پْرَتْیُوشے یِیشُح پَنَرْمَنْدِرَمْ آگَچّھَتْ | 1 |
ئەيسا بولسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. |
تَتَح سَرْوّیشُ لوکیشُ تَسْیَ سَمِیپَ آگَتیشُ سَ اُپَوِشْیَ تانْ اُپَدیشْٹُمْ آرَبھَتَ۔ | 2 |
ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەنىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. |
تَدا اَدھْیاپَکاح پھِرُوشِنَنْچَ وْیَبھِچارَکَرْمَّنِ دھرِتَں سْتْرِیَمیکامْ آنِیَ سَرْوّیشاں مَدھْیے سْتھاپَیِتْوا وْیاہَرَنْ | 3 |
[شۇ چاغدا]، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، |
ہے گُرو یوشِتَمْ اِماں وْیَبھِچارَکَرْمَّ کُرْوّاناں لوکا دھرِتَوَنْتَح۔ | 4 |
ئىنىڭدىن: ــ ئۇستاز، بۇ ئايال دەل زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. |
ایتادرِشَلوکاح پاشاناگھاتینَ ہَنْتَوْیا اِتِ وِدھِرْمُوساوْیَوَسْتھاگْرَنْتھے لِکھِتوسْتِ کِنْتُ بھَوانْ کِمادِشَتِ؟ | 5 |
مۇسا [پەيغەمبەر] تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان. ئەمدى سەنچە، ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. |
تے تَمَپَوَدِتُں پَرِیکْشابھِپْرایینَ واکْیَمِدَمْ اَپرِچّھَنْ کِنْتُ سَ پْرَہْوِیبھُویَ بھُوماوَنْگَلْیا لیکھِتُمْ آرَبھَتَ۔ | 6 |
ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى. ئەمما ئەيسا ئېڭىشىپ، بارمىقى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. |
تَتَسْتَیح پُنَح پُنَح پرِشْٹَ اُتّھایَ کَتھِتَوانْ یُشْماکَں مَدھْیے یو جَنو نِرَپَرادھِی سَایوَ پْرَتھَمَمْ ایناں پاشانیناہَنْتُ۔ | 7 |
ئۇلار شۇ سوئالنى توختىماي سوراۋاتاتتى، ئۇ رۇسلىنىپ ئۇلارغا: ــ ئاراڭلاردىكى كىم گۇناھسىز بولسا، [بۇ] [ئايالغا] بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! ــ دېدى. |
پَشْچاتْ سَ پُنَشْچَ پْرَہْوِیبھُویَ بھُومَو لیکھِتُمْ آرَبھَتَ۔ | 8 |
ئاندىن ئۇ يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. |
تاں کَتھَں شْرُتْوا تے سْوَسْوَمَنَسِ پْرَبودھَں پْراپْیَ جْییشْٹھانُکْرَمَں ایکَیکَشَح سَرْوّے بَہِرَگَچّھَنْ تَتو یِیشُریکاکِی تَیَکْتّوبھَوَتْ مَدھْیَسْتھانے دَنْڈایَمانا سا یوشا چَ سْتھِتا۔ | 9 |
ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ [ھەممىسى] ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىرىدا ئەيسا ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. |
تَتْپَشْچادْ یِیشُرُتّھایَ تاں وَنِتاں وِنا کَمَپْیَپَرَں نَ وِلوکْیَ پرِشْٹَوانْ ہے وامے تَواپَوادَکاح کُتْرَ؟ کوپِ تْواں کِں نَ دَنْڈَیَتِ؟ | 10 |
ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، شۇ ئايالدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن: خانىم، ساڭا ھېلىقى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سېنى گۇناھقا بېكىتىدىغان ھېچكىم چىقمىدىمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، |
ساوَدَتْ ہے مَہیچّھَ کوپِ نَ تَدا یِیشُرَووچَتْ ناہَمَپِ دَنْڈَیامِ یاہِ پُنَح پاپَں ماکارْشِیح۔ | 11 |
ــ ھەزرەتلىرى، ھېچكىم چىقمىدى، ــ دېدى ئايال. ئەيسا: ــ مەنمۇ سېنى گۇناھقا بېكىتمەيمەن. بارغىن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە گۇناھ قىلمىغىن! ــ دېدى. |
تَتو یِیشُح پُنَرَپِ لوکیبھْیَ اِتّھَں کَتھَیِتُمْ آرَبھَتَ جَگَتوہَں جْیوتِحسْوَرُوپو یَح کَشْچِنْ مَتْپَشْچادَ گَچّھَتِ سَ تِمِرے نَ بھْرَمِتْوا جِیوَنَرُوپاں دِیپْتِں پْراپْسْیَتِ۔ | 12 |
شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: ــ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، ــ دېدى. |
تَتَح پھِرُوشِنووادِشُسْتْوَں سْوارْتھے سْوَیَں ساکْشْیَں دَداسِ تَسْماتْ تَوَ ساکْشْیَں گْراہْیَں نَ بھَوَتِ۔ | 13 |
پەرىسىيلەر: ــ سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گۇۋاھلىقىڭ راست ھېسابلانمايدۇ، ــ دېيىشتى. |
تَدا یِیشُح پْرَتْیُدِتَوانْ یَدْیَپِ سْوارْتھےہَں سْوَیَں ساکْشْیَں دَدامِ تَتھاپِ مَتْ ساکْشْیَں گْراہْیَں یَسْمادْ اَہَں کُتَ آگَتوسْمِ کْوَ یامِ چَ تَدَہَں جانامِ کِنْتُ کُتَ آگَتوسْمِ کُتْرَ گَچّھامِ چَ تَدْ یُویَں نَ جانِیتھَ۔ | 14 |
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ھەتتا مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بەرسەممۇ، گۇۋاھلىقىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن سىلەر قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىلەر. |
یُویَں لَوکِکَں وِچارَیَتھَ ناہَں کِمَپِ وِچارَیامِ۔ | 15 |
سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. |
کِنْتُ یَدِ وِچارَیامِ تَرْہِ مَمَ وِچارو گْرَہِیتَوْیو یَتوہَمْ ایکاکِی ناسْمِ پْریرَیِتا پِتا مَیا سَہَ وِدْیَتے۔ | 16 |
مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر؛ چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا [بۇ ئىشتا] مەن بىلەن بىللىدۇر. |
دْوَیو رْجَنَیوح ساکْشْیَں گْرَہَنِییَں بھَوَتِیتِ یُشْماکَں وْیَوَسْتھاگْرَنْتھے لِکھِتَمَسْتِ۔ | 17 |
سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. |
اَہَں سْوارْتھے سْوَیَں ساکْشِتْوَں دَدامِ یَشْچَ مَمَ تاتو ماں پْریرِتَوانْ سوپِ مَدَرْتھے ساکْشْیَں دَداتِ۔ | 18 |
راست، مەن ئۆزۈم توغرامدا ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتىمۇ مېنىڭ توغرامدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. |
تَدا تےپرِچّھَنْ تَوَ تاتَح کُتْرَ؟ تَتو یِیشُح پْرَتْیَوادِیدْ یُویَں ماں نَ جانِیتھَ مَتْپِتَرَنْچَ نَ جانِیتھَ یَدِ مامْ اَکْشاسْیَتَ تَرْہِ مَمَ تاتَمَپْیَکْشاسْیَتَ۔ | 19 |
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئاتاڭ قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى تونۇمايسىلەر. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، ــ دېدى. |
یِیشُ رْمَنْدِرَ اُپَدِشْیَ بھَنْڈاگارے کَتھا ایتا اَکَتھَیَتْ تَتھاپِ تَں پْرَتِ کوپِ کَرَں نودَتولَیَتْ۔ | 20 |
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە، سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېيتقانىدى. بىراق ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. |
تَتَح پَرَں یِیشُح پُنَرُدِتَوانْ اَدھُناہَں گَچّھامِ یُویَں ماں گَویشَیِشْیَتھَ کِنْتُ نِجَیح پاپَے رْمَرِشْیَتھَ یَتْ سْتھانَمْ اَہَں یاسْیامِ تَتْ سْتھانَمْ یُویَں یاتُں نَ شَکْشْیَتھَ۔ | 21 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا يەنە: مەن بۇ يەردىن كېتىمەن؛ سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن ئۆز گۇناھىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، ــ دېدى. |
تَدا یِہُودِییاح پْراووچَنْ کِمَیَمْ آتْمَگھاتَں کَرِشْیَتِ؟ یَتو یَتْ سْتھانَمْ اَہَں یاسْیامِ تَتْ سْتھانَمْ یُویَں یاتُں نَ شَکْشْیَتھَ اِتِ واکْیَں بْرَوِیتِ۔ | 22 |
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار: ــ ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگىنىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. |
تَتو یِیشُسْتیبھْیَح کَتھِتَوانْ یُویَمْ اَدھَحسْتھانِییا لوکا اَہَمْ اُورْدْوَّسْتھانِییَح یُویَمْ ایتَجَّگَتْسَمْبَنْدھِییا اَہَمْ ایتَجَّگَتْسَمْبَنْدھِییو نَ۔ | 23 |
ئەيسا ئۇلارغا: ــ سىلەر تۆۋەندىندۇرسىلەر، مەن يۇقىرىدىندۇرمەن. سىلەر بۇ دۇنيادىندۇرسىلەر، مەن بۇ دۇنيادىن ئەمەسمەن. |
تَسْماتْ کَتھِتَوانْ یُویَں نِجَیح پاپَے رْمَرِشْیَتھَ یَتوہَں سَ پُمانْ اِتِ یَدِ نَ وِشْوَسِتھَ تَرْہِ نِجَیح پاپَے رْمَرِشْیَتھَ۔ | 24 |
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، ــ دېدى. |
تَدا تے پرِچّھَنْ کَسْتْوَں؟ تَتو یِیشُح کَتھِتَوانْ یُشْماکَں سَنِّدھَو یَسْیَ پْرَسْتاوَمْ آ پْرَتھَماتْ کَرومِ سَایوَ پُرُشوہَں۔ | 25 |
سەن زادى كىم؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار. ئەيسا ئۇلارغا: ــ باشتا سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ. |
یُشْماسُ مَیا بَہُواکْیَں وَکْتَّوْیَں وِچارَیِتَوْیَنْچَ کِنْتُ مَتْپْریرَیِتا سَتْیَوادِی تَسْیَ سَمِیپے یَدَہَں شْرُتَوانْ تَدیوَ جَگَتے کَتھَیامِ۔ | 26 |
ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن، ــ دېدى. |
کِنْتُ سَ جَنَکے واکْیَمِدَں پْروکْتَّوانْ اِتِ تے نابُدھْیَنْتَ۔ | 27 |
ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى. |
تَتو یِیشُرَکَتھَیَدْ یَدا مَنُشْیَپُتْرَمْ اُورْدْوَّ اُتّھاپَیِشْیَتھَ تَداہَں سَ پُمانْ کیوَلَح سْوَیَں کِمَپِ کَرْمَّ نَ کَرومِ کِنْتُ تاتو یَتھا شِکْشَیَتِ تَدَنُسارینَ واکْیَمِدَں وَدامِیتِ چَ یُویَں جْناتُں شَکْشْیَتھَ۔ | 28 |
شۇڭا ئەيسا مۇنداق دېدى: سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر ۋە شۇنداقلا ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى، پەقەت ئاتىنىڭ ماڭا ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر. |
مَتْپْریرَیِتا پِتا مامْ ایکاکِنَں نَ تْیَجَتِ سَ مَیا سارْدّھَں تِشْٹھَتِ یَتوہَں تَدَبھِمَتَں کَرْمَّ سَدا کَرومِ۔ | 29 |
مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ئەسلا يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. |
تَدا تَسْیَیتانِ واکْیانِ شْرُتْوا بَہُوَسْتاسْمِنْ وْیَشْوَسَنْ۔ | 30 |
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. |
یے یِہُودِییا وْیَشْوَسَنْ یِیشُسْتیبھْیوکَتھَیَتْ | 31 |
ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: ــ ئەگەر مېنىڭ سۆز-كالامىمدىن چىقماي تۇرساڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي مۇخلىسلىرىم بولغان بولىسىلەر، |
مَمَ واکْیے یَدِ یُویَمْ آسْتھاں کُرُتھَ تَرْہِ مَمَ شِشْیا بھُوتْوا سَتْیَتْوَں جْناسْیَتھَ تَتَح سَتْیَتَیا یُشْماکَں موکْشو بھَوِشْیَتِ۔ | 32 |
ۋە ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ــ دېدى. |
تَدا تے پْرَتْیَوادِشُح وَیَمْ اِبْراہِیمو وَںشَح کَداپِ کَسْیاپِ داسا نَ جاتاسْتَرْہِ یُشْماکَں مُکْتِّ رْبھَوِشْیَتِیتِ واکْیَں کَتھَں بْرَوِیشِ؟ | 33 |
ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز ئىبراھىمنىڭ نەسلىمىز، ــ ھېچقاچان ھېچكىمنىڭ قۇللۇقىدا بولمىدۇق. سەن قانداقسىگە: ئازادلىققا ئېرىشسىلەر، دەيسەن؟ ــ دېدى. |
تَدا یِیشُح پْرَتْیَوَدَدْ یُشْمانَہَں یَتھارْتھَتَرَں وَدامِ یَح پاپَں کَروتِ سَ پاپَسْیَ داسَح۔ | 34 |
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر. |
داسَشْچَ نِرَنْتَرَں نِویشَنے نَ تِشْٹھَتِ کِنْتُ پُتْرو نِرَنْتَرَں تِشْٹھَتِ۔ (aiōn g165) | 35 |
قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ. (aiōn g165) |
اَتَح پُتْرو یَدِ یُشْمانْ موچَیَتِ تَرْہِ نِتانْتَمیوَ مُکْتّا بھَوِشْیَتھَ۔ | 36 |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر. |
یُیَمْ اِبْراہِیمو وَںشَ اِتْیَہَں جانامِ کِنْتُ مَمَ کَتھا یُشْماکَمْ اَنْتَحکَرَنیشُ سْتھانَں نَ پْراپْنُوَنْتِ تَسْمادّھیتو رْماں ہَنْتُمْ اِیہَدھْوے۔ | 37 |
سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ سۆزۈم ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى. |
اَہَں سْوَپِتُح سَمِیپے یَدَپَشْیَں تَدیوَ کَتھَیامِ تَتھا یُویَمَپِ سْوَپِتُح سَمِیپے یَدَپَشْیَتَ تَدیوَ کُرُدھْوے۔ | 38 |
مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر! |
تَدا تے پْرَتْیَووچَنْ اِبْراہِیمْ اَسْماکَں پِتا تَتو یِیشُرَکَتھَیَدْ یَدِ یُویَمْ اِبْراہِیمَح سَنْتانا اَبھَوِشْیَتَ تَرْہِ اِبْراہِیمَ آچارَنَوَدْ آچَرِشْیَتَ۔ | 39 |
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىزنىڭ ئاتىمىز ئىبراھىمدۇر، ــ دېدى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەگەر ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار! |
اِیشْوَرَسْیَ مُکھاتْ سَتْیَں واکْیَں شْرُتْوا یُشْمانْ جْناپَیامِ یوہَں تَں ماں ہَنْتُں چیشْٹَدھْوے اِبْراہِیمْ ایتادرِشَں کَرْمَّ نَ چَکارَ۔ | 40 |
بىراق ھازىر ئەكسىچە مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە قەستلەيسىلەر. ئىبراھىم ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان. |
یُویَں سْوَسْوَپِتُح کَرْمّانِ کُرُتھَ تَدا تَیرُکْتَّں نَ وَیَں جارَجاتا اَسْماکَمْ ایکَایوَ پِتاسْتِ سَ ایویشْوَرَح | 41 |
سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! ــ دېدى. ــ بىز ھارامدىن بولغان ئەمەسمىز! بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! ــ دېيىشتى ئۇلار. |
تَتو یِیشُنا کَتھِتَمْ اِیشْوَرو یَدِ یُشْماکَں تاتوبھَوِشْیَتْ تَرْہِ یُویَں مَیِ پْریماکَرِشْیَتَ یَتوہَمْ اِیشْوَرانِّرْگَتْیاگَتوسْمِ سْوَتو ناگَتوہَں سَ ماں پْراہِنوتْ۔ | 42 |
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ، بۇ يەرگە كەلدىم. مەن ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن. |
یُویَں مَمَ واکْیَمِدَں نَ بُدھْیَدھْوے کُتَح؟ یَتو یُویَں مَموپَدیشَں سوڈھُں نَ شَکْنُتھَ۔ | 43 |
سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ! |
یُویَں شَیتانْ پِتُح سَنْتانا ایتَسْمادْ یُشْماکَں پِتُرَبھِلاشَں پُورَیَتھَ سَ آ پْرَتھَماتْ نَرَگھاتِی تَدَنْتَح سَتْیَتْوَسْیَ لیشوپِ ناسْتِ کارَنادَتَح سَ سَتْیَتایاں ناتِشْٹھَتْ سَ یَدا مرِشا کَتھَیَتِ تَدا نِجَسْوَبھاوانُسارینَیوَ کَتھَیَتِ یَتو سَ مرِشابھاشِی مرِشوتْپادَکَشْچَ۔ | 44 |
سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر. |
اَہَں تَتھْیَواکْیَں وَدامِ کارَنادَسْمادْ یُویَں ماں نَ پْرَتِیتھَ۔ | 45 |
لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. |
مَیِ پاپَمَسْتِیتِ پْرَمانَں یُشْماکَں کو داتُں شَکْنوتِ؟ یَدْیَہَں تَتھْیَواکْیَں وَدامِ تَرْہِ کُتو ماں نَ پْرَتِتھَ؟ | 46 |
قايسىڭلار مېنى گۇناھى بار دەپ دەلىللىيەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟ |
یَح کَشْچَنَ اِیشْوَرِییو لوکَح سَ اِیشْوَرِییَکَتھایاں مَنو نِدھَتّے یُویَمْ اِیشْوَرِییَلوکا نَ بھَوَتھَ تَنِّداناتْ تَتْرَ نَ مَناںسِ نِدھَدْوے۔ | 47 |
خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر! |
تَدا یِہُودِییاح پْرَتْیَوادِشُح تْوَمیکَح شومِرونِییو بھُوتَگْرَسْتَشْچَ وَیَں کِمِدَں بھَدْرَں ناوادِشْمَ؟ | 48 |
يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن دېگىنىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. |
تَتو یِیشُح پْرَتْیَوادِیتْ ناہَں بھُوتَگْرَسْتَح کِنْتُ نِجَتاتَں سَمَّنْیے تَسْمادْ یُویَں مامْ اَپَمَنْیَدھْوے۔ | 49 |
ئەيسا جاۋابەن: ــ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، بەلكى مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر. |
اَہَں سْوَسُکھْیاتِں نَ چیشْٹے کِنْتُ چیشْٹِتا وِچارَیِتا چاپَرَ ایکَ آسْتے۔ | 50 |
مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئىزدىمەيمەن؛ لېكىن بۇنى ئىزدىگۈچى ھەم [ئۇنىڭ ئۈستىدىن] ھۆكۈم قىلغۇچى بىرسى بار. |
اَہَں یُشْمَبھْیَمْ اَتِیوَ یَتھارْتھَں کَتھَیامِ یو نَرو مَدِییَں واچَں مَنْیَتے سَ کَداچَنَ نِدھَنَں نَ دْرَکْشْیَتِ۔ (aiōn g165) | 51 |
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ. (aiōn g165) |
یِہُودِییاسْتَمَوَدَنْ تْوَں بھُوتَگْرَسْتَ اِتِیدانِیمْ اَوَیشْمَ۔ اِبْراہِیمْ بھَوِشْیَدْوادِنَنْچَ سَرْوّے مرِتاح کِنْتُ تْوَں بھاشَسے یو نَرو مَمَ بھارَتِیں گرِہْلاتِ سَ جاتُ نِدھاناسْوادَں نَ لَپْسْیَتے۔ (aiōn g165) | 52 |
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا: ــ ساڭا دەرۋەقە جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق! ھەتتا [ھەزرىتى] ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقسىگە: «مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم تېتىمايدۇ» دەيسەن؟ (aiōn g165) |
تَرْہِ تْوَں کِمْ اَسْماکَں پُورْوَّپُرُشادْ اِبْراہِیموپِ مَہانْ؟ یَسْماتْ سوپِ مرِتَح بھَوِشْیَدْوادِنوپِ مرِتاح تْوَں سْوَں کَں پُماںسَں مَنُشے؟ | 53 |
ئەجەبا، سەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ئۇلۇغمۇسەن؟ ئۇ ئۆلدى، پەيغەمبەرلەر ھەم ئۆلدى!؟ سەن ئۆزۈڭنى كىم قىلماقچىسەن؟ |
یِیشُح پْرَتْیَووچَدْ یَدْیَہَں سْوَں سْوَیَں سَمَّنْیے تَرْہِ مَمَ تَتْ سَمَّنَنَں کِمَپِ نَ کِنْتُ مَمَ تاتو یَں یُویَں سْوِییَمْ اِیشْوَرَں بھاشَدھْوے سَایوَ ماں سَمَّنُتے۔ | 54 |
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر. |
یُویَں تَں ناوَگَچّھَتھَ کِنْتْوَہَں تَمَوَگَچّھامِ تَں ناوَگَچّھامِیتِ واکْیَں یَدِ وَدامِ تَرْہِ یُویَمِوَ مرِشابھاشِی بھَوامِ کِنْتْوَہَں تَمَوَگَچّھامِ تَداکْشامَپِ گرِہْلامِ۔ | 55 |
سىلەر ئۇنى تونۇمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولاتتىم؛ بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تۇتىمەن. |
یُشْماکَں پُورْوَّپُرُشَ اِبْراہِیمْ مَمَ سَمَیَں دْرَشْٹُمْ اَتِیواوانْچھَتْ تَنِّرِیکْشْیانَنْدَچَّ۔ | 56 |
ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى ھەم دەرۋەقە ئۇنى ئالدىنئالا كۆرۈپ شادلاندى. |
تَدا یِہُودِییا اَپرِچّھَنْ تَوَ وَیَح پَنْچاشَدْوَتْسَرا نَ تْوَں کِمْ اِبْراہِیمَمْ اَدْراکْشِیح؟ | 57 |
ــ سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، ئىبراھىمنى كۆردۈڭمۇ؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. |
یِیشُح پْرَتْیَوادِیدْ یُشْمانَہَں یَتھارْتھَتَرَں وَدامِ اِبْراہِیمو جَنْمَنَح پُورْوَّکالَمارَبھْیاہَں وِدْیے۔ | 58 |
ئەيسا ئۇلارغا: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا، مەن بار بولغۇچىدۇرمەن! ــ دېدى. |
تَدا تے پاشانانْ اُتّولْیَ تَماہَنْتُمْ اُدَیَچّھَنْ کِنْتُ یِیشُ رْگُپْتو مَنْتِرادْ بَہِرْگَتْیَ تیشاں مَدھْیینَ پْرَسْتھِتَوانْ۔ | 59 |
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلغىلى قوللىرىغا يەردىن تاش ئالدى؛ لېكىن ئەيسا ئۇلارغا كۆرۈنمەي، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى. |