ہے بھْراتَرَح، یَح سُسَںوادو مَیا یُشْمَتْسَمِیپے نِویدِتو یُویَنْچَ یَں گرِہِیتَوَنْتَ آشْرِتَوَنْتَشْچَ تَں پُنَ رْیُشْمانْ وِجْناپَیامِ۔ | 1 |
ئەمما، ئى قېرىنداشلار، مەن سىلەرگە ئەسلىدە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى بايان قىلماقچىمەن؛ سىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋاتىسىلەر؛ |
یُشْماکَں وِشْواسو یَدِ وِتَتھو نَ بھَویتْ تَرْہِ سُسَںوادَیُکْتانِ مَمَ واکْیانِ سْمَرَتاں یُشْماکَں تینَ سُسَںوادینَ پَرِتْرانَں جایَتے۔ | 2 |
مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر بولغان كالامدا چىڭ تۇرغان بولساڭلار، ــ (ئىشەنگىنىڭلار بىكارغا كەتمىگەن بولسا) ــ سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇۋاتىسىلەر. |
یَتوہَں یَدْ یَتْ جْناپِتَسْتَدَنُساراتْ یُشْماسُ مُکھْیاں یاں شِکْشاں سَمارْپَیَں سییَں، شاسْتْرانُساراتْ کھْرِیشْٹوسْماکَں پاپَموچَنارْتھَں پْرانانْ تْیَکْتَوانْ، | 3 |
چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛ |
شْمَشانے سْتھاپِتَشْچَ ترِتِییَدِنے شاسْتْرانُساراتْ پُنَرُتّھاپِتَح۔ | 4 |
ئۇ دەپنە قىلىندى؛ ۋە ئۈچىنچى كۈنى يەنە تەۋرات-زەبۇردە ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك تىرىلدۈرۈلدى؛ |
سَ چاگْرے کَیپھَے تَتَح پَرَں دْوادَشَشِشْییبھْیو دَرْشَنَں دَتَّوانْ۔ | 5 |
ئۇ كېفاسقا، ئاندىن ئون ئىككىيلەنگە كۆرۈندى؛ |
تَتَح پَرَں پَنْچَشَتادھِکَسَںکھْیَکیبھْیو بھْراترِبھْیو یُگَپَدْ دَرْشَنَں دَتَّوانْ تیشاں کیچِتْ مَہانِدْراں گَتا بَہُتَراشْچادْیاپِ وَرْتَّنْتے۔ | 6 |
ئاندىن ئۇ بىر سورۇندا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك، ئەمما بەزىلىرى ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتىدۇ؛ |
تَدَنَنْتَرَں یاکُوبایَ تَتْپَشْچاتْ سَرْوّیبھْیَح پْریرِتیبھْیو دَرْشَنَں دَتَّوانْ۔ | 7 |
ئۇ ياقۇپقا، ئاندىن روسۇللارنىڭ ھەممىسىگە كۆرۈندى؛ |
سَرْوَّشیشےکالَجاتَتُلْیو یوہَں، سوہَمَپِ تَسْیَ دَرْشَنَں پْراپْتَوانْ۔ | 8 |
ھەممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى. |
اِیشْوَرَسْیَ سَمِتِں پْرَتِ دَوراتْمْیاچَرَنادْ اَہَں پْریرِتَنامَ دھَرْتُّمْ اَیوگْیَسْتَسْماتْ پْریرِتاناں مَدھْیے کْشُدْرَتَمَشْچاسْمِ۔ | 9 |
چۈنكى مەن روسۇللار ئارىسىدىكى ئەڭ تۆۋىنىمەن، روسۇل دەپ ئاتىلىشقا لايىق ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىگە زىيانكەشلىك قىلغانمەن. |
یادرِشوسْمِ تادرِشَ اِیشْوَرَسْیانُگْرَہینَیواسْمِ؛ اَپَرَں ماں پْرَتِ تَسْیانُگْرَہو نِشْپھَلو نابھَوَتْ، اَنْییبھْیَح سَرْوّیبھْیو مَیادھِکَح شْرَمَح کرِتَح، کِنْتُ سَ مَیا کرِتَسْتَنَّہِ مَتْسَہَکارِنیشْوَرَسْیانُگْرَہینَیوَ۔ | 10 |
لېكىن ھازىر نېمىلا بولسام خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدۇم؛ ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن شۇ مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى؛ چۈنكى مەن [خۇدانىڭ خىزمىتىدە] بارلىق روسۇللاردىن بەكرەك جاپالىق ئىشلىگەنمەن؛ ئەمەلىيەتتە ئىشلىگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن بىللە بولغان خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدۇر. |
اَتَایوَ مَیا بھَویتْ تَے رْوا بھَویتْ اَسْمابھِسْتادرِشِی وارْتّا گھوشْیَتے سَیوَ چَ یُشْمابھِ رْوِشْواسینَ گرِہِیتا۔ | 11 |
دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا [روسۇللار] بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر. |
مرِتْیُدَشاتَح کھْرِیشْٹَ اُتّھاپِتَ اِتِ وارْتّا یَدِ تَمَدھِ گھوشْیَتے تَرْہِ مرِتَلوکانامْ اُتّھِتِ رْناسْتِیتِ واگْ یُشْماکَں مَدھْیے کَیشْچِتْ کُتَح کَتھْیَتے؟ | 12 |
ئەمما مەسىھ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلدۈرۈلگەن دەپ جاكارلانغان بولسا، قانداقمۇ ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش، دەيدۇ؟ |
مرِتانامْ اُتّھِتِ رْیَدِ نَ بھَویتْ تَرْہِ کھْرِیشْٹوپِ نوتّھاپِتَح | 13 |
ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن يوق ئىش بولسا، مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ يوق ئىش بولغان بولاتتى. |
کھْرِیشْٹَشْچَ یَدْیَنُتّھاپِتَح سْیاتْ تَرْہْیَسْماکَں گھوشَنَں وِتَتھَں یُشْماکَں وِشْواسوپِ وِتَتھَح۔ | 14 |
شۇنىڭدەك ئەگەر مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بولمىسا، جاكارلىغان خەۋىرىمىز بىھۇدە بولغان، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارمۇ بىھۇدە بولغان بولاتتى. |
وَیَنْچیشْوَرَسْیَ مرِشاساکْشِنو بھَوامَح، یَتَح کھْرِیشْٹَ سْتینوتّھاپِتَح اِتِ ساکْشْیَمْ اَسْمابھِرِیشْوَرَمَدھِ دَتَّں کِنْتُ مرِتانامُتّھِتِ رْیَدِ نَ بھَویتْ تَرْہِ سَ تینَ نوتّھاپِتَح۔ | 15 |
ھەتتا بىزمۇ خۇدا توغرىسىدىكى يالغان گۇۋاھچىلار بولغان بولاتتۇق ــ چۈنكى بىز خۇدانىڭ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدا مەسىھنىمۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى. |
یَتو مرِتانامُتّھِتِ رْیَتِ نَ بھَویتْ تَرْہِ کھْرِیشْٹوپْیُتّھاپِتَتْوَں نَ گَتَح۔ | 16 |
چۈنكى ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلدۈرۈلمىسە، مەسىھمۇ تىرىلمىگەن بولاتتى. |
کھْرِیشْٹَسْیَ یَدْیَنُتّھاپِتَح سْیاتْ تَرْہِ یُشْماکَں وِشْواسو وِتَتھَح، یُویَمْ اَدْیاپِ سْوَپاپیشُ مَگْناسْتِشْٹھَتھَ۔ | 17 |
مۇبادا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار كېرەكسىز بولغان، سىلەر تېخىچە گۇناھلىرىڭلاردا يۈرۈۋاتقان بولاتتىڭلار، |
اَپَرَں کھْرِیشْٹاشْرِتا یے مانَوا مَہانِدْراں گَتاسْتےپِ ناشَں گَتاح۔ | 18 |
شۇنداقلا مەسىھتە ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقانلارمۇ ھالاكەتكە يۈز تۇتقان بولاتتى. |
کھْرِیشْٹو یَدِ کیوَلَمِہَلوکے سْماکَں پْرَتْیاشابھُومِح سْیاتْ تَرْہِ سَرْوَّمَرْتْییبھْیو وَیَمیوَ دُرْبھاگْیاح۔ | 19 |
ئەگەر ئۈمىدىمىزنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۈچۈنلا مەسىھگە باغلىغان بولساق، بىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ بىچارە ئادەملەردىن بولغان بولىمىز. |
اِدانِیں کھْرِیشْٹو مرِتْیُدَشاتَ اُتّھاپِتو مَہانِدْراگَتاناں مَدھْیے پْرَتھَمَپھَلَسْوَرُوپو جاتَشْچَ۔ | 20 |
ئەمما ئەمەلىيەتتە، مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدە «ھوسۇلنىڭ تۇنجى مېۋىسى» بولۇپ، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر؛ |
یَتو یَدْوَتْ مانُشَدْوارا مرِتْیُح پْرادُرْبھُوتَسْتَدْوَتْ مانُشَدْوارا مرِتاناں پُنَرُتّھِتِرَپِ پْرَدُرْبھُوتا۔ | 21 |
چۈنكى بىر ئىنسان ئارقىلىق ئۆلۈم [ئالەمدە] پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئىنسان ئارقىلىق [ئالەمدە] پەيدا بولدى. |
آدَما یَتھا سَرْوّے مَرَنادھِینا جاتاسْتَتھا کھْرِیشْٹینَ سَرْوّے جِیوَیِشْیَنْتے۔ | 22 |
ئادامئاتىمىزدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىقىغا ئوخشاش، مەسىھدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى [ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن] ئۆلۈمدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. |
کِنْتْویکَیکینَ جَنینَ نِجے نِجے پَرْیّایَ اُتّھاتَوْیَں پْرَتھَمَتَح پْرَتھَمَجاتَپھَلَسْوَرُوپینَ کھْرِیشْٹینَ، دْوِتِییَتَسْتَسْیاگَمَنَسَمَیے کھْرِیشْٹَسْیَ لوکَیح۔ | 23 |
ئەمما ھەممەيلەن ئۆز نۆۋەت-قاتارىدا تىرىلىدۇ؛ تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى بولغان مەسىھ بىرىنچى؛ ئىككىنچىلەر بولسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كەلگىنىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلار. |
تَتَح پَرَمْ اَنْتو بھَوِشْیَتِ تَدانِیں سَ سَرْوَّں شاسَنَمْ اَدھِپَتِتْوَں پَراکْرَمَنْچَ لُپْتْوا سْوَپِتَرِیشْوَرے راجَتْوَں سَمَرْپَیِشْیَتِ۔ | 24 |
ئاندىن ئاخىرەت بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ بارلىق ھۆكۈمرانلىقنى، بارلىق ھوقۇق ۋە ھەرخىل كۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پادىشاھلىقنى خۇدا-ئاتىغا تاپشۇرىدۇ. |
یَتَح کھْرِیشْٹَسْیَ رِپَوَح سَرْوّے یاوَتْ تینَ سْوَپادَیورَدھو نَ نِپاتَیِشْیَنْتے تاوَتْ تینَیوَ راجَتْوَں کَرْتَّوْیَں۔ | 25 |
چۈنكى ئۇ بارلىق دۈشمەنلەرنى [مەغلۇپ قىلىپ] ئايىغى ئاستىدا قىلغۇچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەكتۇر؛ |
تینَ وِجیتَوْیو یَح شیشَرِپُح سَ مرِتْیُریوَ۔ | 26 |
ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىلىدىغان دۈشمەن بولسا ئۆلۈم ئۆزىدۇر. |
لِکھِتَماسْتے سَرْوّانِ تَسْیَ پادَیو رْوَشِیکرِتانِ۔ کِنْتُ سَرْوّانْییوَ تَسْیَ وَشِیکرِتانِیتْیُکْتے سَتِ سَرْوّانِ یینَ تَسْیَ وَشِیکرِتانِ سَ سْوَیَں تَسْیَ وَشِیبھُوتو نَ جاتَ اِتِ وْیَکْتَں۔ | 27 |
چۈنكى [زەبۇردا] «[خۇدا] پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىغا بويسۇندۇرغان» [دەپ پۈتۈكلۈكتۇر]. ئەمما «پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان» دېيىلگىنىدە، روشەنكى، شۇ «پۈتكۈل» دېگەن سۆز «ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرغۇزغۇچى»نىڭ ئۆزىنى ئىچىگە ئالغان ئەمەستۇر. |
سَرْوّیشُ تَسْیَ وَشِیبھُوتیشُ سَرْوّانِ یینَ پُتْرَسْیَ وَشِیکرِتانِ سْوَیَں پُتْروپِ تَسْیَ وَشِیبھُوتو بھَوِشْیَتِ تَتَ اِیشْوَرَح سَرْوّیشُ سَرْوَّ ایوَ بھَوِشْیَتِ۔ | 28 |
ئەمما ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل ھەممىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچىغا بويسۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدا ھەممىنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. |
اَپَرَں پَریتَلوکاناں وِنِمَیینَ یے مَجّیَنْتے تَیح کِں لَپْسْیَتے؟ ییشاں پَریتَلوکانامْ اُتّھِتِح کیناپِ پْرَکارینَ نَ بھَوِشْیَتِ تیشاں وِنِمَیینَ کُتو مَجَّنَمَپِ تَیرَنْگِیکْرِیَتے؟ | 29 |
ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن نېمە دەپ چۆمۈلدۈرۈلىدۇ؟ |
وَیَمَپِ کُتَح پْرَتِدَنْڈَں پْرانَبھِیتِمْ اَنْگِیکُرْمَّہے؟ | 30 |
بىزلەر نېمە دەپ [ھەر كۈنى] ھەر سائەتتە خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىپ يۈرىمىز؟ |
اَسْمَتْپْرَبھُنا یِیشُکھْرِیشْٹینَ یُشْمَتّو مَمَ یا شْلاگھاسْتے تَسْیاح شَپَتھَں کرِتْوا کَتھَیامِ دِنے دِنےہَں مرِتْیُں گَچّھامِ۔ | 31 |
رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا سىلەردىن پەخىرلىنىشىم راست بولغاندەك، [ئى قېرىنداشلىرىم]، مەن ھەركۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىمەن. |
اِپھِشَنَگَرے وَنْیَپَشُبھِح سارْدّھَں یَدِ لَوکِکَبھاواتْ مَیا یُدّھَں کرِتَں تَرْہِ تینَ مَمَ کو لابھَح؟ مرِتانامْ اُتّھِتِ رْیَدِ نَ بھَویتْ تَرْہِ، کُرْمّو بھوجَنَپانےدْیَ شْوَسْتُ مرِتْیُ رْبھَوِشْیَتِ۔ | 32 |
ئەگەر ئىنسانلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا «ئەفەسۇس شەھىرىدە ۋەھشىي ھايۋانلار بىلەن ئېلىشتىم» دېسەم، ئۆلگەنلەر ئۆلۈمدىن تىرىلمىسە، بۇنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ «ئەتە بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولمامتى؟ |
اِتْیَنینَ دھَرْمّاتْ ما بھْرَںشَدھْوَں۔ کُسَںسَرْگینَ لوکاناں سَداچارو وِنَشْیَتِ۔ | 33 |
ئالدانماڭلار؛ چۈنكى «يامان ھەمراھلار ئەخلاقنى بۇزىدۇ». |
یُویَں یَتھوچِتَں سَچَیتَنْیاسْتِشْٹھَتَ، پاپَں ما کُرُدھْوَں، یَتو یُشْماکَں مَدھْیَ اِیشْوَرِییَجْنانَہِیناح کےپِ وِدْیَنْتے یُشْماکَں تْرَپایَے مَییدَں گَدْیَتے۔ | 34 |
ھەققانىي بولۇش ئۈچۈن ئويغىنىڭلار، گۇناھدىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى بەزىلىرىڭلاردا خۇدا توغرۇلۇق خەۋەر يوقتۇر ــ بۇنى ئېيتسام سىلەر ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ؟ |
اَپَرَں مرِتَلوکاح کَتھَمْ اُتّھاسْیَنْتِ؟ کِیدرِشَں وا شَرِیرَں لَبْدھْوا پُنَریشْیَنْتِیتِ واکْیَں کَشْچِتْ پْرَکْشْیَتِ۔ | 35 |
بەلكىم بىرسى: «ئۆلۈكلەر قانداق تىرىلدۈرىلەر؟ ئۇلار قانداق تەن بىلەن تىرىلەر؟» ــ دەپ سورىشى مۇمكىن. |
ہے اَجْنَ تْوَیا یَدْ بِیجَمْ اُپْیَتے تَدْ یَدِ نَ مْرِییتَ تَرْہِ نَ جِیوَیِشْیَتے۔ | 36 |
ئى ئەخمەق كىشى، سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆلمەي تۇرۇپ قايتىدىن تىرىلمەيدۇ. |
یَیا مُورْتّیا نِرْگَنْتَوْیَں سا تْوَیا نوپْیَتے کِنْتُ شُشْکَں بِیجَمیوَ؛ تَچَّ گودھُومادِیناں کِمَپِ بِیجَں بھَوِتُں شَکْنوتِ۔ | 37 |
ھەم سېنىڭ تېرىغىنىڭ، ئۆسۈملۈكنىڭ تېنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يالىڭاچ دېنى ــ مەسىلەن، بۇغداينىڭ ياكى باشقا بىرەر زىرائەتنىڭ دېنى، خالاس. |
اِیشْوَرینیوَ یَتھابھِلاشَں تَسْمَے مُورْتِّ رْدِییَتے، ایکَیکَسْمَے بِیجایَ سْوا سْوا مُورْتِّریوَ دِییَتے۔ | 38 |
ۋە كېيىن خۇدا ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇنىڭغا مەلۇم بىر تەننى بېرىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇرۇق دانلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئۆزىنىڭ تېنىنى ئاتا قىلىدۇ. |
سَرْوّانِ پَلَلانِ نَیکَوِدھانِ سَنْتِ، مَنُشْیَپَشُپَکْشِمَتْسْیادِیناں بھِنَّرُوپانِ پَلَلانِ سَنْتِ۔ | 39 |
جانىۋارلارنىڭ ئەتلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتلىرى بار، ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ بار، بېلىقلارنىڭمۇ بار. |
اَپَرَں سْوَرْگِییا مُورْتَّیَح پارْتھِوا مُورْتَّیَشْچَ وِدْیَنْتے کِنْتُ سْوَرْگِییانامْ ایکَرُوپَں تیجَح پارْتھِوانانْچَ تَدَنْیَرُوپَں تیجوسْتِ۔ | 40 |
ئاسماندا جىسىملار بار، يەر يۈزىدىمۇ جىسىملار بار؛ ئەمما ئاسماندىكىسىنىڭ جۇلا-شەرىپى باشقىچە، يەر يۈزىدىكىسىنىڭمۇ باشقىچە بولىدۇ؛ |
سُورْیَّسْیَ تیجَ ایکَوِدھَں چَنْدْرَسْیَ تیجَسْتَدَنْیَوِدھَں تارانانْچَ تیجونْیَوِدھَں، تاراناں مَدھْیےپِ تیجَسَسْتارَتَمْیَں وِدْیَتے۔ | 41 |
قۇياشنىڭ شان-شەرىپى بىر خىل، ئاينىڭ شەرىپى يەنە بىر خىل، يۇلتۇزلارنىڭ شان-شەرىپى يەنە بىر خىلدۇر؛ چۈنكى يۇلتۇزلار شان-شەرەپلىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. |
تَتْرَ لِکھِتَماسْتے یَتھا، ‘آدِپُرُشَ آدَمْ جِیوَتْپْرانِی بَبھُووَ،’ کِنْتْوَنْتِمَ آدَمْ (کھْرِیشْٹو) جِیوَنَدایَکَ آتْما بَبھُووَ۔ | 42 |
ئۆلۈمدىن تىرىلىش ھەم شۇنداقتۇر. [تەن] چىرىش ھالىتىدە تېرىلىدۇ، چىرىماس ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ |
یَدْ اُپْیَتے تَتْ تُچّھَں یَچّوتّھاسْیَتِ تَدْ گَورَوانْوِتَں؛ یَدْ اُپْیَتے تَنِّرْبَّلَں یَچّوتّھاسْیَتِ تَتْ شَکْتِیُکْتَں۔ | 43 |
ئۇياتلىق ھالەتتە تېرىلىدۇ، شان-شەرەپ بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئاجىز ھالەتتە تېرىلىدۇ، ئەمما كۈچ-قۇدرەت بىلەن تىرىلدۈرۈلىدۇ. |
یَتْ شَرِیرَمْ اُپْیَتے تَتْ پْراناناں سَدْمَ، یَچَّ شَرِیرَمْ اُتّھاسْیَتِ تَدْ آتْمَنَح سَدْمَ۔ پْرانَسَدْمَسْوَرُوپَں شَرِیرَں وِدْیَتے، آتْمَسَدْمَسْوَرُوپَمَپِ شَرِیرَں وِدْیَتے۔ | 44 |
ئۇ تەبىئەتكە تەۋە بىر تەن سۈپىتىدە تېرىلىدۇ؛ روھقا تەۋە بىر تەن بولۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ؛ ئەسلىدە تەبىئەتكە تەۋە بىر «جانلىق» تەن بولغان بولسا، ئەمدى روھىي بىر تەن بولىدۇ. |
تَتْرَ لِکھِتَماسْتے یَتھا، آدِپُرُشَ آدَمْ جِیوَتْپْرانِی بَبھُووَ، کِنْتْوَنْتِمَ آدَمْ (کھْرِیشْٹو) جِیوَنَدایَکَ آتْما بَبھُووَ۔ | 45 |
شۇڭا [تەۋراتتا] مۇنداق پۈتۈلگەنكى: «تۇنجى ئىنسان ئادەمئاتىمىز تىرىك بىر جان قىلىپ يارىتىلدى»؛ ئەمما «ئاخىرقى ئادەمئاتا» بولسا ھاياتلىق بەرگۈچى روھ بولدى. |
آتْمَسَدْمَ نَ پْرَتھَمَں کِنْتُ پْرانَسَدْمَیوَ تَتْپَشْچادْ آتْمَسَدْمَ۔ | 46 |
ئەمما ئاۋۋال كەلگىنى روھىي ئادەم ئەمەس، بەلكى «تەبىئەتكە تەۋە بولغۇچى» ئادەم ئىدى، كېيىن «روھىي ئادەم» كەلدى. |
آدْیَح پُرُشے مرِدَ اُتْپَنَّتْواتْ مرِنْمَیو دْوِتِییَشْچَ پُرُشَح سْوَرْگادْ آگَتَح پْرَبھُح۔ | 47 |
دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛ |
مرِنْمَیو یادرِشَ آسِیتْ مرِنْمَیاح سَرْوّے تادرِشا بھَوَنْتِ سْوَرْگِییَشْچَ یادرِشوسْتِ سْوَرْگِییاح سَرْوّے تادرِشا بھَوَنْتِ۔ | 48 |
تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغىنى قانداق بولغان بولسا، [ئۇنىڭدىن] [بولغان] «تۇپراقلىق»لارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئاسماندىن كەلگىنى قانداق بولسا، ئۇنىڭدىن بولغان «ئاسمانلىقلار»مۇ شۇنداق بولىدۇ. |
مرِنْمَیَسْیَ رُوپَں یَدْوَدْ اَسْمابھِ رْدھارِتَں تَدْوَتْ سْوَرْگِییَسْیَ رُوپَمَپِ دھارَیِشْیَتے۔ | 49 |
بىزلەر «تۇپراقلىق ئادەم» سۈرىتىدە بولغىنىمىزدەك، «ئاسمانلىق ئادەم» سۈرىتىدىمۇ بولالايمىز. |
ہے بھْراتَرَح، یُشْمانْ پْرَتِ وْیاہَرامِ، اِیشْوَرَسْیَ راجْیے رَکْتَماںسَیورَدھِکارو بھَوِتُں نَ شَکْنوتِ، اَکْشَیَتْوے چَ کْشَیَسْیادھِکارو نَ بھَوِشْیَتِ۔ | 50 |
ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ئەت ۋە قاندىن تۆرەلگەنلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ چىرىگۈچى چىرىمايدىغانغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. |
پَشْیَتاہَں یُشْمَبھْیَں نِگُوڈھاں کَتھاں نِویدَیامِ۔ | 51 |
مانا، مەن سىلەرگە بىر سىرنى ئېيتىپ بېرىمەن؛ بىز ھەممىمىزلا [ئۆلۈمدە] ئۇخلايدىغانلاردىن بولمايمىز؛ بىراق ھەممىمىز ئۆزگەرتىلىمىز! |
سَرْوَّیرَسْمابھِ رْمَہانِدْرا نَ گَمِشْیَتے کِنْتْوَنْتِمَدِنے تُورْیّاں وادِتایامْ ایکَسْمِنْ وِپَلے نِمِشَیکَمَدھْیے سَرْوَّے رُوپانْتَرَں گَمِشْیَتے، یَتَسْتُورِی وادِشْیَتے، مرِتَلوکاشْچاکْشَیِیبھُوتا اُتّھاسْیَنْتِ وَیَنْچَ رُوپانْتَرَں گَمِشْیامَح۔ | 52 |
بىر دەقىقىدىلا، كۆزنى بىر يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا ئۆزگەرتىلىمىز؛ چۈنكى كاناي چېلىنسىلا ئۆلگەنلەر چىرىماس ھاياتقا تىرىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگەرتىلىمىز؛ |
یَتَح کْشَیَنِییینَیتینَ شَرِیریناکْشَیَتْوَں پَرِہِتَوْیَں، مَرَنادھِینینَیتینَ دیہینَ چامَرَتْوَں پَرِہِتَوْیَں۔ | 53 |
چۈنكى بۇ چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيىۋېلىشى، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيىۋېلىشى كېرەك؛ |
ایتَسْمِنْ کْشَیَنِییے شَرِیرے کْشَیَتْوَں گَتے، ایتَسْمَنْ مَرَنادھِینے دیہے چامَرَتْوَں گَتے شاسْتْرے لِکھِتَں وَچَنَمِدَں سیتْسْیَتِ، یَتھا، جَیینَ گْرَسْیَتے مرِتْیُح۔ | 54 |
ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!». |
مرِتْیو تے کَنْٹَکَں کُتْرَ پَرَلوکَ جَیَح کَّ تے۔۔ (Hadēs g86) | 55 |
«ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» (Hadēs g86) |
مرِتْیوح کَنْٹَکَں پاپَمیوَ پاپَسْیَ چَ بَلَں وْیَوَسْتھا۔ | 56 |
ئۆلۈمدىكى نەشتەر ــ گۇناھتۇر، گۇناھنىڭ كۈچى بولسا، تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. |
اِیشْوَرَشْچَ دھَنْیو بھَوَتُ یَتَح سوسْماکَں پْرَبھُنا یِیشُکھْرِیشْٹیناسْمانْ جَیَیُکْتانْ وِدھاپَیَتِ۔ | 57 |
لېكىن بىزنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى خۇداغا تەشەككۈر! |
اَتو ہے مَمَ پْرِیَبھْراتَرَح؛ یُویَں سُسْتھِرا نِشْچَلاشْچَ بھَوَتَ پْرَبھوح سیوایاں یُشْماکَں پَرِشْرَمو نِشْپھَلو نَ بھَوِشْیَتِیتِ جْناتْوا پْرَبھوح کارْیّے سَدا تَتْپَرا بھَوَتَ۔ | 58 |
شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، چىڭ تۇرۇپ تەۋرەنمەس بولۇڭلار، رەبنىڭ خىزمىتىدىكى ئىشلىرىڭلار ھەمىشە كەڭ زىيادىلەشسۇن؛ چۈنكى رەبدە بولغان ئەجىر-جاپايىڭلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. |