ہے بھْراتَرَح، شیشے وَدامِ یُویَں پْرَبھاوانَنْدَتَ۔ پُنَح پُنَریکَسْیَ وَچو لیکھَنَں مَمَ کْلیشَدَں نَہِ یُشْمَدَرْتھَنْچَ بھْرَمَناشَکَں بھَوَتِ۔ | 1 |
ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، رەبدە شادلىنىڭلار! بۇلارنى سىلەرگە قايتا يېزىش مەن ئۈچۈن ئاۋارىچىلىك ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. |
یُویَں کُکُّریبھْیَح ساوَدھانا بھَوَتَ دُشْکَرْمَّکارِبھْیَح ساوَدھانا بھَوَتَ چھِنَّمُولیبھْیو لوکیبھْیَشْچَ ساوَدھانا بھَوَتَ۔ | 2 |
ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار! |
وَیَمیوَ چھِنَّتْوَچو لوکا یَتو وَیَمْ آتْمَنیشْوَرَں سیوامَہے کھْرِیشْٹینَ یِیشُنا شْلاگھامَہے شَرِیرینَ چَ پْرَگَلْبھَتاں نَ کُرْوّامَہے۔ | 3 |
چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز. |
کِنْتُ شَرِیرے مَمَ پْرَگَلْبھَتایاح کارَنَں وِدْیَتے، کَشْچِدْ یَدِ شَرِیرینَ پْرَگَلْبھَتاں چِکِیرْشَتِ تَرْہِ تَسْمادْ اَپِ مَمَ پْرَگَلْبھَتایا گُرُتَرَں کارَنَں وِدْیَتے۔ | 4 |
مېنىڭمۇ ئەتكە تايانغۇچىلىكىم بار! باشقىلار «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانسام بولىدۇ» دېسە، مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ |
یَتوہَمْ اَشْٹَمَدِوَسے تْوَکْچھیدَپْراپْتَ اِسْراییلْوَںشِییو بِنْیامِینَگوشْٹھِییَ اِبْرِکُلَجاتَ اِبْرِیو وْیَوَسْتھاچَرَنے پھِرُوشِی | 5 |
سۈننەتكە كەلسەك، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى سۈننەت قىلىندىم؛ ئىسرائىل مىللىتىدىن، بىنيامىننىڭ قەبىلىسىدىنمەن، «ئىبرانىيلارنىڭ ئىبرانىيىسى»مەن؛ تەۋرات-قانۇنى تەرەپتىن ئېيتقاندا، «پەرىسىي» مەزھىپىدىمۇ بولغانمەن؛ |
دھَرْمّوتْساہَکارَناتْ سَمِتیرُپَدْرَوَکارِی وْیَوَسْتھاتو لَبھْیے پُنْیے چانِنْدَنِییَح۔ | 6 |
خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم؛ تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم؛ |
کِنْتُ مَمَ یَدْیَتْ لَبھْیَمْ آسِیتْ تَتْ سَرْوَّمْ اَہَں کھْرِیشْٹَسْیانُرودھاتْ کْشَتِمْ اَمَنْیے۔ | 7 |
ئەمما ماڭا نېمە ئىش «پايدىلىق» بولسا، بۇلارنى مەسىھ سەۋەبىدىن زىيانلىق دەپ ھېسابلىدىم؛ |
کِنْچادھُناپْیَہَں مَتْپْرَبھوح کھْرِیشْٹَسْیَ یِیشو رْجْنانَسْیوتْکرِشْٹَتاں بُدّھوا تَتْ سَرْوَّں کْشَتِں مَنْیے۔ | 8 |
مەسىھ ئەيسا رەببىمنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋەجىدىن، مەن باشقا ھەممە ئىشنى زىيانلىق دەپ ھېسابلايمەن؛ مەن دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان؛ بەرھەق، مەسىھكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن بۇلارنى نىجاسەت دەپ ھېسابلايمەنكى، |
یَتو ہیتورَہَں یَتْ کھْرِیشْٹَں لَبھییَ وْیَوَسْتھاتو جاتَں سْوَکِییَپُنْیَنْچَ نَ دھارَیَنْ کِنْتُ کھْرِیشْٹے وِشْوَسَناتْ لَبھْیَں یَتْ پُنْیَمْ اِیشْوَرینَ وِشْواسَں درِشْٹْوا دِییَتے تَدیوَ دھارَیَنْ یَتْ کھْرِیشْٹے وِدْیییَ تَدَرْتھَں تَسْیانُرودھاتْ سَرْوّیشاں کْشَتِں سْوِیکرِتْیَ تانِ سَرْوّانْیَوَکَرانِوَ مَنْیے۔ | 9 |
مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق (تەۋرات قانۇنىدىن چىققان ھەققانىيلىق)تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن؛ |
یَتو ہیتورَہَں کھْرِیشْٹَں تَسْیَ پُنَرُتّھِتے رْگُنَں تَسْیَ دُحکھاناں بھاگِتْوَنْچَ جْناتْوا تَسْیَ مرِتْیوراکرِتِنْچَ گرِہِیتْوا | 10 |
مۇددىئايىم ئۇنى تونۇشتۇر، ــ يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ياشاپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، |
یینَ کینَچِتْ پْرَکارینَ مرِتاناں پُنَرُتّھِتِں پْراپْتُں یَتے۔ | 11 |
شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن. |
مَیا تَتْ سَرْوَّمْ اَدھُنا پْراپِ سِدّھَتا والَمْبھِ تَنَّہِ کِنْتُ یَدَرْتھَمْ اَہَں کھْرِیشْٹینَ دھارِتَسْتَدْ دھارَیِتُں دھاوامِ۔ | 12 |
ئۇلارغا ئېرىشتىم ياكى كامالەتكە يەتتىم دېمەكچى ئەمەسمەن؛ لېكىن مەسىھ ئەيسانىڭ مېنى تۇتۇۋېلىشىدا بولغان مۇددىئا-نىشانىنى ئۆزۈم تۇتۇۋالسام دەپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. |
ہے بھْراتَرَح، مَیا تَدْ دھارِتَمْ اِتِ نَ مَنْیَتے کِنْتْویتَدَیکَماتْرَں وَدامِ یانِ پَشْچاتْ سْتھِتانِ تانِ وِسْمرِتْیاہَمْ اَگْرَسْتھِتانْیُدِّشْیَ | 13 |
قېرىنداشلار، مەن ئۆزۈمنى ئۇنى تۇتۇۋالدىم دەپ قارىمايمەن. پەقەت شۇ بىر ئىشنىلا قىلىمەنكى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئالدىمدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ، |
پُورْنَیَتْنینَ لَکْشْیَں پْرَتِ دھاوَنْ کھْرِیشْٹَیِیشُنورْدّھواتْ مامْ آہْوَیَتَ اِیشْوَراتْ جیترِپَنَں پْراپْتُں چیشْٹے۔ | 14 |
نىشاننى قوغلاپ، خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان بۈيۈك چاقىرىقىدىكى ئىنئامىغا قاراپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. |
اَسْماکَں مَدھْیے یے سِدّھاسْتَیح سَرْوَّیسْتَدیوَ بھاوْیَتاں، یَدِ چَ کَنْچَنَ وِشَیَمْ اَدھِ یُشْماکَمْ اَپَرو بھاوو بھَوَتِ تَرْہِیشْوَرَسْتَمَپِ یُشْماکَں پْرَتِ پْرَکاشَیِشْیَتِ۔ | 15 |
ئەمدى ئارىمىزدىن كىمكى پىشىپ يېتىلگەن بولسا شۇ ئوي-مەقسەتتە بولايلى. ئەگەر باشقىچە ئوي-مەقسەتتە بولساڭلار، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. |
کِنْتُ وَیَں یَدْیَدْ اَوَگَتا آسْمَسْتَتْراسْمابھِریکو وِدھِراچَرِتَوْیَ ایکَبھاوَے رْبھَوِتَوْیَنْچَ۔ | 16 |
قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى. |
ہے بھْراتَرَح، یُویَں مَمانُگامِنو بھَوَتَ وَیَنْچَ یادرِگاچَرَنَسْیَ نِدَرْشَنَسْوَرُوپا بھَوامَسْتادرِگاچارِنو لوکانْ آلوکَیَدھْوَں۔ | 17 |
مېنى ئۈلگە قىلىپ ئەگىشىڭلار، ئەي قېرىنداشلار، شۇنداقلا بىز سىلەرگە تىكلەپ بەرگەن نەمۇنە بويىچە ئوخشاش يولدا ماڭغانلارغىمۇ كۆزۈڭلارنى تىكىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىڭلار. |
یَتونیکے وِپَتھے چَرَنْتِ تے چَ کھْرِیشْٹَسْیَ کْرُشَسْیَ شَتْرَوَ اِتِ پُرا مَیا پُنَح پُنَح کَتھِتَمْ اَدھُناپِ رُدَتا مَیا کَتھْیَتے۔ | 18 |
چۈنكى سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ۋە ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن قايتا ئېيتىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا. |
تیشاں شیشَدَشا سَرْوَّناشَ اُدَرَشْچیشْوَرو لَجّا چَ شْلاگھا پرِتھِوْیانْچَ لَگْنَں مَنَح۔ | 19 |
ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر، خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر، شەرىپى قىلىپ ماختانغىنى ئۆز نومۇسسىزلىقىدۇر، ئويلىغانلىرى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئىشلاردۇر. |
کِنْتْوَسْماکَں جَنَپَدَح سْوَرْگے وِدْیَتے تَسْماچّاگَمِشْیَنْتَں تْراتارَں پْرَبھُں یِیشُکھْرِیشْٹَں وَیَں پْرَتِیکْشامَہے۔ | 20 |
ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ــ ئۇ بولسا رەببىمىز ئەيسا مەسىھدۇر. |
سَ چَ یَیا شَکْتْیا سَرْوّانْییوَ سْوَسْیَ وَشِیکَرْتُّں پارَیَتِ تَیاسْماکَمْ اَدھَمَں شَرِیرَں رُوپانْتَرِیکرِتْیَ سْوَکِییَتیجومَیَشَرِیرَسْیَ سَماکارَں کَرِشْیَتِ۔ | 21 |
ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ. |