مانا، مەنكى پاۋلۇس سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر خەتنە قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ. |
مەن خەتنىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر كىشىگە يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى بارلىق ئەمر-بەلگىلىمىلەرگە [تولۇق ئەمەل قىلىش] مەجبۇرىيىتى باردۇر. |
ئەي تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ھەققانىي ئادەم قىلاي دېگەنلەر، ھەربىرىڭلار مەسىھدىن ئايرىلىپ، مەھرۇم بولۇپ، [خۇدانىڭ] شاپائىتىدىن چىقىپ، يىقىلىپ ئۇنىڭدىن قالدىڭلار. |
چۈنكى روھقا تايىنىپ ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى ئېتىقاد بىلەن تەلپۈنۈپ كۈتمەكتىمىز. |
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر. |
سىلەر ئوبدان چېپىپ مېڭىۋاتقانىدىڭلار؛ بىراق كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن توسۇۋالدى؟ |
بۇنداق قايىل قىلىش ئامىلى سىلەرنى چاقىرغۇچىدىن بولغان ئەمەس! |
«كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ!» |
ئۆزۈم رەبگە قاراپ قايىل بولدۇمكى، سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ھېچ باشقىچە ئويدا بولمايسىلەر. ئەمما سىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ. |
قېرىنداشلار، ئەگەر مەن «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ جاكارلاپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنە نېمە ئۈچۈن [يەھۇدىيلاردىن] زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، «كرېست بىزارلىقى» يوق قىلىناتتى! |
سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن دەيمەن! |
چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. |
چۈنكى پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ. |
لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يالماپ يۈرۈپ، بىر-بىرىڭلاردىن يۇتۇلۇپ كەتمەڭلار يەنە! |
ئەمما شۇنى دەيمەنكى ــ [مۇقەددەس] روھتا مېڭىڭلار، ۋە شۇ چاغدا سىلەر ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. |
چۈنكى ئەت روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋە روھ ئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر؛ نەتىجىدە، ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. |
ۋەھالەنكى، سىلەر روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر. |
ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى ــ زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، |
بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار، |
ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ. |
ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق، |
مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىشلارنى توسىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر. |
لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ. |
روھتا ياشاۋاتقان بولساق، روھقا ئەگىشىپ ماڭايلى. |
بىر-بىرىمىزنى رەنجىتىپ، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلىپ، ھاكاۋۇر شۆھرەتپەرەسلەردىن بولمايلى. |