< ၂ ကရိန္ထိနး 11 >

1 ယူယံ မမာဇ္ဉာနတာံ က္ၐဏံ ယာဝတ် သောဎုမ် အရှထ, အတး သာ ယုၐ္မာဘိး သဟျတာံ၊
[ماختانغان] بۇ ئازغىنە ئەخمەقلىكىمغا سەۋرچان بولغايسىلەر! ئەمدى سىلەر ماڭا سەۋرىچانلىق قىلىپ كېلىۋاتىسىلەر.
2 ဤၑွရေ မမာသက္တတွာဒ် အဟံ ယုၐ္မာနဓိ တပေ ယသ္မာတ် သတီံ ကနျာမိဝ ယုၐ္မာန် ဧကသ္မိန် ဝရေ'ရ္ထတး ခြီၐ္ဋေ သမရ္ပယိတုမ် အဟံ ဝါဂ္ဒာနမ် အကာရ္ၐံ၊
چۈنكى مەن خۇدادىن كەلگەن ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى [ئازدۇرۇشلاردىن] ھەسەت قىلىمەن؛ چۈنكى قىزنى بىر ئەرگىلا ياتلىق قىلغاندەك، مەن سىلەرنى مەسىھكىلا پاك قىز سۈپىتىدە ھازىر بولۇشقا ۋەدىلەشتۈرگەنمەن.
3 ကိန္တု သရ္ပေဏ သွခလတယာ ယဒွဒ် ဟဝါ ဝဉ္စယာဉ္စကေ တဒွတ် ခြီၐ္ဋံ ပြတိ သတီတွာဒ် ယုၐ္မာကံ ဘြံၑး သမ္ဘဝိၐျတီတိ ဗိဘေမိ၊
ئەمما يىلان ھاۋائانىمىزنى ھىيلىگەرلىكى بىلەن ئازدۇرغاندەك، ئوي-كۆڭلۈڭلار مەسىھكە باغلانغان سەمىمىي، ساپ ۋاپالىقتىن ئېزىپ بۇلغىنىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.
4 အသ္မာဘိရနာချာပိတော'ပရး ကၑ္စိဒ် ယီၑု ရျဒိ ကေနစိဒ် အာဂန္တုကေနာချာပျတေ ယုၐ္မာဘိး ပြာဂလဗ္ဓ အာတ္မာ ဝါ ယဒိ လဘျတေ ပြာဂဂၖဟီတး သုသံဝါဒေါ ဝါ ယဒိ ဂၖဟျတေ တရှိ မနျေ ယူယံ သမျက် သဟိၐျဓွေ၊
چۈنكى بىرسى كېلىپ بىز سىلەرگە ھېچ جاكارلاپ باقمىغان باشقا بىر ئەيسانى جاكارلىسا، ياكى قەلبىڭلاردىن ئورۇن بەرگەن روھنىڭ ئورنىغا باشقا بىر روھقا ئورۇن بەرسەڭلار ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بۇ ئىشلارغا ئاجايىب سەۋر-تاقەت بىلەن ئۆتۈۋېرىشىڭلار مۇمكىن!
5 ကိန္တု မုချေဘျး ပြေရိတေဘျော'ဟံ ကေနစိတ် ပြကာရေဏ နျူနော နာသ္မီတိ ဗုဓျေ၊
ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھەرقانداق ئىشتا ئاشۇ «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن كەم سانىمايمەن!
6 မမ ဝါက္ပဋုတာယာ နျူနတွေ သတျပိ ဇ္ဉာနသျ နျူနတွံ နာသ္တိ ကိန္တု သရွွဝိၐယေ ဝယံ ယုၐ္မဒ္ဂေါစရေ ပြကာၑာမဟေ၊
گەرچە مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىم ئاددىي بولسىمۇ، بىلىم جەھەتتە مەن ئۇنداق ئەمەس؛ بىز قىلىۋاتقان ھەربىر ئەمەللىرىمىزدە بۇنى سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىسپاتلاپ روشەن قىلدۇق.
7 ယုၐ္မာကမ် ဥန္နတျဲ မယာ နမြတာံ သွီကၖတျေၑွရသျ သုသံဝါဒေါ ဝိနာ ဝေတနံ ယုၐ္မာကံ မဓျေ ယဒ် အဃောၐျတ တေန မယာ ကိံ ပါပမ် အကာရိ?
ئەمدى مەن سىلەرنى كۆتۈرۈلسۇن دەپ ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەق تەلەپ قىلماي جاكارلاپ گۇناھ قىلدىممۇ؟
8 ယုၐ္မာကံ သေဝနာယာဟမ် အနျသမိတိဘျော ဘၖတိ ဂၖဟ္လန် ဓနမပဟၖတဝါန်,
مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولۇشقا باشقا جامائەتلەردىن بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلدىم.
9 ယဒါ စ ယုၐ္မန္မဓျေ'ဝ'ရ္တ္တေ တဒါ မမာရ္ထာဘာဝေ ဇာတေ ယုၐ္မာကံ ကော'ပိ မယာ န ပီဍိတး; ယတော မမ သော'ရ္ထာဘာဝေါ မာကိဒနိယာဒေၑာဒ် အာဂတဲ ဘြာတၖဘိ နျဝါရျျတ, ဣတ္ထမဟံ က္ကာပိ ဝိၐယေ ယထာ ယုၐ္မာသု ဘာရော န ဘဝါမိ တထာ မယာတ္မရက္ၐာ ကၖတာ ကရ္တ္တဝျာ စ၊
سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ھاجەتمەن بولغان بولساممۇ، مەن ھېچكىمگە ئېغىرىمنى سالغان ئەمەس (چۈنكى ماكېدونىيەدىن كەلگەن قېرىنداشلار مېنىڭ كەم-كۈتەمنى تولۇقلاپ بەردى)؛ ھەرقانداق ئىشتا ئۆزۈمنى سىلەرگە يۈك بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ كەلدىم ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن.
10 ခြီၐ္ဋသျ သတျတာ ယဒိ မယိ တိၐ္ဌတိ တရှိ မမဲၐာ ၑ္လာဃာ နိခိလာခါယာဒေၑေ ကေနာပိ န ရောတ္သျတေ၊
مەسىھنىڭ ھەقىقىتى مەندە راست بولغاندەك، ئاقايا يۇرتلىرىدا ھېچكىممۇ مېنى مۇشۇ ماختىنىشتىن توسۇمايدۇ!
11 ဧတသျ ကာရဏံ ကိံ? ယုၐ္မာသု မမ ပြေမ နာသ္တျေတတ် ကိံ တတ္ကာရဏံ? တဒ် ဤၑွရော ဝေတ္တိ၊
نېمە ئۈچۈن؟ سىلەرنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ؟! خۇدا بىلىدۇ!
12 ယေ ဆိဒြမနွိၐျန္တိ တေ ယတ် ကိမပိ ဆိဒြံ န လဘန္တေ တဒရ္ထမေဝ တတ် ကရ္မ္မ မယာ ကြိယတေ ကာရိၐျတေ စ တသ္မာတ် တေ ယေန ၑ္လာဃန္တေ တေနာသ္မာကံ သမာနာ ဘဝိၐျန္တိ၊
لېكىن [بىزگە ئوخشاش ھېسابلىنىش] پۇرسىتىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پۇرسىتىنى مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، شۇنىڭدەك ئۇلار ماختىنىدىغان ئىشلاردا ھەقىقەتەن بىزگە ئوخشاش بولسۇن دەپ، مەن نېمە قىلىۋاتقان بولسام شۇنى قىلىۋېرىمەن.
13 တာဒၖၑာ ဘာက္တပြေရိတား ပြဝဉ္စကား ကာရဝေါ ဘူတွာ ခြီၐ္ဋသျ ပြေရိတာနာံ ဝေၑံ ဓာရယန္တိ၊
چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر.
14 တစ္စာၑ္စရျျံ နဟိ; ယတး သွယံ ၑယတာနပိ တေဇသွိဒူတသျ ဝေၑံ ဓာရယတိ,
بۇ ئىش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىمۇ نۇرلۇق بىر پەرىشتىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ.
15 တတသ္တသျ ပရိစာရကာ အပိ ဓရ္မ္မပရိစာရကာဏာံ ဝေၑံ ဓာရယန္တီတျဒ္ဘုတံ နဟိ; ကိန္တု တေၐာံ ကရ္မ္မာဏိ ယာဒၖၑာနိ ဖလာနျပိ တာဒၖၑာနိ ဘဝိၐျန္တိ၊
شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىيلىقنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرگۈزىۋېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىگە لايىق بولىدۇ.
16 အဟံ ပုန ရွဒါမိ ကော'ပိ မာံ နိရ္ဗ္ဗောဓံ န မနျတာံ ကိဉ္စ ယဒျပိ နိရ္ဗ္ဗောဓော ဘဝေယံ တထာပိ ယူယံ နိရ္ဗ္ဗောဓမိဝ မာမနုဂၖဟျ က္ၐဏဲကံ ယာဝတ် မမာတ္မၑ္လာဃာမ် အနုဇာနီတ၊
يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچكىم مېنى ئەخمەق دەپ ھېسابلىمىسۇن؛ ھەتتا ئەگەر مېنى شۇنداق دەپ قارىساڭلارمۇ، ئەمدى مەندەك ئەخمەقنى سەۋر قىلىپ قوبۇل قىلغايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ ئازغىنە ماختىنىۋالاي.
17 ဧတသျား ၑ္လာဃာယာ နိမိတ္တံ မယာ ယတ် ကထိတဝျံ တတ် ပြဘုနာဒိၐ္ဋေနေဝ ကထျတေ တန္နဟိ ကိန္တု နိရ္ဗ္ဗောဓေနေဝ၊
مېنىڭ ھازىر بۇلارنى سۆزلىشىم رەب تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئەخمەقلەرچە يۈرەكلىك پو ئېتىپ ماختىنىشىم، خالاس.
18 အပရေ ဗဟဝး ၑာရီရိကၑ္လာဃာံ ကုရွွတေ တသ္မာဒ် အဟမပိ ၑ္လာဃိၐျေ၊
نۇرغۇن ئادەملەر ئىنسانلارچە پو ئېتىپ ماختانغاندىكىن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي.
19 ဗုဒ္ဓိမန္တော ယူယံ သုခေန နိရ္ဗ္ဗောဓာနာမ် အာစာရံ သဟဓွေ၊
چۈنكى ئۆزۈڭلار شۇنچە دانا بولغاندىن كېيىن، سىلەر ئەخمەقلەرگە سەۋر-تاقەت قىلىشقا رازى بولىسىلەر!
20 ကော'ပိ ယဒိ ယုၐ္မာန် ဒါသာန် ကရောတိ ယဒိ ဝါ ယုၐ္မာကံ သရွွသွံ ဂြသတိ ယဒိ ဝါ ယုၐ္မာန် ဟရတိ ယဒိ ဝါတ္မာဘိမာနီ ဘဝတိ ယဒိ ဝါ ယုၐ္မာကံ ကပေါလမ် အာဟန္တိ တရှိ တဒပိ ယူယံ သဟဓွေ၊
مەسىلەن بىرسى سىلەرنى قۇل قىلىۋالسا، بىرسى سىلەرنى يۇتۇۋالسا، بىرسى سىلەردىن نەپ ئالسا، بىرسى ئالدىڭلاردا چوڭچىلىق قىلسا ياكى يۈزۈڭلارغا كاچات سالسا، سىلەر ئۇنىڭغا يول قويىسىلەر.
21 ဒေါ်ရ္ဗ္ဗလျာဒ် ယုၐ္မာဘိရဝမာနိတာ ဣဝ ဝယံ ဘာၐာမဟေ, ကိန္တွပရသျ ကသျစိဒ် ယေန ပြဂလ္ဘတာ ဇာယတေ တေန မမာပိ ပြဂလ္ဘတာ ဇာယတ ဣတိ နိရ္ဗ္ဗောဓေနေဝ မယာ ဝက္တဝျံ၊
ئەپسۇس، نومۇس قىلىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئۇنداق ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلدۇق! ئەمما ئۇلار بىرەر ئىشتا ماختىنىشقا پېتىنغان يەردە (ئەخمەقلەرچە سۆزلەۋاتىمەن!) مەنمۇ شۇ ئىشتا [ماختىنىشقا] پېتىنىمەن.
22 တေ ကိမ် ဣဗြိလောကား? အဟမပီဗြီ၊ တေ ကိမ် ဣသြာယေလီယား? အဟမပီသြာယေလီယး၊ တေ ကိမ် ဣဗြာဟီမော ဝံၑား? အဟမပီဗြာဟီမော ဝံၑး၊
ئۇلار ئىبرانىيلارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ نەسلىمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق.
23 တေ ကိံ ခြီၐ္ဋသျ ပရိစာရကား? အဟံ တေဘျော'ပိ တသျ မဟာပရိစာရကး; ကိန္တု နိရ္ဗ္ဗောဓ ဣဝ ဘာၐေ, တေဘျော'ပျဟံ ဗဟုပရိၑြမေ ဗဟုပြဟာရေ ဗဟုဝါရံ ကာရာယာံ ဗဟုဝါရံ ပြာဏနာၑသံၑယေ စ ပတိတဝါန်၊
ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛
24 ယိဟူဒီယဲရဟံ ပဉ္စကၖတွ ဦနစတွာရိံၑတ္ပြဟာရဲရာဟတသ္တြိရွေတြာဃာတမ် ဧကကၖတွး ပြသ္တရာဃာတဉ္စ ပြပ္တဝါန်၊
يەھۇدىيلارنىڭ «بىر كەم قىرىق قامچا» جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم،
25 ဝါရတြယံ ပေါတဘဉ္ဇနေန က္လိၐ္ဋော'ဟမ် အဂါဓသလိလေ ဒိနမေကံ ရာတြိမေကာဉ္စ ယာပိတဝါန်၊
ئۈچ قېتىم تىكەنلىك قامچا جازاسىنى يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم.
26 ဗဟုဝါရံ ယာတြာဘိ ရ္နဒီနာံ သင်္ကဋဲ ရ္ဒသျူနာံ သင်္ကဋဲး သွဇာတီယာနာံ သင်္ကဋဲ ရ္ဘိန္နဇာတီယာနာံ သင်္ကဋဲ ရ္နဂရသျ သင်္ကဋဲ ရ္မရုဘူမေး သင်္ကဋဲ သာဂရသျ သင်္ကဋဲ ရ္ဘာက္တဘြာတၖဏာံ သင်္ကဋဲၑ္စ
دائىم سەپەرلەردە بولىمەن؛ دەريالارنىڭ خەۋپلىرىنى، قاراقچىلارنىڭ خەۋپلىرىنى، يۇرتداشلىرىمنىڭ خەۋپلىرىنى، يات ئەللىكلەرنىڭ خەۋپلىرىنى، شەھەرنىڭ خەۋپىنى، باياۋاننىڭ خەۋپلىرىنى، دېڭىزنىڭ خەۋپلىرىنى، ساختا قېرىنداشلار ئارىسىدىكى خەۋپلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم؛
27 ပရိၑြမက္လေၑာဘျာံ ဝါရံ ဝါရံ ဇာဂရဏေန က္ၐုဓာတၖၐ္ဏာဘျာံ ဗဟုဝါရံ နိရာဟာရေဏ ၑီတနဂ္နတာဘျာဉ္စာဟံ ကာလံ ယာပိတဝါန်၊
ئەمگەكلەر ۋە جاپا ئىشلاردا زورۇقۇپ، پات-پات تۈنەكلەردە، ئاچلىقتا ۋە ئۇسسۇزلۇقتا، دائىم روزا تۇتۇشلاردا، سوغۇقلاردا ۋە يېلىڭ-يالىڭاچلىقتا يۈرۈپ كەلدىم.
28 တာဒၖၑံ နဲမိတ္တိကံ ဒုးခံ ဝိနာဟံ ပြတိဒိနမ် အာကုလော ဘဝါမိ သရွွာသာံ သမိတီနာံ စိန္တာ စ မယိ ဝရ္တ္တတေ၊
بۇ سىرتتىكى ئىشلاردىن باشقا، ئىچ-باغرىمدا بارلىق جامائەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈستۈمنى بېسىپ كېلىۋاتقان غەملەرنى يەۋاتىمەن.
29 ယေနာဟံ န ဒုရ္ဗ္ဗလီဘဝါမိ တာဒၖၑံ ဒေါ်ရ္ဗ္ဗလျံ ကး ပါပ္နောတိ?
ھەركىم ئاجىزلىسا، مەن ئاجىزلىمىدىممۇ؟ ھەركىم ئېزىپ پۇتلاشقان بولسا، مەن ئۆرتەنمىدىممۇ؟!
30 ယဒိ မယာ ၑ္လာဃိတဝျံ တရှိ သွဒုရ္ဗ္ဗလတာမဓိ ၑ္လာဃိၐျေ၊
ئەمدى ئەگەر ماختىنىشىم زۆرۈر بولسا، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن.
31 မယာ မၖၐာဝါကျံ န ကထျတ ဣတိ နိတျံ ပြၑံသနီယော'သ္မာကံ ပြဘော ရျီၑုခြီၐ္ဋသျ တာတ ဤၑွရော ဇာနာတိ၊ (aiōn g165)
رەب ئەيسانىڭ خۇدا-ئاتىسى، مەڭگۈ تەشەككۈر-مەدھىيىلەرگە لايىق بولغۇچىغا ئايانكى، مەن يالغان ئېيتمىدىم. (aiōn g165)
32 ဒမ္မေၐကနဂရေ'ရိတာရာဇသျ ကာရျျာဓျက္ၐော မာံ ဓရ္တ္တုမ် ဣစ္ဆန် ယဒါ သဲနျဲသ္တဒ် ဒမ္မေၐကနဂရမ် အရက္ၐယတ္
دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دەمەشق شەھىرىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالغانىدى.
33 တဒါဟံ လောကဲး ပိဋကမဓျေ ပြာစီရဂဝါက္ၐေဏာဝရောဟိတသ္တသျ ကရာတ် တြာဏံ ပြာပံ၊
لېكىن مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قاچتىم.

< ၂ ကရိန္ထိနး 11 >