تَدانِیں لوکاح سَہَسْرَں سَہَسْرَمْ آگَتْیَ سَمُپَسْتھِتاسْتَتَ ایکَیکو نْییشامُپَرِ پَتِتُمْ اُپَچَکْرَمے؛ تَدا یِیشُح شِشْیانْ بَبھاشے، یُویَں پھِرُوشِناں کِنْوَرُوپَکاپَٹْیے وِشیشینَ ساوَدھاناسْتِشْٹھَتَ۔ | 1 |
شۇ چاغلاردا، مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك قىستا-قىستاڭ بولۇشۇپ كەتكەندە، ئۇ ئاۋۋال مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار. |
یَتو یَنَّ پْرَکاشَیِشْیَتے تَداچّھَنَّں وَسْتُ کِمَپِ ناسْتِ؛ تَتھا یَنَّ جْناسْیَتے تَدْ گُپْتَں وَسْتُ کِمَپِ ناسْتِ۔ | 2 |
چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ. |
اَنْدھَکارے تِشْٹھَنَتو یاح کَتھا اَکَتھَیَتَ تاح سَرْوّاح کَتھا دِیپْتَو شْروشْیَنْتے نِرْجَنے کَرْنے چَ یَدَکَتھَیَتَ گرِہَپرِشْٹھاتْ تَتْ پْرَچارَیِشْیَتے۔ | 3 |
شۇڭا سىلەرنىڭ قاراڭغۇدا ئېيتقانلىرىڭلار يورۇقتا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۆينىڭ ئىچكىرىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقانلىرىڭلارمۇ ئۆگزىلەردە جاكارلىنىدۇ. |
ہے بَنْدھَوو یُشْمانَہَں وَدامِ، یے شَرِیرَسْیَ ناشَں وِنا کِمَپْیَپَرَں کَرْتُّں نَ شَکْرُوَنْتِ تیبھْیو ما بھَیشْٹَ۔ | 4 |
مەن سىلەر دوستلىرىمغا شۇنى ئېيتىمەنكى، تەننى ئۆلتۈرۈپ، باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. |
تَرْہِ کَسْمادْ بھیتَوْیَمْ اِتْیَہَں وَدامِ، یَح شَرِیرَں ناشَیِتْوا نَرَکَں نِکْشیپْتُں شَکْنوتِ تَسْمادیوَ بھَیَں کُرُتَ، پُنَرَپِ وَدامِ تَسْمادیوَ بھَیَں کُرُتَ۔ (Geenna g1067) | 5 |
لېكىن مەن سىلەرگە كىمدىن قورقۇشۇڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي: ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغۇچىدىن قورقۇڭلار؛ بەرھەق سىلەرگە ئېيتاي ــ ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار! (Geenna g1067) |
پَنْچَ چَٹَکَپَکْشِنَح کِں دْوابھْیاں تامْرَکھَنْڈابھْیاں نَ وِکْرِییَنْتے؟ تَتھاپِیشْوَرَسْتیشامْ ایکَمَپِ نَ وِسْمَرَتِ۔ | 6 |
بەش قۇشقاچ ئىككى تىيىنگە سېتىلىدىغۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىمۇ خۇدا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالغىنى يوق. |
یُشْماکَں شِرَحکیشا اَپِ گَنِتاح سَنْتِ تَسْماتْ ما وِبھِیتَ بَہُچَٹَکَپَکْشِبھْیوپِ یُویَں بَہُمُولْیاح۔ | 7 |
لېكىن ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار؛ سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىن قىممەتلىكسىلەر! |
اَپَرَں یُشْمَبھْیَں کَتھَیامِ یَح کَشْچِنْ مانُشاناں ساکْشانْ ماں سْوِیکَروتِ مَنُشْیَپُتْرَ اِیشْوَرَدُوتاناں ساکْشاتْ تَں سْوِیکَرِشْیَتِ۔ | 8 |
ــ بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىم مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئۇنى خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. |
کِنْتُ یَح کَشْچِنْمانُشاناں ساکْشانْمامْ اَسْوِیکَروتِ تَمْ اِیشْوَرَسْیَ دُوتاناں ساکْشادْ اَہَمْ اَسْوِیکَرِشْیامِ۔ | 9 |
بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مېنى تونۇمىغان كىشى، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ تونۇلمايدۇ. |
اَنْیَچَّ یَح کَشْچِنْ مَنُجَسُتَسْیَ نِنْدابھاوینَ کانْچِتْ کَتھاں کَتھَیَتِ تَسْیَ تَتْپاپَسْیَ موچَنَں بھَوِشْیَتِ کِنْتُ یَدِ کَشْچِتْ پَوِتْرَمْ آتْمانَں نِنْدَتِ تَرْہِ تَسْیَ تَتْپاپَسْیَ موچَنَں نَ بھَوِشْیَتِ۔ | 10 |
ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغان ھەرقانداق كىشى كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى بولسا كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. |
یَدا لوکا یُشْمانْ بھَجَنَگیہَں وِچارَکَرْترِراجْیَکَرْترِناں سَمُّکھَنْچَ نیشْیَنْتِ تَدا کینَ پْرَکارینَ کِمُتَّرَں وَدِشْیَتھَ کِں کَتھَیِشْیَتھَ چیتْیَتْرَ ما چِنْتَیَتَ؛ | 11 |
لېكىن كىشىلەر سىلەرنى سىناگوگلارغا ياكى ھۆكۈمدارلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «[ئەرزگە] قانداق جاۋاب بەرسەم؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. |
یَتو یُشْمابھِرْیَدْ یَدْ وَکْتَوْیَں تَتْ تَسْمِنْ سَمَیَایوَ پَوِتْرَ آتْما یُشْمانْ شِکْشَیِشْیَتِ۔ | 12 |
چۈنكى نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ. |
تَتَح پَرَں جَنَتامَدھْیَسْتھَح کَشْچِجَّنَسْتَں جَگادَ ہے گُرو مَیا سَہَ پَیترِکَں دھَنَں وِبھَکْتُں مَمَ بھْراتَرَماجْناپَیَتُ بھَوانْ۔ | 13 |
كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، ئاكامغا [ئاتىمىزدىن] [قالغان] مىراسنى مەن بىلەن تەڭ ئۈلىشىشكە بۇيرۇغايلا ــ دېدى. |
کِنْتُ سَ تَمَوَدَتْ ہے مَنُشْیَ یُوَیو رْوِچارَں وِبھاگَنْچَ کَرْتُّں ماں کو نِیُکْتَوانْ؟ | 14 |
لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇرادەر، كىم مېنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا سوتچى ياكى ئۈلەشتۈرگۈچى قىلدى؟ ــ دېدى. |
اَنَنْتَرَں سَ لوکانَوَدَتْ لوبھے ساوَدھاناح سَتَرْکاشْچَ تِشْٹھَتَ، یَتو بَہُسَمْپَتِّپْراپْتْیا مَنُشْیَسْیایُ رْنَ بھَوَتِ۔ | 15 |
ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ: ــ پەخەس بولۇپ ئۆزۈڭلارنى ھەرخىل تاماخورلۇقتىن ساقلاڭلار. چۈنكى ئىنساننىڭ ھاياتى ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەستۇر، دېدى. |
پَشْچادْ درِشْٹانْتَکَتھامُتّھاپْیَ کَتھَیاماسَ، ایکَسْیَ دھَنِنو بھُومَو بَہُونِ شَسْیانِ جاتانِ۔ | 16 |
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: ــ «بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ. |
تَتَح سَ مَنَسا چِنْتَیِتْوا کَتھَیامْبَبھُووَ مَمَیتانِ سَمُتْپَنّانِ دْرَوْیانِ سْتھاپَیِتُں سْتھانَں ناسْتِ کِں کَرِشْیامِ؟ | 17 |
ئۇ كۆڭلىدە «قانداق قىلاي؟ چۈنكى بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويغۇدەك يېرىم يوق» ــ دەپ ئويلاپتۇ. |
تَتووَدَدْ اِتّھَں کَرِشْیامِ، مَمَ سَرْوَّبھانْڈاگارانِ بھَنْکْتْوا برِہَدْبھانْڈاگارانِ نِرْمّایَ تَنْمَدھْیے سَرْوَّپھَلانِ دْرَوْیانِ چَ سْتھاپَیِشْیامِ۔ | 18 |
ئاندۇن ئۇ: ــ «مۇنداق قىلاي: ــ ھازىرقى ئامبارلىرىمنى چۇۋۇۋېتىپ، تېخىمۇ چوڭىنى ياساپ، بارلىق مەھسۇلاتلىرىم ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە يىغىپ ساقلاي! |
اَپَرَں نِجَمَنو وَدِشْیامِ، ہے مَنو بَہُوَتْسَرارْتھَں نانادْرَوْیانِ سَنْچِتانِ سَنْتِ وِشْرامَں کُرُ بھُکْتْوا پِیتْوا کَوتُکَنْچَ کُرُ۔ کِنْتْوِیشْوَرَسْتَمْ اَوَدَتْ، | 19 |
ئاندىن ئۆز-ئۆزۈمگە: «ئەي جېنىم، يىغىپ ساقلىغان، كۆپ يىل يەتكۈدەك نېمەتلىرىڭ بار، راھەت ئىچىدە يەپ-ئىچىپ خۇش بولغىن!» دەيدىغان بولىمەن» دەپ ئويلاپتۇ. |
رے نِرْبودھَ اَدْیَ راتْرَو تَوَ پْراناسْتْوَتّو نیشْیَنْتے تَتَ ایتانِ یانِ دْرَوْیانِ تْوَیاسادِتانِ تانِ کَسْیَ بھَوِشْیَنْتِ؟ | 20 |
لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا: «ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا جېنىڭ سەندىن تەلەپ قىلىپ ئېلىنىدۇ؛ ئۇنداقتا بۇ توپلىغىنىڭ كىمگە قالىدۇ؟» دەپتۇ. |
اَتَایوَ یَح کَشْچِدْ اِیشْوَرَسْیَ سَمِیپے دھَنَسَنْچَیَمَکرِتْوا کیوَلَں سْوَنِکَٹے سَنْچَیَں کَروتِ سوپِ تادرِشَح۔ | 21 |
خۇدانىڭ ئالدىدا دۆلەتمەن بولماي، ئۆزىگە خەزىنە يىغقاننىڭ ھالى شۇنداق بولار». |
اَتھَ سَ شِشْییبھْیَح کَتھَیاماسَ، یُشْمانَہَں وَدامِ، کِں کھادِشْیامَح؟ کِں پَرِدھاسْیامَح؟ اِتْیُکْتْوا جِیوَنَسْیَ شَرِیرَسْیَ چارْتھَں چِنْتاں ما کارْشْٹَ۔ | 22 |
ئاندىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، تۇرمۇشۇڭلار توغرۇلۇق، نېمە يەرمىز ياكى نېمە كىيەرمىز، دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. |
بھَکْشْیاجِّیوَنَں بھُوشَناچّھَرِیرَنْچَ شْریشْٹھَں بھَوَتِ۔ | 23 |
چۈنكى ھاياتلىق يېمەكلىكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن ئەزىزدۇر. |
کاکَپَکْشِناں کارْیَّں وِچارَیَتَ، تے نَ وَپَنْتِ شَسْیانِ چَ نَ چھِنْدَنْتِ، تیشاں بھانْڈاگارانِ نَ سَنْتِ کوشاشْچَ نَ سَنْتِ، تَتھاپِیشْوَرَسْتیبھْیو بھَکْشْیانِ دَداتِ، یُویَں پَکْشِبھْیَح شْریشْٹھَتَرا نَ کِں؟ | 24 |
قۇزغۇنلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ ۋە يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. لېكىن خۇدا ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر قۇشلاردىن قانچىلىك ئەزىز-ھە! |
اَپَرَنْچَ بھاوَیِتْوا نِجایُشَح کْشَنَماتْرَں وَرْدّھَیِتُں شَکْنوتِ، ایتادرِشو لاکو یُشْماکَں مَدھْیے کوسْتِ؟ | 25 |
ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى بىرەر سائەت ئۇزارتالايسىلەر؟ |
اَتَایوَ کْشُدْرَں کارْیَّں سادھَیِتُمْ اَسَمَرْتھا یُویَمْ اَنْیَسْمِنْ کارْیّے کُتو بھاوَیَتھَ؟ | 26 |
ئەگەر شۇنچىلىك كىچىككىنە ئىشمۇ قولۇڭلاردىن كەلمىسە، نېمە ئۈچۈن قالغان ئىشلار توغرىسىدا غەم-ئەندىشە قىلىسىلەر؟ |
اَنْیَچَّ کامْپِلَپُشْپَں کَتھَں وَرْدّھَتے تَداپِ وِچارَیَتَ، تَتْ کَنْچَنَ شْرَمَں نَ کَروتِ تَنْتُوںشْچَ نَ جَنَیَتِ کِنْتُ یُشْمَبھْیَں یَتھارْتھَں کَتھَیامِ سُلیمانْ بَہْوَیشْوَرْیّانْوِتوپِ پُشْپَسْیاسْیَ سَدرِشو وِبھُوشِتو ناسِیتْ۔ | 27 |
نېلۇپەرلەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئەمگەكمۇ قىلمايدۇ، چاقمۇ ئېگىرمەيدۇ؛ لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا سۇلايمان تولۇق شان-شەرەپتە تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ كىيىنىشى نىلۇپەرلەنىڭ بىر گۈلىچىلىكىمۇ يوق ئىدى. |
اَدْیَ کْشیتْرے وَرْتَّمانَں شْوَشْچُولّیاں کْشیپْسْیَمانَں یَتْ ترِنَں، تَسْمَے یَدِیشْوَرَ اِتّھَں بھُوشَیَتِ تَرْہِ ہے اَلْپَپْرَتْیَیِنو یُشْمانَ کِں نَ پَرِدھاپَیِشْیَتِ؟ | 28 |
ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! ئەمدى خۇدا دالادىكى بۈگۈن ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا سېلىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى شۇنچە بېزىگەن يەردە، سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟! |
اَتَایوَ کِں کھادِشْیامَح؟ کِں پَرِدھاسْیامَح؟ ایتَدَرْتھَں ما چیشْٹَدھْوَں ما سَںدِگْدھْوَنْچَ۔ | 29 |
شۇنداق ئىكەن، نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز دەپ باش قاتۇرماڭلار، ھېچنېمىدىن ئەندىشە قىلماڭلار. |
جَگَتو دیوارْچَّکا ایتانِ سَرْوّانِ چیشْٹَنَتے؛ ایشُ وَسْتُشُ یُشْماکَں پْرَیوجَنَماسْتے اِتِ یُشْماکَں پِتا جاناتِ۔ | 30 |
چۈنكى ھەرقايسى ئەلدىكىلەر مانا شۇنداق ھەممە نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. بىراق ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ؛ |
اَتَایویشْوَرَسْیَ راجْیارْتھَں سَچیشْٹا بھَوَتَ تَتھا کرِتے سَرْوّانْییتانِ دْرَوْیانِ یُشْمَبھْیَں پْرَدایِشْیَنْتے۔ | 31 |
شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىنتىلىڭلار ۋە ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ. |
ہے کْشُدْرَمیشَوْرَجَ یُویَں ما بھَیشْٹَ یُشْمَبھْیَں راجْیَں داتُں یُشْماکَں پِتُح سَمَّتِرَسْتِ۔ | 32 |
قورقماڭلار، ئى كىچىك پادا! چۈنكى ئاتاڭلار پادىشاھلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلىشنى خۇش كۆردى. |
اَتَایوَ یُشْماکَں یا یا سَمْپَتِّرَسْتِ تاں تاں وِکْرِییَ وِتَرَتَ، یَتْ سْتھانَں چَورا ناگَچّھَنْتِ، کِیٹاشْچَ نَ کْشایَیَنْتِ تادرِشے سْوَرْگے نِجارْتھَمْ اَجَرے سَمْپُٹَکے کْشَیَں دھَنَں سَنْچِنُتَ چَ؛ | 33 |
مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، [كەمبەغەللەرگە] خەيرخاھلىق قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان، ئەرشلەردە ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدىغان بىر خەزىنە ھازىرلاڭلار؛ ــ شۇ يەردە ئوغرى يېقىن كەلمەيدۇ، كۈيە يەپ يوقاپ كەتمەيدۇ. |
یَتو یَتْرَ یُشْماکَں دھَنَں وَرْتَّتے تَتْریوَ یُشْماکَں مَنَح۔ | 34 |
چۈنكى بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. |
اَپَرَنْچَ یُویَں پْرَدِیپَں جْوالَیِتْوا بَدّھَکَٹَیَسْتِشْٹھَتَ؛ | 35 |
سىلەر بېلىڭلارنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىڭلارنى ياندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ |
پْرَبھُ رْوِواہاداگَتْیَ یَدَیوَ دْوارَماہَنْتِ تَدَیوَ دْوارَں موچَیِتُں یَتھا بھرِتْیا اَپیکْشْیَ تِشْٹھَنْتِ تَتھا یُویَمَپِ تِشْٹھَتَ۔ | 36 |
خۇددى خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئاچىدىغان بولىدۇ. |
یَتَح پْرَبھُراگَتْیَ یانْ داسانْ سَچیتَنانْ تِشْٹھَتو دْرَکْشْیَتِ تَایوَ دھَنْیاح؛ اَہَں یُشْمانْ یَتھارْتھَں وَدامِ پْرَبھُسْتانْ بھوجَنارْتھَمْ اُپَویشْیَ سْوَیَں بَدّھَکَٹِح سَمِیپَمیتْیَ پَرِویشَیِشْیَتِ۔ | 37 |
خوجايىن قايتىپ كەلگەندە، چاكارلىرىنىڭ ئويغاق، تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۆزى بېلىنى باغلاپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ شەخسەن ئۆزى ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ! |
یَدِ دْوِتِییے ترِتِییے وا پْرَہَرے سَماگَتْیَ تَتھَیوَ پَشْیَتِ، تَرْہِ تَایوَ داسا دھَنْیاح۔ | 38 |
ۋە ئەگەر خوجايىن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى جېسەكتە كەلسىمۇ، چاكارلىرىنىڭ شۇنداق ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەختىدۇر! |
اَپَرَنْچَ کَسْمِنْ کْشَنے چَورا آگَمِشْیَنْتِ اِتِ یَدِ گرِہَپَتِ رْجْناتُں شَکْنوتِ تَداوَشْیَں جاگْرَنْ نِجَگرِہے سَنْدھِں کَرْتَّیِتُں وارَیَتِ یُویَمیتَدْ وِتَّ۔ | 39 |
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىدە قايسى ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ ئويغاق تۇرۇپ ئوغرىنىڭ ئۆيگە تېشىپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايتتى! |
اَتَایوَ یُویَمَپِ سَجَّماناسْتِشْٹھَتَ یَتو یَسْمِنْ کْشَنے تَں ناپْریکْشَدھْوے تَسْمِنّیوَ کْشَنے مَنُشْیَپُتْرَ آگَمِشْیَتِ۔ | 40 |
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ ھەردائىم تەييار تۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان ۋاقىت-سائەتتە قايتىپ كېلىدۇ. |
تَدا پِتَرَح پَپْرَچّھَ، ہے پْرَبھو بھَوانْ کِمَسْمانْ اُدِّشْیَ کِں سَرْوّانْ اُدِّشْیَ درِشْٹانْتَکَتھامِماں وَدَتِ؟ | 41 |
پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن بۇ تەمسىلنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭمۇ ياكى ھەممەيلەنگە قارىتىپمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
تَتَح پْرَبھُح پْروواچَ، پْرَبھُح سَمُچِتَکالے نِجَپَرِوارارْتھَں بھوجْیَپَرِویشَنایَ یَں تَتْپَدے نِیوکْشْیَتِ تادرِشو وِشْواسْیو بودّھا کَرْمّادھِیشَح کوسْتِ؟ | 42 |
رەب مۇنداق دېدى: ــ خوجايىنى ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە مەسئۇل قىلىپ، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئاشلىقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە تەيىنلەيدىغان ئىشەنچلىك ۋە پەملىك غوجىدار كىم بولىدۇ؟ |
پْرَبھُراگَتْیَ یَمْ ایتادرِشے کَرْمَّنِ پْرَورِتَّں دْرَکْشْیَتِ سَایوَ داسو دھَنْیَح۔ | 43 |
خوجايىن ئۆيىگە قايتقاندا، چاكىرىنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە كەلسە، بۇ چاكارنىڭ بەختىدۇر! |
اَہَں یُشْمانْ یَتھارْتھَں وَدامِ سَ تَں نِجَسَرْوَّسْوَسْیادھِپَتِں کَرِشْیَتِ۔ | 44 |
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. |
کِنْتُ پْرَبھُرْوِلَمْبیناگَمِشْیَتِ، اِتِ وِچِنْتْیَ سَ داسو یَدِ تَدَنْیَداسِیداسانْ پْرَہَرْتُّمْ بھوکْتُں پاتُں مَدِتُنْچَ پْرارَبھَتے، | 45 |
لېكىن مۇبادا شۇ چاكار كۆڭلىدە: «خوجايىنىم ھايال بولۇپ قالىدۇ» دەپ، باشقا چاكارلار ۋە دېدەكلەرنى بوزەك قىلىشقا ۋە يەپ-ئىچىپ، مەست بولۇشقا باشلىسا، |
تَرْہِ یَدا پْرَبھُں ناپیکْشِشْیَتے یَسْمِنْ کْشَنے سوچیتَنَشْچَ سْتھاسْیَتِ تَسْمِنّیوَ کْشَنے تَسْیَ پْرَبھُراگَتْیَ تَں پَدَبھْرَشْٹَں کرِتْوا وِشْواسَہِینَیح سَہَ تَسْیَ اَںشَں نِرُوپَیِشْیَتِ۔ | 46 |
شۇ چاكارنىڭ خوجايىنى كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى كېسىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىردە بېكىتىدۇ. |
یو داسَح پْرَبھےراجْناں جْناتْواپِ سَجِّتو نَ تِشْٹھَتِ تَداجْنانُسارینَ چَ کارْیَّں نَ کَروتِ سونیکانْ پْرَہارانْ پْراپْسْیَتِ؛ | 47 |
ئەمدى خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەييارلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلمىغان چاكار بولۇشىغا تاياق يەيدۇ. |
کِنْتُ یو جَنوجْناتْوا پْرَہارارْہَں کَرْمَّ کَروتِ سولْپَپْرَہارانْ پْراپْسْیَتِ۔ یَتو یَسْمَے باہُلْیینَ دَتَّں تَسْمادیوَ باہُلْیینَ گْرَہِیشْیَتے، مانُشا یَسْیَ نِکَٹے بَہُ سَمَرْپَیَنْتِ تَسْمادْ بَہُ یاچَنْتے۔ | 48 |
بىراق خوجايىنىنىڭ ئىرادىسىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغان چاكار ئازراق تاياق يەيدۇ. كىمگە كۆپ بېرىلسە، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ئادەملەر كىمگە كۆپ ئامانەت قويغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ. |
اَہَں پرِتھِوْیامْ اَنَیکْیَرُوپَں وَہْنِ نِکْشیپْتُمْ آگَتوسْمِ، سَ چیدْ اِدانِیمیوَ پْرَجْوَلَتِ تَتْرَ مَمَ کا چِنْتا؟ | 49 |
مەن يەر يۈزىگە ئوت تاشلاپ تۇتاشتۇرۇشقا كەلدىم ۋە بۇ ئوتنىڭ تۇتىشىشىغا نەقەدەر تەقەززامەن! |
کِنْتُ یینَ مَجَّنیناہَں مَگْنو بھَوِشْیامِ یاوَتْکالَں تَسْیَ سِدّھِ رْنَ بھَوِشْیَتِ تاوَدَہَں کَتِکَشْٹَں پْراپْسْیامِ۔ | 50 |
لېكىن مەن ئالدى بىلەن بىر چۆمۈلدۈرۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشۈم كېرەك ۋە بۇ چۈمۈلدۈرۈلۈشۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە ئىنتايىن قىينىلىمەن! |
میلَنَں کَرْتُّں جَگَدْ آگَتوسْمِ یُویَں کِمِتّھَں بودھَدھْوے؟ یُشْمانْ وَدامِ نَ تَتھا، کِنْتْوَہَں میلَنابھاوَں کَرْتُّںمْ آگَتوسْمِ۔ | 51 |
سىلەر مېنى يەر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالدىڭلارمۇ؟ ياق، مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تىنچلىق ئەمەس، بۆلۈنۈش ئېلىپ كەلدىم! |
یَسْمادیتَتْکالَمارَبھْیَ ایکَتْرَسْتھَپَرِجَناناں مَدھْیے پَنْچَجَناح پرِتھَگْ بھُوتْوا تْرَیو جَنا دْوَیورْجَنَیوح پْرَتِکُولا دْوَو جَنَو چَ تْرَیاناں جَناناں پْرَتِکُولَو بھَوِشْیَنْتِ۔ | 52 |
چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئۆيدىكى بەش كىشى بۆلۈنىدۇ؛ ئۈچى ئىككىسىگە قارسى ۋە ئىككىسى ئۈچىگە قارشى بۆلۈنىدۇ. |
پِتا پُتْرَسْیَ وِپَکْشَح پُتْرَشْچَ پِتُ رْوِپَکْشو بھَوِشْیَتِ ماتا کَنْیایا وِپَکْشا کَنْیا چَ ماتُ رْوِپَکْشا بھَوِشْیَتِ، تَتھا شْوَشْرُورْبَدھْوا وِپَکْشا بَدھُوشْچَ شْوَشْرْوا وِپَکْشا بھَوِشْیَتِ۔ | 53 |
ئاتا ئوغلىغا ۋە ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا ۋە قىز ئانىسىغا، قېينئانا كېلىنىگە ۋە كېلىن قېينئانىسىغا قارشى تۇرىدۇ. |
سَ لوکیبھْیوپَرَمَپِ کَتھَیاماسَ، پَشْچِمَدِشِ میگھودْگَمَں درِشْٹْوا یُویَں ہَٹھادْ وَدَتھَ ورِشْٹِ رْبھَوِشْیَتِ تَتَسْتَتھَیوَ جایَتے۔ | 54 |
ئەيسا يەنە توپلاشقان ئادەملەرگە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر كۈنپېتىش تەرەپتىن بۇلۇتنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، دەرھال «يامغۇر ياغىدۇ» دەيسىلەر، ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. |
اَپَرَں دَکْشِنَتو وایَو واتِ سَتِ وَدَتھَ نِداگھو بھَوِشْیَتِ تَتَح سوپِ جایَتے۔ | 55 |
جەنۇب تەرەپتىن شامالنىڭ چىققىنىنى كۆرسەڭلار، «ھاۋا ئىسسىيدۇ» دەيسىلەر ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. |
رے رے کَپَٹِنَ آکاشَسْیَ بھُومْیاشْچَ لَکْشَنَں بودّھُں شَکْنُتھَ، | 56 |
ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر يەر بىلەن كۆكنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-يۇ، قانداقسىگە بۇ زاماننى پەرق ئېتەلمەيسىلەر؟! |
کِنْتُ کالَسْیاسْیَ لَکْشَنَں کُتو بودّھُں نَ شَکْنُتھَ؟ یُویَنْچَ سْوَیَں کُتو نَ نْیاشْیَں وِچارَیَتھَ؟ | 57 |
ئەمدى نېمىشقا قايسى ئىشلارنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ھۆكۈم قىلىپ باقمايسىلەر؟! |
اَپَرَنْچَ وِوادِنا سارْدّھَں وِچارَیِتُح سَمِیپَں گَچّھَنْ پَتھِ تَسْمادُدّھارَں پْراپْتُں یَتَسْوَ نوچیتْ سَ تْواں دھرِتْوا وِچارَیِتُح سَمِیپَں نَیَتِ۔ وِچارَیِتا یَدِ تْواں پْرَہَرْتُّح سَمِیپَں سَمَرْپَیَتِ پْرَہَرْتّا تْواں کارایاں بَدھْناتِ | 58 |
چۈنكى دەۋاگىرىڭ بىلەن بىرگە سوتچى ئالدىغا بارغىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يولدا كېتىۋاتقىنىڭدا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ دوست بولۇشقا ئىنتىلگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنى سوتچىغا، سوتچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرىدۇ ۋە گۇندىپاي سېنى زىندانغا تاشلايدۇ. |
تَرْہِ تْوامَہَں وَدامِ تْوَیا نِحشیشَں کَپَرْدَکیشُ نَ پَرِشودھِتیشُ تْوَں تَتو مُکْتِں پْراپْتُں نَ شَکْشْیَسِ۔ | 59 |
مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، [قەرزىڭنىڭ] ئەڭ ئاخىرقى بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، شۇ يەردىن ھەرگىز چىقالمايسەن. |