ئۇنداقتا، شۇنى سورايمەنكى: ــ خۇدا ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ! |
خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلاردا ئىلياس [پەيغەمبەر] ھەققىدە نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللاردىن ئازار چېكىپ خۇداغا يېلىنىپ: ــ |
«ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانگاھلىرىڭنى چېقىشتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ»، دېگەن. |
خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان كالامى قانداق بولدى؟ ئۇ: «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» ــ دېگەن. |
خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن [ئىسرائىلدىن] ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار. |
[ئۇلارنىڭ تاللىنىشى] شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى. |
نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلاردىن تاللانغانلار ئېرىشتى. قالغانلارنىڭ بولسا، كۆڭۈللىرى بىخۇدلاشتۇرۇلدى. |
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى». |
شۇنىڭدەك داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تۇزاق بولۇپ، ئۇلارنى پۇتلاشتۇرۇپ، قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرسۇن! |
كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن؛ بەللىرىنى مەڭگۈ رۇسلاتماي پۈكۈلدۈرگەيسەن!» |
ئۇنداقتا، شۇنىمۇ سورايكى: [ئىسرائىللار] يىقىلىپ قايتىدىن تۇرغۇزۇلماسلىققا پۇتلاشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن نىجات يات ئەللىكلەرگە يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئىسرائىللارنى ھەسەتكە قوزغاشتىن ئىبارەتتۇر. |
ئەمدى ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلىشى دۇنياغا ئاسايىشلىق بەخش ئەتكەن بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيان تارتقىنى ئەللەرنى بېيىتقان بولسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق نىجاتلىققا ئېرىشىشى دۇنياغا تېخىمۇ زور بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟! |
ئەمدى سىلەر ئەللىكلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ مەن ئەللىكلەرگە روسۇل سۈپىتىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپەمنى شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلايمەنكى، |
جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن. |
چۈنكى ئۇلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەللەرنى خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولماي نېمە؟ |
ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. |
زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرىۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ. مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،. |
ئەمدى سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلاردىن ئۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلىپ ماختانما. ماختانساڭ، شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، سەن يىلتىزنى ئەمەس، يىلتىز سېنى كۆتۈرۈپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ. |
سەن ئەمدى: «شاخلار مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن سۇندۇرىۋېتىلدى» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن. |
توغرا، ئۇلار ئېتىقادسىزلىقتىن سۇندۇرۇلدى؛ سەن بولساڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن تىك تۇرىسەن؛ بىراق ئۇنىڭدىن مەغرۇرلانما، ئەكسىچە [خۇدادىن] قورق! |
چۈنكى خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن، سېنىمۇ ئايىماسلىقى مۇمكىن. |
مانا، [بۇ ئىشلاردا] خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا ھەمدە قاتتىق قول ئىكەنلىكىگە قارا. ئۇ ئۆز يولىدىن يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە قاتتىق قول ئىدى، لېكىن ساڭا (مېھرىبانلىقىدا داۋاملىق تۇرساڭلا) مېھرىبانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، سەنمۇ كېسىپ تاشلىنىسەن. |
[يەھۇدىيلارمۇ] ئېتىقادسىزلىقتا چىڭ تۇرىۋالمىسا، ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر. |
چۈنكى ئەگەر سەن ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا [باغدىكى] ياخشى زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى بۇ تەبىئىي شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىكە ئۇلىنىشى تېخىمۇ مۇمكىنغۇ؟! |
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا [خۇدا تاللىغان] يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛ |
ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: ــ «قۇتقۇزغۇچى زىئوندىن كېلىپ، ئىپلاسلىقنى ياقۇپتىن يوق قىلىدۇ. |
مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە، مانا بۇ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم بولىدۇ». |
ئەمدى خۇش خەۋەر جەھەتتىن قارىغاندا، سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن يەھۇدىي خەلقى [خۇش خەۋەرگە] دۈشمەن قىلىپ بېكىتىلگەن؛ بىراق خۇدانىڭ تاللىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەۋەبىدىن سۆيۈلگەندۇر. |
چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەنلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ. |
سىلەر ئەللىكلەرمۇ بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان بولساڭلارمۇ، [يەھۇدىيلارنىڭ] ئىتائەتسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتىڭلار. |
يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ؛ [خۇدانىڭ] بۇنىڭدىكى مەقسىتى، سىلەرگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقەت ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. |
چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى. (eleēsē g1653) |
ــ ئاھ! خۇدانىڭ دانالىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتىنىڭ بىباھا بايلىقلىرى ھەم ھېسابسىز چوڭقۇرلۇقى! ئۇنىڭ ھۆكۈمىلىرىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس! ئۇنىڭ يوللىرى ئىزدەپ تېپىشتىن شۇنچە يىراقتۇر! |
«كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟ كىممۇ ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىدى؟» |
«ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ، كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەر دېيەلىدى؟». |