اَنَنْتَرَں مَرِیَمْ تَسْیا بھَگِنِی مَرْتھا چَ یَسْمِنْ وَیتھَنِییاگْرامے وَسَتَسْتَسْمِنْ گْرامے اِلِیاسَرْ ناما پِیڈِتَ ایکَ آسِیتْ۔ | 1 |
لازارۇس دېگەن بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەريەم ۋە ھەدىسى مارتا تۇرغان، بەيت-ئانىيا دېگەن كەنتتە تۇراتتى |
یا مَرِیَمْ پْرَبھُں سُگَنْدھِتیلَینَ مَرْدَّیِتْوا سْوَکیشَیسْتَسْیَ چَرَنَو سَمَمارْجَتْ تَسْیا بھْراتا سَ اِلِیاسَرْ روگِی۔ | 2 |
(بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى). |
اَپَرَنْچَ ہے پْرَبھو بھَوانْ یَسْمِنْ پْرِییَتے سَ ایوَ پِیڈِتوسْتِیتِ کَتھاں کَتھَیِتْوا تَسْیَ بھَگِنْیَو پْریشِتَوَتْیَو۔ | 3 |
لازارۇسنىڭ ھەدىلىرى ئەيساغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئى رەب، مانا سەن سۆيگەن [دوستۇڭ] كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ يەتكۈزدى. |
تَدا یِیشُرِماں وارْتّاں شْرُتْواکَتھَیَتَ پِیڈییَں مَرَنارْتھَں نَ کِنْتْوِیشْوَرَسْیَ مَہِمارْتھَمْ اِیشْوَرَپُتْرَسْیَ مَہِمَپْرَکاشارْتھَنْچَ جاتا۔ | 4 |
لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇ كېسەلدىن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلى ئۇلۇغلىنىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنىدۇ ــ دېدى. |
یِیشُ رْیَدْیَپِمَرْتھایاں تَدْبھَگِنْیامْ اِلِیاسَرِ چاپْرِییَتَ، | 5 |
ئەيسا مارتا، سىڭلىسى ۋە لازارۇسنى تولىمۇ سۆيەتتى. |
تَتھاپِ اِلِیاسَرَح پِیڈایاح کَتھَں شْرُتْوا یَتْرَ آسِیتْ تَتْرَیوَ دِنَدْوَیَمَتِشْٹھَتْ۔ | 6 |
شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى. |
تَتَح پَرَمْ سَ شِشْیانَکَتھَیَدْ وَیَں پُنَ رْیِہُودِییَپْرَدیشَں یامَح۔ | 7 |
ئاندىن كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ يەھۇدىيەگە قايتا بارايلى! ــ دېدى. |
تَتَسْتے پْرَتْیَوَدَنْ، ہے گُرو سْوَلْپَدِنانِ گَتانِ یِہُودِییاسْتْواں پاشانَے رْہَنْتُمْ اُدْیَتاسْتَتھاپِ کِں پُنَسْتَتْرَ یاسْیَسِ؟ | 8 |
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، يېقىندىلا [ئۇ يەردىكى] يەھۇدىيلار سېنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسەن؟ ــ دېيىشتى. |
یِیشُح پْرَتْیَوَدَتْ، ایکَسْمِنْ دِنے کِں دْوادَشَگھَٹِکا نَ بھَوَنْتِ؟ کوپِ دِوا گَچّھَنْ نَ سْکھَلَتِ یَتَح سَ ایتَجَّگَتو دِیپْتِں پْراپْنوتِ۔ | 9 |
ئەيسا مۇنداق دېدى: ــ كۈندۈزدە ئون ئىككى سائەت بار ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان كىشى پۇتلاشماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ. |
کِنْتُ راتْرَو گَچّھَنْ سْکھَلَتِ یَتو ہیتوسْتَتْرَ دِیپْتِ رْناسْتِ۔ | 10 |
لېكىن كېچىسى يول ماڭغان كىشى پۇتلىشار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر. |
اِماں کَتھاں کَتھَیِتْوا سَ تانَوَدَدْ، اَسْماکَں بَنْدھُح اِلِیاسَرْ نِدْرِتوبھُودْ اِدانِیں تَں نِدْراتو جاگَرَیِتُں گَچّھامِ۔ | 11 |
بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ: ــ دوستىمىز لازارۇس ئۇخلاپ قالدى؛ مەن ئۇنى ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقىلى بارىمەن، ــ دەپ قوشۇپ قويدى. |
یِیشُ رْمرِتَو کَتھامِماں کَتھِتَوانْ کِنْتُ وِشْرامارْتھَں نِدْرایاں کَتھِتَوانْ اِتِ جْناتْوا شِشْیا اَکَتھَیَنْ، | 12 |
شۇڭا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، ئۇخلىغان بولسا، ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ــ دېدى. |
ہے گُرو سَ یَدِ نِدْراتِ تَرْہِ بھَدْرَمیوَ۔ | 13 |
ھالبۇكى، ئەيسا لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئېيتقانىدى، لېكىن ئۇلار ئۇ دەم ئېلىشتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. |
تَدا یِیشُح سْپَشْٹَں تانْ وْیاہَرَتْ، اِلِیاسَرْ اَمْرِیَتَ؛ | 14 |
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ: ــ لازارۇس ئۆلدى، ــ دېدى. |
کِنْتُ یُویَں یَتھا پْرَتِیتھَ تَدَرْتھَمَہَں تَتْرَ نَ سْتھِتَوانْ اِتْیَسْمادْ یُشْمَنِّمِتَّمْ آہْلادِتوہَں، تَتھاپِ تَسْیَ سَمِیپے یامَ۔ | 15 |
ــ بىراق سىلەرنى دەپ، سىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن، [ئۇنىڭ قېشىدا] بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى، ــ دېدى. |
تَدا تھوما یَں دِدُمَں وَدَنْتِ سَ سَنْگِنَح شِشْیانْ اَوَدَدْ وَیَمَپِ گَتْوا تینَ سارْدّھَں مْرِیامَہَے۔ | 16 |
«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا مۇخلىسداشلىرىغا: ــ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، ــ دېدى. |
یِیشُسْتَتْروپَسْتھایَ اِلِیاسَرَح شْمَشانے سْتھاپَناتْ چَتْوارِ دِنانِ گَتانِیتِ وارْتّاں شْرُتَوانْ۔ | 17 |
ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بەيت-ئانىياغا بارغاندا، لازارۇسنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا ئاللىقاچان تۆت كۈن بولغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم بولدى. |
وَیتھَنِییا یِرُوشالَمَح سَمِیپَسْتھا کْروشَیکَماتْرانْتَرِتا؛ | 18 |
بەيت-ئانىيا يېرۇسالېمغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئالتە چاقىرىمچە يىراقلىقتا ئىدى، |
تَسْمادْ بَہَوو یِہُودِییا مَرْتھاں مَرِیَمَنْچَ بھْیاترِشوکاپَنّاں سانْتْوَیِتُں تَیوح سَمِیپَمْ آگَچّھَنْ۔ | 19 |
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمگە ئىنىسى توغرىسىدا تەسەللى بەرگىلى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. |
مَرْتھا یِیشوراگَمَنَوارْتاں شْرُتْوَیوَ تَں ساکْشادْ اَکَروتْ کِنْتُ مَرِیَمْ گیہَ اُپَوِشْیَ سْتھِتا۔ | 20 |
مارتا ئەمدى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپلا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. لېكىن مەريەم بولسا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالدى. |
تَدا مَرْتھا یِیشُمَوادَتْ، ہے پْرَبھو یَدِ بھَوانْ اَتْراسْتھاسْیَتْ تَرْہِ مَمَ بھْراتا نامَرِشْیَتْ۔ | 21 |
مارتا ئەمدى ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى. |
کِنْتْوِدانِیمَپِ یَدْ اِیشْوَرے پْرارْتھَیِشْیَتے اِیشْوَرَسْتَدْ داسْیَتِیتِ جانےہَں۔ | 22 |
ھېلىھەم خۇدادىن نېمىنى تىلىسەڭ، ئۇنىڭ ساڭا شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى. |
یِیشُرَوادِیتْ تَوَ بھْراتا سَمُتّھاسْیَتِ۔ | 23 |
ــ ئىنىڭ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى ئەيسا. |
مَرْتھا وْیاہَرَتْ شیشَدِوَسے سَ اُتّھانَسَمَیے پْروتّھاسْیَتِیتِ جانےہَں۔ | 24 |
مارتا: ــ ئاخىرقى كۈنىدە، يەنە تىرىلىش كۈنىدە ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى. |
تَدا یِیشُح کَتھِتَوانْ اَہَمیوَ اُتّھاپَیِتا جِیوَیِتا چَ یَح کَشْچَنَ مَیِ وِشْوَسِتِ سَ مرِتْواپِ جِیوِشْیَتِ؛ | 25 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ |
یَح کَشْچَنَ چَ جِیوَنْ مَیِ وِشْوَسِتِ سَ کَداپِ نَ مَرِشْیَتِ، اَسْیاں کَتھایاں کِں وِشْوَسِشِ؟ (aiōn g165) | 26 |
ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ (aiōn g165) |
ساوَدَتْ پْرَبھو یَسْیاوَتَرَناپیکْشاسْتِ بھَوانْ سَایوابھِشِکْتَّ اِیشْوَرَپُتْرَ اِتِ وِشْوَسِمِ۔ | 27 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئىشىنىمەن، ئى رەب؛ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن. |
اِتِ کَتھاں کَتھَیِتْوا سا گَتْوا سْواں بھَگِنِیں مَرِیَمَں گُپْتَماہُویَ وْیاہَرَتْ گُرُرُپَتِشْٹھَتِ تْواماہُویَتِ چَ۔ | 28 |
بۇنى دەپ بولۇپ، ئۇ بېرىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ: ــ ئۇستاز كەلدى، سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، ــ دېدى. |
کَتھامِماں شْرُتْوا سا تُورْنَمْ اُتّھایَ تَسْیَ سَمِیپَمْ اَگَچّھَتْ۔ | 29 |
مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى |
یِیشُ رْگْرامَمَدھْیَں نَ پْرَوِشْیَ یَتْرَ مَرْتھا تَں ساکْشادْ اَکَروتْ تَتْرَ سْتھِتَوانْ۔ | 30 |
(شۇ پەيتتە ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئۇنىڭ ئالدىغا مېڭىپ، ئۇچرىشىپ قالغان يەردە ئىدى). |
یے یِہُودِییا مَرِیَما ساکَں گرِہے تِشْٹھَنْتَسْتامْ اَسانْتْوَیَنَ تے تاں کْشِپْرَمْ اُتّھایَ گَچّھَنْتِں وِلوکْیَ وْیاہَرَنْ، سَ شْمَشانے رودِتُں یاتِ، اِتْیُکْتْوا تے تَسْیاح پَشْچادْ اَگَچّھَنْ۔ | 31 |
ئەمدى [مەريەمگە] تەسەللى بېرىۋاتقان، ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرغان يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئالدىراپ قوپۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى قەبرىگە بېرىپ شۇ يەردە يىغا-زار قىلغىلى كەتتى، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. |
یَتْرَ یِیشُرَتِشْٹھَتْ تَتْرَ مَرِیَمْ اُپَسْتھایَ تَں درِشْٹْوا تَسْیَ چَرَنَیوح پَتِتْوا وْیاہَرَتْ ہے پْرَبھو یَدِ بھَوانْ اَتْراسْتھاسْیَتْ تَرْہِ مَمَ بھْراتا نامَرِشْیَتْ۔ | 32 |
مەريەم ئەمدى ئەيسا بار يەرگە بارغاندا ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى! ــ دېدى. |
یِیشُسْتاں تَسْیاح سَنْگِنو یِہُودِییاںشْچَ رُدَتو وِلوکْیَ شوکارْتَّح سَنْ دِیرْگھَں نِشْوَسْیَ کَتھِتَوانْ تَں کُتْراسْتھاپَیَتَ؟ | 33 |
ئەيسا مەريەمنىڭ يىغا-زار قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن يەھۇدىي خەلقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەندە، روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى ۋە: |
تے وْیاہَرَنْ، ہے پْرَبھو بھَوانْ آگَتْیَ پَشْیَتُ۔ | 34 |
ــ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەب، كېلىپ كۆرگىن، ــ دېيىشتى ئۇلار. |
یِیشُنا کْرَنْدِتَں۔ | 35 |
ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. |
اَتَایوَ یِہُودِییا اَوَدَنْ، پَشْیَتایَں تَسْمِنْ کِدرِگْ اَپْرِیَتَ۔ | 36 |
يەھۇدىي خەلقى: ــ قاراڭلار، ئۇ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەن! ــ دېيىشتى. |
تیشاں کیچِدْ اَوَدَنْ یونْدھایَ چَکْشُشِی دَتَّوانْ سَ کِمْ اَسْیَ مرِتْیُں نِوارَیِتُں ناشَکْنوتْ؟ | 37 |
ۋە ئۇلاردىن بەزىلىرى: ــ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان بۇ كىشى كېسەل ئادەمنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالماسمىدى؟ ــ دېيىشتى. |
تَتو یِیشُح پُنَرَنْتَرْدِیرْگھَں نِشْوَسْیَ شْمَشانانْتِکَمْ اَگَچّھَتْ۔ تَتْ شْمَشانَمْ ایکَں گَہْوَرَں تَنْمُکھے پاشانَ ایکَ آسِیتْ۔ | 38 |
ئەيسا ئىچىدە يەنە قاتتىق پىغان چېكىپ، قەبرىنىڭ ئالدىغا باردى. قەبرى بىر غار ئىدى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئاغزىغا چوڭ بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. |
تَدا یِیشُرَوَدَدْ اینَں پاشانَمْ اَپَسارَیَتَ، تَتَح پْرَمِیتَسْیَ بھَگِنِی مَرْتھاوَدَتْ پْرَبھو، اَدھُنا تَتْرَ دُرْگَنْدھو جاتَح، یَتودْیَ چَتْوارِ دِنانِ شْمَشانے سَ تِشْٹھَتِ۔ | 39 |
ئەيسا: ــ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! ــ دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: ــ ئى رەب، يەرلىككە قويغىلى تۆت كۈن بولدى، ھازىر ئۇ پۇراپ كەتكەندۇ، ــ دېدى. |
تَدا یِیشُرَوادِیتْ، یَدِ وِشْوَسِشِ تَرْہِیشْوَرَسْیَ مَہِمَپْرَکاشَں دْرَکْشْیَسِ کَتھامِماں کِں تُبھْیَں ناکَتھَیَں؟ | 40 |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! ــ دېدى. |
تَدا مرِتَسْیَ شْمَشاناتْ پاشانوپَسارِتے یِیشُرُورْدْوَّں پَشْیَنْ اَکَتھَیَتْ، ہے پِتَ رْمَمَ نیویسَنَمْ اَشرِنوح کارَنادَسْماتْ تْواں دھَنْیَں وَدامِ۔ | 41 |
بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتا، تىلىكىمنى ئاڭلىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن. |
تْوَں سَتَتَں شرِنوشِ تَدَپْیَہَں جانامِ، کِنْتُ تْوَں ماں یَتْ پْرَیرَیَسْتَدْ یَتھاسْمِنْ سْتھانے سْتھِتا لوکا وِشْوَسَنْتِ تَدَرْتھَمْ اِدَں واکْیَں وَدامِ۔ | 42 |
تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن! |
اِماں کَتھاں کَتھَیِتْوا سَ پْروچَّیراہْوَیَتْ، ہے اِلِیاسَرْ بَہِراگَچّھَ۔ | 43 |
بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: ــ لازارۇس، تاشقىرىغا چىق! ــ دەپ توۋلىدى. |
تَتَح سَ پْرَمِیتَح شْمَشانَوَسْتْرَے رْبَدّھَہَسْتَپادو گاتْرَمارْجَنَواسَسا بَدّھَمُکھَشْچَ بَہِراگَچّھَتْ۔ یِیشُرُدِتَوانْ بَنْدھَنانِ موچَیِتْوا تْیَجَتَینَں۔ | 44 |
ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ كېپەننى يېشىۋېتىپ، ئۇنى ئازاد قىلىڭلار! ــ دېدى. |
مَرِیَمَح سَمِیپَمْ آگَتا یے یِہُودِییَلوکاسْتَدا یِیشوریتَتْ کَرْمّاپَشْیَنْ تیشاں بَہَوو وْیَشْوَسَنْ، | 45 |
مەريەمنىڭ يېنىغا پەتە قىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئەمىللىرىنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. |
کِنْتُ کیچِدَنْیے پھِرُوشِناں سَمِیپَں گَتْوا یِیشوریتَسْیَ کَرْمَّنو وارْتّامْ اَوَدَنْ۔ | 46 |
لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. |
تَتَح پَرَں پْرَدھانَیاجَکاح پھِرُوشِناشْچَ سَبھاں کرِتْوا وْیاہَرَنْ وَیَں کِں کُرْمَّح؟ ایشَ مانَوو بَہُونْیاشْچَرْیَّکَرْمّانِ کَروتِ۔ | 47 |
شۇڭا پەرىسىيلەر ۋە باش كاھىنلار يەھۇدىيلارنىڭ بىر كېڭەشمىسىنى يىغىپ: ــ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ئادەم نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. |
یَدِیدرِشَں کَرْمَّ کَرْتُّں نَ وارَیامَسْتَرْہِ سَرْوّے لوکاسْتَسْمِنْ وِشْوَسِشْیَنْتِ رومِلوکاشْچاگَتْیاسْماکَمْ اَنَیا راجَدھانْیا سارْدّھَں راجْیَمْ آچھیتْسْیَنْتِ۔ | 48 |
ئۇنىڭغا شۇنداق يول قويۇپ بېرىۋەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! ــ دېيىشتى. |
تَدا تیشاں کِیَپھاناما یَسْتَسْمِنْ وَتْسَرے مَہایاجَکَپَدے نْیَیُجْیَتَ سَ پْرَتْیَوَدَدْ یُویَں کِمَپِ نَ جانِیتھَ؛ | 49 |
ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش كاھىن بولغان قايافا: ــ سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنسىلەر! |
سَمَگْرَدیشَسْیَ وِناشَتوپِ سَرْوَّلوکارْتھَمْ ایکَسْیَ جَنَسْیَ مَرَنَمْ اَسْماکَں مَنْگَلَہیتُکَمْ ایتَسْیَ وِویچَنامَپِ نَ کُرُتھَ۔ | 50 |
پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيدىكەنسىلەر، ــ دېدى |
ایتاں کَتھاں سَ نِجَبُدّھیا وْیاہَرَدْ اِتِ نَ، | 51 |
(بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەيسانىڭ [يەھۇدىي] خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەقەت ئۇ خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا تارقىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى). |
کِنْتُ یِیشُوسْتَدّیشِییاناں کارَناتْ پْرانانْ تْیَکْشْیَتِ، دِشِ دِشِ وِکِیرْنانْ اِیشْوَرَسْیَ سَنْتانانْ سَںگرِہْیَیکَجاتِں کَرِشْیَتِ چَ، تَسْمِنْ وَتْسَرے کِیَپھا مَہایاجَکَتْوَپَدے نِیُکْتَح سَنْ اِدَں بھَوِشْیَدْواکْیَں کَتھِتَوانْ۔ | 52 |
تَدِّنَمارَبھْیَ تے کَتھَں تَں ہَنْتُں شَکْنُوَنْتِیتِ مَنْتْرَناں کَرْتُّں پْراریبھِرے۔ | 53 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلىدى. |
اَتَایوَ یِہُودِییاناں مَدھْیے یِیشُح سَپْرَکاشَں گَمَناگَمَنے اَکرِتْوا تَسْمادْ گَتْوا پْرانْتَرَسْیَ سَمِیپَسْتھایِپْرَدیشَسْییپھْرایِمْ نامْنِ نَگَرے شِشْیَیح ساکَں کالَں یاپَیِتُں پْراریبھے۔ | 54 |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەيتتى، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرائىم ئىسىملىك بىر شەھىرىگە بېرىپ، مۇخلىسلىرى بىلەن ئۇ يەردە تۇردى. |
اَنَنْتَرَں یِہُودِییاناں نِسْتاروتْسَوے نِکَٹَوَرْتِّنِ سَتِ تَدُتْسَواتْ پُورْوَّں سْوانْ شُچِینْ کَرْتُّں بَہَوو جَنا گْرامیبھْیو یِرُوشالَمْ نَگَرَمْ آگَچّھَنْ، | 55 |
ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. |
یِیشورَنْویشَنَں کرِتْوا مَنْدِرے دَنْڈایَماناح سَنْتَح پَرَسْپَرَں وْیاہَرَنْ، یُشْماکَں کِیدرِشو بودھو جایَتے؟ سَ کِمْ اُتْسَوےسْمِنْ اَتْراگَمِشْیَتِ؟ | 56 |
شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىشىلەر ئەيسانى ئىزدەشتى. ئۇلار ئىبادەتخانىدا يىغىلغاندا بىر-بىرىگە: ــ قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ھېيت ئۆتكۈزگىلى كەلمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. |
سَ چَ کُتْراسْتِ یَدْییتَتْ کَشْچِدْ ویتِّ تَرْہِ دَرْشَیَتُ پْرَدھانَیاجَکاح پھِرُوشِنَشْچَ تَں دھَرْتُّں پُورْوَّمْ اِمامْ آجْناں پْراچارَیَنْ۔ | 57 |
باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر بولسا ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن، ھەركىمنىڭ ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلسە، مەلۇم قىلىشى توغرۇلۇق پەرمان چىقارغانىدى. |