< ప్రకాశితం 8 >

1 అనన్తరం సప్తమముద్రాయాం తేన మోచితాయాం సార్ద్ధదణ్డకాలం స్వర్గో నిఃశబ్దోఽభవత్|
قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
2 అపరమ్ అహమ్ ఈశ్వరస్యాన్తికే తిష్ఠతః సప్తదూతాన్ అపశ్యం తేభ్యః సప్తతూర్య్యోఽదీయన్త|
ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى.
3 తతః పరమ్ అన్య ఏకో దూత ఆగతః స స్వర్ణధూపాధారం గృహీత్వా వేదిముపాతిష్ఠత్ స చ యత్ సింహాసనస్యాన్తికే స్థితాయాః సువర్ణవేద్యా ఉపరి సర్వ్వేషాం పవిత్రలోకానాం ప్రార్థనాసు ధూపాన్ యోజయేత్ తదర్థం ప్రచురధూపాస్తస్మై దత్తాః|
ئالتۇن خۇشبۇيدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، خۇشبۇيگاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىرلىكتە تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن خۇشبۇيگاھ ئۈستىدە [خۇداغا] ئاتاپ سۇنۇشقا ئۇنىڭغا كۆپ خۇشبۇي بېرىلدى.
4 తతస్తస్య దూతస్య కరాత్ పవిత్రలోకానాం ప్రార్థనాభిః సంయుక్తధూపానాం ధూమ ఈశ్వరస్య సమక్షం ఉదతిష్ఠత్|
ۋە خۇشبۇينىڭ تۈتۈنلىرى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى.
5 పశ్చాత్ స దూతో ధూపాధారం గృహీత్వా వేద్యా వహ్నినా పూరయిత్వా పృథివ్యాం నిక్షిప్తవాన్ తేన రవా మేఘగర్జ్జనాని విద్యుతో భూమికమ్పశ్చాభవన్|
ئاندىن پەرىشتە خۇشبۇيداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى؛ شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى، چاقماقلار چېقىلدى ۋە بىر يەر تەۋرەش بولدى.
6 తతః పరం సప్తతూరీ ర్ధారయన్తః సప్తదూతాస్తూరీ ర్వాదయితుమ్ ఉద్యతా అభవన్|
ئاندىن قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى.
7 ప్రథమేన తూర్య్యాం వాదితాయాం రక్తమిశ్రితౌ శిలావహ్నీ సమ్భూయ పృథివ్యాం నిక్షిప్తౌ తేన పృథివ్యాస్తృతీయాంశో దగ్ధః, తరూణామపి తృతీయాంశో దగ్ధః, హరిద్వర్ణతృణాని చ సర్వ్వాణి దగ్ధాని|
بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن مۆلدۈر ۋە ئوت قان ئارىلاش پەيدا بولۇپ يەر يۈزىگە تاشلاندى، زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆيدۈرۈلدى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيدۈرۈلدى.
8 అనన్తరం ద్వితీయదూతేన తూర్య్యాం వాదితాయాం వహ్నినా ప్రజ్వలితో మహాపర్వ్వతః సాగరే నిక్షిప్తస్తేన సాగరస్య తృతీయాంశో రక్తీభూతః
ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن گوياكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يوغان بىر تاغدەك غايەت زور [بىر جىسىم] دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى
9 సాగరే స్థితానాం సప్రాణానాం సృష్టవస్తూనాం తృతీయాంశో మృతః, అర్ణవయానానామ్ అపి తృతీయాంశో నష్టః|
ۋە دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى؛ كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى.
10 అపరం తృతీయదూతేన తూర్య్యాం వాదితాయాం దీప ఇవ జ్వలన్తీ ఏకా మహతీ తారా గగణాత్ నిపత్య నదీనాం జలప్రస్రవణానాఞ్చోపర్య్యావతీర్ణా|
ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز چۈشتى؛ ئۇ دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشتى.
11 తస్యాస్తారాయా నామ నాగదమనకమితి, తేన తోయానాం తృతీయాంశే నాగదమనకీభూతే తోయానాం తిక్తత్వాత్ బహవో మానవా మృతాః|
يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «كەكرە» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى كەكرىدەك بولۇپ كەتتى، سۇلار ئاچچىق بولۇپ كەتكەچكە نۇرغۇن ئادەم سۇدىن ئۆلدى.
12 అపరం చతుర్థదూతేన తూర్య్యాం వాదితాయాం సూర్య్యస్య తృతీయాంశశ్చన్ద్రస్య తృతీయాంశో నక్షత్రాణాఞ్చ తృతీయాంశః ప్రహృతః, తేన తేషాం తృతీయాంశే ఽన్ధకారీభూతే దివసస్తృతీయాంశకాలం యావత్ తేజోహీనో భవతి నిశాపి తామేవావస్థాం గచ్ఛతి|
تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ ئۈچتىن بىرى، ئاينىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇرۇلدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلاشتى، كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىمۇ شۇنداق بولدى.
13 తదా నిరీక్షమాణేన మయాకాశమధ్యేనాభిపతత ఏకస్య దూతస్య రవః శ్రుతః స ఉచ్చై ర్గదతి, అపరై ర్యైస్త్రిభి ర్దూతైస్తూర్య్యో వాదితవ్యాస్తేషామ్ అవశిష్టతూరీధ్వనితః పృథివీనివాసినాం సన్తాపః సన్తాపః సన్తాపశ్చ సమ్భవిష్యతి|
يەنە كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ «كاناينى چېلىشقا تەمشەلگەن قالغان ئۈچ پەرىشتىنىڭ كاناي ئاۋازلىرى ئاڭلانسا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ۋاي، ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.

< ప్రకాశితం 8 >