اَنَنْتَرَں سَ تَتْسْتھاناتْ پْرَسْتھایَ سْوَپْرَدیشَماگَتَح شِشْیاشْچَ تَتْپَشْچادْ گَتاح۔ | 1 |
ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، ئۆز يۇرتىغا كەلدى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. |
اَتھَ وِشْرامَوارے سَتِ سَ بھَجَنَگرِہے اُپَدیشْٹُمارَبْدھَوانْ تَتونیکے لوکاسْتَتْکَتھاں شْرُتْوا وِسْمِتْیَ جَگَدُح، اَسْیَ مَنُجَسْیَ اِیدرِشِی آشْچَرْیَّکْرِیا کَسْماجْ جاتا؟ تَتھا سْوَکَرابھْیامْ اِتّھَمَدْبھُتَں کَرْمَّ کَرْتّامْ ایتَسْمَے کَتھَں جْنانَں دَتَّمْ؟ | 2 |
شابات كۈنى كەلگەندە، ئۇ سىناگوگدا تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. تەلىمىنى ئاڭلىغانلاردىن كۆپ ئادەم ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەم بۇلارغا نەدىن ئېرىشكەندۇ؟ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دانالىق قانداق بېرىلگەن؟ ئۇنىڭ قولىدا مۇشۇنداق مۆجىزىلەر قانداق يارىتىلىدىغاندۇ؟ |
کِمَیَں مَرِیَمَح پُتْرَسْتَجْنا نو؟ کِمَیَں یاکُوبْ-یوسِ-یِہُدا-شِموناں بھْراتا نو؟ اَسْیَ بھَگِنْیَح کِمِہاسْمابھِح سَہَ نو؟ اِتّھَں تے تَدَرْتھے پْرَتْیُوہَں گَتاح۔ | 3 |
ئۇ ھېلىقى ياغاچچى ئەمەسمۇ، مەريەمنىڭ ئوغلى، شۇنداقلا ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمونلارنىڭ ئاكىسىغۇ؟ ئۇنىڭ سىڭىللىرىمۇ بۇ يەردە ئارىمىزدا تۇرۇۋاتمامدۇ؟ ــ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزارلىق بىلەن قارىدى. |
تَدا یِیشُسْتیبھْیوکَتھَیَتْ سْوَدیشَں سْوَکُٹُمْبانْ سْوَپَرِجَناںشْچَ وِنا کُتْراپِ بھَوِشْیَدْوادِی اَسَتْکرِتو نَ بھَوَتِ۔ | 4 |
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، ــ دېدى. |
اَپَرَنْچَ تیشامَپْرَتْیَیاتْ سَ وِسْمِتَح کِیَتاں روگِناں وَپُحشُ ہَسْتَمْ اَرْپَیِتْوا کیوَلَں تیشاماروگْیَکَرَنادْ اَنْیَتْ کِمَپِ چِتْرَکارْیَّں کَرْتّاں نَ شَکْتَح۔ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن قوللىرىنى بىرقانچە بىمارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتقاندىن باشقا، شۇ يەردە ئۇ ھېچقانداق مۆجىزە يارىتالمىدى. |
اَتھَ سَ چَتُرْدِکْسْتھَ گْرامانْ بھْرَمِتْوا اُپَدِشْٹَوانْ | 6 |
ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ھەيران قالدى. |
دْوادَشَشِشْیانْ آہُویَ اَمیدھْیَبھُوتانْ وَشِیکَرْتّاں شَکْتِں دَتّوا تیشاں دْوَو دْوَو جَنو پْریشِتَوانْ۔ | 7 |
ئاندىن ئۇ ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بەردى. ئۇ ئون ئىككىيلەننى يېنىغا چاقىردى ۋە [خەلق ئارىسىغا] ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا ناپاك روھلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى؛ |
پُنَرِتْیادِشَدْ یُویَمْ ایکَیکاں یَشْٹِں وِنا وَسْتْرَسَںپُٹَح پُوپَح کَٹِبَنْدھے تامْرَکھَنْڈَنْچَ ایشاں کِمَپِ ما گْرَہْلِیتَ، | 8 |
ۋە ئۇلارغا: ــ سەپەردە يېنىڭلارغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماڭلار، نە خۇرجۇن نە نان ئېلىۋالماڭلار، بەلۋاغقا پۇلمۇ سالماڭلار، |
مارْگَیاتْرایَے پادیشُوپانَہَو دَتّوا دْوے اُتَّرِییے ما پَرِدھَدْوَّں۔ | 9 |
پۇتۇڭلارغا كەشلەرنى كىيىڭلار، بىراق ئىككى يەكتەك كىيىۋالماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. |
اَپَرَمَپْیُکْتَں تینَ یُویَں یَسْیاں پُرْیّاں یَسْیَ نِویشَنَں پْرَویکْشْیَتھَ تاں پُرِیں یاوَنَّ تْیَکْشْیَتھَ تاوَتْ تَنِّویشَنے سْتھاسْیَتھَ۔ | 10 |
ئۇ يەنە: ــ [بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا]، كىمنىڭ ئۆيىگە [قوبۇل قىلىنىپ] كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدىلا تۇرۇڭلار. |
تَتْرَ یَدِ کیپِ یُشْماکَماتِتھْیَں نَ وِدَدھَتِ یُشْماکَں کَتھاشْچَ نَ شرِنْوَنْتِ تَرْہِ تَتْسْتھاناتْ پْرَسْتھانَسَمَیے تیشاں وِرُدّھَں ساکْشْیَں داتُں سْوَپاداناسْپھالْیَ رَجَح سَمْپاتَیَتَ؛ اَہَں یُشْمانْ یَتھارْتھَں وَچْمِ وِچارَدِنے تَنَّگَرَسْیاوَسْتھاتَح سِدومامورَیو رْنَگَرَیورَوَسْتھا سَہْیَتَرا بھَوِشْیَتِ۔ | 11 |
قايسى يەردىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، شۇنداقلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى. |
اَتھَ تے گَتْوا لوکاناں مَنَحپَراوَرْتَّنِیح کَتھا پْرَچارِتَوَنْتَح۔ | 12 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا جار سېلىپ ئۈندىدى. |
ایوَمَنیکانْ بھُوتاںشْچَ تْیاجِتَوَنْتَسْتَتھا تَیلینَ مَرْدَّیِتْوا بَہُونْ جَنانَروگانَکارْشُح۔ | 13 |
ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھ قىلىپ ساقايتتى. |
اِتّھَں تَسْیَ سُکھْیاتِشْچَتُرْدِشو وْیاپْتا تَدا ہیرودْ راجا تَنِّشَمْیَ کَتھِتَوانْ، یوہَنْ مَجَّکَح شْمَشانادْ اُتّھِتَ اَتوہیتوسْتینَ سَرْوّا ایتا اَدْبھُتَکْرِیاح پْرَکاشَنْتے۔ | 14 |
ئۇنىڭ نامى مەشھۇر بولغاچقا، ھېرود پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئاڭلاپ: «بۇ ئادەم [چوقۇم] ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسىتىدۇ» دەيتتى. |
اَنْیےکَتھَیَنْ اَیَمْ ایلِیَح، کیپِ کَتھِتَوَنْتَ ایشَ بھَوِشْیَدْوادِی یَدْوا بھَوِشْیَدْوادِناں سَدرِشَ ایکویَمْ۔ | 15 |
باشقىلار: «ئۇ ئىلياس [پەيغەمبەر]» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى. |
کِنْتُ ہیرودْ اِتْیاکَرْنْیَ بھاشِتَوانْ یَسْیاہَں شِرَشْچھِنَّوانْ سَ ایوَ یوہَنَیَں سَ شْمَشانادُدَتِشْٹھَتْ۔ | 16 |
بىراق بۇلارنى ئاڭلىغان ھېرود: ــ مەن كاللىسىنى ئالغان يەھيانىڭ ئۆزى شۇ ــ ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ! ــ دېدى. |
پُورْوَّں سْوَبھْراتُح پھِلِپَسْیَ پَتْنْیا اُدْواہَں کرِتَوَنْتَں ہیرودَں یوہَنَوادِیتْ سْوَبھاترِوَدھُو رْنَ وِواہْیا۔ | 17 |
ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ [ئۆگەي] ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن ئادەم ئەۋەتىپ يەھيانى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى ئۇ شۇ ئايال بىلەن نىكاھلانغانىدى؛ يەھيا ھېرودقا [تەنبىھ بېرىپ]: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ» دەپ قايتا-قايتا دېگەنىدى. |
اَتَح کارَناتْ ہیرودْ لوکَں پْرَہِتْیَ یوہَنَں دھرِتْوا بَنْدھَنالَیے بَدّھَوانْ۔ | 18 |
ہیرودِیا تَسْمَے یوہَنے پْرَکُپْیَ تَں ہَنْتُمْ اَیچّھَتْ کِنْتُ نَ شَکْتا، | 19 |
شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرودىيە يەھياغا ئاداۋەت ساقلايتتى؛ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق قىلالمايتتى. |
یَسْمادْ ہیرودْ تَں دھارْمِّکَں سَتْپُرُشَنْچَ جْناتْوا سَمَّنْیَ رَکْشِتَوانْ؛ تَتْکَتھاں شْرُتْوا تَدَنُسارینَ بَہُونِ کَرْمّانِ کرِتَوانْ ہرِشْٹَمَناسْتَدُپَدیشَں شْرُتَواںشْچَ۔ | 20 |
چۈنكى ھېرود يەھيانى دىيانەتلىك ۋە مۇقەددەس ئادەم دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى قوغدايتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئالاقزادە بولۇپ كېتەتتى، لېكىن يەنىلا سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى. |
کِنْتُ ہیرودْ یَدا سْوَجَنْمَدِنے پْرَدھانَلوکیبھْیَح سینانِیبھْیَشْچَ گالِیلْپْرَدیشِییَشْریشْٹھَلوکیبھْیَشْچَ راتْرَو بھوجْیَمیکَں کرِتَوانْ | 21 |
ئەمما [ھېرودىيە كۈتكەن] پەيت ئاخىر يېتىپ كەلدى؛ ھېرود تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز ئەمەلدارلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى كاتتا ئەربابلارنى زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدى؛ |
تَسْمِنْ شُبھَدِنے ہیرودِیایاح کَنْیا سَمیتْیَ تیشاں سَمَکْشَں سَںنرِتْیَ ہیرودَسْتینَ سَہوپَوِشْٹانانْچَ توشَمَجِیجَنَتْ تَتا نرِپَح کَنْیاماہَ سْمَ مَتّو یَدْ یاچَسے تَدیوَ تُبھْیَں داسْیے۔ | 22 |
ھېلىقى ھېرودىيەنىڭ قىزى سورۇنغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرود ۋە ھەمداستىخان بولغانلارغا بەكمۇ ياراپ كەتتى. پادىشاھ قىزغا: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى. |
شَپَتھَں کرِتْواکَتھَیَتْ چیدْ راجْیارْدّھَمَپِ یاچَسے تَدَپِ تُبھْیَں داسْیے۔ | 23 |
ئاندىن ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسەڭمۇ شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى. |
تَتَح سا بَہِ رْگَتْوا سْوَماتَرَں پَپْرَچّھَ کِمَہَں یاچِشْیے؟ تَدا ساکَتھَیَتْ یوہَنو مَجَّکَسْیَ شِرَح۔ | 24 |
قىز سىرتقا چىقىپ، ئانىسىدىن: ــ نېمە تەلەپ قىلاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئانىسى: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، ــ دېدى. |
اَتھَ تُورْنَں بھُوپَسَمِیپَمْ ایتْیَ یاچَماناوَدَتْ کْشَنیسْمِنْ یوہَنو مَجَّکَسْیَ شِرَح پاتْرے نِدھایَ دیہِ، ایتَدْ یاچےہَں۔ | 25 |
قىز دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ كىرىپ: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ھازىرلا بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكىلىشلىرىنى خالايمەن، ــ دېدى. |
تَسْماتْ بھُوپوتِدُحکھِتَح، تَتھاپِ سْوَشَپَتھَسْیَ سَہَبھوجِنانْچانُرودھاتْ تَدَنَنْگِیکَرْتُّں نَ شَکْتَح۔ | 26 |
پادىشاھ بۇنىڭغا ناھايىتى ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، ئۇنىڭغا بەرگەن سۆزىدىن يانغۇسى كەلمىدى. |
تَتْکْشَنَں راجا گھاتَکَں پْریشْیَ تَسْیَ شِرَ آنیتُمادِشْٹَوانْ۔ | 27 |
شۇڭا پادىشاھ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى ئەمر قىلدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، |
تَتَح سَ کاراگارَں گَتْوا تَچّھِرَشْچھِتْوا پاتْرے نِدھایانِییَ تَسْیَے کَنْیایَے دَتَّوانْ کَنْیا چَ سْوَماتْرے دَدَو۔ | 28 |
ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى. |
اَنَنَتَرَں یوہَنَح شِشْیاسْتَدْوارْتّاں پْراپْیاگَتْیَ تَسْیَ کُنَپَں شْمَشانےسْتھاپَیَنْ۔ | 29 |
بۇ ئىشنى ئاڭلىغان يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ بىر قەبرىگە قويدى. |
اَتھَ پْریشِتا یِیشوح سَنِّدھَو مِلِتا یَدْ یَچْ چَکْرُح شِکْشَیاماسُشْچَ تَتْسَرْوَّوارْتّاسْتَسْمَے کَتھِتَوَنْتَح۔ | 30 |
قايتىپ كەلگەن روسۇللار ئەيسانىڭ يېنىغا يىغىلدى، نېمە قىلغانلىرى ھەم نېمە تەلىم بەرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى. |
سَ تانُواچَ یُویَں وِجَنَسْتھانَں گَتْوا وِشْرامْیَتَ یَتَسْتَتْسَنِّدھَو بَہُلوکاناں سَماگَماتْ تے بھوکْتُں ناوَکاشَں پْراپْتاح۔ | 31 |
كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپلىكىدىن ئۇلارغا تاماقلىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا: ــ يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىردەم ئارام ئېلىڭلار، ــ دېدى. |
تَتَسْتے ناوا وِجَنَسْتھانَں گُپْتَں گَگْمُح۔ | 32 |
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر چۆل يەرگە قاراپ ماڭدى. |
تَتو لوکَنِوَہَسْتیشاں سْتھانانْتَرَیانَں دَدَرْشَ، اَنیکے تَں پَرِچِتْیَ ناناپُریبھْیَح پَدَیرْوْرَجِتْوا جَوینَ تَیشامَگْرے یِیشوح سَمِیپَ اُپَتَسْتھُح۔ | 33 |
بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنى تونۇۋېلىۋىدى، ئەتراپتىكى بارلىق شەھەرلەردىن پىيادە يولغا چىقىپ، يۈگۈرۈپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە بېرىپ يىغىلىشتى. |
تَدا یِیشُ رْناوو بَہِرْگَتْیَ لوکارَنْیانِیں درِشْٹْوا تیشُ کَرُناں کرِتَوانْ یَتَسْتےرَکْشَکَمیشا اِواسَنْ تَدا سَ تانَ ناناپْرَسَنْگانْ اُپَدِشْٹَوانْ۔ | 34 |
ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، زور بىر توپ ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پادىچىسىز قوي پادىسىدەك بولغانلىقىغا ئىچ ئاغرىتتى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا كۆپ ئىشلارنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. |
اَتھَ دِوانْتے سَتِ شِشْیا ایتْیَ یِیشُمُوچِرے، اِدَں وِجَنَسْتھانَں دِنَنْچاوَسَنَّں۔ | 35 |
كەچ كىرىپ قالغاندا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى. |
لوکاناں کِمَپِ کھادْیَں ناسْتِ، اَتَشْچَتُرْدِکْشُ گْرامانْ گَنْتُں بھوجْیَدْرَوْیانِ کْریتُنْچَ بھَوانْ تانْ وِسرِجَتُ۔ | 36 |
خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى كەنت-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە نان سېتىۋالسۇن؛ چۈنكى ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق، ــ دېدى. |
تَدا سَ تانُواچَ یُویَمیوَ تانْ بھوجَیَتَ؛ تَتَسْتے جَگَدُ رْوَیَں گَتْوا دْوِشَتَسَںکھْیَکَے رْمُدْراپادَیح پُوپانْ کْرِیتْوا کِں تانْ بھوجَیِشْیامَح؟ | 37 |
لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ــ ئىككى يۈز كۈمۈش دىنارغا ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى. |
تَدا سَ تانْ پرِشْٹھَوانْ یُشْماکَں سَنِّدھَو کَتِ پُوپا آسَتے؟ گَتْوا پَشْیَتَ؛ تَتَسْتے درِشْٹْوا تَمَوَدَنْ پَنْچَ پُوپا دْوَو مَتْسْیَو چَ سَنْتِ۔ | 38 |
ئەيسا ئۇلارغا: ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار قاراپ باققاندىن كېيىن: ــ بەشى بار ئىكەن، يەنە ئىككى بېلىقمۇ بار ئىكەن، ــ دېيىشتى. |
تَدا سَ لوکانْ شَسْپوپَرِ پَںکْتِبھِرُپَویشَیِتُمْ آدِشْٹَوانْ، | 39 |
ئۇ ئۇلارغا كىشىلەرنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىمەندە ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى. |
تَتَسْتے شَتَں شَتَں جَناح پَنْچاشَتْ پَنْچاشَجَّناشْچَ پَںکْتِبھِ رْبھُوِ سَمُپَوِوِشُح۔ | 40 |
خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن سەپ-سەپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى. |
اَتھَ سَ تانْ پَنْچَپُوپانْ مَتْسْیَدْوَیَنْچَ دھرِتْوا سْوَرْگَں پَشْیَنْ اِیشْوَرَگُنانْ اَنْوَکِیرْتَّیَتْ تانْ پُوپانْ بھَںکْتْوا لوکیبھْیَح پَرِویشَیِتُں شِشْییبھْیو دَتَّوانْ دْوا مَتْسْیَو چَ وِبھَجْیَ سَرْوّیبھْیو دَتَّوانْ۔ | 41 |
ئۇ بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى، ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بېرىپ تۇراتتى؛ ئىككى بېلىقنىمۇ ھەممەيلەنگە تارقىتىپ بەردى. |
تَتَح سَرْوّے بھُکْتْواترِپْیَنْ۔ | 42 |
ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. |
اَنَنْتَرَں شِشْیا اَوَشِشْٹَیح پُوپَے رْمَتْسْیَیشْچَ پُورْنانْ دْوَدَشَ ڈَلَّکانْ جَگرِہُح۔ | 43 |
[مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. |
تے بھوکْتارَح پْرایَح پَنْچَ سَہَسْرانِ پُرُشا آسَنْ۔ | 44 |
نانلارنى يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە ئىدى. |
اَتھَ سَ لوکانْ وِسرِجَنّیوَ ناوَماروڈھُں سْوَسْمادَگْرے پارے بَیتْسَیداپُرَں یاتُنْچَ شْشْیِنْ واڈھَمادِشْٹَوانْ۔ | 45 |
بۇ ئىشتىن كېيىنلا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، ئاڭغىچە سىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بەيت-سائىدا يېزىسىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. |
تَدا سَ سَرْوّانْ وِسرِجْیَ پْرارْتھَیِتُں پَرْوَّتَں گَتَح۔ | 46 |
ئۇلارنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. |
تَتَح سَنْدھْیایاں سَتْیاں نَوح سِنْدھُمَدھْیَ اُپَسْتھِتا کِنْتُ سَ ایکاکِی سْتھَلے سْتھِتَح۔ | 47 |
كەچ كىرگەندە، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتكەنىدى، ئۇ ئۆزى يالغۇز قۇرۇقلۇقتا ئىدى. |
اَتھَ سَمُّکھَواتَوَہَناتْ شِشْیا ناوَں واہَیِتْوا پَرِشْرانْتا اِتِ جْناتْوا سَ نِشاچَتُرْتھَیامے سِنْدھُوپَرِ پَدْبھْیاں وْرَجَنْ تیشاں سَمِیپَمیتْیَ تیشامَگْرے یاتُمْ اُدْیَتَح۔ | 48 |
ئۇ مۇخلىسلىرىنىڭ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ چۈنكى شامال تەتۈر يۆنىلىشتە چىققانىدى. كېچە تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. |
کِنْتُ شِشْیاح سِنْدھُوپَرِ تَں وْرَجَنْتَں درِشْٹْوا بھُوتَمَنُمایَ رُرُوُح، | 49 |
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ چۇقان سېلىشتى. |
یَتَح سَرْوّے تَں درِشْٹْوا وْیاکُلِتاح۔ اَتَایوَ یِیشُسْتَتْکْشَنَں تَیح سَہالَپْیَ کَتھِتَوانْ، سُسْتھِرا بھُوتَ، اَیَمَہَں ما بھَیشْٹَ۔ | 50 |
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشتى. لېكىن ئۇ دەرھال ئۇلارغا: ــ يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى. |
اَتھَ نَوکامارُہْیَ تَسْمِنْ تیشاں سَنِّدھِں گَتے واتو نِورِتَّح؛ تَسْماتّے مَنَحسُ وِسْمِتا آشْچَرْیَّں مینِرے۔ | 51 |
ئۇ كېمىگە، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىققاندىلا، شامال توختىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ھوشىدىن كەتكۈدەك دەرىجىدە قاتتىق ھەيران قېلىشىپ، نېمىنى ئويلاشنى بىلمەيتتى؛ |
یَتَسْتے مَنَساں کاٹھِنْیاتْ تَتْ پُوپِییَمْ آشْچَرْیَّں کَرْمَّ نَ وِوِکْتَوَنْتَح۔ | 52 |
چۈنكى ئۇلار نان بېرىش [مۆجىزىسىنى] تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى، ئۇلارنىڭ قەلبى بىخۇد ھالەتتە تۇراتتى. |
اَتھَ تے پارَں گَتْوا گِنیشَرَتْپْرَدیشَمیتْیَ تَٹَ اُپَسْتھِتاح۔ | 53 |
ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىننىسارەت دېگەن يۇرتتا [قۇرۇقلۇققا] چىقىپ، كېمىنى باغلاپ قويدى. |
تیشُ نَوکاتو بَہِرْگَتیشُ تَتْپْرَدیشِییا لوکاسْتَں پَرِچِتْیَ | 54 |
ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، [خالايىق] ئۇنى دەرھال تونۇۋېلىپ، |
چَتُرْدِکْشُ دھاوَنْتو یَتْرَ یَتْرَ روگِنو نَرا آسَنْ تانْ سَرْوّانَ کھَٹْووپَرِ نِدھایَ یَتْرَ کُتْرَچِتْ تَدْوارْتّاں پْراپُح تَتْ سْتھانَمْ آنیتُمْ آریبھِرے۔ | 55 |
ئەتراپتىكى ھەممە جايلارغا يۈگۈرۈشۈپ باردى ۋە «ئۇ پالانچى يەرگە چۈشۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە [ئۇنىڭ ئالدىغا] ئېلىپ بېرىشتى. |
تَتھا یَتْرَ یَتْرَ گْرامے یَتْرَ یَتْرَ پُرے یَتْرَ یَتْرَ پَلّیانْچَ تینَ پْرَویشَح کرِتَسْتَدْوَرْتْمَمَدھْیے لوکاح پِیڈِتانْ سْتھاپَیِتْوا تَسْیَ چیلَگْرَنْتھِماتْرَں سْپْرَشْٹُمْ تیشامَرْتھے تَدَنُجْناں پْرارْتھَیَنْتَح یاوَنْتو لوکاح پَسْپرِشُسْتاوَنْتَ ایوَ گَدانْمُکْتاح۔ | 56 |
ئۇ مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاقلارغا بارسۇن، خەلق ئاغرىقلارنى بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزاتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاغرىقلار ھېچ بولمىغاندا سېنىڭ يېپىنچاڭنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋالساق دەپ ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى. |