سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر [«ۋەھىي قىلغۇچى»] روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى. |
خۇدانىڭ روھىنى مۇنداق پەرقلەندۈرەلەيسىلەر: ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ. |
ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس. بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى. |
ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار؛ چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر. |
ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ. |
بىز بولساق خۇدادىن بولغانمىز؛ خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇدادىن بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز. |
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. |
مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. |
خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە شۇنىڭ بىلەن ئاشكارا بولدىكى، خۇدا بىزنى ئۇنىڭ ئارقىلىق ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى دۇنياغا ئەۋەتتى. |
مېھىر-مۇھەببەت دەل شۇنىڭدىن ئايانكى، بىزلەرنىڭ خۇدانى سۆيگىنىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى بىزنى سۆيۈپ گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت بولۇشقا ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتكىنى بىلەن ئاياندۇر. |
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە قەرزداردۇرمىز. |
ھېچكىم ھېچقاچان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس؛ لېكىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، خۇدا بىزدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. |
بىز بىزنىڭ ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان. |
بىز شۇنى كۆرگەن ۋە شۇنداقلا شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، ئاتا ئوغۇلنى دۇنياغا قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى. |
ئەگەر كىمدەكىم ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ. |
بىز بولساق خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشەندۇق. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتتە ياشىغۇچى كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. |
مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم-قورقماس بولالايمىز. چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز. |
مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر؛ قورقۇنچى بار كىشى مېھىر-مۇھەببەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئەمەستۇر. |
بىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىمىز، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتى. |
ئەگەر بىرسى «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى قېرىندىشىنى سۆيمىگەن يەردە، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ |
شۇڭا بىزدە ئۇنىڭدىن: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دېگەن ئەمر باردۇر. |