تَتَح پَرَں سَ لوکاناں کَرْنَگوچَرے تانْ سَرْوّانْ اُپَدیشانْ سَماپْیَ یَدا کَپھَرْناہُومْپُرَں پْرَوِشَتِ | 1 |
ئەيسا كۆپچىلىككە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە [قايتا] كىردى. |
تَدا شَتَسیناپَتیح پْرِیَداسَ ایکو مرِتَکَلْپَح پِیڈِتَ آسِیتْ۔ | 2 |
ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى. |
اَتَح سیناپَتِ رْیِیشو رْوارْتّاں نِشَمْیَ داسَسْیاروگْیَکَرَنایَ تَسْیاگَمَنارْتھَں وِنَیَکَرَنایَ یِہُودِییانْ کِیَتَح پْراچَح پْریشَیاماسَ۔ | 3 |
يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى. |
تے یِیشورَنْتِکَں گَتْوا وِنَیاتِشَیَں وَکْتُماریبھِرے، سَ سیناپَتِ رْبھَوَتونُگْرَہَں پْراپْتُمْ اَرْہَتِ۔ | 4 |
ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىشنى تىلىگۈچى بولسا، تىلىكىنى ئىجابەت قىلىشىڭىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئادەم. |
یَتَح سوسْمَجّاتِیییشُ لوکیشُ پْرِییَتے تَتھاسْمَتْکرِتے بھَجَنَگیہَں نِرْمِّتَوانْ۔ | 5 |
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ [يەھۇدىي] ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، ــ دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى. |
تَسْمادْ یِیشُسْتَیح سَہَ گَتْوا نِویشَنَسْیَ سَمِیپَں پْراپَ، تَدا سَ شَتَسیناپَتِ رْوَکْشْیَمانَواکْیَں تَں وَکْتُں بَنْدھُونْ پْراہِنوتْ۔ ہے پْرَبھو سْوَیَں شْرَمو نَ کَرْتَّوْیو یَدْ بھَوَتا مَدْگیہَمَدھْیے پادارْپَنَں کْرِییتَ تَدَپْیَہَں نارْہامِ، | 6 |
ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى: ــ «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن. |
کِنْچاہَں بھَوَتْسَمِیپَں یاتُمَپِ ناتْمانَں یوگْیَں بُدّھَوانْ، تَتو بھَوانْ واکْیَماتْرَں وَدَتُ تینَیوَ مَمَ داسَح سْوَسْتھو بھَوِشْیَتِ۔ | 7 |
شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، قۇلۇم ساقىيىپ كېتىدۇ. |
یَسْمادْ اَہَں پَرادھِینوپِ مَمادھِینا یاح سیناح سَنْتِ تاسامْ ایکَجَنَں پْرَتِ یاہِیتِ مَیا پْروکْتے سَ یاتِ؛ تَدَنْیَں پْرَتِ آیاہِیتِ پْروکْتے سَ آیاتِ؛ تَتھا نِجَداسَں پْرَتِ ایتَتْ کُرْوِّتِ پْروکْتے سَ تَدیوَ کَروتِ۔ | 8 |
چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ». |
یِیشُرِدَں واکْیَں شْرُتْوا وِسْمَیَں یَیَو، مُکھَں پَراوَرْتْیَ پَشْچادْوَرْتِّنو لوکانْ بَبھاشے چَ، یُشْمانَہَں وَدامِ اِسْراییلو وَںشَمَدھْییپِ وِشْواسَمِیدرِشَں نَ پْراپْنَوَں۔ | 9 |
ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ [يۈزبېشىغا] تەئەججۈبلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا: دەرۋەقە، ھەتتا ئىسرائىلدىمۇ بۇنداق زور ئىشەنچنى تاپالمىغانىدىم! ــ دېدى. |
تَتَسْتے پْریشِتا گرِہَں گَتْوا تَں پِیڈِتَں داسَں سْوَسْتھَں دَدرِشُح۔ | 10 |
يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى. |
پَرےہَنِ سَ نایِیناکھْیَں نَگَرَں جَگامَ تَسْیانیکے شِشْیا اَنْیے چَ لوکاسْتینَ سارْدّھَں یَیُح۔ | 11 |
بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ نائىن دېگەن بىر شەھەرگە باردى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە يەنە توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. |
تیشُ تَنَّگَرَسْیَ دْوارَسَنِّدھِں پْراپْتیشُ کِیَنْتو لوکا ایکَں مرِتَمَنُجَں وَہَنْتو نَگَرَسْیَ بَہِرْیانْتِ، سَ تَنْماتُریکَپُتْرَسْتَنْماتا چَ وِدھَوا؛ تَیا سارْدّھَں تَنَّگَرِییا بَہَوو لوکا آسَنْ۔ | 12 |
ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى. |
پْرَبھُسْتاں وِلوکْیَ سانُکَمْپَح کَتھَیاماسَ، ما رودِیح۔ سَ سَمِیپَمِتْوا کھَٹْواں پَسْپَرْشَ تَسْمادْ واہَکاح سْتھَگِتاسْتَمْیُح؛ | 13 |
رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ: ــ يىغلىمىغىن، ــ دېدى. |
تَدا سَ اُواچَ ہے یُوَمَنُشْیَ تْوَمُتِّشْٹھَ، تْوامَہَمْ آجْناپَیامِ۔ | 14 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ: ــ يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! ــ دېدى. |
تَسْماتْ سَ مرِتو جَنَسْتَتْکْشَنَمُتّھایَ کَتھاں پْرَکَتھِتَح؛ تَتو یِیشُسْتَسْیَ ماتَرِ تَں سَمَرْپَیاماسَ۔ | 15 |
ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. [ئەيسا] ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. |
تَسْماتْ سَرْوّے لوکاح شَشَنْکِرے؛ ایکو مَہابھَوِشْیَدْوادِی مَدھْیےسْماکَمْ سَمُدَیتْ، اِیشْوَرَشْچَ سْوَلوکانَنْوَگرِہْلاتْ کَتھامِماں کَتھَیِتْوا اِیشْوَرَں دھَنْیَں جَگَدُح۔ | 16 |
ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ: ــ «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ دېيىشتى. |
تَتَح پَرَں سَمَسْتَں یِہُودادیشَں تَسْیَ چَتُرْدِکْسْتھَدیشَنْچَ تَسْیَیتَتْکِیرْتِّ رْوْیانَشے۔ | 17 |
ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى. |
تَتَح پَرَں یوہَنَح شِشْییشُ تَں تَدْورِتّانْتَں جْناپِتَوَتْسُ | 18 |
يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ئەمدى بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھيا مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئۆزىگە چاقىرىپ، |
سَ سْوَشِشْیاناں دْوَو جَناواہُویَ یِیشُں پْرَتِ وَکْشْیَمانَں واکْیَں وَکْتُں پْریشَیاماسَ، یَسْیاگَمَنَمْ اَپیکْشْیَ تِشْٹھامو وَیَں کِں سَ ایوَ جَنَسْتْوَں؟ کِں وَیَمَنْیَمَپیکْشْیَ سْتھاسْیامَح؟ | 19 |
ئۇلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى. |
پَشْچاتَّو مانَوَو گَتْوا کَتھَیاماسَتُح، یَسْیاگَمَنَمْ اَپیکْشْیَ تِشْٹھامو وَیَں، کِں سَایوَ جَنَسْتْوَں؟ کِں وَیَمَنْیَمَپیکْشْیَ سْتھاسْیامَح؟ کَتھامِماں تُبھْیَں کَتھَیِتُں یوہَنْ مَجَّکَ آواں پْریشِتَوانْ۔ | 20 |
ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سەندىن: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە يېنىڭغا ئەۋەتتى ــ دېدى. |
تَسْمِنْ دَنْڈے یِیشُوروگِنو مَہاوْیادھِمَتو دُشْٹَبھُوتَگْرَسْتاںشْچَ بَہُونْ سْوَسْتھانْ کرِتْوا، اَنیکانْدھیبھْیَشْچَکْشُںشِ دَتّوا پْرَتْیُواچَ، | 21 |
دەل شۇ ۋاقىتتا [ئەيسا] ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەل-ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى. |
یُواں وْرَجَتَمْ اَنْدھا نیتْرانِ کھَنْجاشْچَرَنانِ چَ پْراپْنُوَنْتِ، کُشْٹھِنَح پَرِشْکْرِیَنْتے، بَدھِراح شْرَوَنانِ مرِتاشْچَ جِیوَنانِ پْراپْنُوَنْتِ، دَرِدْراناں سَمِیپیشُ سُسَںوادَح پْرَچارْیَّتے، یَں پْرَتِ وِگھْنَسْوَرُوپوہَں نَ بھَوامِ سَ دھَنْیَح، | 22 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا]: ــ سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ ــ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار. |
ایتانِ یانِ پَشْیَتھَح شرِنُتھَشْچَ تانِ یوہَنَں جْناپَیَتَمْ۔ | 23 |
[ئۇنىڭغا يەنە]: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى. |
تَیو رْدُوتَیو رْگَتَیوح سَتو رْیوہَنِ سَ لوکانْ وَکْتُمُپَچَکْرَمے، یُویَں مَدھْییپْرانْتَرَں کِں دْرَشْٹُں نِرَگَمَتَ؟ کِں وایُنا کَمْپِتَں نَڈَں؟ | 24 |
يەھيانىڭ ئەلچىلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ: ــ «سىلەر [بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ] چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟ |
یُویَں کِں دْرَشْٹُں نِرَگَمَتَ؟ کِں سُوکْشْمَوَسْتْرَپَرِدھایِنَں کَمَپِ نَرَں؟ کِنْتُ یے سُوکْشْمَمرِدُوَسْتْرانِ پَرِدَدھَتِ سُوتَّمانِ دْرَوْیانِ بھُنْجَتے چَ تے راجَدھانِیشُ تِشْٹھَنْتِ۔ | 25 |
ياكى ئېسىل كىيىم كىيگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ! |
تَرْہِ یُویَں کِں دْرَشْٹُں نِرَگَمَتَ؟ کِمیکَں بھَوِشْیَدْوادِنَں؟ تَدیوَ سَتْیَں کِنْتُ سَ پُمانْ بھَوِشْیَدْوادِنوپِ شْریشْٹھَ اِتْیَہَں یُشْمانْ وَدامِ؛ | 26 |
ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، [بۇ بولسا] پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر. |
پَشْیَ سْوَکِییَدُوتَنْتُ تَواگْرَ پْریشَیامْیَہَں۔ گَتْوا تْوَدِییَمارْگَنْتُ سَ ہِ پَرِشْکَرِشْیَتِ۔ یَدَرْتھے لِپِرِیَمْ آسْتے سَ ایوَ یوہَنْ۔ | 27 |
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ يېزىلغان سۆز مانا دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغاندۇر. |
اَتو یُشْمانَہَں وَدامِ سْتْرِیا گَرْبّھَجاتاناں بھَوِشْیَدْوادِناں مَدھْیے یوہَنو مَجَّکاتْ شْریشْٹھَح کوپِ ناسْتِ، تَتْراپِ اِیشْوَرَسْیَ راجْیے یَح سَرْوَّسْماتْ کْشُدْرَح سَ یوہَنوپِ شْریشْٹھَح۔ | 28 |
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى يوق؛ ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ |
اَپَرَنْچَ سَرْوّے لوکاح کَرَمَنْچایِنَشْچَ تَسْیَ واکْیانِ شْرُتْوا یوہَنا مَجَّنینَ مَجِّتاح پَرَمیشْوَرَں نِرْدوشَں مینِرے۔ | 29 |
(ئەمدى [يەھيانى] ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. |
کِنْتُ پھِرُوشِنو وْیَوَسْتھاپَکاشْچَ تینَ نَ مَجِّتاح سْوانْ پْرَتِیشْوَرَسْیوپَدیشَں نِشْپھَلَمْ اَکُرْوَّنْ۔ | 30 |
لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى). |
اَتھَ پْرَبھُح کَتھَیاماسَ، اِدانِینْتَنَجَنانْ کینوپَمامِ؟ تے کَسْیَ سَدرِشاح؟ | 31 |
لېكىن بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟ |
یے بالَکا وِپَنْیامْ اُپَوِشْیَ پَرَسْپَرَمْ آہُویَ واکْیَمِدَں وَدَنْتِ، وَیَں یُشْماکَں نِکَٹے وَںشِیرَوادِشْمَ، کِنْتُ یُویَں نانَرْتِّشْٹَ، وَیَں یُشْماکَں نِکَٹَ اَرودِشْمَ، کِنْتُ یُیَں نَ وْیَلَپِشْٹَ، بالَکَیریتادرِشَیسْتیشامْ اُپَما بھَوَتِ۔ | 32 |
ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ [قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز] بالىلارغا ئوخشايدۇ. |
یَتو یوہَنْ مَجَّکَ آگَتْیَ پُوپَں ناکھادَتْ دْراکْشارَسَنْچَ ناپِوَتْ تَسْمادْ یُویَں وَدَتھَ، بھُوتَگْرَسْتویَمْ۔ | 33 |
چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىسىلەر. |
تَتَح پَرَں مانَوَسُتَ آگَتْیاکھادَدَپِوَنْچَ تَسْمادْ یُویَں وَدَتھَ، کھادَکَح سُراپَشْچانْڈالَپاپِناں بَنْدھُریکو جَنو درِشْیَتامْ۔ | 34 |
ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا سىلەر: «تازا بىر تويماس ۋە مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستىدۇر» دېيىشىسىلەر. |
کِنْتُ جْنانِنو جْنانَں نِرْدوشَں وِدُح۔ | 35 |
لېكىن دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». |
پَشْچادیکَح پھِرُوشِی یِیشُں بھوجَنایَ نْیَمَنْتْرَیَتْ تَتَح سَ تَسْیَ گرِہَں گَتْوا بھوکْتُمُپَوِشْٹَح۔ | 36 |
پەرىسىيلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆيۈمدە مېھمان بولسىڭىز دەپ ئۆتۈندى. ئەمدى ئۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كىرىپ داستىخاندا ئولتۇردى. |
ایتَرْہِ تَتْپھِرُوشِنو گرِہے یِیشُ رْبھیکْتُمْ اُپاویکْشِیتْ تَچّھرُتْوا تَنَّگَرَواسِنِی کاپِ دُشْٹا نارِی پانْڈَرَپْرَسْتَرَسْیَ سَمْپُٹَکے سُگَنْدھِتَیلَمْ آنِییَ | 37 |
ۋە مانا، ئۇ شەھەردە بۇزۇق دەپ تونۇلغان بىر ئايال ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا مۇرمەككى ئېلىپ كەلدى. |
تَسْیَ پَشْچاتْ پادَیوح سَنِّدھَو تَسْیَو رُدَتِی چَ نیتْرامْبُبھِسْتَسْیَ چَرَنَو پْرَکْشالْیَ نِجَکَچَیرَمارْکْشِیتْ، تَتَسْتَسْیَ چَرَنَو چُمْبِتْوا تینَ سُگَنْدھِتَیلینَ مَمَرْدَ۔ | 38 |
ئۇ يىغلىغان پېتى ئۇنىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى قىلىپ، پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن چاچلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى توختىماي سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى. |
تَسْماتْ سَ نِمَنْتْرَیِتا پھِرُوشِی مَنَسا چِنْتَیاماسَ، یَدْیَیَں بھَوِشْیَدْوادِی بھَویتْ تَرْہِ اینَں سْپرِشَتِ یا سْتْرِی سا کا کِیدرِشِی چیتِ جْناتُں شَکْنُیاتْ یَتَح سا دُشْٹا۔ | 39 |
ئەمدى ئۇنى چاقىرغان پەرىسىي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئىچىدە: «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە تېگىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كىم ۋە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ بىر بۇزۇق!» دەپ ئويلىدى. |
تَدا یاشُسْتَں جَگادَ، ہے شِمونْ تْواں پْرَتِ مَمَ کِنْچِدْ وَکْتَوْیَمَسْتِ؛ تَسْماتْ سَ بَبھاشے، ہے گُرو تَدْ وَدَتُ۔ | 40 |
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: سىمون، ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار، ــ دېدى. ــ ئېيتىڭ، ئۇستاز، ــ دېدى سىمون. |
ایکوتَّمَرْنَسْیَ دْواوَدھَمَرْناواسْتاں، تَیوریکَح پَنْچَشَتانِ مُدْراپادانْ اَپَرَشْچَ پَنْچاشَتْ مُدْراپادانْ دھارَیاماسَ۔ | 41 |
ــ ئىككى ئادەم مەلۇم بىر قەرز ئىگىسىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش دىنارغا، يەنە بىرى بولسا ئەللىك كۈمۈش دىنارغا قەرزدار ئىكەن. |
تَدَنَنْتَرَں تَیوح شودھْیابھاواتْ سَ اُتَّمَرْنَسْتَیو ررِنے چَکْشَمے؛ تَسْماتْ تَیورْدْوَیوح کَسْتَسْمِنْ پْریشْیَتے بَہُ؟ تَدْ بْرُوہِ۔ | 42 |
لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرغىلى ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۇنى بەكرەك سۆيىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئەيسا. |
شِمونْ پْرَتْیُواچَ، مَیا بُدھْیَتے یَسْیادھِکَمْ رِنَں چَکْشَمے سَ اِتِ؛ تَتو یِیشُسْتَں وْیاجَہارَ، تْوَں یَتھارْتھَں وْیَچارَیَح۔ | 43 |
سىمون جاۋابەن: ــ مېنىڭچە، [قەرزى] كۆپرەك كەچۈرۈم قىلىنغان كىشى، ــ دېدى. ــ توغرا ھۆكۈم قىلدىڭ، ــ دېدى ئەيسا. |
اَتھَ تاں نارِیں پْرَتِ وْیاگھُٹھْیَ شِمونَمَووچَتْ، سْتْرِیمِماں پَشْیَسِ؟ تَوَ گرِہے مَیّاگَتے تْوَں پادَپْرَکْشالَنارْتھَں جَلَں ناداح کِنْتُ یوشِدیشا نَیَنَجَلَے رْمَمَ پادَو پْرَکْشالْیَ کیشَیرَمارْکْشِیتْ۔ | 44 |
ئاندىن ھېلىقى ئايالغا بۇرۇلۇپ، سىمونغا: ــ بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ مەن ئۆيۈڭگە كىرگىنىم بىلەن، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ؛ لېكىن ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى ۋە چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. |
تْوَں ماں ناچُمْبِیح کِنْتُ یوشِدیشا سْوِییاگَمَنادارَبھْیَ مَدِییَپادَو چُمْبِتُں نَ وْیَرَںسْتَ۔ | 45 |
سەن مېنى سالام بېرىپ سۆيمىدىڭ؛ لېكىن ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈشتىن توختىمىدى. |
تْوَنْچَ مَدِییوتَّمانْگے کِنْچِدَپِ تَیلَں نامَرْدِیح کِنْتُ یوشِدیشا مَمَ چَرَنَو سُگَنْدھِتَیلینامَرْدِّیتْ۔ | 46 |
سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ؛ بىراق ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمغا مۇرمەككىنى سۈركەپ قويدى. |
اَتَسْتْواں وْیاہَرامِ، ایتَسْیا بَہُ پاپَمَکْشَمْیَتَ تَتو بَہُ پْرِییَتے کِنْتُ یَسْیالْپَپاپَں کْشَمْیَتے سولْپَں پْرِییَتے۔ | 47 |
شۇڭا شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى. چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ ئەمما كەچۈرۈمى ئاز بولغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ــ دېدى. |
تَتَح پَرَں سَ تاں بَبھاشے، تْوَدِییَں پاپَمَکْشَمْیَتَ۔ | 48 |
ئاندىن ئۇ ئايالغا: ــ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. |
تَدا تینَ سارْدّھَں یے بھوکْتُمْ اُپَوِوِشُسْتے پَرَسْپَرَں وَکْتُماریبھِرے، اَیَں پاپَں کْشَمَتے کَ ایشَح؟ | 49 |
ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلار كۆڭلىدە: «كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلغۇچى بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى. |
کِنْتُ سَ تاں نارِیں جَگادَ، تَوَ وِشْواسَسْتْواں پَرْیَّتْراسْتَ تْوَں کْشیمینَ وْرَجَ۔ | 50 |
ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: ــ ئېتىقادىڭ سېنى قۇتقۇزدى؛ ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن قايتقىن! ــ دېدى. |