< မထိး 28 >

1 တတး ပရံ ဝိၑြာမဝါရသျ ၑေၐေ သပ္တာဟပြထမဒိနသျ ပြဘောတေ ဇာတေ မဂ္ဒလီနီ မရိယမ် အနျမရိယမ် စ ၑ္မၑာနံ ဒြၐ္ဋုမာဂတာ၊
شابات كۈنى ئۆتۈپ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتاي دېگەندە، ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى كۆرۈشكە كەلدى.
2 တဒါ မဟာန် ဘူကမ္ပော'ဘဝတ်; ပရမေၑွရီယဒူတး သွရ္ဂာဒဝရုဟျ ၑ္မၑာနဒွါရာတ် ပါၐာဏမပသာရျျ တဒုပရျျုပဝိဝေၑ၊
ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، [قەبرىگە] بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى.
3 တဒွဒနံ ဝိဒျုဒွတ် တေဇောမယံ ဝသနံ ဟိမၑုဘြဉ္စ၊
پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى.
4 တဒါနီံ ရက္ၐိဏသ္တဒ္ဘယာတ် ကမ္ပိတာ မၖတဝဒ် ဗဘူဝး၊
كۆزەتچىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قورقۇشتىكى، تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى.
5 သ ဒူတော ယောၐိတော ဇဂါဒ, ယူယံ မာ ဘဲၐ္ဋ, ကြုၑဟတယီၑုံ မၖဂယဓွေ တဒဟံ ဝေဒ္မိ၊
پەرىشتە ئاياللارغا قاراپ: ــ قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستلەنگەن ئەيسانى ئىزدەۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن.
6 သော'တြ နာသ္တိ, ယထာဝဒတ် တထောတ္ထိတဝါန်; ဧတတ် ပြဘေား ၑယနသ္ထာနံ ပၑျတ၊
ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛
7 တူရ္ဏံ ဂတွာ တစ္ဆိၐျာန် ဣတိ ဝဒတ, သ ၑ္မၑာနာဒ် ဥဒတိၐ္ဌတ်, ယုၐ္မာကမဂြေ ဂါလီလံ ယာသျတိ ယူယံ တတြ တံ ဝီက္ၐိၐျဓွေ, ပၑျတာဟံ ဝါရ္တ္တာမိမာံ ယုၐ္မာနဝါဒိၐံ၊
ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، ــ دېدى.
8 တတသ္တာ ဘယာတ် မဟာနန္ဒာဉ္စ ၑ္မၑာနာတ် တူရ္ဏံ ဗဟိရ္ဘူယ တစ္ဆိၐျာန် ဝါရ္တ္တာံ ဝက္တုံ ဓာဝိတဝတျး၊ ကိန္တု ၑိၐျာန် ဝါရ္တ္တာံ ဝက္တုံ ယာန္တိ, တဒါ ယီၑု ရ္ဒရ္ၑနံ ဒတ္တွာ တာ ဇဂါဒ,
شۇڭا ئاياللار ھەم قورقۇنچ ھەم زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا خەۋەر بېرىشكە يۈگۈرۈشتى.
9 ယုၐ္မာကံ ကလျာဏံ ဘူယာတ်, တတသ္တာ အာဂတျ တတ္ပာဒယေား ပတိတွာ ပြဏေမုး၊
ئۇلار مۇخلىسلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە يولدا ماڭغاندا، مانا ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ سالام سىلەرگە! ــ دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى.
10 ယီၑုသ္တာ အဝါဒီတ်, မာ ဗိဘီတ, ယူယံ ဂတွာ မမ ဘြာတၖန် ဂါလီလံ ယာတုံ ဝဒတ, တတြ တေ မာံ ဒြက္ၐျန္တိ၊
ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، ــ دېدى.
11 သ္တြိယော ဂစ္ဆန္တိ, တဒါ ရက္ၐိဏာံ ကေစိတ် ပုရံ ဂတွာ ယဒျဒ် ဃဋိတံ တတ္သရွွံ ပြဓာနယာဇကာန် ဇ္ဉာပိတဝန္တး၊
ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، مانا كۆزەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى توغرىسىدا باش كاھىنلارغا خەۋەر قىلدى.
12 တေ ပြာစီနဲး သမံ သံသဒံ ကၖတွာ မန္တြယန္တော ဗဟုမုဒြား သေနာဘျော ဒတ္တွာဝဒန်,
[باش كاھىنلار] ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە بەك كۆپ پۇل بېرىپ:
13 အသ္မာသု နိဒြိတေၐု တစ္ဆိၐျာ ယာမိနျာမာဂတျ တံ ဟၖတွာနယန်, ဣတိ ယူယံ ပြစာရယတ၊
ــ سىلەر: «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» ــ دەڭلار.
14 ယဒျေတဒဓိပတေး ၑြောတြဂေါစရီဘဝေတ်, တရှိ တံ ဗောဓယိတွာ ယုၐ္မာနဝိၐျာမး၊
ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز ــ دېدى.
15 တတသ္တေ မုဒြာ ဂၖဟီတွာ ၑိက္ၐာနုရူပံ ကရ္မ္မ စကြုး, ယိဟူဒီယာနာံ မဓျေ တသျာဒျာပိ ကိံဝဒန္တီ ဝိဒျတေ၊
شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۆزلىرىگە تاپىلانغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە.
16 ဧကာဒၑ ၑိၐျာ ယီၑုနိရူပိတာဂါလီလသျာဒြိံ ဂတွာ
ئون بىر مۇخلىس گالىلىيەگە بېرىپ، ئەيسا ئۇلارغا بېكىتكەن تاغقا چىقىشتى.
17 တတြ တံ သံဝီက္ၐျ ပြဏေမုး, ကိန္တု ကေစိတ် သန္ဒိဂ္ဓဝန္တး၊
ئۇلار ئۇنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى؛ لېكىن بەزىلىرى گۇمانلىنىپ قالدى.
18 ယီၑုသ္တေၐာံ သမီပမာဂတျ ဝျာဟၖတဝါန်, သွရ္ဂမေဒိနျေား သရွွာဓိပတိတွဘာရော မယျရ္ပိတ အာသ္တေ၊
ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: ــ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.
19 အတော ယူယံ ပြယာယ သရွွဒေၑီယာန် ၑိၐျာန် ကၖတွာ ပိတုး ပုတြသျ ပဝိတြသျာတ္မနၑ္စ နာမ္နာ တာနဝဂါဟယတ; အဟံ ယုၐ္မာန် ယဒျဒါဒိၑံ တဒပိ ပါလယိတုံ တာနုပါဒိၑတ၊
شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى [ئۆزۈمگە] مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ،
20 ပၑျတ, ဇဂဒန္တံ ယာဝတ် သဒါဟံ ယုၐ္မာဘိး သာကံ တိၐ္ဌာမိ၊ ဣတိ၊ (aiōn g165)
ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. (aiōn g165)

< မထိး 28 >