پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، كاھىنلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىيلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى. |
ئۇلار [روسۇللارنىڭ] خالايىققا تەلىم بېرىشى، جۈملىدىن «ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەسەبىيلەشتى. |
ئۇلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەتىسىگىچە تۈرمىگە سولاپ قويدى، چۈنكى كەچ كىرىپ قالغانىدى. |
لېكىن جار قىلىنغان سۆز-كالامنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ئېتىقاد قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى. |
ئەتىسى، [يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى] باشلىقلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى. |
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن ئانناس، قايافاس، يۇھاننا، ئىسكەندەر ۋە باش كاھىننىڭ باشقا جەمەتىدىكىلەر بار ئىدى. |
ئۇلار [پېترۇس بىلەن يۇھاننانى] ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ: ــ سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ ياكى كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. |
پېترۇس مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان ھالدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى! |
ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەل ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق، |
سىلەر ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلسۇنكى، سىلەر كرېستلىگەن، ئەمما خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئۇنىڭ [كۈچ-قۇدرىتى] ئارقىلىق بۇ كىشى مۇشۇ يەردە ئالدىڭلاردا پۈتۈنلەي ساق-سالامەت تۇرىدۇ! |
بۇ [ئەيسا] بولسا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر. |
ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر. |
پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى؛ ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساقايغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى. |
شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: |
ــ بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خېلى كۆرۈنەرلىك مۆجىزىلىك بىر ئالامەت يۈز بەرگەنلىكى پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئايان بولدى ۋە بىز ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمىز. |
لېكىن بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ يېيىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ نامىدا ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھ-تەھدىت سالايلى! ــ دېيىشتى. |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقىرتىپ، بۇندىن كېيىن ئەيسانىڭ نامىدا ھېچ سۆزلىمەسلىك ياكى تەلىم بەرمەسلىكنى قەتئىي بۇيرۇدى. |
لېكىن پېترۇس بىلەن يۇھاننا: ــ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە ئىتائەت قىلىش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار! |
ئەمما بىز بولساق، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
[ھۆكۈمرانلار] بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئۇلارنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارغا تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى خالايىق بولغان ۋەقە تۈپەيلىدىن خۇدانى ئۇلۇغلىغانىدى. |
چۈنكى بۇ ساقايتىلىش مۆجىزىلىك ئالامىتى كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقانىدى. |
ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. |
ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى: ــ ئى ئىگىمىز، سەن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇرسەن. |
سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟ |
دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، ئەمەلدارلار يىغىلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشقا جەم بولۇشتى». |
ــ چۈنكى دەرۋەقە دەل بۇ شەھەردە ھېرود ھەم پونتىئۇس پىلاتۇس، يات ئەللىكلەر ھەم ئىسرائىل خەلقلىرى بىرلىشىپ، سەن مەسىھلىگەن مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيساغا قارشى چىقىپ توپلانغانىدى، |
شۇنىڭ بىلەن كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان. |
ئەمدى ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن، قۇللىرىڭنى سۆز-كالامىڭنى تولۇق يۈرەكلىك بىلەن سۆزلەپ يەتكۈزىدىغان قىلغايسەن؛ |
ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قولۇڭنى ئۇزىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى ياراتقايسەن. |
ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى. |
توپ-توپ ئېتىقادچىلار بىر جان-بىر دىل، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تەئەللۇق پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بەلكى ھەممىسىگە ئورتاق ئىدى. |
روسۇللار زور كۈچ-قۇدرەت بىلەن رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدانىڭ زور مېھرى-شەپقىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قوندى. |
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىن، ئۆي-جاي ئىگىدارلىرى بولغانلار ئۇلارنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ |
روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قوياتتى؛ ئاندىن ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىناتتى. |
ئۇلارنىڭ ئىچىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى (روسۇللار ئۇنى بارناباس، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى ئوغۇل بالا» دەپ ئاتىغان)؛ |
ئۇنىڭمۇ بىر پارچە ئېتىزى بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ئۇنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا تاپشۇردى. |