اَتھَ دھَنِلوکا بھانْڈاگارے دھَنَں نِکْشِپَنْتِ سَ تَدیوَ پَشْیَتِ، | 1 |
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى [ئىبادەتخانىدىكى] ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى. |
ایتَرْہِ کاچِدِّینا وِدھَوا پَنَدْوَیَں نِکْشِپَتِ تَدْ دَدَرْشَ۔ | 2 |
ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى. |
تَتو یِیشُرُواچَ یُشْمانَہَں یَتھارْتھَں وَدامِ، دَرِدْرییَں وِدھَوا سَرْوّیبھْیودھِکَں نْیَکْشیپْسِیتْ، | 3 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ تاشلىغىنى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر. |
یَتونْیے سْوَپْراجْیَدھَنیبھْیَ اِیشْوَرایَ کِنْچِتْ نْیَکْشیپْسُح، کِنْتُ دَرِدْرییَں وِدھَوا دِنَیاپَنارْتھَں سْوَسْیَ یَتْ کِنْچِتْ سْتھِتَں تَتْ سَرْوَّں نْیَکْشیپْسِیتْ۔ | 4 |
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشقانلىرىدىن ئىئانە قىلىپ، خۇداغا ئاتىغان سادىقىلەرگە قوشۇپ تاشلىدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامراتلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ تاشلىدى. |
اَپَرَنْچَ اُتَّمَپْرَسْتَرَیرُتْسرِشْٹَوْیَیشْچَ مَنْدِرَں سُشوبھَتیتَراں کَیشْچِدِتْیُکْتے سَ پْرَتْیُواچَ | 5 |
ۋە بەزىلەر ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر بىلەن قانداق بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇ: |
یُویَں یَدِدَں نِچَیَنَں پَشْیَتھَ، اَسْیَ پاشانَیکوپْیَنْیَپاشانوپَرِ نَ سْتھاسْیَتِ، سَرْوّے بھُوسادْبھَوِشْیَنْتِ کالویَمایاتِ۔ | 6 |
ــ سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ھەتتا بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالدۇرۇلماي، ھەممىسى گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. |
تَدا تے پَپْرَچّھُح، ہے گُرو گھَٹَنیدرِشِی کَدا بھَوِشْیَتِ؟ گھَٹَنایا ایتَسْیَسَشْچِہْنَں وا کِں بھَوِشْیَتِ؟ | 7 |
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
تَدا سَ جَگادَ، ساوَدھانا بھَوَتَ یَتھا یُشْماکَں بھْرَمَں کوپِ نَ جَنَیَتِ، کھِیشْٹوہَمِتْیُکْتْوا مَمَ نامْرا بَہَوَ اُپَسْتھاسْیَنْتِ سَ کالَح پْرایینوپَسْتھِتَح، تیشاں پَشْچانْما گَچّھَتَ۔ | 8 |
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. |
یُدّھَسْیوپَپْلَوَسْیَ چَ وارْتّاں شْرُتْوا ما شَنْکَدھْوَں، یَتَح پْرَتھَمَمْ ایتا گھَٹَنا اَوَشْیَں بھَوِشْیَنْتِ کِنْتُ ناپاتے یُگانْتو بھَوِشْیَتِ۔ | 9 |
سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. |
اَپَرَنْچَ کَتھَیاماسَ، تَدا دیشَسْیَ وِپَکْشَتْوینَ دیشو راجْیَسْیَ وِپَکْشَتْوینَ راجْیَمْ اُتّھاسْیَتِ، | 10 |
ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. |
ناناسْتھانیشُ مَہابھُوکَمْپو دُرْبھِکْشَں مارِی چَ بھَوِشْیَنْتِ، تَتھا وْیومَمَنْڈَلَسْیَ بھَیَنْکَرَدَرْشَنانْیَشْچَرْیَّلَکْشَنانِ چَ پْرَکاشَیِشْیَنْتے۔ | 11 |
جاي-جايلاردا شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار ۋە ۋابالار بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. |
کِنْتُ سَرْوّاسامیتاساں گھَٹَناناں پُورْوَّں لوکا یُشْمانْ دھرِتْوا تاڈَیِشْیَنْتِ، بھَجَنالَیے کارایانْچَ سَمَرْپَیِشْیَنْتِ مَمَ نامَکارَنادْ یُشْمانْ بھُوپاناں شاسَکانانْچَ سَمُّکھَں نیشْیَنْتِ چَ۔ | 12 |
بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، |
ساکْشْیارْتھَمْ ایتانِ یُشْمانْ پْرَتِ گھَٹِشْیَنْتے۔ | 13 |
ۋە بۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ ئالدىدا] گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ. |
تَدا کِمُتَّرَں وَکْتَوْیَمْ ایتَتْ نَ چِنْتَیِشْیامَ اِتِ مَنَحسُ نِشْچِتَنُتَ۔ | 14 |
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار. |
وِپَکْشا یَسْماتْ کِمَپْیُتَّرَمْ آپَتِّنْچَ کَرْتُّں نَ شَکْشْیَنْتِ تادرِشَں واکْپَٹُتْوَں جْنانَنْچَ یُشْمَبھْیَں داسْیامِ۔ | 15 |
چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن. |
کِنْچَ یُویَں پِتْرا ماتْرا بھْراتْرا بَنْدھُنا جْناتْیا کُٹُمْبینَ چَ پَرَکَریشُ سَمَرْپَیِشْیَدھْوے؛ تَتَسْتے یُشْماکَں کَنْچَنَ کَنْچَنَ گھاتَیِشْیَنْتِ۔ | 16 |
ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ. |
مَمَ نامْنَح کارَناتْ سَرْوَّے رْمَنُشْیَے رْیُویَمْ رِتِییِشْیَدھْوے۔ | 17 |
سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. |
کِنْتُ یُشْماکَں شِرَحکیشَیکوپِ نَ وِنَںکْشْیَتِ، | 18 |
ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ! |
تَسْمادیوَ دھَیرْیَّمَوَلَمْبْیَ سْوَسْوَپْرانانْ رَکْشَتَ۔ | 19 |
سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر. |
اَپَرَنْچَ یِرُوشالَمْپُرَں سَینْیَویشْٹِتَں وِلوکْیَ تَسْیوچّھِنَّتایاح سَمَیَح سَمِیپَ اِتْیَوَگَمِشْیَتھَ۔ | 20 |
ــ لېكىن يېرۇسالېمنىڭ [دۈشمەن] قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، دەپ بىلىڭلار. |
تَدا یِہُودادیشَسْتھا لوکاح پَرْوَّتَں پَلایَنْتاں، یے چَ نَگَرے تِشْٹھَنْتِ تے دیشانْتَرَں پَلایَنْتا، یے چَ گْرامے تِشْٹھَنْتِ تے نَگَرَں نَ پْرَوِشَنْتُ، | 21 |
ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن، شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقانلار شەھەرگە كىرمىسۇن. |
یَتَسْتَدا سَمُچِتَدَنْڈَنایَ دھَرْمَّپُسْتَکے یانِ سَرْوّانِ لِکھِتانِ تانِ سَپھَلانِ بھَوِشْیَنْتِ۔ | 22 |
چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس يازمىلاردا] بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. |
کِنْتُ یا یاسْتَدا گَرْبھَوَتْیَح سْتَنْیَداوْیَشْچَ تاماں دُرْگَتِ رْبھَوِشْیَتِ، یَتَ ایتالّوکانْ پْرَتِ کوپو دیشے چَ وِشَمَدُرْگَتِ رْگھَٹِشْیَتے۔ | 23 |
ئەمدى شۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ ۋە [ئەرشتىكى] غەزەپ بۇ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ |
وَسْتُتَسْتُ تے کھَنْگَدھارَپَرِوَّنْگَں لَپْسْیَنْتے بَدّھاح سَنْتَح سَرْوَّدیشیشُ نایِشْیَنْتے چَ کِنْچانْیَدیشِییاناں سَمَیوپَسْتھِتِپَرْیَّنْتَں یِرُوشالَمْپُرَں تَیح پَدَتَلَے رْدَلَیِشْیَتے۔ | 24 |
ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ. |
سُورْیَّچَنْدْرَنَکْشَتْریشُ لَکْشَنادِ بھَوِشْیَنْتِ، بھُوِ سَرْوَّدیشِییاناں دُحکھَں چِنْتا چَ سِنْدھَو وِیچِیناں تَرْجَنَں گَرْجَنَنْچَ بھَوِشْیَنْتِ۔ | 25 |
ــ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىمۇ ئالامەتلەر بولىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئارىسىدا دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ۋە دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن پاراكەندىچىلىك بولىدۇ. |
بھُوبھَو بھاوِگھَٹَناں چِنْتَیِتْوا مَنُجا بھِیامرِتَکَلْپا بھَوِشْیَنْتِ، یَتو وْیومَمَنْڈَلے تیجَسْوِنو دولایَمانا بھَوِشْیَنْتِ۔ | 26 |
ئادەملەر قورقۇپ، يەر يۈزىگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ؛ چۈنكى ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. |
تَدا پَراکْرَمینا مَہاتیجَسا چَ میگھارُوڈھَں مَنُشْیَپُتْرَمْ آیانْتَں دْرَکْشْیَنْتِ۔ | 27 |
ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. |
کِنْتْویتاساں گھَٹَنانامارَمْبھے سَتِ یُویَں مَسْتَکانْیُتّولْیَ اُورْدَدھْوَں دْرَکْشْیَتھَ، یَتو یُشْماکَں مُکْتیح کالَح سَوِدھو بھَوِشْیَتِ۔ | 28 |
لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر. |
تَتَسْتینَیتَدرِشْٹانْتَکَتھا کَتھِتا، پَشْیَتَ اُڈُمْبَرادِورِکْشاناں | 29 |
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا بارلىق دەرەخلەرگە قاراڭلار. |
نَوِینَپَتْرانِ جاتانِیتِ درِشْٹْوا نِداوَکالَ اُپَسْتھِتَ اِتِ یَتھا یُویَں جْناتُں شَکْنُتھَ، | 30 |
ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بىخلانغاندا ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلار يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. |
تَتھا سَرْوّاساماساں گھَٹَنانامْ آرَمْبھے درِشْٹے سَتِیشْوَرَسْیَ راجَتْوَں نِکَٹَمْ اِتْیَپِ جْناسْیَتھَ۔ | 31 |
شۇنىڭدەك، بايا دېيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن قالغالنلىقىنى بىلىڭلار. |
یُشْمانَہَں یَتھارْتھَں وَدامِ، وِدْیَمانَلوکانامیشاں گَمَناتْ پُورْوَّمْ ایتانِ گھَٹِشْیَنْتے۔ | 32 |
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. |
نَبھوبھُوورْلوپو بھَوِشْیَتِ مَمَ واکْ تُ کَداپِ لُپْتا نَ بھَوِشْیَتِ۔ | 33 |
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. |
اَتَایوَ وِشَماشَنینَ پانینَ چَ ساںمارِکَچِنْتابھِشْچَ یُشْماکَں چِتّیشُ مَتّیشُ تَدِّنَمْ اَکَسْمادْ یُشْمانْ پْرَتِ یَتھا نوپَتِشْٹھَتِ تَدَرْتھَں سْویشُ ساوَدھاناسْتِشْٹھَتَ۔ | 34 |
ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن. |
پرِتھِوِیسْتھَسَرْوَّلوکانْ پْرَتِ تَدِّنَمْ اُنْماتھَ اِوَ اُپَسْتھاسْیَتِ۔ | 35 |
چۈنكى ئۇ گويا تۇزاقتەك بارلىق يەر يۈزىدە ھەربىر تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. |
یَتھا یُویَمْ ایتَدْبھاوِگھَٹَنا اُتَّرْتُّں مَنُجَسُتَسْیَ سَمُّکھے سَںسْتھاتُنْچَ یوگْیا بھَوَتھَ کارَنادَسْماتْ ساوَدھاناح سَنْتو نِرَنْتَرَں پْرارْتھَیَدھْوَں۔ | 36 |
شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. |
اَپَرَنْچَ سَ دِوا مَنْدِرَ اُپَدِشْیَ راچَے جَیتُنادْرِں گَتْواتِشْٹھَتْ۔ | 37 |
ئەمدى ئۇ كۈندۈزلىرى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغى دەپ ئاتالغان تاغدا ئۆتكۈزەتتى. |
تَتَح پْرَتْیُوشے لاکاسْتَتْکَتھاں شْروتُں مَنْدِرے تَدَنْتِکَمْ آگَچّھَنْ۔ | 38 |
ۋە بارلىق خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغىلى تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى. |