وِشْواسینَ سَپُنْیِیکرِتا وَیَمْ اِیشْوَرینَ سارْدّھَں پْرَبھُناسْماکَں یِیشُکھْرِیشْٹینَ میلَنَں پْراپْتاح۔ | 1 |
شۇڭا ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولىمىز. |
اَپَرَں وَیَں یَسْمِنْ اَنُگْرَہاشْرَیے تِشْٹھامَسْتَنْمَدھْیَں وِشْواسَمارْگینَ تینَیوانِیتا وَیَمْ اِیشْوَرِییَوِبھَوَپْراپْتِپْرَتْیاشَیا سَمانَنْدامَح۔ | 2 |
ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز. |
تَتْ کیوَلَں نَہِ کِنْتُ کْلیشَبھوگےپْیانَنْدامو یَتَح کْلیشادْ دھَیرْیَّں جایَتَ اِتِ وَیَں جانِیمَح، | 3 |
شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز. |
دھَیرْیّاچَّ پَرِیکْشِتَتْوَں جایَتے، پَرِیکْشِتَتْواتْ پْرَتْیاشا جایَتے، | 4 |
پْرَتْیاشاتو وْرِیڈِتَتْوَں نَ جایَتے، یَسْمادْ اَسْمَبھْیَں دَتّینَ پَوِتْریناتْمَناسْماکَمْ اَنْتَحکَرَنانِیشْوَرَسْیَ پْریمَوارِنا سِکْتانِ۔ | 5 |
ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى. |
اَسْماسُ نِرُپاییشُ سَتْسُ کھْرِیشْٹَ اُپَیُکْتے سَمَیے پاپِناں نِمِتَّں سْوِییانْ پْرَنانْ اَتْیَجَتْ۔ | 6 |
چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن [خۇدا] بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. |
ہِتَکارِنو جَنَسْیَ کرِتے کوپِ پْرَنانْ تْیَکْتُں ساہَسَں کَرْتُّں شَکْنوتِ، کِنْتُ دھارْمِّکَسْیَ کرِتے پْرایینَ کوپِ پْرانانْ نَ تْیَجَتِ۔ | 7 |
بىرسىنىڭ ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش؛ بەزىدە ياخشى ئادەم ئۈچۈن بىرسى پىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمۇ مۇمكىن؛ |
کِنْتْوَسْماسُ پاپِشُ سَتْسْوَپِ نِمِتَّمَسْماکَں کھْرِیشْٹَح سْوَپْرانانْ تْیَکْتَوانْ، تَتَ اِیشْوَروسْمانْ پْرَتِ نِجَں پَرَمَپْریمانَں دَرْشِتَوانْ۔ | 8 |
لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. |
اَتَایوَ تَسْیَ رَکْتَپاتینَ سَپُنْیِیکرِتا وَیَں نِتانْتَں تینَ کوپادْ اُدّھارِشْیامَہے۔ | 9 |
ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. |
پھَلَتو وَیَں یَدا رِپَوَ آسْمَ تَدیشْوَرَسْیَ پُتْرَسْیَ مَرَنینَ تینَ سارْدّھَں یَدْیَسْماکَں میلَنَں جاتَں تَرْہِ میلَنَپْراپْتاح سَنْتووَشْیَں تَسْیَ جِیوَنینَ رَکْشاں لَپْسْیامَہے۔ | 10 |
چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟! |
تَتْ کیوَلَں نَہِ کِنْتُ یینَ میلَنَمْ اَلَبھامَہِ تیناسْماکَں پْرَبھُنا یِیشُکھْرِیشْٹینَ سامْپْرَتَمْ اِیشْوَرے سَمانَنْدامَشْچَ۔ | 11 |
بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز. |
تَتھا سَتِ، ایکینَ مانُشینَ پاپَں پاپینَ چَ مَرَنَں جَگَتِیں پْراوِشَتْ اَپَرَں سَرْوّیشاں پاپِتْواتْ سَرْوّے مانُشا مرِتے رْنِگھْنا اَبھَوَتْ۔ | 12 |
شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى، ئۆلۈمنىڭ دۇنياغا كىرىشى گۇناھ ئارقىلىق بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تارقالدى؛ چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى |
یَتو وْیَوَسْتھادانَسَمَیَں یاوَتْ جَگَتِ پاپَمْ آسِیتْ کِنْتُ یَتْرَ وْیَوَسْتھا نَ وِدْیَتے تَتْرَ پاپَسْیاپِ گَنَنا نَ وِدْیَتے۔ | 13 |
(چۈنكى تەۋرات قانۇنىدىن ئىلگىرىمۇ گۇناھ دۇنيادا بار ئىدى، ئەلۋەتتە؛ ھالبۇكى، قانۇن بولمىسا گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ. |
تَتھاپْیادَما یادرِشَں پاپَں کرِتَں تادرِشَں پاپَں یَے رْناکارِ آدَمَمْ آرَبھْیَ مُوساں یاوَتْ تیشامَپْیُپَرِ مرِتْیُو راجَتْوَمْ اَکَروتْ سَ آدَمْ بھاوْیادَمو نِدَرْشَنَمیواسْتے۔ | 14 |
شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى). ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر؛ |
کِنْتُ پاپَکَرْمَّنو یادرِشو بھاوَسْتادرِگْ دانَکَرْمَّنو بھاوو نَ بھَوَتِ یَتَ ایکَسْیَ جَنَسْیاپَرادھینَ یَدِ بَہُوناں مَرَنَمْ اَگھَٹَتَ تَتھاپِیشْوَرانُگْرَہَسْتَدَنُگْرَہَمُولَکَں دانَنْچَیکینَ جَنینارْتھادْ یِیشُنا کھْرِیشْٹینَ بَہُشُ باہُلْیاتِباہُلْیینَ پھَلَتِ۔ | 15 |
ھالبۇكى، [خۇدانىڭ] شاپائەتلىك سوۋغىتى ئادەمئاتىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىدۇر. چۈنكى بىرلا ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئەمدى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە شۇنىڭدەك بىرلا ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق كەلگەن سوۋغات ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئادەمگە يەتكۈزۈلۈپ تېخىمۇ زور نەتىجە ھاسىل قىلدى! |
اَپَرَمْ ایکَسْیَ جَنَسْیَ پاپَکَرْمَّ یادرِکْ پھَلَیُکْتَں دانَکَرْمَّ تادرِکْ نَ بھَوَتِ یَتو وِچارَکَرْمَّیکَں پاپَمْ آرَبھْیَ دَنْڈَجَنَکَں بَبھُووَ، کِنْتُ دانَکَرْمَّ بَہُپاپانْیارَبھْیَ پُنْیَجَنَکَں بَبھُووَ۔ | 16 |
شۇ شاپائەتلىك سوۋغاتنىڭ نەتىجىسى بولسا، شۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىدىن چىقارغان ھۆكۈم ئىنسانلارنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ شاپائەتلىك سوۋغات بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن «ھەققانىي قىلىنىش»قا ئېلىپ بارىدۇ. |
یَتَ ایکَسْیَ جَنَسْیَ پاپَکَرْمَّتَسْتینَیکینَ یَدِ مَرَنَسْیَ راجَتْوَں جاتَں تَرْہِ یے جَنا اَنُگْرَہَسْیَ باہُلْیَں پُنْیَدانَنْچَ پْراپْنُوَنْتِ تَ ایکینَ جَنینَ، اَرْتھاتْ یِیشُکھْرِیشْٹینَ، جِیوَنے راجَتْوَمْ اَوَشْیَں کَرِشْیَنْتِ۔ | 17 |
ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇ بىر ئادەم ئارقىلىق ئۆلۈم ھۆكۈمران بولغان يەردە، [خۇدانىڭ] مول مېھىر-شەپقىتىنى، شۇنداقلا ھەققانىيلىق بولغان شاپائەتلىك سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىر ئادەم، يەنى شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ! |
ایکوپَرادھو یَدْوَتْ سَرْوَّمانَواناں دَنْڈَگامِی مارْگو بھَوَتْ تَدْوَدْ ایکَں پُنْیَدانَں سَرْوَّمانَواناں جِیوَنَیُکْتَپُنْیَگامِی مارْگَ ایوَ۔ | 18 |
شۇڭا، بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بارلىق ئىنسانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، ئوخشاشلا بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەل بىلەن ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىق پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن. |
اَپَرَمْ ایکَسْیَ جَنَسْیاجْنالَنْگھَنادْ یَتھا بَہَوو پَرادھِنو جاتاسْتَدْوَدْ ایکَسْیاجْناچَرَنادْ بَہَوَح سَپُنْیِیکرِتا بھَوَنْتِ۔ | 19 |
بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. |
اَدھِکَنْتُ وْیَوَسْتھاگَمَنادْ اَپَرادھَسْیَ باہُلْیَں جاتَں کِنْتُ یَتْرَ پاپَسْیَ باہُلْیَں تَتْرَیوَ تَسْمادْ اَنُگْرَہَسْیَ باہُلْیَمْ اَبھَوَتْ۔ | 20 |
ئەمدى تەۋرات قانۇنى ئىنساننىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى كۆپرەك ئاشكارلىنىپ بىلىنسۇن دەپ كىرگۈزۈلگەنىدى. لېكىن گۇناھ قەيەردە كۆپەيگەن بولسا، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە تېخىمۇ ئېشىپ تاشتى. |
تینَ مرِتْیُنا یَدْوَتْ پاپَسْیَ راجَتْوَمْ اَبھَوَتْ تَدْوَدْ اَسْماکَں پْرَبھُیِیشُکھْرِیشْٹَدْوارانَنْتَجِیوَنَدایِپُنْیینانُگْرَہَسْیَ راجَتْوَں بھَوَتِ۔ (aiōnios g166) | 21 |
شۇنىڭدەك، گۇناھ [ئىنسانىيەتنىڭ] ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ [ئۇلارنى] ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغىنىدەك، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ھەققانىيلىققا ئاساسلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىنساننى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. (aiōnios g166) |