جَلَپَتھیناسْماکَمْ اِتولِیادیشَں پْرَتِ یاتْرایاں نِشْچِتایاں سَتْیاں تے یُولِیَنامْنو مَہاراجَسْیَ سَںگھاتانْتَرْگَتَسْیَ سیناپَتیح سَمِیپے پَولَں تَدَنْیانْ کَتِنَیَجَناںشْچَ سَمارْپَیَنْ۔ | 1 |
بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا بىرنەچچە مەھبۇسنى «ئاۋغۇستۇس قىسمى»دىكى يۇلىيۇس ئىسىملىك بىر يۈزبېشىغا تاپشۇردى. |
وَیَمْ آدْرامُتِّییَں پوتَمیکَمْ آرُہْیَ آشِیادیشَسْیَ تَٹَسَمِیپینَ یاتُں مَتِں کرِتْوا لَنْگَرَمْ اُتّھاپْیَ پوتَمْ اَموچَیامَ؛ ماکِدَنِیادیشَسْتھَتھِشَلَنِیکِینِواسْیارِسْتارْکھَناما کَشْچِدْ جَنوسْمابھِح سارْدّھَمْ آسِیتْ۔ | 2 |
بىز ئادرامىتتىئۇمنىڭ بىر كېمىسىگە چىقتۇق. كېمە ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە باراتتى. تېسالونىكا شەھىرىدىن بولغان ماكېدونىيەلىك، ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى. |
پَرَسْمِنْ دِوَسے سْمابھِح سِیدونَّگَرے پوتے لاگِتے تَتْرَ یُولِیَح سیناپَتِح پَولَں پْرَتِ سَوجَنْیَں پْرَدَرْتھْیَ سانْتْوَنارْتھَں بَنْدھُبانْدھَوانْ اُپَیاتُمْ اَنُجَجْنَو۔ | 3 |
ئەتىسى بىز زىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ غەمخورلىقىنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. |
تَسْماتْ پوتے موچِتے سَتِ سَمُّکھَوایوح سَمْبھَوادْ وَیَں کُپْروپَدْوِیپَسْیَ تِیرَسَمِیپینَ گَتَوَنْتَح۔ | 4 |
بىز ئۇ يەردىن يەنە دېڭىزغا چىقتۇق. شاماللار قېرىشقاندەك قارشى تەرىپىمىزدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق. |
کِلِکِیایاح پامْپھُولِیایاشْچَ سَمُدْرَسْیَ پارَں گَتْوا لُوکِیادیشانْتَرْگَتَں مُرانَگَرَمْ اُپاتِشْٹھامَ۔ | 5 |
كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق. |
تَتْسْتھانادْ اِتالِیادیشَں گَچّھَتِ یَح سِکَنْدَرِیانَگَرَسْیَ پوتَسْتَں تَتْرَ پْراپْیَ شَتَسیناپَتِسْتَں پوتَمْ اَسْمانْ آروہَیَتْ۔ | 6 |
شۇ يەردە يۈزبېشى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى ئىتالىيەگە بارىدىغان باشقا بىر كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئۇنىڭغا چىقىرىپ قويدى. |
تَتَح پَرَں بَہُونِ دِنانِ شَنَیح شَنَیح رْگَتْوا کْنِیدَپارْشْووپَسْتھْتِح پُورْوَّں پْرَتِکُولینَ پَوَنینَ وَیَں سَلْمونْیاح سَمُّکھَمْ اُپَسْتھایَ کْرِیتْیُپَدْوِیپَسْیَ تِیرَسَمِیپینَ گَتَوَنْتَح۔ | 7 |
دېڭىزدا كۆپ كۈنلەر ناھايىتى ئاستا مېڭىپ، تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدۇق. شامال مىڭىش يۆنىلىشىمىزنى توسۇغاچقا، كرېت ئارىلىنىڭ شامالدىن دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي [يېرىم ئارىلى]دىن ئۆتۈپ، |
کَشْٹینَ تَمُتِّیرْیَّ لاسییانَگَرَسْیادھَح سُنْدَرَنامَکَں کھاتَمْ اُپاتِشْٹھامَ۔ | 8 |
دېڭىزدا تەسلىكتە ئىلگىرىلەپ قىرغاقنى بويلاپ، لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «گۈزەل ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق. |
اِتّھَں بَہُتِتھَح کالو یاپِتَ اُپَواسَدِنَنْچاتِیتَں، تَتْکارَناتْ نَووَرْتْمَنِ بھَیَنْکَرے سَتِ پَولو وِنَیینَ کَتھِتَوانْ، | 9 |
سەپەر بىلەن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ، روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا پاۋلۇس كۆپچىلىككە نەسىھەت قىلىپ: |
ہے مَہیچّھا اَہَں نِشْچَیَں جانامِ یاتْرایامَسْیامْ اَسْماکَں کْلیشا بَہُونامَپَچَیاشْچَ بھَوِشْیَنْتِ، تے کیوَلَں پوتَسامَگْرْیورِتِ نَہِ، کِنْتْوَسْماکَں پْرانانامَپِ۔ | 10 |
ــ بۇرادەرلەر، بۇ سەپەرنىڭ بالايىئاپەت ۋە ئېغىر زىيان بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن؛ مال ۋە كېمىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، سەپەر ئۆز جېنىمىزغىمۇ زامىن بولىدۇ! ــ دەپ ئاگاھلاندۇردى. |
تَدا شَتَسیناپَتِح پَولوکْتَواکْیَتوپِ کَرْنَدھارَسْیَ پوتَوَنِجَشْچَ واکْیَں بَہُمَںسْتَ۔ | 11 |
بىراق يۈزبېشى بولسا پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي، كېمە باشلىقى بىلەن كېمە ئىگىسىنىڭ سۆزىگە ئىشەندى. |
تَتْ کھاتَں شِیتَکالے واسارْہَسْتھانَں نَ تَسْمادْ اَواچِیپْرَتِیچورْدِشوح کْرِیتْیاح پھَینِیکِیَکھاتَں یاتُں یَدِ شَکْنُوَنْتَسْتَرْہِ تَتْرَ شِیتَکالَں یاپَیِتُں پْرایینَ سَرْوّے مَنْتْرَیاماسُح۔ | 12 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پورتمۇ قىشلاشقا مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا، كۆپچىلىك يەنە دېڭىزغا چىقىپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. فېنىكس بولسا كرېت ئارىلىدىكى بىر دېڭىز پورتى بولۇپ، بىر تەرىپى غەربىي جەنۇبقا ۋە بىر تەرىپى غەربىي شىمالغا قارايتتى. |
تَتَح پَرَں دَکْشِنَوایُ رْمَنْدَں وَہَتِیتِ وِلوکْیَ نِجابھِپْرایَسْیَ سِدّھیح سُیوگو بھَوَتِیتِ بُدّھوا پوتَں موچَیِتْوا کْرِیتْیُپَدْوِیپَسْیَ تِیرَسَمِیپینَ چَلِتَوَنْتَح۔ | 13 |
جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، كۆپچىلىك نىشانىمىزغا يېتىدىغان بولدۇق دەپ، لەڭگەرنى ئېلىۋېتىپ، كېمىنى كرېت ئارىلىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ ھەيدەپ ماڭدى. |
کِنْتْوَلْپَکْشَناتْ پَرَمیوَ اُرَکْلُدونّاما پْرَتِکُولَح پْرَچَنْڈو وایُ رْوَہَنْ پوتےلَگِیتْ | 14 |
لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق «شەرقىي شىمالدىن كەلگۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەشەددىي قارا بوران چىقىپ كەتتى. |
تَسْیابھِمُکھَں گَنْتُمْ پوتَسْیاشَکْتَتْوادْ وَیَں وایُنا سْوَیَں نِیتاح۔ | 15 |
كېمە بۇراننىڭ قاماللىقىدا قالغاچقا، ئۇنى شامالغا يۈزلەندۈرەلمەي، بوراننىڭ مەيلىچە مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق. |
اَنَنْتَرَں کْلَودِینامْنَ اُپَدْوِیپَسْیَ کُولَسَمِیپینَ پوتَں گَمَیِتْوا بَہُنا کَشْٹینَ کْشُدْرَناوَمْ اَرَکْشامَ۔ | 16 |
كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق. ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش-قۇم دۆۋىلىرىگە قېقىلىپ پېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، تورمۇز لەڭگەرلىرىنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى شامالنىڭ ھەيدىشىگە قويۇپ بەردى. |
تے تامارُہْیَ رَجّچا پوتَسْیادھوبھاگَمْ اَبَدھْنَنْ تَدَنَنْتَرَں چیتْ پوتو سَیکَتے لَگَتِیتِ بھَیادْ واتَوَسَنانْیَموچَیَنْ تَتَح پوتو وایُنا چالِتَح۔ | 17 |
کِنْتُ کْرَمَشو وایوح پْرَبَلَتْواتْ پوتو دولایَمانوبھَوَتْ پَرَسْمِنْ دِوَسے پوتَسْتھانِ کَتِپَیانِ دْرَوْیانِ تویے نِکْشِپْتانِ۔ | 18 |
بوران ئۈستىمىزگە شىددەتلىك سوققاچقا، ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى. |
ترِتِییَدِوَسے وَیَں سْوَہَسْتَیح پوتَسَجَّنَدْرَوْیانِ نِکْشِپْتَوَنْتَح۔ | 19 |
ئۈچىنچى كۈنىدە ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن كېمىدىكى قورال-جابدۇقلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. |
تَتو بَہُدِنانِ یاوَتْ سُورْیَّنَکْشَتْرادِینِ سَماچّھَنّانِ تَتو تِیوَ واتْیاگَمادْ اَسْماکَں پْرانَرَکْشایاح کاپِ پْرَتْیاشا ناتِشْٹھَتْ۔ | 20 |
كۆپ كۈنلەرگىچە يا كۈن يا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەي، بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك ئۈستىمىزگە توختىماي سوقۇۋەرگەچكە، ئاخىردا قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزمۇ يوققا چىققانىدى. |
بَہُدِنیشُ لوکَیرَناہارینَ یاپِتیشُ سَرْوّیشاں ساکْشَتْ پَولَسْتِشْٹھَنْ اَکَتھَیَتْ، ہے مَہیچّھاح کْرِیتْیُپَدْوِیپاتْ پوتَں نَ موچَیِتُمْ اَہَں پُورْوَّں یَدْ اَوَدَں تَدْگْرَہَنَں یُشْماکَمْ اُچِتَمْ آسِیتْ تَتھا کرِتے یُشْماکَمْ ایشا وِپَدْ ایشوپَچَیَشْچَ ناگھَٹِشْییتامْ۔ | 21 |
كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە كۆپ كۈنلەر بولغاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ بۇرادەرلەر، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىپ كرېتتىن دېڭىزغا چىقماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭلار بۇ بالايىئاپەت ۋە زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتىڭلار. |
کِنْتُ سامْپْرَتَں یُشْمانْ وِنِییَ بْرَوِیمْیَہَں، یُویَں نَ کْشُبھْیَتَ یُشْماکَمْ ایکَسْیاپِ پْرانِنو ہانِ رْنَ بھَوِشْیَتِ، کیوَلَسْیَ پوتَسْیَ ہانِ رْبھَوِشْیَتِ۔ | 22 |
لېكىن ئەمدى سىلەرنى غەيرەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى ئاراڭلاردا ھېچقايسىڭلار جېنىدىن ئايرىلغىنى يوق، پەقەت كېمىدىنلا مەھرۇم قالىسىلەر. |
یَتو یَسْییشْوَرَسْیَ لوکوہَں یَنْچاہَں پَرِچَرامِ تَدِییَ ایکو دُوتو ہْیو راتْرَو مَمانْتِکے تِشْٹھَنْ کَتھِتَوانْ، | 23 |
چۈنكى مەن تەۋە بولغان ۋە ئىبادەت-خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۈنۈگۈن كېچە يېنىمغا كېلىپ |
ہے پَولَ ما بھَیشِیح کَیسَرَسْیَ سَمُّکھے تْوَیوپَسْتھاتَوْیَں؛ تَوَیتانْ سَنْگِنو لوکانْ اِیشْوَرَسْتُبھْیَں دَتَّوانْ۔ | 24 |
ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك؛ ۋە مانا، خۇدا شاپائەت قىلىپ سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى تىلىگىنىڭنى ساڭا ئىجابەت قىلدى!» دېدى. |
اَتَایوَ ہے مَہیچّھا یُویَں سْتھِرَمَنَسو بھَوَتَ مَہْیَں یا کَتھاکَتھِ ساوَشْیَں گھَٹِشْیَتے مَمَیتادرِشِی وِشْواسَ اِیشْوَرے وِدْیَتے، | 25 |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئەپەندىلەر، غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى خۇداغا ئىشىنىمەنكى، ماڭا قانداق ئېيتىلغان بولسا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. |
کِنْتُ کَسْیَچِدْ اُپَدْوِیپَسْیوپَرِ پَتِتَوْیَمْ اَسْمابھِح۔ | 26 |
بىراق بىز مەلۇم ئارالنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ. |
تَتَح پَرَمْ آدْرِیاسَمُدْرے پوتَسْتَتھَیوَ دولایَمانَح سَنْ اِتَسْتَتو گَچّھَنْ چَتُرْدَشَدِوَسَسْیَ راتْرے رْدْوِتِییَپْرَہَرَسَمَیے کَسْیَچِتْ سْتھَلَسْیَ سَمِیپَمُپَتِشْٹھَتِیتِ پوتِییَلوکا اَنْوَمَنْیَنْتَ۔ | 27 |
سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈن نىسپىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قېلىپتۇق، دەپ ئويلىدى. |
تَتَسْتے جَلَں پَرِمایَ تَتْرَ وِںشَتِ رْوْیاما جَلانِیتِ جْناتَوَنْتَح۔ کِنْچِدُّورَں گَتْوا پُنَرَپِ جَلَں پَرِمِتَوَنْتَح۔ تَتْرَ پَنْچَدَشَ وْیاما جَلانِ درِشْٹْوا | 28 |
ئۇلار چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچەش ئارغامچىسىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، يىگىرمە غۇلاچ چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئون بەش غۇلاچ چىقتى. |
چیتْ پاشانے لَگَتِیتِ بھَیاتْ پوتَسْیَ پَشْچادْبھاگَتَشْچَتُرو لَنْگَرانْ نِکْشِپْیَ دِواکَرَمْ اَپیکْشْیَ سَرْوّے سْتھِتَوَنْتَح۔ | 29 |
ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ، تاڭ ئېتىشنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ تۇردى. |
کِنْتُ پوتِییَلوکاح پوتاگْرَبھاگے لَنْگَرَنِکْشیپَں چھَلَں کرِتْوا جَلَدھَو کْشُدْرَناوَمْ اَوَروہْیَ پَلایِتُمْ اَچیشْٹَنْتَ۔ | 30 |
لېكىن كېمىچىلەر كېمىدىن قاچماقچى بولۇپ كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەرنى ئېلىپ تاشلىۋېتەيلى دەپ باھانە كۆرسىتىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى. |
تَتَح پَولَح سیناپَتَیے سَینْیَگَنایَ چَ کَتھِتَوانْ، ایتے یَدِ پوتَمَدھْیے نَ تِشْٹھَنْتِ تَرْہِ یُشْماکَں رَکْشَنَں نَ شَکْیَں۔ | 31 |
پاۋلۇس يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەرگە: ــ بۇ [كېمىچىلەر] كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! ــ دېدى. |
تَدا سیناگَنو رَجُّونْ چھِتْوا ناوَں جَلے پَتِتُمْ اَدَداتْ۔ | 32 |
بۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى. |
پْرَبھاتَسَمَیے پَولَح سَرْوّانْ جَنانْ بھوجَنارْتھَں پْرارْتھْیَ وْیاہَرَتْ، اَدْیَ چَتُرْدَشَدِنانِ یاوَدْ یُویَمْ اَپیکْشَمانا اَناہاراح کالَمْ اَیاپَیَتَ کِمَپِ نابھُںگْدھَں۔ | 33 |
تاڭ ئاتاي دېگەندە، پاۋلۇس ھەممەيلەننى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ: ــ سىلەرنىڭ دەككە-دۈككە ئىچىدە ھېچنېمە يېمەي تۇرغىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى. |
اَتو وِنَیےہَں بھَکْشْیَں بھُجْیَتاں تَتو یُشْماکَں مَنْگَلَں بھَوِشْیَتِ، یُشْماکَں کَسْیَچِجَّنَسْیَ شِرَسَح کیشَیکوپِ نَ نَںکْشْیَتِ۔ | 34 |
ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. چۈنكى ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ چۈنكى ھېچقايسىڭلارنىڭ بېشىدىكى بىر تال مويمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! ــ دېدى. |
اِتِ وْیاہرِتْیَ پَولَں پُوپَں گرِہِیتْویشْوَرَں دھَنْیَں بھاشَمانَسْتَں بھَںکْتْوا بھوکْتُمْ آرَبْدھَوانْ۔ | 35 |
بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ يېدى. |
اَنَنْتَرَں سَرْوّے چَ سُسْتھِراح سَنْتَح کھادْیانِ پَرْپْیَگرِہْلَنْ۔ | 36 |
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ غىزالىنىشقا باشلىدى |
اَسْماکَں پوتے شَٹْسَپْتَتْیَدھِکَشَتَدْوَیَلوکا آسَنْ۔ | 37 |
(كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق). |
سَرْوّیشُ لوکیشُ یَتھیشْٹَں بھُکْتَوَتْسُ پوتَسْتھَنْ گودھُومانْ جَلَدھَو نِکْشِپْیَ تَیح پوتَسْیَ بھارو لَگھُوکرِتَح۔ | 38 |
ھەممەيلەن قورساقلىرىنى توقلىغاندىن كېيىن، كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. |
دِنے جاتےپِ سَ کو دیشَ اِتِ تَدا نَ پَرْیَّچِییَتَ؛ کِنْتُ تَتْرَ سَمَتَٹَمْ ایکَں کھاتَں درِشْٹْوا یَدِ شَکْنُمَسْتَرْہِ وَیَں تَسْیابھْیَنْتَرَں پوتَں گَمَیامَ اِتِ مَتِں کرِتْوا تے لَنْگَرانْ چھِتّوا جَلَدھَو تْیَکْتَوَنْتَح۔ | 39 |
تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنىڭ نە ئىكەنلىكىنى تونۇمىدى. لېكىن ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە ئۇرۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى. |
تَتھا کَرْنَبَنْدھَنَں موچَیِتْوا پْرَدھانَں واتَوَسَنَمْ اُتّولْیَ تِیرَسَمِیپَں گَتَوَنْتَح۔ | 40 |
ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنى بوشىۋېتىپ، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنىڭ ئىككى يۆنىلىش پالىقىنىڭ باغلىرىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى شامالغا چىقىرىپ، كېمىنى قۇملۇقنىڭ قىرغىقىغا قارىتىپ ماڭدۇردى. |
کِنْتُ دْوَیوح سَمُدْرَیوح سَنْگَمَسْتھانے سَیکَتوپَرِ پوتے نِکْشِپْتے گْرَبھاگے بادھِتے پَشْچادْبھاگے پْرَبَلَتَرَنْگولَگَتْ تینَ پوتو بھَگْنَح۔ | 41 |
ئەمدى ئىككى ئېقىم بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرگە كىرىپ قېلىپ، ئۇلار كېمىنى قىراققا سوقتۇرۇۋالدى؛ كېمىنىڭ بېشى دېڭىز تېگىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ، مىدىرلىماي قالدى، لېكىن كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى. |
تَسْمادْ بَنْدَیَشْچیدْ باہُبھِسْتَرَنْتَح پَلایَنْتے اِتْیاشَنْکَیا سیناگَنَسْتانْ ہَنْتُمْ اَمَنْتْرَیَتْ؛ | 42 |
لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. |
کِنْتُ شَتَسیناپَتِح پَولَں رَکْشِتُں پْرَیَتْنَں کرِتْوا تانْ تَچّیشْٹایا نِوَرْتْیَ اِتْیادِشْٹَوانْ، یے باہُتَرَنَں جانَنْتِ تےگْرے پْرولَّمْپْیَ سَمُدْرے پَتِتْوا باہُبھِسْتِیرْتّوا کُولَں یانْتُ۔ | 43 |
لېكىن يۈزبېشى پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ قىرغاققا چىقىشىنى، |
اَپَرَمْ اَوَشِشْٹا جَناح کاشْٹھَں پوتِییَں دْرَوْیَں وا یینَ یَتْ پْراپْیَتے تَدَوَلَمْبْیَ یانْتُ؛ اِتّھَں سَرْوّے بھُومِں پْراپْیَ پْرانَے رْجِیوِتاح۔ | 44 |
قالغانلارنىڭ بەزىلىرىنى تاختايلارغا، بەزىلىرىنى كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرىغا ئېسىلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق بولدىكى، ھەممەيلەن قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قۇرۇقلۇققا چىقتى. |