ہے بھْراتَرَح، یُشْمَنْمَدھْیے سْماکَں پْرَویشو نِشْپھَلو نَ جاتَ اِتِ یُویَں سْوَیَں جانِیتھَ۔ | 1 |
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاراڭلارغا كىرگىنىمىز توغرۇلۇق بىلىسىلەركى، ئۇ بىكارغا كەتمىدى. |
اَپَرَں یُشْمابھِ رْیَتھاشْراوِ تَتھا پُورْوَّں پھِلِپِینَگَرے کْلِشْٹا نِنْدِتاشْچَ سَنْتوپِ وَیَمْ اِیشْوَرادْ اُتْساہَں لَبْدھْوا بَہُیَتْنینَ یُشْمانْ اِیشْوَرَسْیَ سُسَںوادَمْ اَبودھَیامَ۔ | 2 |
سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، گەرچە ئىلگىرى فىلىپپى شەھىرىدە قىيىن-قىستاق ۋە خارلىققا ئۇچرىغان بولساقمۇ، زور قاتتىق قارشىلىققا قارىماي خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە خۇدايىمىزنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن يۈرەكلىك بولدۇق. |
یَتوسْماکَمْ آدیشو بھْرانْتیرَشُچِبھاوادْ ووتْپَنَّح پْرَوَنْچَنایُکْتو وا نَ بھَوَتِ۔ | 3 |
چۈنكى بىزنىڭ ئۆتۈنۈش-جېكىلەشلىرىمىزدە ھېچقانداق ئالدامچىلىق، ناپاك نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك يوقتۇر. |
کِنْتْوِیشْوَریناسْمانْ پَرِیکْشْیَ وِشْوَسَنِییانْ مَتّوا چَ یَدْوَتْ سُسَںوادوسْماسُ سَمارْپْیَتَ تَدْوَدْ وَیَں مانَویبھْیو نَ رُروچِشَماناح کِنْتْوَسْمَدَنْتَحکَرَناناں پَرِیکْشَکاییشْوَرایَ رُروچِشَمانا بھاشامَہے۔ | 4 |
ئەكسىچە، بىز خۇدا تەرىپىدىن خۇش خەۋەرنىڭ ئامانەت قىلىنىشقا لايىق كۆرۈلگەن ئادەملەر سۈپىتىدە بىز شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى قەلبىمىزنى سىنىغۇچى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن [خۇش خەۋەرنى] جاكارلايمىز. |
وَیَں کَداپِ سْتُتِوادِنو نابھَوامیتِ یُویَں جانِیتھَ کَداپِ چھَلَوَسْتْرینَ لوبھَں ناچّھادَیامیتْیَسْمِنْ اِیشْوَرَح ساکْشِی وِدْیَتے۔ | 5 |
چۈنكى سىلەر بىلگەندەك بىز ھېچقايسى ۋاقىتتا ئاراڭلارغا خۇشامەتچىلىك بىلەن ۋە ياكى تاماخورلۇققا نىقاب تاقاپ كەلمىدۇق ــ (بۇ ئىشتا خۇدا بىزگە گۇۋاھچىدۇر ــ |
وَیَں کھْرِیشْٹَسْیَ پْریرِتا اِوَ گَورَوانْوِتا بھَوِتُمْ اَشَکْشْیامَ کِنْتُ یُشْمَتَّح پَرَسْمادْ وا کَسْمادَپِ مانَوادْ گَورَوَں نَ لِپْسَمانا یُشْمَنْمَدھْیے مرِدُبھاوا بھُوتْواوَرْتّامَہِ۔ | 6 |
گەرچە بىز مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە تەلەپ يۈكلىيەلەيدىغان بولساقمۇ، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچبىر ئىنساندىن بىرەر ئىززەت-شۆھرەت ئىزدىگەن ئەمەس ئىدۇق. |
یَتھا کاچِنْماتا سْوَکِییَشِشُونْ پالَیَتِ تَتھا وَیَمَپِ یُشْمانْ کانْکْشَمانا | 7 |
ئەكسىچە بىز ئاراڭلاردا خۇددى بالا ئىمىتىدىغان ئانا ئۆز بوۋاقلىرىنى كۆيۈنۈپ ئاسرىغاندەك سىلەرگە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولدۇق. |
یُشْمَبھْیَں کیوَلَمْ اِیشْوَرَسْیَ سُسَںوادَں تَنَّہِ کِنْتُ سْوَکِییَپْرانانْ اَپِ داتُں مَنوبھِرَبھْیَلَشامَ، یَتو یُویَمْ اَسْماکَں سْنیہَپاتْرانْیَبھَوَتَ۔ | 8 |
شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق تەلپۈنگەنىدۇق، سىلەرگە پەقەت خۇدانىڭ خۇش خەۋەرىنى تاپشۇرۇشنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆز جېنىمىزنى تاپشۇرۇشقىمۇ رازىمىز؛ چۈنكى سىلەر بىزگە ئىنتايىن قەدىرلىك ئىدىڭلار. |
ہے بھْراتَرَح، اَسْماکَں شْرَمَح کْلےشَشْچَ یُشْمابھِح سْمَرْیَّتے یُشْماکَں کوپِ یَدْ بھارَگْرَسْتو نَ بھَویتْ تَدَرْتھَں وَیَں دِوانِشَں پَرِشْرامْیَنْتو یُشْمَنْمَدھْیَ اِیشْوَرَسْیَ سُسَںوادَمَگھوشَیامَ۔ | 9 |
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق جاپالىق ئەمگەك قىلغىنىمىز ئېسىڭلاردا باردۇر؛ ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلەپ مېھنەت قىلدۇق، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. |
اَپَرَنْچَ وِشْواسِنو یُشْمانْ پْرَتِ وَیَں کِیدرِکْ پَوِتْرَتْوَیَتھارْتھَتْوَنِرْدوشَتْواچارِنوبھَوامیتْیَسْمِنْ اِیشْوَرو یُویَنْچَ ساکْشِنَ آدھْوے۔ | 10 |
ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىيەتلىرىمىزنىڭ قانداق ئىخلاسمەن، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار ۋە خۇدانىڭ ئۆزىمۇ گۇۋاھچىدۇر. |
اَپَرَنْچَ یَدْوَتْ پِتا سْوَبالَکانْ تَدْوَدْ وَیَں یُشْماکَمْ ایکَیکَں جَنَمْ اُپَدِشْٹَوَنْتَح سانْتْوِتَوَنْتَشْچَ، | 11 |
ۋە يەنە سىلەر بىلگىنىڭلاردەك، ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت بەرگىنىدەك بىز ھەربىرىڭلارغا شۇنداق جېكىلەپ، رىغبەت-تەسەللى بېرىپ، سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرىۋاتقان خۇداغا لايىق ھالدا مېڭىشقا دەۋەت قىلدۇق. |
یَ اِیشْوَرَح سْوِییَراجْیایَ وِبھَوایَ چَ یُشْمانْ آہُوتَوانْ تَدُپَیُکْتاچَرَنایَ یُشْمانْ پْرَوَرْتِّتَوَنْتَشْچیتِ یُویَں جانِیتھَ۔ | 12 |
یَسْمِنْ سَمَیے یُویَمْ اَسْماکَں مُکھادْ اِیشْوَرینَ پْرَتِشْرُتَں واکْیَمْ اَلَبھَدھْوَں تَسْمِنْ سَمَیے تَتْ مانُشاناں واکْیَں نَ مَتّویشْوَرَسْیَ واکْیَں مَتّوا گرِہِیتَوَنْتَ اِتِ کارَنادْ وَیَں نِرَنْتَرَمْ اِیشْوَرَں دھَنْیَں وَدامَح، یَتَسْتَدْ اِیشْوَرَسْیَ واکْیَمْ اِتِ سَتْیَں وِشْواسِناں یُشْماکَں مَدھْیے تَسْیَ گُنَح پْرَکاشَتے چَ۔ | 13 |
خۇداغا يەنە شۇ سەۋەبتىن توختاۋسىز تەشەككۈر ئېيتىمىزكى، سىلەرنىڭ بىزدىن ئاڭلىغان خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قۇلاق سالغىنىڭلاردا، ئۇنى ئىنسانلاردىن كەلگەن سۆز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلىي سۈپىتىدە، يەنى خۇدادىن كەلگەن سۆز-كالام دەپ ئۇنى قوبۇل قىلدىڭلار؛ ئۇ [سۆز-كالام] ھازىر ئىشەنگۈچى سىلەردە ئىشلىمەكتە. |
ہے بھْراتَرَح، کھْرِیشْٹاشْرِتَوَتْیَ اِیشْوَرَسْیَ یاح سَمِتْیو یِہُودادیشے سَنْتِ یُویَں تاسامْ اَنُکارِنوبھَوَتَ، تَدْبھُکْتا لوکاشْچَ یَدْوَدْ یِہُودِلوکیبھْیَسْتَدْوَدْ یُویَمَپِ سْوَجاتِییَلوکیبھْیو دُحکھَمْ اَلَبھَدھْوَں۔ | 14 |
چۈنكى سىلەر، ئى قېرىنداشلار، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى مەسىھ ئەيسادا بولغان جامائەتلەردىن ئۈلگە ئالدىڭلار؛ ئۇلار [شۇ يەردە] يەھۇدىيلار تەرىپىدىن قانداق خارلىقلارغا ئۇچرىغان بولسا، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن ئوخشاش خارلىقلارغا ئۇچرىدىڭلار. |
تے یِہُودِییاح پْرَبھُں یِیشُں بھَوِشْیَدْوادِنَشْچَ ہَتَوَنْتو سْمانْ دُورِیکرِتَوَنْتَشْچَ، تَ اِیشْوَرایَ نَ روچَنْتے سَرْوّیشاں مانَواناں وِپَکْشا بھَوَنْتِ چَ؛ | 15 |
ئۇلار، يەنى شۇ يەھۇدىيلار، ئەسلىدە رەب ئەيسانى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىزنىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قوغلىۋەتكەنىدى. ئۇلار خۇدانى نارازى قىلىپ، ۋە ھەممە ئىنسان بىلەن قېرىشىپ، |
اَپَرَں بھِنَّجاتِییَلوکاناں پَرِتْرانارْتھَں تیشاں مَدھْیے سُسَںوادَگھوشَنادْ اَسْمانْ پْرَتِشیدھَنْتِ چیتّھَں سْوِییَپاپاناں پَرِمانَمْ اُتَّروتَّرَں پُورَیَنْتِ، کِنْتُ تیشامْ اَنْتَکارِی کْرودھَسْتانْ اُپَکْرَمَتے۔ | 16 |
«يات ئەللىكلەر»نىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا سۆزلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز چېكىگە يەتكۈزمەكتە؛ لېكىن غەزەپ ئۇلارنىڭ بېشىغا تولۇقى بىلەن چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. |
ہے بھْراتَرَح مَنَسا نَہِ کِنْتُ وَدَنینَ کِیَتْکالَں یُشْمَتّو سْماکَں وِچّھیدے جاتے وَیَں یُشْماکَں مُکھانِ دْرَشْٹُمْ اَتْیاکانْکْشَیا بَہُ یَتِتَوَنْتَح۔ | 17 |
لېكىن بىز، ئى قېرىنداشلار، ئامالسىز سىلەردىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت جۇدالاشقان بولساقمۇ (تەندە بولسىمۇ، قەلبدە ئەمەس)، سىلەر بىلەن يەنە دىدار كۆرۈشۈشكە قەۋەتلا ئىنتىزارلىقىمىزدىن يېنىڭلارغا بېرىشقا تېخىمۇ بەك ئىنتىلدۇق! |
دْوِریکَکرِتْوو وا یُشْمَتْسَمِیپَگَمَنایاسْماکَں وِشیشَتَح پَولَسْیَ مَمابھِلاشوبھَوَتْ کِنْتُ شَیَتانو سْمانْ نِوارِتَوانْ۔ | 18 |
شۇنىڭدەك يېنىڭلارغا بارغۇمىز بار ئىدى ــ ئەمەلىيەتتە مەنكى پاۋلۇس قايتا-قايتا تىرىشىپ باقتىم؛ بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسقۇنلۇق قىلدى. |
یَتوسْماکَں کا پْرَتْیاشا کو وانَنْدَح کِں وا شْلاگھْیَکِرِیٹَں؟ اَسْماکَں پْرَبھو رْیِیشُکھْرِیشْٹَسْیاگَمَنَکالے تَتْسَمُّکھَسْتھا یُویَں کِں تَنَّ بھَوِشْیَتھَ؟ | 19 |
چۈنكى بىزنىڭ ئىستەك-ئارزۇيىمىز، شادلىقىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا قايتىپ كەلگەندە پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز نېمە بولىدۇ؟ بۇ دەل سىلەر ئۆزۈڭلار ئەمەسمۇ؟ |
یُویَمْ ایواسْماکَں گَورَوانَنْدَسْوَرُوپا بھَوَتھَ۔ | 20 |
چۈنكى سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز، بىزنىڭ شادلىقىمىز! |