پَوِتْرَ آتْما سْپَشْٹَمْ اِدَں واکْیَں وَدَتِ چَرَمَکالے کَتِپَیَلوکا وَہْنِنانْکِتَتْواتْ | 1 |
ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ. |
کَٹھورَمَنَساں کاپَٹْیادْ اَنرِتَوادِناں وِواہَنِشیدھَکاناں بھَکْشْیَوِشیشَنِشیدھَکانانْچَ | 2 |
بۇنداق [تەلىم بەرگۈچىلەر] ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛ |
بھُوتَسْوَرُوپاناں شِکْشایاں بھْرَمَکاتْمَناں واکْییشُ چَ مَناںسِ نِویشْیَ دھَرْمّادْ بھْرَںشِشْیَنْتے۔ تانِ تُ بھَکْشْیانِ وِشْواسِناں سْوِیکرِتَسَتْیَدھَرْمّانانْچَ دھَنْیَوادَسَہِتایَ بھوگاییشْوَرینَ سَسرِجِرے۔ | 3 |
ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما [ئۇلار مەنئى قىلىدىغان] يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى. |
یَتَ اِیشْوَرینَ یَدْیَتْ سرِشْٹَں تَتْ سَرْوَّمْ اُتَّمَں یَدِ چَ دھَنْیَوادینَ بھُجْیَتے تَرْہِ تَسْیَ کِمَپِ ناگْراہْیَں بھَوَتِ، | 4 |
چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ. |
یَتَ اِیشْوَرَسْیَ واکْیینَ پْرارْتھَنَیا چَ تَتْ پَوِتْرِیبھَوَتِ۔ | 5 |
چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ. |
ایتانِ واکْیانِ یَدِ تْوَں بھْراترِنْ جْناپَییسْتَرْہِ یِیشُکھْرِیشْٹَسْیوتَّمْح پَرِچارَکو بھَوِشْیَسِ یو وِشْواسو ہِتوپَدیشَشْچَ تْوَیا گرِہِیتَسْتَدِییَواکْیَیراپْیایِشْیَسے چَ۔ | 6 |
بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ. |
یانْیُپاکھْیانانِ دُرْبھاوانِ ورِدّھَیوشِتامیوَ یوگْیانِ چَ تانِ تْوَیا وِسرِجْیَنْتامْ اِیشْوَرَبھَکْتَیے یَتْنَح کْرِیَتانْچَ۔ | 7 |
ئەمما ئىخلاسسىزلارنىڭ ۋە مومايلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن. |
یَتَح شارِیرِکو یَتْنَح سْوَلْپَپھَلَدو بھَوَتِ کِنْتْوِیشْوَرَبھَکْتِرَیہِکَپارَتْرِکَجِیوَنَیوح پْرَتِجْنایُکْتا سَتِی سَرْوَّتْرَ پھَلَدا بھَوَتِ۔ | 8 |
چۈنكى «بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازراق پايدىسى بار، لېكىن ئىخلاسمەنلىكتە ئىنتىلىشنىڭ ھەرتەرەپلىك پايدىسى بار؛ ئۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ» |
واکْیَمیتَدْ وِشْوَسَنِییَں سَرْوَّے رْگْرَہَنِییَنْچَ وَیَنْچَ تَدَرْتھَمیوَ شْرامْیامو نِنْداں بھُںجْمَہے چَ۔ | 9 |
ــ بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. |
یَتو ہیتوح سَرْوَّمانَواناں وِشیشَتو وِشْواسِناں تْراتا یومَرَ اِیشْوَرَسْتَسْمِنْ وَیَں وِشْوَسامَح۔ | 10 |
ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز. چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق. |
تْوَمْ ایتانِ واکْیانِ پْرَچارَیَ سَمُپَدِشَ چَ۔ | 11 |
بۇ ئىشلارنى [جامائەتكە] توختىماي تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن. |
اَلْپَوَیَشْکَتْواتْ کیناپْیَوَجْنییو نَ بھَوَ کِنْتْوالاپیناچَرَنینَ پْریمْنا سَداتْمَتْوینَ وِشْواسینَ شُچِتْوینَ چَ وِشْواسِنامْ آدَرْشو بھَوَ۔ | 12 |
ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول. |
یاوَنّاہَمْ آگَمِشْیامِ تاوَتْ تْوَ پاٹھے چیتَیَنے اُپَدیشے چَ مَنو نِدھَتْسْوَ۔ | 13 |
مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. |
پْراچِینَگَنَہَسْتارْپَنَسَہِتینَ بھَوِشْیَدْواکْیینَ یَدّانَں تُبھْیَں وِشْرانِتَں تَوانْتَحسْتھے تَسْمِنْ دانے شِتھِلَمَنا ما بھَوَ۔ | 14 |
[جامائىتىڭنىڭ] ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، [خۇدانىڭ] ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما. |
ایتیشُ مَنو نِویشَیَ، ایتیشُ وَرْتَّسْوَ، اِتّھَنْچَ سَرْوَّوِشَیے تَوَ گُنَورِدّھِح پْرَکاشَتاں۔ | 15 |
بۇ ئىشلارغا بېرىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا تولۇق ئاتىغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىدۇ. |
سْوَسْمِنْ اُپَدیشے چَ ساوَدھانو بھُوتْواوَتِشْٹھَسْوَ تَتْ کرِتْوا تْوَیاتْمَپَرِتْرانَں شْروترِنانْچَ پَرِتْرانَں سادھَیِشْیَتے۔ | 16 |
ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن. |