تَتَح سَبھاسْتھاح سَرْوَّلوکا اُتّھایَ تَں پِیلاتَسَمُّکھَں نِیتْواپْرودْیَ وَکْتُماریبھِرے، | 1 |
ئاندىن [كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ] ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. |
سْوَمَبھِشِکْتَں راجانَں وَدَنْتَں کَیمَرَراجایَ کَرَدانَں نِشیدھَنْتَں راجْیَوِپَرْیَّیَں کُرْتُّں پْرَوَرْتَّمانَمْ اینَ پْراپْتا وَیَں۔ | 2 |
ئۇ يەردە ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: ــ ئۆزىنى مەسىھ، يەنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋېلىپ، خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان بۇ ئادەمنى بايقاپ ئۇنى تۇتتۇق، ــ دېيىشتى. |
تَدا پِیلاتَسْتَں پرِشْٹَوانْ تْوَں کِں یِہُودِییاناں راجا؟ سَ پْرَتْیُواچَ تْوَں سَتْیَمُکْتَوانْ۔ | 3 |
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
تَدا پِیلاتَح پْرَدھانَیاجَکادِلوکانْ جَگادْ، اَہَمیتَسْیَ کَمَپْیَپَرادھَں ناپْتَوانْ۔ | 4 |
ئاندىن پىلاتۇس باش كاھىنلار بىلەن كۆپچىلىككە: ــ بۇ ئادەمدىن بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم، ــ دېدى. |
تَتَسْتے پُنَح ساہَمِنو بھُوتْواوَدَنْ، ایشَ گالِیلَ ایتَتْسْتھانَپَرْیَّنْتے سَرْوَّسْمِنْ یِہُودادیشے سَرْوّالّوکانُپَدِشْیَ کُپْرَورِتِّں گْراہِیتَوانْ۔ | 5 |
لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا: ــ ئۇ گالىلىيەدىن تارتىپ تاكى بۇ يەرگىچە، پۈتكۈل يەھۇدىيەدىمۇ تەلىم بېرىش بىلەن خەلقنى قۇترىتىدۇ. |
تَدا پِیلاتو گالِیلَپْرَدیشَسْیَ نامَ شْرُتْوا پَپْرَچّھَ، کِمَیَں گالِیلِییو لوکَح؟ | 6 |
پىلاتۇس «گالىلىيە» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ: ــ بۇ كىشى گالىلىيەلىكمۇ؟ ــ دەپ سورىدى |
تَتَح سَ گالِیلْپْرَدیشِییَہیرودْراجَسْیَ تَدا سْتھِتیسْتَسْیَ سَمِیپے یِیشُں پْریشَیاماسَ۔ | 7 |
ۋە ئۇنىڭ ھېرود [خاننىڭ] ئىدارە قىلغان ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھېرودقا يوللاپ بەردى (ئۇ كۈنلەردە ھېرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى). |
تَدا ہیرودْ یِیشُں وِلوکْیَ سَنْتُتوشَ، یَتَح سَ تَسْیَ بَہُورِتّانْتَشْرَوَناتْ تَسْیَ کِنِچَداشْچَرْیَّکَرْمَّ پَشْیَتِ اِتْیاشاں کرِتْوا بَہُکالَمارَبھْیَ تَں دْرَشْٹُں پْرَیاسَں کرِتَوانْ۔ | 8 |
ھېرود ئەيسانى كۆرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭغا دائىر كۆپ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىر مۆجىزە كۆرۈش ئۈمىدىدە بولۇپ، ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتاتتى. |
تَسْماتْ تَں بَہُکَتھاح پَپْرَچّھَ کِنْتُ سَ تَسْیَ کَسْیاپِ واکْیَسْیَ پْرَتْیُتَّرَں نوواچَ۔ | 9 |
ئۇ ئەيسادىن كۆپ سوئاللارنى سورىدى، لېكىن ئۇ ھېرودقا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. |
اَتھَ پْرَدھانَیاجَکا اَدھْیاپَکاشْچَ پْروتِّشْٹھَنْتَح ساہَسینَ تَمَپَوَدِتُں پْراریبھِرے۔ | 10 |
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى. |
ہیرودْ تَسْیَ سیناگَنَشْچَ تَمَوَجْنایَ اُپَہاسَتْوینَ راجَوَسْتْرَں پَرِدھاپْیَ پُنَح پِیلاتَں پْرَتِ تَں پْراہِنوتْ۔ | 11 |
ھېرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنى خارلاپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا شاھانە تون-كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ يوللىدى. |
پُورْوَّں ہیرودْپِیلاتَیوح پَرَسْپَرَں وَیرَبھاوَ آسِیتْ کِنْتُ تَدِّنے دْوَیو رْمیلَنَں جاتَمْ۔ | 12 |
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، پىلاتۇس بىلەن ھېرود دوست بولۇپ قالدى؛ چۈنكى ئىلگىرى ئۇلار ئارىسىدا ئاداۋەت بولغانىدى. |
پَشْچاتْ پِیلاتَح پْرَدھانَیاجَکانْ شاسَکانْ لوکاںشْچَ یُگَپَداہُویَ بَبھاشے، | 13 |
ۋالىي پىلاتۇس باش كاھىنلارنى، [يەھۇدىي] ھۆكۈمدارلارنى ۋە خالايىقنى يىغىپ، |
راجْیَوِپَرْیَّیَکارَکویَمْ اِتْیُکْتْوا مَنُشْیَمینَں مَمَ نِکَٹَمانَیشْٹَ کِنْتُ پَشْیَتَ یُشْماکَں سَمَکْشَمْ اَسْیَ وِچارَں کرِتْواپِ پْروکْتاپَوادانُرُوپیناسْیَ کوپْیَپَرادھَح سَپْرَمانو نَ جاتَح، | 14 |
ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن «خەلقنى ئازدۇرىدۇ ۋە قۇترىتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلىپ ئۇنى ئالدىمغا تارتىپ كەلدىڭلار. مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۇنى سوراق قىلغىنىم بىلەن، ئۇنىڭدىن سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. |
یُویَنْچَ ہیرودَح سَنِّدھَو پْریشِتا مَیا تَتْراسْیَ کوپْیَپَرادھَسْتیناپِ نَ پْراپْتَح۔ پَشْیَتانینَ وَدھَہےتُکَں کِمَپِ ناپَرادّھَں۔ | 15 |
ھېرودمۇ تاپمىدى؛ چۈنكى مەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتىم. مانا، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. |
تَسْمادینَں تاڈَیِتْوا وِہاسْیامِ۔ | 16 |
شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى |
تَتْروتْسَوے تیشامیکو موچَیِتَوْیَح۔ | 17 |
(ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، [يەھۇدىي] [مەھبۇسلاردىن] بىرىنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى). |
اِتِ ہیتوسْتے پْروچَّیریکَدا پْروچُح، اینَں دُورِیکرِتْیَ بَرَبّانامانَں موچَیَ۔ | 18 |
لېكىن كۆپچىلىك تەڭلا چۇقان سېلىشىپ: ــ بۇنى يوقىتىڭ! بىزگە بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دېيىشتى |
سَ بَرَبّا نَگَرَ اُپَپْلَوَوَدھاپَرادھابھْیاں کارایاں بَدّھَ آسِیتْ۔ | 19 |
(بارابباس بولسا شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ۋە قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇس ئىدى). |
کِنْتُ پِیلاتو یِیشُں موچَیِتُں وانْچھَنْ پُنَسْتانُواچَ۔ | 20 |
شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئەيسانى قويۇپ بېرىشنى خالاپ، كۆپچىلىككە يەنە سۆز قىلغىلى تۇردى. |
تَتھاپْیینَں کْرُشے وْیَدھَ کْرُشے وْیَدھیتِ وَدَنْتَسْتے رُرُوُح۔ | 21 |
لېكىن ئۇلار جاۋابەن يەنە چۇقان سېلىشىپ: ــ كرېستلىگىن، ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى. |
تَتَح سَ ترِتِییَوارَں جَگادَ کُتَح؟ سَ کِں کَرْمَّ کرِتَوانْ؟ ناہَمَسْیَ کَمَپِ وَدھاپَرادھَں پْراپْتَح کیوَلَں تاڈَیِتْوامُں تْیَجامِ۔ | 22 |
[پىلاتۇس] ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق قىلغان؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق ھېچ جىنايەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى. |
تَتھاپِ تے پُنَرینَں کْرُشے وْیَدھَ اِتْیُکْتْوا پْروچَّیرْدرِڈھَں پْرارْتھَیانْچَکْرِرے؛ | 23 |
بىراق ئۇلار يەنىلا ھە دەپ چۇقان سېلىشىپ: «ئۇ كرېستلەنسۇن!» دەپ تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەمدە باش كاھىنلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر كۈچلۈك كەلدى. |
تَتَح پْرَدھانَیاجَکادِیناں کَلَرَوے پْرَبَلے سَتِ تیشاں پْرارْتھَنارُوپَں کَرْتُّں پِیلاتَ آدِدیشَ۔ | 24 |
پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى. |
راجَدْروہَوَدھَیورَپَرادھینَ کاراسْتھَں یَں جَنَں تے یَیاچِرے تَں موچَیِتْوا یِیشُں تیشامِچّھایاں سَمارْپَیَتْ۔ | 25 |
ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى، يەنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قاتىللىق ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغاننى قويۇپ بېرىپ، ئەيسانى ئۇلارنىڭ خاھىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. |
اَتھَ تے یِیشُں گرِہِیتْوا یانْتِ، ایتَرْہِ گْراماداگَتَں شِمونَنامانَں کُرِینِییَں جَنَں دھرِتْوا یِیشوح پَشْچانّیتُں تَسْیَ سْکَنْدھے کْرُشَمَرْپَیاماسُح۔ | 26 |
ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. |
تَتو لوکارَنْیَمَدھْیے بَہُسْتْرِیو رُدَتْیو وِلَپَنْتْیَشْچَ یِیشوح پَشْچادْ یَیُح۔ | 27 |
ئەيسانىڭ كەينىدە زور بىر توپ خەلق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېچىنىپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىۋاتقان ئاياللارمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. |
کِنْتُ سَ وْیاگھُٹْیَ تا اُواچَ، ہے یِرُوشالَمو نارْیّو یُیَں مَدَرْتھَں نَ رُدِتْوا سْوارْتھَں سْواپَتْیارْتھَنْچَ رُدِتِ؛ | 28 |
لېكىن ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا: ــ ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار، بەلكى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! |
پَشْیَتَ یَح کَداپِ گَرْبھَوَتْیو نابھَوَنْ سْتَنْیَنْچَ ناپایَیَنْ تادرِشِی رْوَنْدھْیا یَدا دھَنْیا وَکْشْیَنْتِ سَ کالَ آیاتِ۔ | 29 |
چۈنكى سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «تۇغماسلار، بالا كۆتۈرمىگەن قورساقلار ۋە ئېمىتمىگەن ئەمچەكلەر بەختلىكتۇر!» ــ دېيىشىدۇ. |
تَدا ہے شَیلا اَسْماکَمُپَرِ پَتَتَ، ہے اُپَشَیلا اَسْماناچّھادَیَتَ کَتھامِیدرِشِیں لوکا وَکْشْیَنْتِ۔ | 30 |
شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ. |
یَتَح سَتیجَسِ شاکھِنِ چیدیتَدْ گھَٹَتے تَرْہِ شُشْکَشاکھِنِ کِں نَ گھَٹِشْیَتے؟ | 31 |
چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟! ــ دېدى. |
تَدا تے ہَنْتُں دْواوَپَرادھِنَو تینَ سارْدّھَں نِنْیُح۔ | 32 |
ئىككى جىنايەتچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغىلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىنگەنىدى. |
اَپَرَں شِرَحکَپالَنامَکَسْتھانَں پْراپْیَ تَں کْرُشے وِوِدھُح؛ تَدّوَیورَپَرادھِنوریکَں تَسْیَ دَکْشِنو تَدَنْیَں وامے کْرُشے وِوِدھُح۔ | 33 |
ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى. |
تَدا یِیشُرَکَتھَیَتْ، ہے پِتَریتانْ کْشَمَسْوَ یَتَ ایتے یَتْ کَرْمَّ کُرْوَّنْتِ تَنْ نَ وِدُح؛ پَشْچاتّے گُٹِکاپاتَں کرِتْوا تَسْیَ وَسْتْرانِ وِبھَجْیَ جَگرِہُح۔ | 34 |
ئەيسا: ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. |
تَتْرَ لوکَسَںگھَسْتِشْٹھَنْ دَدَرْشَ؛ تے تیشاں شاسَکاشْچَ تَمُپَہَسْیَ جَگَدُح، ایشَ اِتَرانْ رَکْشِتَوانْ یَدِیشْوَرینابھِرُچِتو بھِشِکْتَسْتْراتا بھَوَتِ تَرْہِ سْوَمَدھُنا رَکْشَتُ۔ | 35 |
خالايىق قاراپ تۇراتتى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمىغىنى قېقىپ مەسخىرە قىلىپ: باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدانىڭ مەسىھى، ئۇنىڭ تاللىۋالغىنى بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن! ــ دېيىشتى. |
تَدَنْیَح سیناگَنا ایتْیَ تَسْمَے اَمْلَرَسَں دَتْوا پَرِہَسْیَ پْروواچَ، | 36 |
لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىركە تەڭلەپ: |
چیتّوَں یِہُودِییاناں راجاسِ تَرْہِ سْوَں رَکْشَ۔ | 37 |
ــ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! ــ دېيىشتى. |
یِہُودِییاناں راجیتِ واکْیَں یُونانِییَرومِیییبْرِییاکْشَرَے رْلِکھِتَں تَچّھِرَسَ اُورْدّھوےسْتھاپْیَتَ۔ | 38 |
ئۇنىڭ ئۈستىدىكى [تاختايغا] گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى. |
تَدوبھَیَپارْشْوَیو رْوِدّھَو یاوَپَرادھِنَو تَیوریکَسْتَں وِنِنْدْیَ بَبھاشے، چیتّوَمْ اَبھِشِکْتوسِ تَرْہِ سْوَماوانْچَ رَکْشَ۔ | 39 |
ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: ــ سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزە! ــ دېدى. |
کِنْتْوَنْیَسْتَں تَرْجَیِتْواوَدَتْ، اِیشْوَراتَّوَ کِنْچِدَپِ بھَیَں ناسْتِ کِں؟ تْوَمَپِ سَمانَدَنْڈوسِ، | 40 |
بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ: سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟ |
یوگْیَپاتْرے آواں سْوَسْوَکَرْمَّناں سَمُچِتَپھَلَں پْراپْنُوَح کِنْتْوَنینَ کِمَپِ ناپَرادّھَں۔ | 41 |
بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
اَتھَ سَ یِیشُں جَگادَ ہے پْرَبھے بھَوانْ سْوَراجْیَپْرَویشَکالے ماں سْمَرَتُ۔ | 42 |
ئاندىن، ئۇ ئەيساغا: ــ ئى رەب، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ياد قىلغىن، ــ دېدى. |
تَدا یِیشُح کَتھِتَوانْ تْواں یَتھارْتھَں وَدامِ تْوَمَدْیَیوَ مَیا سارْدّھَں پَرَلوکَسْیَ سُکھَسْتھانَں پْراپْسْیَسِ۔ | 43 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، ــ دېدى. |
اَپَرَنْچَ دْوِتِییَیاماتْ ترِتِییَیامَپَرْیَّنْتَں رَویسْتیجَسونْتَرْہِتَتْواتْ سَرْوَّدیشونْدھَکاریناورِتو | 44 |
ھازىر ئالتىنچى سائەت بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى توققۇزىنچى سائەتكىچە قاراڭغۇلۇق باستى. |
مَنْدِرَسْیَ یَوَنِکا چَ چھِدْیَمانا دْوِدھا بَبھُووَ۔ | 45 |
قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. |
تَتو یِیشُرُچَّیرُواچَ، ہے پِتَ رْمَماتْمانَں تَوَ کَرے سَمَرْپَیے، اِتْیُکْتْوا سَ پْرانانْ جَہَو۔ | 46 |
ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ــ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى. |
تَدَیتا گھَٹَنا درِشْٹْوا شَتَسیناپَتِرِیشْوَرَں دھَنْیَمُکْتْوا کَتھِتَوانْ اَیَں نِتانْتَں سادھُمَنُشْیَ آسِیتْ۔ | 47 |
ئۇ يەردە تۇرغان يۈزبېشى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! ــ دەپ خۇدانى ئۇلۇغلىدى. |
اَتھَ یاوَنْتو لوکا دْرَشْٹُمْ آگَتاسْتے تا گھَٹَنا درِشْٹْوا وَکْشَحسُ کَراگھاتَں کرِتْوا وْیاچُٹْیَ گَتاح۔ | 48 |
ۋە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈشكە يىغىلغان بارلىق خەلق يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. |
یِیشو رْجْناتَیو یا یا یوشِتَشْچَ گالِیلَسْتینَ سارْدّھَمایاتاسْتا اَپِ دُورے سْتھِتْوا تَتْ سَرْوَّں دَدرِشُح۔ | 49 |
ۋە ئۇنى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەر ۋە گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار يىراقتا تۇرۇپ، بۇ ۋەقەلەرگە قاراپ تۇردى. |
تَدا یِہُودِییاناں مَنْتْرَناں کْرِیانْچاسَمَّنْیَمانَ اِیشْوَرَسْیَ راجَتْوَمْ اَپیکْشَمانو | 50 |
ۋە مانا شۇ يەردە كېڭەشمىدىكىلەردىن يۈسۈپ ئىسىملىك بىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى ئاقكۆڭۈل ۋە ئادىل ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە ۋە قىلغىنىغا قوشۇلمىغانىدى. ئۆزى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئارىماتىيا دېگەن بىر شەھەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تەلمۈرۈپ كۈتەتتى. |
یِہُودِدیشِییو رِمَتھِییَنَگَرِییو یُوشَپھْناما مَنْتْرِی بھَدْرو دھارْمِّکَشْچَ پُمانْ | 51 |
پِیلاتانْتِکَں گَتْوا یِیشو رْدیہَں یَیاچے۔ | 52 |
ئۇ ئۆزى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ |
پَشْچادْ وَپُرَوَروہْیَ واسَسا سَںویشْٹْیَ یَتْرَ کوپِ مانُشو ناسْتھاپْیَتَ تَسْمِنْ شَیلے سْواتے شْمَشانے تَدَسْتھاپَیَتْ۔ | 53 |
ۋە ئۇنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كاناپ بىلەن كېپەنلەپ، قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ھېچكىم قويۇلمىغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلدى. |
تَدِّنَمایوجَنِییَں دِنَں وِشْرامَوارَشْچَ سَمِیپَح۔ | 54 |
بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى. |
اَپَرَں یِیشُنا سارْدّھَں گالِیلَ آگَتا یوشِتَح پَشْچادِتْوا شْمَشانے تَتْرَ یَتھا وَپُح سْتھاپِتَں تَچَّ درِشْٹْوا | 55 |
ۋە ئۇنىڭ بىلەن گالىلىيەدىن كەلگەن ئاياللار [يۈسۈپكە] ئەگىشىپ، قەبرىنى ۋە ئۇنىڭ جەسەتىنىڭ قانداق قويۇلغىنىنى كۆردى. |
وْیاگھُٹْیَ سُگَنْدھِدْرَوْیَتَیلانِ کرِتْوا وِدھِوَدْ وِشْرامَوارے وِشْرامَں چَکْرُح۔ | 56 |
ئاندىن يېنىپ بېرىپ ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى ۋە [تەۋراتتىكى] ئەمر بويىچە شابات كۈنى ئارام ئېلىشتى. |