پِیلاتو یِیشُمْ آنِییَ کَشَیا پْراہارَیَتْ۔ | 1 |
شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى. |
پَشْچاتْ سیناگَنَح کَنْٹَکَنِرْمِّتَں مُکُٹَں تَسْیَ مَسْتَکے سَمَرْپْیَ وارْتّاکِیوَرْنَں راجَپَرِچّھَدَں پَرِدھاپْیَ، | 2 |
لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا [شاھانە] سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيدۈرۈپ، |
ہے یِہُودِییاناں راجَنْ نَمَسْکارَ اِتْیُکْتْوا تَں چَپیٹیناہَنْتُمْ آرَبھَتَ۔ | 3 |
ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قايتا-قايتا كاچات سالدى. |
تَدا پِیلاتَح پُنَرَپِ بَہِرْگَتْوا لوکانْ اَوَدَتْ، اَسْیَ کَمَپْیَپَرادھَں نَ لَبھےہَں، پَشْیَتَ تَدْ یُشْمانْ جْناپَیِتُں یُشْماکَں سَنِّدھَو بَہِرینَمْ آنَیامِ۔ | 4 |
پىلاتۇس بولسا يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا: ــ مانا! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقتىم، ــ دېدى. |
تَتَح پَرَں یِیشُح کَنْٹَکَمُکُٹَوانْ وارْتّاکِیوَرْنَوَسَنَواںشْچَ بَہِراگَچّھَتْ۔ تَتَح پِیلاتَ اُکْتَوانْ اینَں مَنُشْیَں پَشْیَتَ۔ | 5 |
بۇنىڭ بىلەن ئەيسا بېشىغا تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىغا سۆسۈن تون كىيگۈزۈلگەن ھالدا تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە! ــ دېدى. |
تَدا پْرَدھانَیاجَکاح پَداتَیَشْچَ تَں درِشْٹْوا، اینَں کْرُشے وِدھَ، اینَں کْرُشے وِدھَ، اِتْیُکْتْوا رَوِتُں آرَبھَنْتَ۔ تَتَح پِیلاتَح کَتھِتَوانْ یُویَں سْوَیَمْ اینَں نِیتْوا کْرُشے وِدھَتَ، اَہَمْ ایتَسْیَ کَمَپْیَپَرادھَں نَ پْراپْتَوانْ۔ | 6 |
باش كاھىنلار ۋە قاراۋۇللار ئۇنى كۆرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلەڭ، كرېستلەڭ! ــ دەپ ۋارقىراشتى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈڭلار كرېستلەڭلار! چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! ــ دېدى. |
یِہُودِییاح پْرَتْیَوَدَنْ اَسْماکَں یا وْیَوَسْتھاسْتے تَدَنُساریناسْیَ پْرانَہَنَنَمْ اُچِتَں یَتویَں سْوَمْ اِیشْوَرَسْیَ پُتْرَمَوَدَتْ۔ | 7 |
يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنىمىزغا ئاساسەن ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىۋالدى. |
پِیلاتَ اِماں کَتھاں شْرُتْوا مَہاتْراسَیُکْتَح | 8 |
پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ، |
سَنْ پُنَرَپِ راجَگرِہَ آگَتْیَ یِیشُں پرِشْٹَوانْ تْوَں کُتْرَتْیو لوکَح؟ کِنْتُ یِیشَسْتَسْیَ کِمَپِ پْرَتْیُتَّرَں ناوَدَتْ۔ | 9 |
يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسادىن: ــ سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. |
۱ تَتَح پِیلاتْ کَتھِتَوانَ تْوَں کِں مَیا سارْدّھَں نَ سَںلَپِشْیَسِ ؟ تْواں کْرُشے ویدھِتُں وا موچَیِتُں شَکْتِ رْمَماسْتے اِتِ کِں تْوَں نَ جاناسِ ؟ تَدا یِیشُح پْرَتْیَوَدَدْ اِیشْوَرینادَں مَموپَرِ تَوَ کِمَپْیَدھِپَتِتْوَں نَ وِدْیَتے، تَتھاپِ یو جَنو ماں تَوَ ہَسْتے سَمارْپَیَتْ تَسْیَ مَہاپاتَکَں جاتَمْ۔ | 10 |
شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بارلىقىنى، شۇنداقلا كرېستلەشكىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ ــ دېدى. |
تَدا یِیشُح پْرَتْیَوَدَدْ اِیشْوَرینادَتَّں مَموپَرِ تَوَ کِمَپْیَدھِپَتِتْوَں نَ وِدْیَتے، تَتھاپِ یو جَنو ماں تَوَ ہَسْتے سَمارْپَیَتْ تَسْیَ مَہاپاتَکَں جاتَمْ۔ | 11 |
ئەيسا جاۋابەن: ــ ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، ــ دېدى. |
تَدارَبھْیَ پِیلاتَسْتَں موچَیِتُں چیشْٹِتَوانْ کِنْتُ یِہُودِییا رُوَنْتو وْیاہَرَنْ یَدِیمَں مانَوَں تْیَجَسِ تَرْہِ تْوَں کَیسَرَسْیَ مِتْرَں نَ بھَوَسِ، یو جَنَح سْوَں راجانَں وَکْتِ سَایوَ کَیمَرَسْیَ وِرُدّھاں کَتھاں کَتھَیَتِ۔ | 12 |
شۇ چاغدىن تارتىپ، پىلاتۇس ئۇنى قويۇۋېتىشكە ئامال ئىزدەيتتى. لېكىن يەھۇدىيلار ۋارقىرىشىپ: ــ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، سىز قەيسەرنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! ئۆزىنى پادىشاھ دېگەن ھەربىر كىشى قەيسەرگە قارشى چىققان بولىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى. |
ایتاں کَتھاں شْرُتْوا پِیلاتو یِیشُں بَہِرانِییَ نِسْتاروتْسَوَسْیَ آسادَنَدِنَسْیَ دْوِتِییَپْرَہَراتْ پُورْوَّں پْرَسْتَرَبَنْدھَنَنامْنِ سْتھانے رْتھاتْ اِبْرِییَبھاشَیا یَدْ گَبِّتھا کَتھْیَتے تَسْمِنْ سْتھانے وِچاراسَنَ اُپاوِشَتْ۔ | 13 |
پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش تاختايلىق ھويلا» دەپ ئاتالغان، ئىبرانىي تىلىدا «گابباتا» دەپ ئاتالغان يەردە «سوراق تەختى»گە ئولتۇردى |
اَنَنْتَرَں پِیلاتو یِہُودِییانْ اَوَدَتْ، یُشْماکَں راجانَں پَشْیَتَ۔ | 14 |
(ئۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى). پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا: مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇر! ــ دېدى. |
کِنْتُ اینَں دُورِیکُرُ، اینَں دُورِیکُرُ، اینَں کْرُشے وِدھَ، اِتِ کَتھاں کَتھَیِتْوا تے رَوِتُمْ آرَبھَنْتَ؛ تَدا پِیلاتَح کَتھِتَوانْ یُشْماکَں راجانَں کِں کْرُشے ویدھِشْیامِ؟ پْرَدھانَیاجَکا اُتَّرَمْ اَوَدَنْ کَیسَرَں وِنا کوپِ راجاسْماکَں ناسْتِ۔ | 15 |
لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: ــ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! ــ دېدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ ــ دېدى. باش كاھىنلار جاۋابەن: ــ قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! ــ دەپ [توۋلاشتى]. بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. |
تَتَح پِیلاتو یِیشُں کْرُشے ویدھِتُں تیشاں ہَسْتیشُ سَمارْپَیَتْ، تَتَسْتے تَں دھرِتْوا نِیتَوَنْتَح۔ | 16 |
[لەشكەرلەر] ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. |
تَتَح پَرَں یِیشُح کْرُشَں وَہَنْ شِرَحکَپالَمْ اَرْتھادْ یَدْ اِبْرِییَبھاشَیا گُلْگَلْتاں وَدَنْتِ تَسْمِنْ سْتھانَ اُپَسْتھِتَح۔ | 17 |
تَتَسْتے مَدھْیَسْتھانے تَں تَسْیوبھَیَپارْشْوے دْواوَپَرَو کْرُشےوِدھَنْ۔ | 18 |
ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە يەنە ئىككى كىشى بىلەن تەڭ كرېستكە تارتتى؛ بۇ تەرىپىدە بىرسى، ئۇ تەرىپىدە بىرسى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كرېستكە تارتىلدى. |
اَپَرَمْ ایشَ یِہُودِییاناں راجا ناسَرَتِییَیِیشُح، اِتِ وِجْناپَنَں لِکھِتْوا پِیلاتَسْتَسْیَ کْرُشوپَرِ سَمَیوجَیَتْ۔ | 19 |
پىلاتۇس تاختىغا ئېلان يېزىپ كرېستكە بېكىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا: ــ «ناسارەتلىك ئەيسا ــ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. |
سا لِپِح اِبْرِییَیُونانِییَرومِییَبھاشابھِ رْلِکھِتا؛ یِیشوح کْرُشَویدھَنَسْتھانَں نَگَرَسْیَ سَمِیپَں، تَسْمادْ بَہَوو یِہُودِییاسْتاں پَٹھِتُمْ آرَبھَنْتَ۔ | 20 |
ئەيسا كرېستلىنىدىغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغاچقا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇدى. تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە يېزىقتا يېزىلغانىدى. |
یِہُودِییاناں پْرَدھانَیاجَکاح پِیلاتَمِتِ نْیَویدَیَنْ یِہُودِییاناں راجیتِ واکْیَں نَ کِنْتُ ایشَ سْوَں یِہُودِییاناں راجانَمْ اَوَدَدْ اِتّھَں لِکھَتُ۔ | 21 |
شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ باش كاھىنلىرى پىلاتۇسقا: ــ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ، بەلكى «ئۇ ئۆزىنى مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دېگەن» دەپ يېزىڭ، ــ دېيىشتى. |
تَتَح پِیلاتَ اُتَّرَں دَتَّوانْ یَلّیکھَنِییَں تَلِّکھِتَوانْ۔ | 22 |
بىراق پىلاتۇس جاۋابەن: ــ يازىدىغاننى يېزىپ بولدۇم! ــ دېدى. |
اِتّھَں سیناگَنو یِیشُں کْرُشے وِدھِتْوا تَسْیَ پَرِدھییَوَسْتْرَں چَتُرو بھاگانْ کرِتْوا ایکَیکَسینا ایکَیکَبھاگَمْ اَگرِہْلَتْ تَسْیوتَّرِییَوَسْتْرَنْچاگرِہْلَتْ۔ کِنْتُوتَّرِییَوَسْتْرَں سُوچِسیوَنَں وِنا سَرْوَّمْ اُوتَں۔ | 23 |
لەشكەرلەر ئەيسانى كرېستلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىر لەشكەر بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى؛ ئۇلار ھەم ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى؛ لېكىن بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن، ئۈستىدىن ئايىغىغىچە بىر پۈتۈن توقۇلغانىدى. |
تَسْماتّے وْیاہَرَنْ ایتَتْ کَح پْراپْسْیَتِ؟ تَنَّ کھَنْڈَیِتْوا تَتْرَ گُٹِکاپاتَں کَرَوامَ۔ وِبھَجَنْتےدھَرِییَں مے وَسَنَں تے پَرَسْپَرَں۔ مَموتَّرِییَوَسْتْرارْتھَں گُٹِکاں پاتَیَنْتِ چَ۔ اِتِ یَدْواکْیَں دھَرْمَّپُسْتَکے لِکھِتَماسْتے تَتْ سیناگَنینیتّھَں وْیَوَہَرَناتْ سِدّھَمَبھَوَتْ۔ | 24 |
شۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەرلەر بىر-بىرىگە: ــ بۇنى يىرتمايلى، بەلكى چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، ــ دېيىشتى. بۇ ئىشلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن يۈز بەردى: ــ «ئۇلار مېنىڭ كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتى، مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى». دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى. |
تَدانِیں یِیشو رْماتا ماتُ رْبھَگِنِی چَ یا کْلِیَپا بھارْیّا مَرِیَمْ مَگْدَلِینِی مَرِیَمْ چَ ایتاسْتَسْیَ کْرُشَسْیَ سَنِّدھَو سَمَتِشْٹھَنْ۔ | 25 |
ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى. |
تَتو یِیشُح سْوَماتَرَں پْرِیَتَمَشِشْیَنْچَ سَمِیپے دَنْڈایَمانَو وِلوکْیَ ماتَرَمْ اَوَدَتْ، ہے یوشِدْ اینَں تَوَ پُتْرَں پَشْیَ، | 26 |
ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا: ــ ئى خانىم، مانا سېنىڭ ئوغلۇڭ! ــ دېدى. |
شِشْیَنْتْوَوَدَتْ، ایناں تَوَ ماتَرَں پَشْیَ۔ تَتَح سَ شِشْیَسْتَدْگھَٹِکایاں تاں نِجَگرِہَں نِیتَوانْ۔ | 27 |
ئاندىن ئۇ بۇ مۇخلىسقا: ــ مانا سېنىڭ ئاناڭ! ــ دېدى. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ مۇخلىس ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى. |
اَنَنْتَرَں سَرْوَّں کَرْمّادھُنا سَمْپَنَّمَبھُوتْ یِیشُرِتِ جْناتْوا دھَرْمَّپُسْتَکَسْیَ وَچَنَں یَتھا سِدّھَں بھَوَتِ تَدَرْتھَمْ اَکَتھَیَتْ مَمَ پِپاسا جاتا۔ | 28 |
ئاندىن ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن): ــ ئۇسساپ كەتتىم! ــ دېدى. |
تَتَسْتَسْمِنْ سْتھانے اَمْلَرَسینَ پُورْنَپاتْرَسْتھِتْیا تے سْپَنْجَمیکَں تَدَمْلَرَسینارْدْرِیکرِتْیَ ایسوبْنَلے تَدْ یوجَیِتْوا تَسْیَ مُکھَسْیَ سَنِّدھاوَسْتھاپَیَنْ۔ | 29 |
ئۇ يەردە سىركە شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كوزا بار ئىدى. ئۇلار بىر پارچە بۇلۇتنى سىركە شارابقا چىلاپ، بىر لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ئەيسانىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى. |
تَدا یِیشُرَمْلَرَسَں گرِہِیتْوا سَرْوَّں سِدّھَمْ اِتِ کَتھاں کَتھَیِتْوا مَسْتَکَں نَمَیَنْ پْرانانْ پَرْیَّتْیَجَتْ۔ | 30 |
ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن: ــ تامام بولدى! ــ دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى. |
تَدْوِنَمْ آسادَنَدِنَں تَسْماتْ پَرےہَنِ وِشْرامَوارے دیہا یَتھا کْرُشوپَرِ نَ تِشْٹھَنْتِ، یَتَح سَ وِشْرامَوارو مَہادِنَماسِیتْ، تَسْمادْ یِہُودِییاح پِیلاتَنِکَٹَں گَتْوا تیشاں پادَبھَنْجَنَسْیَ سْتھانانْتَرَنَیَنَسْیَ چانُمَتِں پْرارْتھَیَنْتَ۔ | 31 |
ئۇ كۈنى [ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ] تەييارلىق كۈنى بولغاچقا، كرېستلەنگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى شابات كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇرماسلىق ئۈچۈن (شابات كۈنى «ئۇلۇغ كۈن» ھېسابلانغاچقا) يەھۇدىيلار پىلاتۇستىن كرېستلەنگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى چېقىپ ئاندىن جەسەتلىرىنى كرېستتىن تېزرەك چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. |
اَتَح سینا آگَتْیَ یِیشُنا سَہَ کْرُشے ہَتَیوح پْرَتھَمَدْوِتِییَچورَیوح پادانْ اَبھَنْجَنْ؛ | 32 |
شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بېرىپ ئەيسا بىلەن بىللە كرېستلەنگەن بىرىنچى ئاندىن ئىككىنچى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چاقتى. |
کِنْتُ یِیشوح سَنِّدھِں گَتْوا سَ مرِتَ اِتِ درِشْٹْوا تَسْیَ پادَو نابھَنْجَنْ۔ | 33 |
لېكىن ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى. |
پَشْچادْ ایکو یودّھا شُولاگھاتینَ تَسْیَ کُکْشِمْ اَوِدھَتْ تَتْکْشَناتْ تَسْمادْ رَکْتَں جَلَنْچَ نِرَگَچّھَتْ۔ | 34 |
ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى. |
یو جَنوسْیَ ساکْشْیَں دَداتِ سَ سْوَیَں درِشْٹَوانْ تَسْییدَں ساکْشْیَں سَتْیَں تَسْیَ کَتھا یُشْماکَں وِشْواسَں جَنَیِتُں یوگْیا تَتْ سَ جاناتِ۔ | 35 |
بۇنى كۆرگۈچى سىلەرنىڭ ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ كۆرگۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەق دەپ بىلىدۇ. |
تَسْیَیکَمْ اَسْدھْیَپِ نَ بھَںکْشْیَتے، | 36 |
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ» ۋە يەنە بىر بېشارەتتە: «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈز بەردى. |
تَدْوَدْ اَنْیَشاسْتْریپِ لِکھْیَتے، یَتھا، "درِشْٹِپاتَں کَرِشْیَنْتِ تےوِدھَنْ یَنْتُ تَمْپْرَتِ۔ " | 37 |
اَرِمَتھِییَنَگَرَسْیَ یُوشَپھْناما شِشْیَ ایکَ آسِیتْ کِنْتُ یِہُودِیییبھْیو بھَیاتْ پْرَکاشِتو نَ بھَوَتِ؛ سَ یِیشو رْدیہَں نیتُں پِیلاتَسْیانُمَتِں پْرارْتھَیَتَ، تَتَح پِیلاتینانُمَتے سَتِ سَ گَتْوا یِیشو رْدیہَمْ اَنَیَتْ۔ | 38 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ پىلاتۇستىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (يۈسۈپ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى، لېكىن يەھۇدىيلاردىن قورققىنى ئۈچۈن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى)؛ پىلاتۇس رۇخسەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتتى. |
اَپَرَں یو نِکَدِیمو راتْرَو یِیشوح سَمِیپَمْ اَگَچّھَتْ سوپِ گَنْدھَرَسینَ مِشْرِتَں پْرایینَ پَنْچاشَتْسیٹَکَمَگُرُں گرِہِیتْواگَچّھَتْ۔ | 39 |
بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىممۇ مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا-دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ، [ئۇنىڭ] [بىلەن بىللە] كەلدى. |
تَتَسْتے یِہُودِییاناں شْمَشانے سْتھاپَنَرِیتْیَنُسارینَ تَتْسُگَنْدھِدْرَوْیینَ سَہِتَں تَسْیَ دیہَں وَسْتْریناویشْٹَیَنْ۔ | 40 |
ئىككىيلەن ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا-دەرمانلارنى چېچىپ، كاناپ رەختلەر بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى. |
اَپَرَنْچَ یَتْرَ سْتھانے تَں کْرُشےوِدھَنْ تَسْیَ نِکَٹَسْتھودْیانے یَتْرَ کِمَپِ مرِتَدیہَں کَداپِ ناسْتھاپْیَتَ تادرِشَمْ ایکَں نُوتَنَں شْمَشانَمْ آسِیتْ۔ | 41 |
ئەيسا كرېستلەنگەن يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى. |
یِہُودِییانامْ آسادَنَدِناگَمَناتْ تے تَسْمِنْ سَمِیپَسْتھَشْمَشانے یِیشُمْ اَشایَیَنْ۔ | 42 |
بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئەيسانى شۇ يەرلىككە قويدى. |