ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز رەب ئەيسادا تۇرۇپ سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمىز ھەم جېكىلەيمىزكى، سىلەر بىزدىن خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا قانداق مېڭىشىڭلار كېرەكلىكىنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭلاردەك ھەم ھازىر شۇ بويىچە مېڭىۋاتقىنىڭلاردەك، شۇنداق قىلىشىڭلار تېخىمۇ ئېشىپ تاشقاي. |
چۈنكى سىلەر بىزنىڭ رەب ئەيسا ئارقىلىق سىلەرگە نېمە ئەمرلەرنى تاپىلىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. |
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك-مۇقەددەس قىلىنىش، ھەرقانداق بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىش، |
يەنى ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان تائىپىلەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ئار-نومۇس بىلەن ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر. |
بۇ جەھەتلەردە ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىپ، ئۆز پايدا-مەنپەئىتىنى قوغلىمىسۇن؛ چۈنكى بىز ئىلگىرى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ تولۇق ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، بارلىق مۇشۇنداق ئىشلاردا رەب ئۆزى ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر. |
چۈنكى خۇدا بىزنى ناپاكلىققا ئەمەس، بەلكى پاك-مۇقەددەسلىكتە ياشاشقا چاقىردى. |
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ [ھەقىقەتنى] رەت قىلغان ئادەم، ئىنسانىي ھوقۇقنى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئاتا قىلغۇچى خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ. |
ئەمدى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتكە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە يېزىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدا ئۆزى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتمەكتە. |
چۈنكى سىلەر پۈتكۈل ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ھەممە قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئى قېرىنداشلار، شۇنداق قىلىشقا بېرىلىپ تېخىمۇ ئېشىپ تېشىشىڭلارنى، |
شۇنداقلا بىز سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ يۈرۈشنى، [باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا] [ئارىلاشماي]، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇپ، ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ ياشاشنى نىشان قىلىپ ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. |
مانا شۇنداق قىلساڭلار، سىرتتىكىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ماڭىسىلەر ۋە ھېچكىمنىڭ قولىغا بېقىنىپ قالمايسىلەر. |
لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، [ئاراڭلاردىكى] [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز. |
چۈنكى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، [ئەيسا قايتا كەلگىنىدە]، ئۆلۈمدە ئۇنىڭدا ئۇخلاپ قالغانلارنى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. |
چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ؛ |
چۈنكى رەب قاتتىق بىر نەرە تارتىپ، باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدانىڭ كاناي ساداسى ئىچىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە مەسىھدە بولۇپ ئۆلگەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ؛ |
ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز. |
شۇڭا، بىر-بىرىڭلارغا بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىڭلار. |