ئەيسا ئون ئىككى مۇخلىسىغا بۇ ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ شۇ يەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە [خۇدانىڭ كالامىنى] جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردىن كەتتى. |
زىندانغا سولانغان يەھيا [پەيغەمبەر] مەسىھنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلاپ، مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئەيسادىن: |
«كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. |
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ يەھيانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى ۋە كۆرۈۋاتقانلىرىڭلارنى بايان قىلىپ ــ |
كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار. |
ۋە [ئۇنىڭغا يەنە]: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى. |
ئۇلار كەتكەندە، ئەيسا توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «سىلەر ئەسلى [يەھيانى ئىزدەپ] چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟ |
ياكى ئېسىل كىيىنگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەنلەر خان ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ! |
ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، [بۇ بولسا] پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر. |
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ پۈتۈلگەن سۆز دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا پۈتۈلگەندۇر. |
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى تۇرغۇزۇلغىنى يوق؛ ئەمما ئەرش پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ. |
ئەمما چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىش يولى شىددەت بىلەن ئېچىلدى ۋە كىشىلەر ئۇنى شىددەت بىلەن تۇتۇۋالىدۇ. |
چۈنكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەت بېرىش خىزمىتى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى يازمىلار ئارقىلىق بېشارەت يەتكۈزۈلۈش خىزمىتى يەھيا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. |
ۋە ئەگەر شۇ سۆزنى قوبۇل قىلالىساڭلار، «[قايتىپ] كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس [پەيغەمبەر]» بولسا، [يەھيانىڭ] ئۆزىدۇر. |
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! |
لېكىن بۇ دەۋردىكى كىشىلەرنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۋېلىپ، بىر-بىرىگە: |
«بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ [قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز] بالىلارغا ئوخشايدۇ. |
چۈنكى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىدۇ. |
ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ۋە بىر مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. لېكىن دانالىق بولسا ئۆز پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». |
ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلارنى توۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: ــ |
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. |
مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە تۇر ۋە زىدوندىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. |
ئەي ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن كەپەرناھۇملۇقلار! سىلەر تەھتىساراغا چۈشۈرۈلىسىلەر. چۈنكى ئاراڭلاردا يارىتىلغان مۆجىزىلەر سودومدا يارىتىلغان بولسا، ئۇ شەھەر بۈگۈنگىچە ھالاك بولمىغان بولاتتى. (Hadēs g86) |
ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم زېمىنىدىكىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى سىلەرنىڭكىدىنمۇ يېنىك بولىدۇ. |
شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: ــ ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ [ھەقىقەتلەرنى] دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن! |
بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى. |
ھەممە ماڭا ئاتامدىن تەقدىم قىلىندى؛ ئوغۇلنى ئاتىدىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ، ۋە ئاتىنىمۇ ئوغۇل ۋە ئوغۇل ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم تونۇمايدۇ. |
ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن ھەممىڭلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. |
مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى كىيىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن مۆمىن ۋە كەمتەرمەن؛ شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. |
چۈنكى مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، مېنىڭ ئارتىدىغان يۈكۈم يېنىكتۇر. |