سَ پْرَتھَمو نِیَمَ آرادھَنایا وِوِدھَرِیتِبھِرَیہِکَپَوِتْرَسْتھانینَ چَ وِشِشْٹَ آسِیتْ۔ | 1 |
بىرىنچى ئەھدىدە مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت بەلگىلىمىلىرى ۋە يەر يۈزىگە تەۋە بولغان بىر مۇقەددەس ئىبادەت جايى بار ئىدى. |
یَتو دُوشْیَمیکَں نِرَمِییَتَ تَسْیَ پْرَتھَمَکوشْٹھَسْیَ نامَ پَوِتْرَسْتھانَمِتْیاسِیتْ تَتْرَ دِیپَورِکْشو بھوجَناسَنَں دَرْشَنِییَپُوپاناں شْرینِی چاسِیتْ۔ | 2 |
بۇنىڭغا بىر ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەنىدى؛ ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بىرىنچى بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە ھەم شىرە ئۈستىدە رەتلەنگەن نانلار بولاتتى. |
تَتْپَشْچادْ دْوِتِییایاسْتِرَشْکَرِنْیا اَبھْیَنْتَرے تِپَوِتْرَسْتھانَمِتِنامَکَں کوشْٹھَماسِیتْ، | 3 |
ئۇنىڭ ئىككىنچى، [يەنى ئىچكى] پەردىسىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى بار ئىدى. |
تَتْرَ چَ سُوَرْنَمَیو دھُوپادھارَح پَرِتَح سُوَرْنَمَنْڈِتا نِیَمَمَنْجُوشا چاسِیتْ تَنْمَدھْیے مانّایاح سُوَرْنَگھَٹو ہارونَسْیَ مَنْجَرِتَدَنْڈَسْتَکْشِتَو نِیَمَپْرَسْتَرَو، | 4 |
شۇ يەرگە تەۋە بولغان ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى بار ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى ۋە ئىككى ئەھدە [تاش] تاختىسى بار ئىدى. |
تَدُپَرِ چَ کَرُناسَنے چھایاکارِنَو تیجومَیَو کِرُوباواسْتامْ، ایتیشاں وِشیشَورِتّانْتَکَتھَنایَ نایَں سَمَیَح۔ | 5 |
[ساندۇق] ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس. |
ایتیشْوِیدرِکْ نِرْمِّتیشُ یاجَکا اِیشْوَرَسیوامْ اَنُتِشْٹھَنَتو دُوشْیَسْیَ پْرَتھَمَکوشْٹھَں نِتْیَں پْرَوِشَنْتِ۔ | 6 |
بۇ نەرسىلەر مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنلا، كاھىنلار چېدىرنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە [(يەبى «مۇقەددەس جاي»غا)] ھەردائىم كىرىپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىدۇ. |
کِنْتُ دْوِتِییَں کوشْٹھَں پْرَتِوَرْشَمْ ایکَکرِتْوَ ایکاکِنا مَہایاجَکینَ پْرَوِشْیَتے کِنْتْواتْمَنِمِتَّں لوکانامْ اَجْنانَکرِتَپاپانانْچَ نِمِتَّمْ اُتْسَرْجَّنِییَں رُدھِرَمْ اَنادایَ تینَ نَ پْرَوِشْیَتے۔ | 7 |
بىراق، [«ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان] ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش كاھىن يىلدا بىر قېتىملا كىرىدۇ. كاھىن ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقتىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان [قۇربانلىق] قېنىنى ئالماي كىرمەيدۇ. |
اِتْیَنینَ پَوِتْرَ آتْما یَتْ جْناپَیَتِ تَدِدَں تَتْ پْرَتھَمَں دُوشْیَں یاوَتْ تِشْٹھَتِ تاوَتْ مَہاپَوِتْرَسْتھانَگامِی پَنْتھا اَپْرَکاشِتَسْتِشْٹھَتِ۔ | 8 |
بۇ ئىشلار ئارقىلىق مۇقەددەس روھ شۇنى كۆرسىتىپ بەرمەكتىكى، بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول يەنىلا ئېچىلمايدۇ. |
تَچَّ دُوشْیَں وَرْتَّمانَسَمَیَسْیَ درِشْٹانْتَح، یَتو ہیتوح سامْپْرَتَں سَںشودھَنَکالَں یاوَدْ یَنِّرُوپِتَں تَدَنُساراتْ سیواکارِنو مانَسِکَسِدّھِکَرَنےسَمَرْتھابھِح | 9 |
مانا بۇلار رەسىمدەك ھازىرقى زاماننى روشەنلەشتۈرىدىغان بىر خىل ئوبراز، خالاس. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ چېدىردا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى ۋىجدانىدا پاك-كامىل قىلالمايدۇ. |
کیوَلَں کھادْیَپیییشُ وِوِدھَمَجَّنیشُ چَ شارِیرِکَرِیتِبھِ رْیُکْتانِ نَیویدْیانِ بَلِدانانِ چَ بھَوَنْتِ۔ | 10 |
ئۇلار پەقەت يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە بويىنى سۇغا سېلىشنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىگە باغلىق بولۇپ، [قانۇن-تۈزۈم] تۈزۈتۈلۈش ۋاقتى كەلگۈچىلىك كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ئىنسانلارنىڭ ئەتلىرىگىلا باغلىق بولغان بەلگىلىمە-نىزاملاردۇر. |
اَپَرَں بھاوِمَنْگَلاناں مَہایاجَکَح کھْرِیشْٹَ اُپَسْتھایاہَسْتَنِرْمِّتینارْتھَتَ ایتَتْسرِشْٹے رْبَہِرْبھُوتینَ شْریشْٹھینَ سِدّھینَ چَ دُوشْیینَ گَتْوا | 11 |
لېكىن مەسىھ بولسا كەلگۈسىدىكى كارامەت ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ بارغۇچى باش كاھىن بولۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. |
چھاگاناں گووَتْساناں وا رُدھِرَمْ اَنادایَ سْوِییَرُدھِرَمْ آدایَیکَکرِتْوَ ایوَ مَہاپَوِتْرَسْتھانَں پْرَوِشْیانَنْتَکالِکاں مُکْتِں پْراپْتَوانْ۔ (aiōnios g166) | 12 |
ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ [قۇربانلىق] قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ [قۇربانلىق] قېنى ئارقىلىق ئۇ ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىدى. (aiōnios g166) |
ورِشَچھاگاناں رُدھِرینَ گَوِیبھَسْمَنَح پْرَکْشیپینَ چَ یَدْیَشُچِلوکاح شارِیرِشُچِتْوایَ پُویَنْتے، | 13 |
[كونا ئەھدە دەۋرىدە] ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈللىرى ناپاك بولغانلارنىڭ ئۈستىگە سېپىلسە، ئۇلارنى ئەت جەھەتىدىن تازىلاپ پاك قىلغان يەردە، |
تَرْہِ کِں مَنْیَدھْوے یَح سَداتَنیناتْمَنا نِشْکَلَنْکَبَلِمِوَ سْوَمیویشْوَرایَ دَتَّوانْ، تَسْیَ کھْرِیشْٹَسْیَ رُدھِرینَ یُشْماکَں مَناںسْیَمَریشْوَرَسْیَ سیوایَے کِں مرِتْیُجَنَکیبھْیَح کَرْمَّبھْیو نَ پَوِتْرِیکارِشْیَنْتے؟ (aiōnios g166) | 14 |
ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھنىڭ قېنى ۋىجدانىڭلارنى ئۆلۈك ئىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! (aiōnios g166) |
سَ نُوتَنَنِیَمَسْیَ مَدھْیَسْتھوبھَوَتْ تَسْیابھِپْرایویَں یَتْ پْرَتھَمَنِیَمَلَنْگھَنَرُوپَپاپیبھْیو مرِتْیُنا مُکْتَو جاتایامْ آہُوتَلوکا اَنَنْتَکالِییَسَمْپَدَح پْرَتِجْناپھَلَں لَبھیرَنْ۔ (aiōnios g166) | 15 |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن (ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن) خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. (aiōnios g166) |
یَتْرَ نِیَمو بھَوَتِ تَتْرَ نِیَمَسادھَکَسْیَ بَلے رْمرِتْیُنا بھَوِتَوْیَں۔ | 16 |
ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈشى تەستىقلانغۇچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. |
یَتو ہَتینَ بَلِنا نِیَمَح سْتھِرِیبھَوَتِ کِنْتُ نِیَمَسادھَکو بَلِ رْیاوَتْ جِیوَتِ تاوَتْ نِیَمو نِرَرْتھَکَسْتِشْٹھَتِ۔ | 17 |
چۈنكى ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ. |
تَسْماتْ سَ پُورْوَّنِیَموپِ رُدھِرَپاتَں وِنا نَ سادھِتَح۔ | 18 |
شۇنىڭغا ئوخشاش، دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. |
پھَلَتَح سَرْوَّلوکانْ پْرَتِ وْیَوَسْتھانُسارینَ سَرْوّا آجْناح کَتھَیِتْوا مُوسا جَلینَ سِنْدُورَوَرْنَلومْنا ایشووَترِنینَ چَ سارْدّھَں گووَتْساناں چھاگانانْچَ رُدھِرَں گرِہِیتْوا گْرَنْتھے سَرْوَّلوکیشُ چَ پْرَکْشِپْیَ بَبھاشے، | 19 |
چۈنكى مۇسا تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان زوفا بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سېپىپ، ئۇلارغا: |
یُشْمانْ اَدھِیشْوَرو یَں نِیَمَں نِرُوپِتَوانْ تَسْیَ رُدھِرَمیتَتْ۔ | 20 |
«مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» ــ دېدى. |
تَدْوَتْ سَ دُوشْیےپِ سیوارْتھَکیشُ سَرْوَّپاتْریشُ چَ رُدھِرَں پْرَکْشِپْتَوانْ۔ | 21 |
ئۇ يەنە ئوخشاش يولدا ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردىكى ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى. |
اَپَرَں وْیَوَسْتھانُسارینَ پْرایَشَح سَرْوّانِ رُدھِرینَ پَرِشْکْرِیَنْتے رُدھِرَپاتَں وِنا پاپَموچَنَں نَ بھَوَتِ چَ۔ | 22 |
دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ؛ [قۇربانلىق] قېنى تۆكۈلمىگۈچە، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. |
اَپَرَں یانِ سْوَرْگِییَوَسْتُوناں درِشْٹانْتاسْتیشامْ ایتَیح پاوَنَمْ آوَشْیَکَمْ آسِیتْ کِنْتُ ساکْشاتْ سْوَرْگِییَوَسْتُونامْ ایتیبھْیَح شْریشْٹھے رْبَلِدانَیح پاوَنَماوَشْیَکَں۔ | 23 |
خوش، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ بۇيۇملار مۇشۇنداق [قۇربانلىقلار] بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەرشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بۇلاردىن ئېسىل قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك. |
یَتَح کھْرِیشْٹَح سَتْیَپَوِتْرَسْتھانَسْیَ درِشْٹانْتَرُوپَں ہَسْتَکرِتَں پَوِتْرَسْتھانَں نَ پْرَوِشْٹَوانْ کِنْتْوَسْمَنِّمِتَّمْ اِدانِیمْ اِیشْوَرَسْیَ ساکْشادْ اُپَسْتھاتُں سْوَرْگَمیوَ پْرَوِشْٹَح۔ | 24 |
چۈنكى مەسىھ ئەرشتىكى ھەقىقىي ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە ۋەكىللىك قىلىپ ھازىر بولۇش ئۈچۈن ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىرىپ بولدى. |
یَتھا چَ مَہایاجَکَح پْرَتِوَرْشَں پَرَشونِتَمادایَ مَہاپَوِتْرَسْتھانَں پْرَوِشَتِ تَتھا کھْرِیشْٹینَ پُنَح پُنَراتْموتْسَرْگو نَ کَرْتَّوْیَح، | 25 |
[يەر يۈزىدىكى] باش كاھىننىڭ يىلمۇيىل ئۆز قېنىنى ئەمەس، بەلكى [قۇربانلىقلارنىڭ] قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرىپ تۇرغىنىدەك، ئۇ قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆزىنى قايتا-قايتا ئاتاش ئۈچۈن كىرگىنى يوق. |
کَرْتَّوْیے سَتِ جَگَتَح سرِشْٹِکالَمارَبھْیَ بَہُوارَں تَسْیَ مرِتْیُبھوگَ آوَشْیَکوبھَوَتْ؛ کِنْتْوِدانِیں سَ آتْموتْسَرْگینَ پاپَناشارْتھَمْ ایکَکرِتْوو جَگَتَح شیشَکالے پْرَچَکاشے۔ (aiōn g165) | 26 |
ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى ئۇنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىشىگە توغرا كېلەتتى. لېكىن ئۇ مانا زامانلارنىڭ ئاخىرىدا گۇناھنى يوق قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوتتۇرىغا چىقتى. (aiōn g165) |
اَپَرَں یَتھا مانُشَسْیَیکَکرِتْوو مَرَنَں تَتْ پَشْچادْ وِچارو نِرُوپِتوسْتِ، | 27 |
ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەنگە ئوخشاش، |
تَدْوَتْ کھْرِیشْٹوپِ بَہُوناں پاپَوَہَنارْتھَں بَلِرُوپینَیکَکرِتْوَ اُتْسَسرِجے، اَپَرَں دْوِتِییَوارَں پاپادْ بھِنَّح سَنْ یے تَں پْرَتِیکْشَنْتے تیشاں پَرِتْرانارْتھَں دَرْشَنَں داسْیَتِ۔ | 28 |
مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ. |