< လူကး 24 >

1 အထ သပ္တာဟပြထမဒိနေ'တိပြတျူၐေ တာ ယောၐိတး သမ္ပာဒိတံ သုဂန္ဓိဒြဝျံ ဂၖဟီတွာ တဒနျာဘိး ကိယတီဘိး သ္တြီဘိး သဟ ၑ္မၑာနံ ယယုး၊
ئەمدى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تاڭ يۇراي دەپ قالغاندا، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەتىرلەرنى ئېلىپ، قەبرىگە كەلدى.
2 ကိန္တု ၑ္မၑာနဒွါရာတ် ပါၐာဏမပသာရိတံ ဒၖၐ္ဋွာ
ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى؛
3 တား ပြဝိၑျ ပြဘော ရ္ဒေဟမပြာပျ
ۋە قەبرىگە كىرىپ قارىۋىدى، رەب ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى.
4 ဝျာကုလာ ဘဝန္တိ ဧတရှိ တေဇောမယဝသ္တြာနွိတော် ဒွေါ် ပုရုၐော် တာသာံ သမီပေ သမုပသ္ထိတော်
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى.
5 တသ္မာတ္တား ၑင်္ကာယုက္တာ ဘူမာဝဓောမုချသျသ္ထုး၊ တဒါ တော် တာ ဦစတု ရ္မၖတာနာံ မဓျေ ဇီဝန္တံ ကုတော မၖဂယထ?
ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟
6 သောတြ နာသ္တိ သ ဥဒသ္ထာတ်၊
ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، بەلكى ئۇ تىرىلدى! ئۇ تېخى گالىلىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سىلەرگە نېمىنى ئېيتقىنىنى، يەنى: «ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، كرېستلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىشى مۇقەررەردۇر» دېگەنلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار! ــ دېدى.
7 ပါပိနာံ ကရေၐု သမရ္ပိတေန ကြုၑေ ဟတေန စ မနုၐျပုတြေဏ တၖတီယဒိဝသေ ၑ္မၑာနာဒုတ္ထာတဝျမ် ဣတိ ကထာံ သ ဂလီလိ တိၐ္ဌန် ယုၐ္မဘျံ ကထိတဝါန် တာံ သ္မရတ၊
8 တဒါ တသျ သာ ကထာ တာသာံ မနးသု ဇာတာ၊
ۋە ئۇلار ئۇنىڭ [دەل] شۇنداق دېگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى؛
9 အနန္တရံ ၑ္မၑာနာဒ် ဂတွာ တာ ဧကာဒၑၑိၐျာဒိဘျး သရွွေဘျသ္တာံ ဝါရ္တ္တာံ ကထယာမာသုး၊
ۋە قەبرىدىن قايتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئون بىرەيلەنگە، شۇنداقلا قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزدى.
10 မဂ္ဒလီနီမရိယမ်, ယောဟနာ, ယာကူဗော မာတာ မရိယမ် တဒနျား သင်္ဂိနျော ယောၐိတၑ္စ ပြေရိတေဘျ ဧတား သရွွာ ဝါရ္တ္တား ကထယာမာသုး
روسۇللارغا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ماگداللىق مەريەم، يوئاننا ۋە ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان باشقا ئاياللار ئىدى.
11 ကိန္တု တာသာံ ကထာမ် အနရ္ထကာချာနမာတြံ ဗုဒ္ဓွာ ကောပိ န ပြတျဲတ်၊
لېكىن [ئاياللارنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى] ئۇلارغا ئەپسانىدەك بىلىندى، ئۇلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى.
12 တဒါ ပိတရ ဥတ္ထာယ ၑ္မၑာနာန္တိကံ ဒဓာဝ, တတြ စ ပြဟွော ဘူတွာ ပါရ္ၑွဲကသ္ထာပိတံ ကေဝလံ ဝသ္တြံ ဒဒရ္ၑ; တသ္မာဒါၑ္စရျျံ မနျမာနော ယဒဃဋတ တန္မနသိ ဝိစာရယန် ပြတသ္ထေ၊
بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىۋىدى، يالغۇز كاناپ كېپەنلىكنىڭ تىلىم-تىلىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەئەججۈپلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى.
13 တသ္မိန္နေဝ ဒိနေ ဒွေါ် ၑိယျော် ယိရူၑာလမၑ္စတုၐ္ကြောၑာန္တရိတမ် ဣမ္မာယုဂြာမံ ဂစ္ဆန္တော်
ۋە مانا، شۇ كۈندە ئۇلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن كەنتكە كېتىپ باراتتى.
14 တာသာံ ဃဋနာနာံ ကထာမကထယတာံ
ئۇلار يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
15 တယောရာလာပဝိစာရယေား ကာလေ ယီၑုရာဂတျ တာဘျာံ သဟ ဇဂါမ
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ-مۇلاھىزىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، مانا ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى؛
16 ကိန္တု ယထာ တော် တံ န ပရိစိနုတသ္တဒရ္ထံ တယော ရ္ဒၖၐ္ဋိး သံရုဒ္ဓါ၊
لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تونۇشتىن تۇتۇلدى.
17 သ တော် ပၖၐ္ဋဝါန် ယုဝါံ ဝိၐဏ္ဏော် ကိံ ဝိစာရယန္တော် ဂစ္ဆထး?
ئۇ ئۇلاردىن: ــ كېتىۋېتىپ نېمە ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار قايغۇلۇق قىياپەتتە توختاپ،
18 တတသ္တယေား က္လိယပါနာမာ ပြတျုဝါစ ယိရူၑာလမပုရေ'ဓုနာ ယာနျဃဋန္တ တွံ ကေဝလဝိဒေၑီ ကိံ တဒွၖတ္တာန္တံ န ဇာနာသိ?
ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىردىنبىر خەۋەر تاپمىغان مۇساپىر سەن ئوخشىمامسەن؟! ــ دېدى.
19 သ ပပြစ္ဆ ကာ ဃဋနား? တဒါ တော် ဝက္တုမာရေဘာတေ ယီၑုနာမာ ယော နာသရတီယော ဘဝိၐျဒွါဒီ ဤၑွရသျ မာနုၐာဏာဉ္စ သာက္ၐာတ် ဝါကျေ ကရ္မ္မဏိ စ ၑက္တိမာနာသီတ္
ۋە ئۇ ئۇلاردىن: ــ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. «ناسارەتلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر!» ــ دېدى ئۇلار، ــ «ئۇ ئۆزى خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ ئەمەلدە ۋە سۆزدە قۇدرەتلىك بىر پەيغەمبەر بولۇپ،
20 တမ် အသ္မာကံ ပြဓာနယာဇကာ ဝိစာရကာၑ္စ ကေနာပိ ပြကာရေဏ ကြုၑေ ဝိဒ္ဓွာ တသျ ပြာဏာနနာၑယန် တဒီယာ ဃဋနား;
باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى.
21 ကိန္တု ယ ဣသြာယေလီယလောကာန် ဥဒ္ဓါရယိၐျတိ သ ဧဝါယမ် ဣတျာၑာသ္မာဘိး ကၖတာ၊ တဒျထာ တထာသ္တု တသျာ ဃဋနာယာ အဒျ ဒိနတြယံ ဂတံ၊
بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق. لېكىن ئىشلار شۇنداق بولدى، ھازىر بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە ئۈچىنچى كۈن بولدى؛
22 အဓိကန္တွသ္မာကံ သင်္ဂိနီနာံ ကိယတ္သ္တြီဏာံ မုခေဘျော'သမ္ဘဝဝါကျမိဒံ ၑြုတံ;
يەنە كېلىپ، ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال ھەم بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تاڭ سەھەردە قەبرىگە بېرىپتىكەن،
23 တား ပြတျူၐေ ၑ္မၑာနံ ဂတွာ တတြ တသျ ဒေဟမ် အပြာပျ ဝျာဃုဋျေတွာ ပြောက္တဝတျး သွရ္ဂီသဒူတော် ဒၖၐ္ဋာဝသ္မာဘိသ္တော် စာဝါဒိၐ္ဋာံ သ ဇီဝိတဝါန်၊
ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ: «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ.
24 တတောသ္မာကံ ကဲၑ္စိတ် ၑ္မၑာနမဂမျတ တေ'ပိ သ္တြီဏာံ ဝါကျာနုရူပံ ဒၖၐ္ဋဝန္တး ကိန္တု တံ နာပၑျန်၊
بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ دەل ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلارمۇ كۆرمەپتۇ».
25 တဒါ သ တာဝုဝါစ, ဟေ အဗောဓော် ဟေ ဘဝိၐျဒွါဒိဘိရုက္တဝါကျံ ပြတျေတုံ ဝိလမ္ဗမာနော်;
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە قەلبى گاللار!
26 ဧတတ္သရွွဒုးခံ ဘုက္တွာ သွဘူတိပြာပ္တိး ကိံ ခြီၐ္ဋသျ န နျာယျာ?
مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان-شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى.
27 တတး သ မူသာဂြန္ထမာရဘျ သရွွဘဝိၐျဒွါဒိနာံ သရွွၑာသ္တြေ သွသ္မိန် လိခိတာချာနာဘိပြာယံ ဗောဓယာမာသ၊
ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى.
28 အထ ဂမျဂြာမာဘျရ္ဏံ ပြာပျ တေနာဂြေ ဂမနလက္ၐဏေ ဒရ္ၑိတေ
ئۇلار بارىدىغان كەنتكە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يىراقراق بىر يەرگە بارىدىغاندەك تۇراتتى.
29 တော် သာဓယိတွာဝဒတာံ သဟာဝါဘျာံ တိၐ္ဌ ဒိနေ ဂတေ သတိ ရာတြိရဘူတ်; တတး သ တာဘျာံ သာရ္ဒ္ဓံ သ္ထာတုံ ဂၖဟံ ယယော်၊
لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ــ كەچ كىرىپ قالدى، ھېلىلا كۈن ئولتۇرىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قالغىن، ــ دەپ ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار بىلەن قونغىلى ئۆيگە كىردى.
30 ပၑ္စာဒ္ဘေါဇနောပဝေၑကာလေ သ ပူပံ ဂၖဟီတွာ ဤၑွရဂုဏာန် ဇဂါဒ တဉ္စ ဘံက္တွာ တာဘျာံ ဒဒေါ်၊
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى.
31 တဒါ တယော ရ္ဒၖၐ္ဋော် ပြသန္နာယာံ တံ ပြတျဘိဇ္ဉတုး ကိန္တု သ တယေား သာက္ၐာဒန္တရ္ဒဓေ၊
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ئۇنى تونۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى.
32 တတသ္တော် မိထောဘိဓာတုမ် အာရဗ္ဓဝန္တော် ဂမနကာလေ ယဒါ ကထာမကထယတ် ၑာသ္တြာရ္ထဉ္စဗောဓယတ် တဒါဝယော ရ္ဗုဒ္ဓိး ကိံ န ပြာဇွလတ်?
ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بىزگە مۇقەددەس يازمىلارغا شەرھ بەرگەندە، يۈرەك-باغرىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! ــ دېيىشتى.
33 တော် တတ္က္ၐဏာဒုတ္ထာယ ယိရူၑာလမပုရံ ပြတျာယယတုး, တတ္သ္ထာနေ ၑိၐျာဏာမ် ဧကာဒၑာနာံ သင်္ဂိနာဉ္စ ဒရ္ၑနံ ဇာတံ၊
ۋە ئۇلار شۇ ھامان تۇرۇپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىككىسى ئون بىرەيلەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ تۇرغىنىنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى، ئۇلار: «رەب راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمونغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتاتتى.
34 တေ ပြောစုး ပြဘုရုဒတိၐ္ဌဒ် ဣတိ သတျံ ၑိမောနေ ဒရ္ၑနမဒါစ္စ၊
35 တတး ပထး သရွွဃဋနာယား ပူပဘဉ္ဇနေန တတ္ပရိစယသျ စ သရွွဝၖတ္တာန္တံ တော် ဝက္တုမာရေဘာတေ၊
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئۇ ناننى ئوشتۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تونۇلغىنىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.
36 ဣတ္ထံ တေ ပရသ္ပရံ ဝဒန္တိ တတ္ကာလေ ယီၑုး သွယံ တေၐာံ မဓျ ပြောတ္ထယ ယုၐ္မာကံ ကလျာဏံ ဘူယာဒ် ဣတျုဝါစ,
ۋە ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، [ئەيسا] ئۆزى توساتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى.
37 ကိန္တု ဘူတံ ပၑျာမ ဣတျနုမာယ တေ သမုဒွိဝိဇိရေ တြေၐုၑ္စ၊
ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە، دەپ خىيال قىلىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ ۋەھىمىگە چۈشتى.
38 သ ဥဝါစ, ကုတော ဒုးခိတာ ဘဝထ? ယုၐ္မာကံ မနးသု သန္ဒေဟ ဥဒေတိ စ ကုတး?
ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىگە شۇنچە ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىشقا قەلبىڭلاردا شەك-گۇمان چىقىپ تۇرىدۇ؟
39 ဧၐောဟံ, မမ ကရော် ပၑျတ ဝရံ သ္ပၖၐ္ဋွာ ပၑျတ, မမ ယာဒၖၑာနိ ပၑျထ တာဒၖၑာနိ ဘူတသျ မာံသာသ္ထီနိ န သန္တိ၊
قوللىرىمغا ۋە پۇتلىرىمغا قاراپ بېقىڭلار! مېنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار! مېنى تۇتۇپ كۆرۈڭلار، روھنىڭ ئەت بىلەن سۆڭىكى يوق، لېكىن مەندە بارلىقىنى كۆرىسىلەر، ــ دېدى.
40 ဣတျုက္တွာ သ ဟသ္တပါဒါန် ဒရ္ၑယာမာသ၊
ۋە شۇنداق دېگەچ ئۇلارغا پۇت-قولىنى كۆرسەتتى.
41 တေ'သမ္ဘဝံ ဇ္ဉာတွာ သာနန္ဒာ န ပြတျယန်၊ တတး သ တာန် ပပြစ္ဆ, အတြ ယုၐ္မာကံ သမီပေ ခါဒျံ ကိဉ္စိဒသ္တိ?
ئۇلار خۇشلۇقتىن [كۆزلىرىگە] ئىشەنگۈسى كەلمەي ھەيرانۇھەس تۇرغىنىدا ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرنىڭ بۇ يەردە يېگۈدەك نەرسەڭلار بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
42 တတသ္တေ ကိယဒ္ဒဂ္ဓမတ္သျံ မဓု စ ဒဒုး
ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپى ۋە بىر پارچە ھەسەل كۆنىكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇۋىدى،
43 သ တဒါဒါယ တေၐာံ သာက္ၐာဒ် ဗုဘုဇေ
ئۇ ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى.
44 ကထယာမာသ စ မူသာဝျဝသ္ထာယာံ ဘဝိၐျဒွါဒိနာံ ဂြန္ထေၐု ဂီတပုသ္တကေ စ မယိ ယာနိ သရွွာဏိ ဝစနာနိ လိခိတာနိ တဒနုရူပါဏိ ဃဋိၐျန္တေ ယုၐ္မာဘိး သာရ္ဒ္ဓံ သ္ထိတွာဟံ ယဒေတဒွါကျမ် အဝဒံ တဒိဒါနီံ ပြတျက္ၐမဘူတ်၊
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
45 အထ တေဘျး ၑာသ္တြဗောဓာဓိကာရံ ဒတွာဝဒတ်,
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى
46 ခြီၐ္ဋေနေတ္ထံ မၖတိယာတနာ ဘောက္တဝျာ တၖတီယဒိနေ စ ၑ္မၑာနာဒုတ္ထာတဝျဉ္စေတိ လိပိရသ္တိ;
ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ،
47 တန္နာမ္နာ ယိရူၑာလမမာရဘျ သရွွဒေၑေ မနးပရာဝရ္တ္တနသျ ပါပမောစနသျ စ သုသံဝါဒး ပြစာရယိတဝျး,
ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ.
48 ဧၐု သရွွေၐု ယူယံ သာက္ၐိဏး၊
سىلەر ئەمدى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇرسىلەر.
49 အပရဉ္စ ပၑျတ ပိတြာ ယတ် ပြတိဇ္ဉာတံ တတ် ပြေၐယိၐျာမိ, အတဧဝ ယာဝတ္ကာလံ ယူယံ သွရ္ဂီယာံ ၑက္တိံ န ပြာပ္သျထ တာဝတ္ကာလံ ယိရူၑာလမ္နဂရေ တိၐ္ဌတ၊
ۋە مانا، مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن. لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار».
50 အထ သ တာန် ဗဲထနီယာပရျျန္တံ နီတွာ ဟသ္တာဝုတ္တောလျ အာၑိၐ ဝက္တုမာရေဘေ
ۋە ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى بەرىكەتلىدى.
51 အာၑိၐံ ဝဒန္နေဝ စ တေဘျး ပၖထဂ် ဘူတွာ သွရ္ဂာယ နီတော'ဘဝတ်၊
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
52 တဒါ တေ တံ ဘဇမာနာ မဟာနန္ဒေန ယိရူၑာလမံ ပြတျာဇဂ္မုး၊
ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ،
53 တတော နိရန္တရံ မန္ဒိရေ တိၐ္ဌန္တ ဤၑွရသျ ပြၑံသာံ ဓနျဝါဒဉ္စ ကရ္တ္တမ် အာရေဘိရေ၊ ဣတိ။
ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى.

< လူကး 24 >