اَنَنْتَرَں تَسْیَ سِہاسَنوپَوِشْٹَجَنَسْیَ دَکْشِنَسْتے نْتَ رْبَہِشْچَ لِکھِتَں پَتْرَمیکَں مَیا درِشْٹَں تَتْ سَپْتَمُدْرابھِرَنْکِتَں۔ | 1 |
ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ئىچ ۋە تاش تەرىپىگە خەت پۈتۈلگەن ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم. |
تَتْپَشْچادْ ایکو بَلَوانْ دُوتو درِشْٹَح سَ اُچَّیح سْوَرینَ واچَمِماں گھوشَیَتِ کَح پَتْرَمیتَدْ وِوَرِیتُں تَمُّدْرا موچَیِتُنْچارْہَتِ؟ | 2 |
يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازمىنى ئېچىپ، پېچەتلەرنى يېشىشكە كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان قاۋۇل بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. |
کِنْتُ سْوَرْگَمَرْتّیَپاتالیشُ تَتْ پَتْرَں وِوَرِیتُں نِرِیکْشِتُنْچَ کَسْیاپِ سامَرْتھْیَں نابھَوَتْ۔ | 3 |
لېكىن نە ئەرشتە نە يەر يۈزىدە نە يەر ئاستىدا ئورام يازمىنى ئاچالايدىغان ياكى ئىچىگە قارىيالايدىغان ھېچكىم چىقمىدى. |
اَتو یَسْتَتْ پَتْرَں وِوَرِیتُں نِرِیکْشِتُنْچارْہَتِ تادرِشَجَنَسْیابھاوادْ اَہَں بَہُ رودِتَوانْ۔ | 4 |
ئورام يازمىنى ئېچىشقا ياكى ئىچىگە قاراشقا لايىق بىرەرسى تېپىلمىغاچقا، قاتتىق يىغلىۋەتتىم. |
کِنْتُ تیشاں پْراچِینانامْ ایکو جَنو مامَوَدَتْ ما رودِیح پَشْیَ یو یِہُوداوَںشِییَح سِںہو دایُودو مُولَسْوَرُوپَشْچاسْتِ سَ پَتْرَسْیَ تَسْیَ سَپْتَمُدْرانانْچَ موچَنایَ پْرَمُوتَوانْ۔ | 5 |
ئاندىن ئاقساقاللاردىن بىرى ماڭا: ــ يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان شىر ــ داۋۇتنىڭ يىلتىزى بولغۇچى غەلىبە قىلدى؛ شۇڭا ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، ــ دېدى. |
اَپَرَں سِںہاسَنَسْیَ چَتُرْناں پْرانِناں پْراچِینَوَرْگَسْیَ چَ مَدھْیَ ایکو میشَشاوَکو مَیا درِشْٹَح سَ چھیدِتَ اِوَ تَسْیَ سَپْتَشرِنْگانِ سَپْتَلوچَنانِ چَ سَنْتِ تانِ کرِتْسْناں پرِتھِوِیں پْریشِتا اِیشْوَرَسْیَ سَپْتاتْمانَح۔ | 6 |
ئاندىن قارىسام، تەخت بىلەن تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىلىقىدا، ئاقساقاللار ئوتتۇرىسىدا بىر قوزا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ يېڭىلا بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى. |
سَ اُپاگَتْیَ تَسْیَ سِںہاسَنوپَوِشْٹَجَنَسْیَ دَکْشِنَکَراتْ تَتْ پَتْرَں گرِہِیتَوانْ۔ | 7 |
قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. |
پَتْرے گرِہِیتے چَتْوارَح پْرانِنَشْچَتُرْوِںّشَتِپْراچِیناشْچَ تَسْیَ میشَشاوَکَسْیانْتِکے پْرَنِپَتَنْتِ تیشامْ ایکَیکَسْیَ کَرَیو رْوِیناں سُگَنْدھِدْرَوْیَیح پَرِپُورْنَں سْوَرْنَمَیَپاتْرَنْچَ تِشْٹھَتِ تانِ پَوِتْرَلوکاناں پْرارْتھَناسْوَرُوپانِ۔ | 8 |
يازمىنى ئالغاندا، تۆت ھايات مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت ئاقساقال قوزىنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىلتارى ۋە خۇشبۇي بىلەن تولغان ئالتۇن چىنىلىرى بار ئىدى (بۇ خۇشبۇي مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى ئىدى). |
اَپَرَں تے نُوتَنَمیکَں گِیتَمَگایَنْ، یَتھا، گْرَہِیتُں پَتْرِکاں تَسْیَ مُدْرا موچَیِتُں تَتھا۔ تْوَمیوارْہَسِ یَسْماتْ تْوَں بَلِوَتْ چھیدَنَں گَتَح۔ سَرْوّابھْیو جاتِبھاشابھْیَح سَرْوَّسْمادْ وَںشَدیشَتَح۔ اِیشْوَرَسْیَ کرِتے سْمانْ تْوَں سْوِییَرَکْتینَ کْرِیتَوانْ۔ | 9 |
ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: ــ «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ. |
اَسْمَدِیشْوَرَپَکْشے سْمانْ نرِپَتِینْ یاجَکانَپِ۔ کرِتَواںسْتینَ راجَتْوَں کَرِشْیامو مَہِیتَلے۔۔ | 10 |
ئۇلارنى خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، كاھىنلار قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ». |
اَپَرَں نِرِیکْشَمانینَ مَیا سِںہاسَنَسْیَ پْرانِچَتُشْٹَیَسْیَ پْراچِینَوَرْگَسْیَ چَ پَرِتو بَہُوناں دُوتاناں رَوَح شْرُتَح، تیشاں سَںکھْیا اَیُتایُتانِ سَہَسْرَسَہَسْتْرانِ چَ۔ | 11 |
ئاندىن كۆردۈم ۋە مانا، تەختنىڭ، ھايات مەخلۇقلارنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى. |
تَیرُچَّیرِدَمْ اُکْتَں، پَراکْرَمَں دھَنَں جْنانَں شَکْتِں گَورَوَمادَرَں۔ پْرَشَںسانْچارْہَتِ پْراپْتُں چھیدِتو میشَشاوَکَح۔۔ | 12 |
ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، دۆلەت، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر» دېيىشەتتى. |
اَپَرَں سْوَرْگَمَرْتّیَپاتالَساگَریشُ یانِ وِدْیَنْتے تیشاں سَرْوّیشاں سرِشْٹَوَسْتُوناں واگِیَں مَیا شْرُتا، پْرَشَںساں گَورَوَں شَورْیَّمْ آدھِپَتْیَں سَناتَنَں۔ سِںہَسَنوپَوِشْٹَشْچَ میشَوَتْسَشْچَ گَچّھَتاں۔ (aiōn g165) | 13 |
ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: ــ «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. (aiōn g165) |
اَپَرَں تے چَتْوارَح پْرانِنَح کَتھِتَوَنْتَسْتَتھاسْتُ، تَتَشْچَتُرْوِںشَتِپْراچِینا اَپِ پْرَنِپَتْیَ تَمْ اَنَنْتَکالَجِیوِنَں پْرانَمَنْ۔ | 14 |
تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى. |