڭا قارشى ياسالغان ھېچقانداق قورال كارغا كەلمەيدۇ؛ ساڭا ئەرز-شىكايەت قىلغۇچى ھەربىر تىلنى سەن مات قىلىسەن. مانا شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىدۇر! ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى بولسا مەندىندۇر! | |
![A Dove is Sent Forth from the Ark](/resources/Gustave-Dore-La-Grande-Bible-de-Tours/web/Gustave-Dore-Bible-Tour-Hebrew-OT-008-A-Dove-is-Sent-Forth-from-the-Ark.jpg)
A Dove is Sent Forth from the Ark