ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» مەسىلىسىگە كېلەيلى. «ھەممىمىزدە بىلىم بار» دەپ بىلىمىز. خوش، بىراق بىلىم بولسا ئادەمنى كۆرەڭلىتىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببەت بولسا ئادەمنى قۇرىدۇ. |
«مېنىڭ بىلىمىم بار» دەپ ھېسابلىغان كىشى، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى تېخى بىلىشكە تېگىشلىك دەرىجىدە بىلمىگەن بولىدۇ. |
ئەمما خۇدانى سۆيگەن كىشى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تونۇلىدۇ. |
خوش، ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» توغرۇلۇق ــ بىزگە مەلۇمكى، «جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ»، ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر». |
گەرچە نۇرغۇن ئاتالمىش ئىلاھلار بار بولسىمۇ ــ مەيلى ئۇلار زېمىندا ياكى ئاسماندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىشىدىن قەتئىينەزەر (دەرۋەقە «ئىلاھلار» كۆپ، ۋە «رەب»لەر كۆپتۇر) |
بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا بىر خۇدا، يەنى ئاتا باردۇر. ئۇنىڭدىن بارلىق ھەممە مەۋجۇداتلار ئاپىرىدە بولغان، بىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولغانمىز؛ [شۇنىڭدەك]، بىرلا رەب، يەنى ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت، بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق ھاياتمىز. |
ئەمما بۇنداق بىلىم ھەممىمىزدە تېخى يوقتۇر؛ تېخى بۇتلارغا كۆندۈرۈلگىنىدىن خالاس بولمىغان بەزى [ئىشەنگۈچىلەر] بولسا مۇشۇنداق تائاملارنى «بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان» دەپ بىلىپ يەيدۇ؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئاجىز بولغاچقا، بۇلغانغان بولىدۇ. |
ئەمەلىيەتتە تائاملارنىڭ ئۆزلىرى بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرالمايدۇ؛ يېمىسەك بىزنىڭ كەمچىلىكىمىز ھېسابلانمايدۇ، يېگەن بولساق ئارتۇقچىلىقمۇ ھېسابلانمايدۇ. |
بىراق ھەرھالدا [يېيىش] ئەركىنلىكىڭلارنىڭ ئاجىزلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىغا كۆڭۈل قويۇڭلار. |
چۈنكى ئاجىز بىر بەندە بىلىمى بار بولغان سېنىڭ بۇتخانىدىكى داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىڭنى كۆرسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز ئاجىز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە «قۇرۇلۇپ كۈچەيتىلىدىغان» بولمامدۇ؟ |
شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئۇنىڭ نىجاتى ئۈچۈن ئۆلگەن، سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولغان بۇ ئاجىز بەندە سېنىڭ بىلىمىڭ ۋەجىدىن ھالاك بولىدۇ. |
شۇ يول بىلەن قېرىنداشلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناھ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجىز ۋىجدانىنى زەخىملەندۈرۈپ، مەسىھكە قارشى گۇناھ قىلىۋاتىسىلەر. |