تَتَح پَرَں سَ دْوادَشَشِشْیاناہُویَ بھُوتانْ تْیاجَیِتُں روگانْ پْرَتِکَرْتُّنْچَ تیبھْیَح شَکْتِمادھِپَتْیَنْچَ دَدَو۔ | 1 |
ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى. |
اَپَرَنْچَ اِیشْوَرِییَراجْیَسْیَ سُسَںوادَں پْرَکاشَیِتُمْ روگِناماروگْیَں کَرْتُّنْچَ پْریرَنَکالے تانْ جَگادَ۔ | 2 |
ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى. |
یاتْرارْتھَں یَشْٹِ رْوَسْتْرَپُٹَکَں بھَکْشْیَں مُدْرا دْوِتِییَوَسْتْرَمْ، ایشاں کِمَپِ ما گرِہْلِیتَ۔ | 3 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر سەپەر ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار؛ بىرەر ئارتۇق يەكتەكمۇ ئېلىۋالماڭلار. |
یُویَنْچَ یَنِّویشَنَں پْرَوِشَتھَ نَگَرَتْیاگَپَرْیَّنَتَں تَنِّویشَنے تِشْٹھَتَ۔ | 4 |
ۋە قايسى ئۆيگە [قوبۇل قىلىنىپ] كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار. |
تَتْرَ یَدِ کَسْیَچِتْ پُرَسْیَ لوکا یُشْماکَماتِتھْیَں نَ کُرْوَّنْتِ تَرْہِ تَسْمانَّگَرادْ گَمَنَکالے تیشاں وِرُدّھَں ساکْشْیارْتھَں یُشْماکَں پَدَدھُولِیح سَمْپاتَیَتَ۔ | 5 |
ئەمدى قايسى يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى. |
اَتھَ تے پْرَسْتھایَ سَرْوَّتْرَ سُسَںوادَں پْرَچارَیِتُں پِیڈِتانْ سْوَسْتھانْ کَرْتُّنْچَ گْرامیشُ بھْرَمِتُں پْراریبھِرے۔ | 6 |
مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى. |
ایتَرْہِ ہیرودْ راجا یِیشوح سَرْوَّکَرْمَّناں وارْتّاں شْرُتْوا بھرِشَمُدْوِوِجی | 7 |
ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە، |
یَتَح کیچِدُوچُرْیوہَنْ شْمَشانادُدَتِشْٹھَتْ۔ کیچِدُوچُح، ایلِیو دَرْشَنَں دَتَّوانْ؛ ایوَمَنْیَلوکا اُوچُح پُورْوِّییَح کَشْچِدْ بھَوِشْیَدْوادِی سَمُتّھِتَح۔ | 8 |
يەنە بەزىلەر: «ئىلياس پەيغەمبەر [قايتا] پەيدا بولدى» ۋە يەنە باشقىلار: «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى. |
کِنْتُ ہیرودُواچَ یوہَنَح شِروہَمَچھِنَدَمْ اِدانِیں یَسْییدرِکَّرْمَّناں وارْتّاں پْراپْنومِ سَ کَح؟ اَتھَ سَ تَں دْرَشْٹُمْ اَیچّھَتْ۔ | 9 |
ھېرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى. |
اَنَنْتَرَں پْریرِتاح پْرَتْیاگَتْیَ یانِ یانِ کَرْمّانِ چَکْرُسْتانِ یِیشَوے کَتھَیاماسُح تَتَح سَ تانْ بَیتْسَیدانامَکَنَگَرَسْیَ وِجَنَں سْتھانَں نِیتْوا گُپْتَں جَگامَ۔ | 10 |
روسۇللار بولسا قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۇلارنى ئېلىپ، خۇپىيانە ھالدا بەيت-سائىدا دېگەن شەھەردىكى خىلۋەت بىر يەرگە كەلدى. |
پَشْچالْ لوکاسْتَدْ وِدِتْوا تَسْیَ پَشْچادْ یَیُح؛ تَتَح سَ تانْ نَیَنْ اِیشْوَرِییَراجْیَسْیَ پْرَسَنْگَمُکْتَوانْ، ییشاں چِکِتْسَیا پْرَیوجَنَمْ آسِیتْ تانْ سْوَسْتھانْ چَکارَ چَ۔ | 11 |
بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى. |
اَپَرَنْچَ دِواوَسَنّے سَتِ دْوادَشَشِشْیا یِیشورَنْتِکَمْ ایتْیَ کَتھَیاماسُح، وَیَمَتْرَ پْرانْتَرَسْتھانے تِشْٹھامَح، تَتو نَگَرانِ گْرامانِ گَتْوا واسَسْتھانانِ پْراپْیَ بھَکْشْیَدْرَوْیانِ کْریتُں جَنَنِوَہَں بھَوانْ وِسرِجَتُ۔ | 12 |
كۈن ئولتۇراي دېگەندە، ئون ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ خالايىقنى يولغا سالساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ۋە ئېتىزلارغا بېرىپ قونغۇدەك جايلار ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تاپسۇن؛ چۈنكى مۇشۇ يەر چۆللۈك ئىكەن، ــ دېدى. |
تَدا سَ اُواچَ، یُویَمیوَ تانْ بھیجَیَدھْوَں؛ تَتَسْتے پْروچُرَسْماکَں نِکَٹے کیوَلَں پَنْچَ پُوپا دْوَو مَتْسْیَو چَ وِدْیَنْتے، اَتَایوَ سْتھانانْتَرَمْ اِتْوا نِمِتَّمیتیشاں بھَکْشْیَدْرَوْییشُ نَ کْرِیتیشُ نَ بھَوَتِ۔ | 13 |
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. ــ بىزدە پەقەت بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بۇ بارلىق خەلقكە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلەمدۇق؟! ــ دېيىشتى ئۇلار. |
تَتْرَ پْرایینَ پَنْچَسَہَسْرانِ پُرُشا آسَنْ۔ | 14 |
چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە ئىدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: ــ خالايىقنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈپ ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى. |
تَدا سَ شِشْیانْ جَگادَ پَنْچاشَتْ پَنْچاشَجَّنَیح پَںکْتِیکرِتْیَ تانُپَویشَیَتَ، تَسْماتْ تے تَدَنُسارینَ سَرْوَّلوکانُپَویشَیاپاسُح۔ | 15 |
ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپ ھەممەيلەننى ئولتۇرغۇزدى. |
تَتَح سَ تانْ پَنْچَ پُوپانْ مِینَدْوَیَنْچَ گرِہِیتْوا سْوَرْگَں وِلوکْییشْوَرَگُنانْ کِیرْتَّیانْچَکْرے بھَنْکْتا چَ لوکیبھْیَح پَرِویشَنارْتھَں شِشْییشُ سَمَرْپَیامْبَبھُووَ۔ | 16 |
ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ بۇلارنى بەرىكەتلىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئوشتۇپ، خالايىققا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بەردى. |
تَتَح سَرْوّے بھُکْتْوا ترِپْتِں گَتا اَوَشِشْٹانانْچَ دْوادَشَ ڈَلَّکانْ سَںجَگرِہُح۔ | 17 |
ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. ئاندىن شۇلاردىن ئېشىپ قالغان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىپ قاچىلىدى. |
اَتھَیکَدا نِرْجَنے شِشْیَیح سَہَ پْرارْتھَناکالے تانْ پَپْرَچّھَ، لوکا ماں کَں وَدَنْتِ؟ | 18 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇلاردىن: ــ خالايىق مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
تَتَسْتے پْراچُح، تْواں یوہَنْمَجَّکَں وَدَنْتِ؛ کیچِتْ تْوامْ ایلِیَں وَدَنْتِ، پُورْوَّکالِکَح کَشْچِدْ بھَوِشْیَدْوادِی شْمَشانادْ اُدَتِشْٹھَدْ اِتْیَپِ کیچِدْ وَدَنْتِ۔ | 19 |
ئۇلار جاۋابەن: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر]، ۋە يەنە بەزىلەر قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، ــ دېدى. |
تَدا سَ اُواچَ، یُویَں ماں کَں وَدَتھَ؟ تَتَح پِتَرَ اُکْتَوانْ تْوَمْ اِیشْوَرابھِشِکْتَح پُرُشَح۔ | 20 |
ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋاب بېرىپ: ــ سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن، ــ دېدى. |
تَدا سَ تانْ درِڈھَمادِدیشَ، کَتھامیتاں کَسْمَیچِدَپِ ما کَتھَیَتَ۔ | 21 |
ئۇ ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، دەپ تاپىلىدى. |
سَ پُنَرُواچَ، مَنُشْیَپُتْرینَ وَہُیاتَنا بھوکْتَوْیاح پْراچِینَلوکَیح پْرَدھانَیاجَکَیرَدھْیاپَکَیشْچَ سووَجْنایَ ہَنْتَوْیَح کِنْتُ ترِتِییَدِوَسے شْمَشاناتْ تینوتّھاتَوْیَمْ۔ | 22 |
ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى. |
اَپَرَں سَ سَرْوّانُواچَ، کَشْچِدْ یَدِ مَمَ پَشْچادْ گَنْتُں وانْچھَتِ تَرْہِ سَ سْوَں دامْیَتُ، دِنے دِنے کْرُشَں گرِہِیتْوا چَ مَمَ پَشْچاداگَچّھَتُ۔ | 23 |
ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! |
یَتو یَح کَشْچِتْ سْوَپْرانانْ رِرَکْشِشَتِ سَ تانْ ہارَیِشْیَتِ، یَح کَشْچِنْ مَدَرْتھَں پْرانانْ ہارَیِشْیَتِ سَ تانْ رَکْشِشْیَتِ۔ | 24 |
چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ. |
کَشْچِدْ یَدِ سَرْوَّں جَگَتْ پْراپْنوتِ کِنْتُ سْوَپْرانانْ ہارَیَتِ سْوَیَں وِنَشْیَتِ چَ تَرْہِ تَسْیَ کو لابھَح؟ | 25 |
چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! |
پُنَ رْیَح کَشْچِنْ ماں مَمَ واکْیَں وا لَجّاسْپَدَں جاناتِ مَنُشْیَپُتْرو یَدا سْوَسْیَ پِتُشْچَ پَوِتْراناں دُوتانانْچَ تیجوبھِح پَرِویشْٹِتَ آگَمِشْیَتِ تَدا سوپِ تَں لَجّاسْپَدَں جْناسْیَتِ۔ | 26 |
چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ. |
کِنْتُ یُشْمانَہَں یَتھارْتھَں وَدامِ، اِیشْوَرِییَراجَتْوَں نَ درِشْٹَوا مرِتْیُں ناسْوادِشْیَنْتے، ایتادرِشاح کِیَنْتو لوکا اَتْرَ سْتھَنےپِ دَنْڈایَماناح سَنْتِ۔ | 27 |
لېكىن مەن دەرھەقىقەت سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. |
ایتَداکھْیانَکَتھَناتْ پَرَں پْراییناشْٹَسُ دِنیشُ گَتیشُ سَ پِتَرَں یوہَنَں یاکُوبَنْچَ گرِہِیتْوا پْرارْتھَیِتُں پَرْوَّتَمیکَں سَمارُروہَ۔ | 28 |
بۇ سۆزلەردىن تەخمىنەن سەككىز كۈن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىر تاغقا چىقتى. |
اَتھَ تَسْیَ پْرارْتھَنَکالے تَسْیَ مُکھاکرِتِرَنْیَرُوپا جاتا، تَدِییَں وَسْتْرَمُجّوَلَشُکْلَں جاتَں۔ | 29 |
ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى ۋە كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ چاقماقتەك چاقنىدى. |
اَپَرَنْچَ مُوسا ایلِیَشْچوبھَو تیجَسْوِنَو درِشْٹَو | 30 |
ۋە مانا، ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] ئىدى. |
تَو تینَ یِرُوشالَمْپُرے یو مرِتْیُح سادھِشْیَتے تَدِییاں کَتھاں تینَ سارْدّھَں کَتھَیِتُمْ آریبھاتے۔ | 31 |
ئۇلار پارلاق جۇلا ئىچىدە ئايان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. |
تَدا پِتَرادَیَح سْوَسْیَ سَنْگِنو نِدْرَیاکرِشْٹا آسَنْ کِنْتُ جاگَرِتْوا تَسْیَ تیجَسْتینَ سارْدّھَمْ اُتِّشْٹھَنْتَو جَنَو چَ دَدرِشُح۔ | 32 |
ئەمدى پېترۇس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى خېلى ئۈگىدەك باسقانىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلغاندا ئۇلار ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ئىككى ئادەمزاتنى كۆردى. |
اَتھَ تَیورُبھَیو رْگَمَنَکالے پِتَرو یِیشُں بَبھاشے، ہے گُروسْماکَں سْتھانےسْمِنْ سْتھِتِح شُبھا، تَتَ ایکا تْوَدَرْتھا، ایکا مُوسارْتھا، ایکا ایلِیارْتھا، اِتِ تِسْرَح کُٹْیوسْمابھِ رْنِرْمِّییَنْتاں، اِماں کَتھاں سَ نَ وِوِچْیَ کَتھَیاماسَ۔ | 33 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئىككىسى ئەيسادىن ئايرىلىۋاتقاندا، پېترۇس ئۆزىنىڭ نېمىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئەيساغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، ــ دېدى. |
اَپَرَنْچَ تَدْواکْیَوَدَنَکالے پَیودَ ایکَ آگَتْیَ تیشامُپَرِ چھایاں چَکارَ، تَتَسْتَنْمَدھْیے تَیوح پْرَویشاتْ تے شَشَنْکِرے۔ | 34 |
لېكىن ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئۇلارنى قاپلىۋالدى؛ ئۇلار بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى. |
تَدا تَسْماتْ پَیودادْ اِیَماکاشِییا وانِی نِرْجَگامَ، مَمایَں پْرِیَح پُتْرَ ایتَسْیَ کَتھایاں مَنو نِدھَتَّ۔ | 35 |
بۇلۇتتىن تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! ــ دېدى. |
اِتِ شَبْدے جاتے تے یِیشُمیکاکِنَں دَدرِشُح کِنْتُ تے تَدانِیں تَسْیَ دَرْشَنَسْیَ واچَمیکامَپِ نوکْتْوا مَنَحسُ سْتھاپَیاماسُح۔ | 36 |
ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن، قارىسا، ئەيسا ئۆزى يالغۇز قالغانىدى. ئۇلار سۈكۈت قىلىپ قېلىشتى ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆزلىرى كۆرگەن ئىشلاردىن ھېچقايسىسىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى. |
پَرےہَنِ تیشُ تَسْماچّھَیلادْ اَوَرُوڈھیشُ تَں ساکْشاتْ کَرْتُّں بَہَوو لوکا آجَگْمُح۔ | 37 |
ئەتىسى، ئۇلار تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، زور بىر توپ كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالدى. |
تیشاں مَدھْیادْ ایکو جَنَ اُچَّیرُواچَ، ہے گُرو اَہَں وِنَیَں کَرومِ مَمَ پُتْرَں پْرَتِ کرِپادرِشْٹِں کَروتُ، مَمَ سَ ایوَیکَح پُتْرَح۔ | 38 |
مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ: ــ ئۇستاز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ قاراپ قويغايسەن! چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىرلا بالام ئىدى. |
بھُوتینَ دھرِتَح سَنْ سَں پْرَسَبھَں چِیچّھَبْدَں کَروتِ تَنْمُکھاتْ پھینا نِرْگَچّھَنْتِ چَ، بھُوتَ اِتّھَں وِدارْیَّ کْلِشْٹْوا پْرایَشَسْتَں نَ تْیَجَتِ۔ | 39 |
مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. [جىن] ئۇنى دائىم دېگۈدەك قىيناپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيدۇ. |
تَسْماتْ تَں بھُوتَں تْیاجَیِتُں تَوَ شِشْیَسَمِیپے نْیَویدَیَں کِنْتُ تے نَ شیکُح۔ | 40 |
مەن مۇخلىسلىرىڭىزدىن روھنى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈۋىدىم، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى، ــ دېدى. |
تَدا یِیشُرَوادِیتْ، رے آوِشْواسِنْ وِپَتھَگامِنْ وَںشَ کَتِکالانْ یُشْمابھِح سَہَ سْتھاسْیامْیَہَں یُشْماکَمْ آچَرَنانِ چَ سَہِشْیے؟ تَوَ پُتْرَمِہانَیَ۔ | 41 |
ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇرۇپ، سىلەرگە سەۋر قىلاي؟ ــ ئوغلۇڭنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن ــ دېدى. |
تَتَسْتَسْمِنّاگَتَماتْرے بھُوتَسْتَں بھُومَو پاتَیِتْوا وِدَدارَ؛ تَدا یِیشُسْتَمَمیدھْیَں بھُوتَں تَرْجَیِتْوا بالَکَں سْوَسْتھَں کرِتْوا تَسْیَ پِتَرِ سَمَرْپَیاماسَ۔ | 42 |
بالا تېخى يولدا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. ئەيسا ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. |
اِیشْوَرَسْیَ مَہاشَکْتِمْ اِماں وِلوکْیَ سَرْوّے چَمَچَّکْرُح؛ اِتّھَں یِیشوح سَرْوّابھِح کْرِیابھِح سَرْوَّیرْلوکَیراشْچَرْیّے مَنْیَمانے سَتِ سَ شِشْیانْ بَبھاشے، | 43 |
ھەممەيلەن خۇدانىڭ شەرەپلىك كۈچ-قۇدرىتىگە قىن-قىنىغا پاتماي تەئەججۈپلەندى. ھەممىسى ئەيسانىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران قېلىشىپ تۇرغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق ئېيتتى: |
کَتھییَں یُشْماکَں کَرْنیشُ پْرَوِشَتُ، مَنُشْیَپُتْرو مَنُشْیاناں کَریشُ سَمَرْپَیِشْیَتے۔ | 44 |
ــ بۇ سۆزلەرنى قۇلاقلىرىڭلارغا ئوبدان سىڭدۈرۈپ قويۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى پات ئارىدا [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. |
کِنْتُ تے تاں کَتھاں نَ بُبُدھِرے، سْپَشْٹَتْوابھاواتْ تَسْیا اَبھِپْرایَسْتیشاں بودھَگَمْیو نَ بَبھُووَ؛ تَسْیا آشَیَح کَ اِتْیَپِ تے بھَیاتْ پْرَشْٹُں نَ شیکُح۔ | 45 |
بىراق ئۇلار بۇ سۆزنى چۈشىنەلمىدى. بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆز توغرۇلۇق سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. |
تَدَنَنْتَرَں تیشاں مَدھْیے کَح شْریشْٹھَح کَتھامیتاں گرِہِیتْوا تے مِتھو وِوادَں چَکْرُح۔ | 46 |
ئەمدى مۇخلىسلار ئارىسىدا ئۇلاردىن كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. |
تَتو یِیشُسْتیشاں مَنوبھِپْرایَں وِدِتْوا بالَکَمیکَں گرِہِیتْوا سْوَسْیَ نِکَٹے سْتھاپَیِتْوا تانْ جَگادَ، | 47 |
ئەمما ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلارنى كۆرۈپ يېتىپ، كىچىك بىر بالىنى ئېلىپ يېنىدا تۇرغۇزۇپ، |
یو جَنو مَمَ نامْناسْیَ بالاسْیاتِتھْیَں وِدَدھاتِ سَ مَماتِتھْیَں وِدَدھاتِ، یَشْچَ مَماتِتھْیَں وِدَدھاتِ سَ مَمَ پْریرَکَسْیاتِتھْیَں وِدَدھاتِ، یُشْماکَں مَدھْیییَح سْوَں سَرْوَّسْماتْ کْشُدْرَں جانِیتے سَ ایوَ شْریشْٹھو بھَوِشْیَتِ۔ | 48 |
ئۇلارغا: ــ كىم مېنىڭ نامىمدا بۇ كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ ۋە كىم مېنى قوبۇل قىلسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى بولسا ئۇلۇغ بولىدۇ، ــ دېدى. |
اَپَرَنْچَ یوہَنْ وْیاجَہارَ ہے پْرَبھے تَوَ نامْنا بھُوتانْ تْیاجَیَنْتَں مانُشَمْ ایکَں درِشْٹَوَنْتو وَیَں، کِنْتْوَسْماکَمْ اَپَشْچادْ گامِتْواتْ تَں نْیَشیدھامْ۔ تَدانِیں یِیشُرُواچَ، | 49 |
يۇھاننا جاۋابەن ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى. |
تَں ما نِشیدھَتَ، یَتو یو جَنوسْماکَں نَ وِپَکْشَح سَ ایواسْماکَں سَپَکْشو بھَوَتِ۔ | 50 |
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى كىم سىلەرگە قارشى تۇرمىسا سىلەرنى قوللىغانلاردىندۇر، ــ دېدى. |
اَنَنْتَرَں تَسْیاروہَنَسَمَیَ اُپَسْتھِتے سَ سْتھِرَچیتا یِرُوشالَمَں پْرَتِ یاتْراں کَرْتُّں نِشْچِتْیاگْرے دُوتانْ پْریشَیاماسَ۔ | 51 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى. |
تَسْماتْ تے گَتْوا تَسْیَ پْرَیوجَنِییَدْرَوْیانِ سَںگْرَہِیتُں شومِرونِییاناں گْرامَں پْرَوِوِشُح۔ | 52 |
[شۇنىڭ ئۈچۈن] ئۇ ئالدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كىردى. |
کِنْتُ سَ یِرُوشالَمَں نَگَرَں یاتِ تَتو ہیتو رْلوکاسْتَسْیاتِتھْیَں نَ چَکْرُح۔ | 53 |
بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى. |
اَتَایوَ یاکُوبْیوہَنَو تَسْیَ شِشْیَو تَدْ درِشْٹْوا جَگَدَتُح، ہے پْرَبھو ایلِیو یَتھا چَکارَ تَتھا وَیَمَپِ کِں گَگَنادْ آگَنْتُمْ ایتانْ بھَسْمِیکَرْتُّنْچَ وَہْنِماجْناپَیامَح؟ بھَوانْ کِمِچّھَتِ؟ | 54 |
ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئىشنى كۆرۈپ: ــ ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت يېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟ ــ دېدى. |
کِنْتُ سَ مُکھَں پَراوَرْتْیَ تانْ تَرْجَیِتْوا گَدِتَوانْ یُشْماکَں مَنوبھاوَح کَح، اِتِ یُویَں نَ جانِیتھَ۔ | 55 |
لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى. |
مَنُجَسُتو مَنُجاناں پْرانانْ ناشَیِتُں ناگَچّھَتْ، کِنْتُ رَکْشِتُمْ آگَچّھَتْ۔ پَشْچادْ اِتَرَگْرامَں تے یَیُح۔ | 56 |
ئاندىن ئۇلار باشقا بىر يېزىغا ئۆتۈپ كەتتى. |
تَدَنَنْتَرَں پَتھِ گَمَنَکالے جَنَ ایکَسْتَں بَبھاشے، ہے پْرَبھو بھَوانْ یَتْرَ یاتِ بھَوَتا سَہاہَمَپِ تَتْرَ یاسْیامِ۔ | 57 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، سەن قەيەرگە بارما، مەن ساڭا ئەگىشىپ ماڭىمەن، ــ دېدى. |
تَدانِیں یِیشُسْتَمُواچَ، گومایُوناں گَرْتّا آسَتے، وِہایَسِییَوِہَگاناں نِیڈانِ چَ سَنْتِ، کِنْتُ مانَوَتَنَیَسْیَ شِرَح سْتھاپَیِتُں سْتھانَں ناسْتِ۔ | 58 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار. بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى. |
تَتَح پَرَں سَ اِتَرَجَنَں جَگادَ، تْوَں مَمَ پَشْچادْ ایہِ؛ تَتَح سَ اُواچَ، ہے پْرَبھو پُورْوَّں پِتَرَں شْمَشانے سْتھاپَیِتُں مامادِشَتُ۔ | 59 |
ئۇ يەنە باشقا بىرسىگە: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. لېكىن ئۇ: ــ رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. |
تَدا یِیشُرُواچَ، مرِتا مرِتانْ شْمَشانے سْتھاپَیَنْتُ کِنْتُ تْوَں گَتْویشْوَرِییَراجْیَسْیَ کَتھاں پْرَچارَیَ۔ | 60 |
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا ــ ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن، ــ دېدى. |
تَتونْیَح کَتھَیاماسَ، ہے پْرَبھو مَیاپِ بھَوَتَح پَشْچادْ گَںسْیَتے، کِنْتُ پُورْوَّں مَمَ نِویشَنَسْیَ پَرِجَنانامْ اَنُمَتِں گْرَہِیتُمْ اَہَمادِشْیَے بھَوَتا۔ | 61 |
يەنە بىرسى: ــ ئەي رەب، مەن ساڭا ئەگىشىمەن، لېكىن ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلىرىم بىلەن خوشلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. |
تَدانِیں یِیشُسْتَں پْروکْتَوانْ، یو جَنو لانْگَلے کَرَمَرْپَیِتْوا پَشْچاتْ پَشْیَتِ سَ اِیشْوَرِییَراجْیَں نارْہَتِ۔ | 62 |
ــ كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇر، ــ دېدى. |