< Ezra 10 >

1 A kad se moljaše Jezdra i ispovijedaše grijehe plaèuæi i ležeæi pred domom Božjim, skupi se k njemu iz Izrailja veliko mnoštvo ljudi i žena i djece; i narod plakaše veoma.
ئەزرا دۇئا قىلىپ، گۇناھىنى تونۇپ يىغلاپ خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتقان چاغدا، ئىسرائىللاردىن ناھايىتى چوڭ بىر جامائەت، ئەر-ئاياللار ۋە بالىلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يىغىلدى؛ كۆپچىلىكمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى.
2 Tada progovori Sehanija sin Jehilov od sinova Elamovijeh i reèe Jezdri: mi smo sagriješili Bogu svojemu što uzesmo žene tuðinke iz naroda zemaljskih; ali još ima nadanja Izrailju za to.
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەھىيەلنىڭ ئوغلى شېكانىيا ئەزراغا: ــ بىز خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ بۇ زېمىندىكى يات تائىپىلەردىن خوتۇن ئاپتۇق. ھالبۇكى، ئىسرائىل ئۈچۈن يەنىلا ئۈمىد بار؛
3 Da uèinimo sada zavjet Bogu svojemu, da otpustimo sve žene i porod njihov po volji Gospodnjoj i onijeh koji se boje zapovijesti Boga našega, i po zakonu neka bude.
بىز ئەمدى خۇدايىمىز بىلەن ئەھدىلىشەيلى، خوجامنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن بۇ خوتۇنلارنى ۋە ئۇلاردىن تۆرەلگەن پەرزەنتلەرنى يولغا سېلىپ قويايلى. ھەممە ئىش تەۋرات قانۇنى بويىچە قىلىنسۇن.
4 Ustani, jer je ovo tvoj posao; a mi æemo biti uza te, budi slobodan i radi.
تۇر! بۇ ئىش ساڭا باغلىقتۇر، بىز سېنى قوللايمىز؛ جۈرئەتلىك بولۇپ ئىشنى ئادا قىلغىن، ــ دېدى.
5 Tada usta Jezdra, i zakle glavare sveštenièke i Levite i svega Izrailja da uèine tako. I zakleše se.
شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ، كاھىنلارنىڭ لاۋىيلارنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ باشلىقلىرىنى شۇ سۆز بويىچە ئىش قىلىمىز، دەپ قەسەم ئىچىشكە ئۈندىدى، ئۇلار قەسەم ئىچتى.
6 Potom usta Jezdra ispred doma Božijega, i otide u klijet Joanana sina Eliasivova; i ušavši ne jede hljeba niti vode pi, jer tužaše radi prijestupa onijeh koji biše u ropstvu.
ئاندىن ئەزرا خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدىن قوپۇپ ئەلىياشىبنىڭ ئوغلى يەھوھاناننىڭ ئۆيىگە كىردى؛ ئۇ ئۇ يەرگە كەلگەندە غىزامۇ يېمىدى، سۇمۇ ئىچمىدى، چۈنكى ئۇ سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ئېچىناتتى.
7 Potom oglasiše po Judeji i Jerusalimu svijem koji se vratiše iz ropstva, da se skupe u Jerusalim,
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە جاكارلىنىپ، يېرۇسالېمغا يىغىلىڭلار،
8 A ko ne bi došao za tri dana po dogovoru knezovskom i starješinskom, da se sve imanje njegovo razaspe a sam da se odluèi od zbora onijeh koji se vratiše iz ropstva.
ئەمىرلەر ۋە ئاقساقاللارنىڭ نەسىھىتى بويىچە، كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېتىپ كەلمىسە، ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ جامائىتىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، دەپ، جاكارنامە چىقىرىلدى.
9 Tako se skupiše svi ljudi od Jude i Venijamina u Jerusalim za tri dana, mjeseca devetoga. I sjeðaše sav narod na ulici pred domom Božjim dršæuæi radi te stvari i od dažda.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى بارلىق ئەرلەر ئۈچ كۈنگىچە يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولدى. ئۇ توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى ئىدى؛ بارلىق خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدىكى مەيدانغا كېلىپ ئولتۇردى، كۆپچىلىك بۇ ئىشتىن قورقاچقا، شۇنىڭدەك قاتتىق ياغقان يامغۇر تۈپەيلىدىن، تىترەپ كېتىشتى.
10 Tada ustavši Jezdra sveštenik reèe im: vi sagriješiste što se oženiste tuðinkama, te umnožiste krivicu Izrailjevu.
كاھىن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ يات تائىپىلەرنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاشۇردۇڭلار.
11 Zato sada ispovjedite se Gospodu Bogu otaca svojih, i uèinite volju njegovu, i odvojte se od naroda zemaljskih i žena tuðinaka.
ئەمدى سىلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىڭلارنى تونۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇ زېمىندىكى تائىپىلەردىن ۋە بۇ يات ئەللىك خوتۇنلىرىڭلاردىن ئارىنى ئوچۇق قىلىڭلار، دېدى.
12 I sav zbor odgovori i reèe iza glasa: kako nam kaza uèiniæemo.
پۈتۈن جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاپ بېرىپ: ــ ماقۇل، بىز ئۆزلىرىنىڭ شۇ گەپلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز.
13 Ali naroda ima mnogo i ide dažd, ne može se stajati napolju, a taj posao nije za jedan dan ni za dva, jer nas ima mnogo koji sagriješismo u tom.
بىراق ئادەملەر بەك كۆپ، يەنە كېلىپ يامغۇر پەسلى بولغاچقا تالادا تۇرالمايمىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، چۈنكى بىزدە بۇ ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلار ناھايىتى كۆپتۇر!
14 Da se odrede knezovi naši iz svega zbora, pa koji su god u gradovima našim oženjeni tuðinkama neka dolaze u odreðeno vrijeme i s njima starješine svakoga grada i sudije dokle ne odvratimo od sebe žestoki gnjev Boga svojega za tu stvar.
خۇدانىڭ مۇشۇ ئىش تۈپەيلى كەلگەن قاتتىق غەزىپىنىڭ بىزدىن كەتكۈچە، باشلىقلىرىمىز پۈتكۈل جامائەتكە ۋەكىل بولۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن؛ بىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىمىزدە يات ئەللەردىن خوتۇن ئالغانلارمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقال ۋە ھاكىملىرى بىلەن بىرلىكتە كېلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلسۇن، ــ دېدى.
15 I odreðen bi na to Jonatan sin Asailov i Jazija sin Tekujev; a Mesulam i Savetaj Leviti pomagaše im.
بۇ ئىشقا پەقەت ئاساھەلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياھزىيا قارشى چىقتى، مەشۇللام بىلەن لاۋىي شاببىتاي ئۇلارنى قوللىدى.
16 I uèiniše tako koji se vratiše iz ropstva. I odvojiše se Jezdra sveštenik i glavari domova otaèkih po domovima otaca svojih, svi poimence, i sjedoše prvoga dana desetoga mjeseca da izviðaju stvar.
شۇنىڭ بىلەن سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئەنە شۇنداق قىلدى. كاھىن ئەزرا ۋە ئاتا جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بولغانلار جەمەتى بويىچە بۇ ئىشقا ئايرىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملاندى. ئۇلار ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشتى.
17 I do prvoga dana prvoga mjeseca svršiše sa svima onima koji se bijahu oženili tuðinkama.
ئۇلار يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغان ئەرلەرنىڭ سورىقىنى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تۈگەتتى.
18 A naðoše se izmeðu sinova sveštenièkih oženjeni tuðinkama: izmeðu sinova Isusa sina Josedekova i braæe njegove: Masija i Elijezer i Jariv i Gedalija;
كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلاردىن مۇشۇلار چىقتى: ــ يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مائاسېياھ، ئەلىئېزەر، يارىب، گەدالىيا.
19 I dadoše ruke da æe pustiti žene svoje; i koji bijahu zgriješili prinesoše po jednoga ovna za krivicu svoju;
ئۇلار خوتۇنلىرىمىزنى يولغا سېلىپ قويىمىز دەپ [قەسەم قىلىپ] قول بېرىشتى ۋە گۇناھى ئۈچۈن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىسىدىن بىر قوچقارنى سۇندى.
20 I od sinova Imirovijeh Ananije i Zevadija;
ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھانانى بىلەن زەبادىيا؛
21 I od sinova Harimovijeh Masija i Ilija i Semaja i Jehilo i Ozija,
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە مائاسېياھ، ئېلىياھ، شېمايا، يەھىيەل ۋە ئۇززىيا؛
22 I od sinova Pashorovijeh Elioinaj, Masija, Ismailo, Natanailo, Jozavad i Elasa,
پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، مائاسېياھ، ئىسمائىل، نەتانەل، يوزاباد ۋە ئەلاساھ.
23 I od Levita Jozavad i Simej i Kelaja, to je Kelita, i Petaja i Juda i Elijezer;
لاۋىيلار ئىچىدە يوزاباد، شىمەي، كېلايا («كېلىتا»مۇ دېيىلىدۇ)، پىتاھىيا، يەھۇدا بىلەن ئەلىئېزەر؛
24 I od pjevaèa Elijasiv; i od vratara Salum i Telem i Urija;
غەزەلكەشلەر ئىچىدە ئەلىياشىب؛ دەرۋازىۋەنلەر ئىچىدە شاللۇم، تەلەم، ئۇرى.
25 A od Izrailja, od sinova Farosovijeh Ramija i Jezija i Malhije i Mijamin i Eleazar i Malhija i Venaja;
ئىسرائىللاردىن: ــ پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن رامىيا، يىززىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلىئازار، مالكىيا، بىنايا؛
26 I od sinova Elamovijeh: Matanija, Zaharija i Jehilo i Avdija i Jeremot i Ilija;
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتانىيا، زەكەرىيا، يەھىيەل، ئابدى، يەرىموت بىلەن ئېلىياھ؛
27 I od sinova Zatovijeh Elioinaj, Elijasiv, Matanija i Jerimot i Zavad i Aziza;
زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، ئەلىياشىب، ماتتانىيا، يەرىموت، زاباد بىلەن ئازىزا؛
28 I od sinova Vivajevijeh Joanan, Ananija, Zavaj, Atlaj,
بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوھوھانان، ھانانىيا، زابباي بىلەن ئاتلاي؛
29 I od sinova Vanijevih Mesulam, Maluh i Adaja, Jasuv i Seal i Ramot;
بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشۇللام، ماللۇق، ئادايا، ياشۇب، شېئال بىلەن راموت؛
30 I od sinova Fat-Moavovijeh Adna i Helal, Venaja, Masija, Matanija, Vezeleilo i Vinuj i Manasija;
پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئادنا، جىلال، بىنايا، مائاسېياھ، ماتتانىيا، بەزالەل، بىننۇئىي بىلەن ماناسسەھ؛
31 I od sinova Harimovijeh Elijezer, Jesija, Malhija, Semaja, Simeun,
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەلىئېزەر، يىشىيا، مالكىيا، شېمايا، شىمېئون،
32 Venijamin, Maluh, Semarija;
بىنيامىن، ماللۇق ۋە شەمارىيا؛
33 Od sinova Asumovijeh Matenaj, Matata, Zavad, Elifelet, Jeremaj, Manasija, Simej;
خاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتىناي، ماتتاتاھ، زاباد، ئەلىفەلەت، يەرەماي، ماناسسەھ ۋە شىمەي؛
34 Od sinova Vanijevih Madaja, Amram i Uilo.
بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماداي، ئامرام، ئۇئەل،
35 Venaja, Vedeja, Heluj,
بىنايا، بەدىيا، كېلۇھاي،
36 Vanija, Merimot, Elijasiv,
ۋانىيا، مەرەموت، ئەلىياشىب،
37 Matanija, Matenaj i Jasav,
ماتتانىياھ، ماتتىناي، يائاسۇ،
38 I Vanije, Vinuj, Simej,
بانى، بىننۇئىي، شىمەي،
39 I Selemija i Natan i Adaja,
شەلەمىيا، ناتان، ئادايا،
40 Mahnadevaj, Sasaj, Saraj,
ماكنادىباي، شاشاي، شاراي،
41 Azareilo i Selemija, Semarija,
ئازارەل، شەلەمىيا، شەمارىيا،
42 Salum, Amarija, Josif;
شاللۇم، ئامارىيا، يۈسۈپ؛
43 Od sinova Nevovijeh: Jesilo, Matanija, Zavad, Zevina, Jadav, Joilo i Venaja.
نېبونىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەئىيەل، ماتتىتىياھ، زاباد، زېبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا.
44 Svi se ovi bijahu oženili tuðinkama i neke izmeðu njih bijahu i djecu izrodile.
بۇلارنىڭ ھەممىسى يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلار ئىدى، ۋە شۇنىڭدەك ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ خوتۇنلىرى پەرزەنتمۇ كۆرگەنىدى.

< Ezra 10 >