وِشْواسَ آشَںسِتاناں نِشْچَیَح، اَدرِشْیاناں وِشَیاناں دَرْشَنَں بھَوَتِ۔ | 1 |
ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ دەلىلىدۇر. |
تینَ وِشْواسینَ پْرانْچو لوکاح پْرامانْیَں پْراپْتَوَنْتَح۔ | 2 |
چۈنكى بۇرۇنقى مۆتىۋەرلىرىمىز قەدىمدە مانا شۇ ئېتىقاد بىلەن [خۇدادىن كەلگەن] ياخشى گۇۋاھلىقنى ئالغان. |
اَپَرَمْ اِیشْوَرَسْیَ واکْیینَ جَگَنْتْیَسرِجْیَنْتَ، درِشْٹَوَسْتُونِ چَ پْرَتْیَکْشَوَسْتُبھْیو نودَپَدْیَنْتَیتَدْ وَیَں وِشْواسینَ بُدھْیامَہے۔ (aiōn g165) | 3 |
بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامى بىلەن ئورنىتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بىز كۆرۈۋاتقان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەردىن چىققان ئەمەسلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. (aiōn g165) |
وِشْواسینَ ہابِلْ اِیشْوَرَمُدِّشْیَ کابِلَح شْریشْٹھَں بَلِدانَں کرِتَوانْ تَسْماچّیشْوَرینَ تَسْیَ دانانْیَدھِ پْرَمانے دَتّے سَ دھارْمِّکَ اِتْیَسْیَ پْرَمانَں لَبْدھَوانْ تینَ وِشْواسینَ چَ سَ مرِتَح سَنْ اَدْیاپِ بھاشَتے۔ | 4 |
ئېتىقادى بولغاچقا ھابىل قابىلنىڭكىدىنمۇ ئەۋزەل بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىغان؛ ئېتىقادى بولغاچقا خۇدا ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا ھەققانىي دەپ گۇۋاھلىق بەردى. گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادى بىلەن ئۇ يەنىلا بىزگە گەپ قىلماقتا. |
وِشْواسینَ ہَنوکْ یَتھا مرِتْیُں نَ پَشْییتْ تَتھا لوکانْتَرَں نِیتَح، تَسْیودّیشَشْچَ کیناپِ نَ پْراپِ یَتَ اِیشْوَرَسْتَں لوکانْتَرَں نِیتَوانْ، تَتْپْرَمانَمِدَں تَسْیَ لوکانْتَرِیکَرَناتْ پُورْوَّں سَ اِیشْوَرایَ روچِتَوانْ اِتِ پْرَمانَں پْراپْتَوانْ۔ | 5 |
ئېتىقادى بولغاچقا، ھانوخ ئۆلۈمنى كۆرمەيلا [ئەرشكە] كۆتۈرۈلدى؛ خۇدا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتكەچكە، ئۇ يەر يۈزىدە ھېچ تېپىلمىدى. سەۋەبى ئۇ ئېلىپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم دەپ تەرىپلەنگەنىدى. |
کِنْتُ وِشْواسَں وِنا کوپِیشْوَرایَ روچِتُں نَ شَکْنوتِ یَتَ اِیشْوَروسْتِ سْوانْویشِلوکیبھْیَح پُرَسْکارَں دَداتِ چیتِکَتھایامْ اِیشْوَرَشَرَناگَتَے رْوِشْوَسِتَوْیَں۔ | 6 |
ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك. |
اَپَرَں تَدانِیں یانْیَدرِشْیانْیاسَنْ تانِیشْوَرینادِشْٹَح سَنْ نوہو وِشْواسینَ بھِیتْوا سْوَپَرِجَناناں رَکْشارْتھَں پوتَں نِرْمِّتَوانْ تینَ چَ جَگَجَّناناں دوشانْ دَرْشِتَوانْ وِشْواساتْ لَبھْیَسْیَ پُنْیَسْیادھِکارِی بَبھُووَ چَ۔ | 7 |
ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئىخلاسمەنلىك قورقۇنچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى؛ ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىققا مىراسخور بولدى. |
وِشْواسینیبْراہِیمْ آہُوتَح سَنْ آجْناں گرِہِیتْوا یَسْیَ سْتھانَسْیادھِکارَسْتینَ پْراپْتَوْیَسْتَتْ سْتھانَں پْرَسْتھِتَوانْ کِنْتُ پْرَسْتھانَسَمَیے کَّ یامِیتِ ناجاناتْ۔ | 8 |
ئېتىقادى بولغاچقا، خۇدا ئىبراھىمنى ئۇنىڭغا مىراس سۈپىتىدە بەرمەكچى بولغان زېمىنغا بېرىشقا چاقىرغاندا، ئۇ ئىتائەت قىلدى؛ ئۇ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى. |
وِشْواسینَ سَ پْرَتِجْناتے دیشے پَرَدیشَوَتْ پْرَوَسَنْ تَسْیاح پْرَتِجْنایاح سَماناںشِبھْیامْ اِسْہاکا یاکُوبا چَ سَہَ دُوشْیَواسْیَبھَوَتْ۔ | 9 |
ئېتىقادى بولغاچقا ئۇ ۋەدە قىلىنغان زېمىندا، خۇددى ياقا يۇرتتا تۇرغاندەك مۇساپىر بولۇپ چېدىرلارنى ماكان قىلىپ ياشىدى. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئورتاق مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىڭغا ئوخشاش ياشىدى. |
یَسْماتْ سَ اِیشْوَرینَ نِرْمِّتَں سْتھاپِتَنْچَ بھِتِّمُولَیُکْتَں نَگَرَں پْرَتْیَیکْشَتَ۔ | 10 |
ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۇللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرنى كۈتكەنىدى؛ شەھەرنىڭ لايىھىلىگۈچى ھەم قۇرغۇچىسى خۇدا ئۆزىدۇر. |
اَپَرَنْچَ وِشْواسینَ سارا وَیوتِکْرانْتا سَنْتْیَپِ گَرْبھَدھارَنایَ شَکْتِں پْراپْیَ پُتْرَوَتْیَبھَوَتْ، یَتَح سا پْرَتِجْناکارِنَں وِشْواسْیَمْ اَمَنْیَتَ۔ | 11 |
ئېتىقادى بولغاچقا ساراھ گەرچە ياشىنىپ قالغان، تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى؛ چۈنكى ئۇ ۋەدە قىلغان خۇدانى ئىشەنچلىك دەپ قارايتتى. |
تَتو ہیتو رْمرِتَکَلْپادْ ایکَسْماتْ جَنادْ آکاشِییَنَکْشَتْرانِیوَ گَنَناتِیتاح سَمُدْرَتِیرَسْتھَسِکَتا اِوَ چاسَںکھْیا لوکا اُتْپیدِرے۔ | 12 |
بۇنىڭ بىلەن بىرلا ئادەمدىن، يەنى ئۆلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالغان بىر ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى. |
ایتے سَرْوّے پْرَتِجْنایاح پھَلانْیَپْراپْیَ کیوَلَں دُوراتْ تانِ نِرِیکْشْیَ وَنْدِتْوا چَ، پرِتھِوْیاں وَیَں وِدیشِنَح پْرَواسِنَشْچاسْمَہَ اِتِ سْوِیکرِتْیَ وِشْواسینَ پْرانانْ تَتْیَجُح۔ | 13 |
بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئېتىقادى بولغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، قۇچاق ئېچىپ خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنى يەر يۈزىدە مۇساپىر ۋە يولۇچى دەپ ئاشكارە ئېيتقانىدى. |
یے تُ جَنا اِتّھَں کَتھَیَنْتِ تَیح پَیترِکَدیشو سْمابھِرَنْوِشْیَتَ اِتِ پْرَکاشْیَتے۔ | 14 |
بۇ بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ بىر ۋەتەننى تەشنا بولۇپ ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. |
تے یَسْمادْ دیشاتْ نِرْگَتاسْتَں یَدْیَسْمَرِشْیَنْ تَرْہِ پَراوَرْتَّنایَ سَمَیَمْ اَلَپْسْیَنْتَ۔ | 15 |
دەرۋەقە، ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى چىققان بولاتتى. |
کِنْتُ تے سَرْوّوتْکرِشْٹَمْ اَرْتھَتَح سْوَرْگِییَں دیشَمْ آکانْکْشَنْتِ تَسْمادْ اِیشْوَرَسْتانَدھِ نَ لَجَّمانَسْتیشامْ اِیشْوَرَ اِتِ نامَ گرِہِیتَوانْ یَتَح سَ تیشاں کرِتے نَگَرَمیکَں سَںسْتھاپِتَوانْ۔ | 16 |
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، يەنى ئەرشتىكى بىر ماكاننى تەلپۈنۈپ ئىزدىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشىدىن نومۇس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغان. |
اَپَرَمْ اِبْراہِیمَح پَرِیکْشایاں جاتایاں سَ وِشْواسینیسْہاکَمْ اُتْسَسَرْجَ، | 17 |
ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن سىنالغىنىدا، ئېتىقادى بولغاچقا ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى؛ گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىلىرىنى، جۈملىدىن «سېنىڭ نامىڭنى داۋاملاشتۇرىدىغان نەسلىڭ بولسا ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگىنىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇردى. |
وَسْتُتَ اِسْہاکِ تَوَ وَںشو وِکھْیاسْیَتَ اِتِ واگْ یَمَدھِ کَتھِتا تَمْ اَدْوِتِییَں پُتْرَں پْرَتِجْناپْراپْتَح سَ اُتْسَسَرْجَ۔ | 18 |
یَتَ اِیشْوَرو مرِتانَپْیُتّھاپَیِتُں شَکْنوتِیتِ سَ مینے تَسْماتْ سَ اُپَمارُوپَں تَں لیبھے۔ | 19 |
چۈنكى ئۇ ھەتتا ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندەك قايتىدىن تاپشۇرۇۋالدى. |
اَپَرَمْ اِسْہاکْ وِشْواسینَ یاکُوبْ ایشاوے چَ بھاوِوِشَیانَدھْیاشِشَں دَدَو۔ | 20 |
ئېتىقادى بولغاچقا، ئىسھاق ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىغا خەيرلىك تىلەپ دۇئا قىلدى. |
اَپَرَں یاکُوبْ مَرَنَکالے وِشْواسینَ یُوشَپھَح پُتْرَیوریکَیکَسْمَے جَنایاشِشَں دَدَو یَشْٹْیا اَگْرَبھاگے سَمالَمْبْیَ پْرَنَنامَ چَ۔ | 21 |
ئېتىقادى بولغاچقا، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى. |
اَپَرَں یُوشَپھْ چَرَمَکالے وِشْواسینیسْراییلْوَںشِییاناں مِسَرَدیشادْ بَہِرْگَمَنَسْیَ واچَں جَگادَ نِجاسْتھِینِ چادھِ سَمادِدیشَ۔ | 22 |
ئېتىقادى بولغاچقا، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرى توغرۇلۇقمۇ ئەمر قىلدى. |
نَوَجاتو مُوساشْچَ وِشْواساتْ تْرانْ ماسانْ سْوَپِترِبھْیامْ اَگوپْیَتَ یَتَسْتَو سْوَشِشُں پَرَمَسُنْدَرَں درِشْٹَوَنْتَو راجاجْنانْچَ نَ شَنْکِتَوَنْتَو۔ | 23 |
ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى؛ چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ يېقىملىق بىر بالا ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى. |
اَپَرَں وَیَحپْراپْتو مُوسا وِشْواساتْ پھِرَونو دَوہِتْرَ اِتِ نامَ نانْگِیچَکارَ۔ | 24 |
ئېتىقادى بولغاچقا، مۇسا چوڭ بولۇپ ئۇلۇغ زات بولغاندىن كېيىن، «پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ ئوغلى» دېگەن ئاتاقتا تۇرىۋېرىشنى رەت قىلىپ، |
یَتَح سَ کْشَنِکاتْ پاپَجَسُکھَبھوگادْ اِیشْوَرَسْیَ پْرَجابھِح سارْدّھَں دُحکھَبھوگَں وَوْرے۔ | 25 |
گۇناھ ئىچىدىكى لەززەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى ئەۋزەل كۆردى. |
تَتھا مِسَرَدیشِییَنِدھِبھْیَح کھْرِیشْٹَنِمِتّاں نِنْداں مَہَتِیں سَمْپَتِّں مینے یَتو ہیتوح سَ پُرَسْکارَدانَمْ اَپَیکْشَتَ۔ | 26 |
ئۇ مەسىھكە قارىتىلغان ھاقارەتكە ئۇچراشنى مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى كۆزلىرىنى [ئەرشتىكى] ئىنئامغا تىكىۋاتاتتى. |
اَپَرَں سَ وِشْواسینَ راجْنَح کْرودھاتْ نَ بھِیتْوا مِسَرَدیشَں پَرِتَتْیاجَ، یَتَسْتینادرِشْیَں وِیکْشَمانینیوَ دھَیرْیَّمْ آلَمْبِ۔ | 27 |
ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي مىسىردىن چىقىپ كەتتى. [جاپا-مۇشەققەتكە] چىدىدى، چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمىگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك ئىدى. |
اَپَرَں پْرَتھَمَجاتاناں ہَنْتا یَتْ سْوِییَلوکانْ نَ سْپرِشیتْ تَدَرْتھَں سَ وِشْواسینَ نِسْتارَپَرْوِّییَبَلِچّھیدَنَں رُدھِرَسیچَنَنْچانُشْٹھِتاوانْ۔ | 28 |
ئېتىقادى بولغاچقا، ئۇ «تۇنجى ئوغلىنىڭ جېنىنى ئالغۇچى» [پەرىشتىنىڭ] [ئىسرائىللارغا] تەگمەسلىكى ئۈچۈن [تۇنجى] «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاننى [بۇيرۇلغىنى بويىچە] سېپىپ-سۈركىدى. |
اَپَرَں تے وِشْواساتْ سْتھَلینیوَ سُوپھْساگَرینَ جَگْمُح کِنْتُ مِسْرِییَلوکاسْتَتْ کَرْتُّمْ اُپَکْرَمْیَ توییشُ مَمَجُّح۔ | 29 |
ئېتىقادى بولغاچقا، [ئىسرائىللار] قىزىل دېڭىزدىن خۇددى قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق [ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن] مىسىرلىقلار ئۆتمەكچى بولغاندا سۇغا غەرق بولدى. |
اَپَرَنْچَ وِشْواساتْ تَیح سَپْتاہَں یاوَدْ یِرِیہوح پْراچِیرَسْیَ پْرَدَکْشِنے کرِتے تَتْ نِپَپاتَ۔ | 30 |
ئېتىقادى بولغاچقا، خەلق يەتتە كۈن يېرىخو شەھىرىنىڭ سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن سېپىل ئۆرۈلدى. |
وِشْواسادْ راہَبْنامِکا ویشْیاپِ پْرِیتْیا چارانْ اَنُگرِہْیاوِشْواسِبھِح سارْدّھَں نَ وِنَناشَ۔ | 31 |
ئېتىقادى بولغاچقا، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، ئىتائەتسىزلەر [بولغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر] بىلەن بىرلىكتە ھالاك بولمىدى. |
اَدھِکَں کِں کَتھَیِشْیامِ؟ گِدِیونو بارَکَح شِمْشونو یِپْتَہو دایُودْ شِمُوییلو بھَوِشْیَدْوادِنَشْچَیتیشاں ورِتّانْتَکَتھَنایَ مَمَ سَمَیابھاوو بھَوِشْیَتِ۔ | 32 |
مەن يەنە نېمىشقا سۆزلەپ ئولتۇراي؟ گىدېئون، باراق، شىمشون، يەفتاھ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە قالغان باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ. |
وِشْواساتْ تے راجْیانِ وَشِیکرِتَوَنْتو دھَرْمَّکَرْمّانِ سادھِتَوَنْتَح پْرَتِجْناناں پھَلَں لَبْدھَوَنْتَح سِںہاناں مُکھانِ رُدّھَوَنْتو | 33 |
ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى، ئادالەت يۈرگۈزدى، [خۇدا] ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلارنىڭ ئاغزىلىرىنى ئېتىپ قويدى، |
وَہْنیرْداہَں نِرْوّاپِتَوَنْتَح کھَنْگَدھارادْ رَکْشاں پْراپْتَوَنْتو دَورْبَّلْیے سَبَلِیکرِتا یُدّھے پَراکْرَمِنو جاتاح پَریشاں سَینْیانِ دَوَیِتَوَنْتَشْچَ۔ | 34 |
دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى، قىلىچنىڭ تىغىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، يات ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى تېرى-پىرەڭ قىلدى. |
یوشِتَح پُنَرُتّھانینَ مرِتانْ آتْمَجانْ لیبھِرے، اَپَرے چَ شْریشْٹھوتّھانَسْیَ پْراپْتیراشَیا رَکْشامْ اَگرِہِیتْوا تاڈَنینَ مرِتَوَنْتَح۔ | 35 |
[ئېتىقادى بولغاچقا]، ئاياللار ئۆلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈزۈپ قايتۇرۇۋالدى؛ بىراق باشقىلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئۆلۈمدىن تىرىلەيلى دەپ، قۇتۇلۇش يولىنى رەت قىلىپ قىيىنىلىشقا بەرداشلىق بەردى. |
اَپَرے تِرَسْکارَیح کَشابھِ رْبَنْدھَنَیح کارَیا چَ پَرِیکْشِتاح۔ | 36 |
يەنە بەزىلەر سىنىلىپ خار-مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى؛ |
بَہَوَشْچَ پْرَسْتَراگھاتَے رْہَتاح کَرَپَتْرَے رْوا وِدِیرْنا یَنْتْرَے رْوا کْلِشْٹاح کھَنْگَدھارَے رْوا وْیاپادِتاح۔ تے میشاناں چھاگاناں وا چَرْمّانِ پَرِدھایَ دِیناح پِیڈِتا دُحکھارْتّاشْچابھْرامْیَنْ۔ | 37 |
ئۇلار چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، خورلاندى |
سَںسارو ییشامْ اَیوگْیَسْتے نِرْجَنَسْتھانیشُ پَرْوَّتیشُ گَہْوَریشُ پرِتھِوْیاشْچھِدْریشُ چَ پَرْیَّٹَنْ۔ | 38 |
(ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى)، چۆللەردە، تاغلاردا، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈردى. |
ایتَیح سَرْوَّے رْوِشْواساتْ پْرَمانَں پْراپِ کِنْتُ پْرَتِجْنایاح پھَلَں نَ پْراپِ۔ | 39 |
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانىڭ ئۆز گۇۋاھى بىلەن تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغىنىغا ئەينى بويىچە ئېرىشكىنى يوق. |
یَتَسْتے یَتھاسْمانْ وِنا سِدّھا نَ بھَوییُسْتَتھَیویشْوَریناسْماکَں کرِتے شْریشْٹھَتَرَں کِمَپِ نِرْدِدِشے۔ | 40 |
ئەمدىلىكتە خۇدا بىزلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەۋزەل بىر نىشان-مەقسەتنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار بىزسىز كامالەتكە يەتكۈزۈلمەيدۇ. |