سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆزئارا ئارازلىق ئىش بولسا، ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، ھەققانىيسىزلارنىڭ ئالدىدا دەۋالىشىشقا پېتىنالامسىلەر؟ |
مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەگەر دۇنيانى سىلەر سوراق قىلىدىغان ئىش بولسا، ئەمدى زىغىرچىلىك ئىشلارنى ھەل قىلىشقا يارىمامسىلەر؟ |
پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ھاياتتىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش قانچىلىك ئىش ئىدى؟ |
سىلەردە مۇشۇ ھاياتتىكى ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت ئارىسىدا تۆۋەن دەپ قارالغانلارنى ئۇنى ھەل قىلىشقا سالمامسىلەر؟ |
مۇشۇلارنى سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن دەۋاتىمەن. ئەجەبا، ئاراڭلاردا ئۆز قېرىنداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارغۇدەك دانا كىشى يوقمۇ، ھەتتا بىرىمۇ يوقمۇ؟ |
ئۇنىڭ ئورنىدا، قېرىنداش بىلەن قېرىنداش دەۋالىشىۋاتىدۇ، ــ ۋە كاپىرلار ئالدىدا شۇنداق قىلىدۇ! |
ئەمەلىيەتتە ئۆز ئاراڭلاردا دەۋالارنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى سىلەرگە نىسبەتەن بىر ئەيىبتۇر. نېمىشقا ئۇۋالچىلىققا چىدىمايسىلەر؟ نېمىشقا ناھەقچىلىككە يول قويمايسىلەر؟ |
ئەكسىچە، سىلەر ناھەقچىلىك قىلىۋاتىسىلەر، خىيانەت قىلىۋاتىسىلەر، يەنە كېلىپ قېرىنداشلىرىڭلارغا شۇنداق قىلىسىلەر! |
ھەققانىيسىزلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنىپ كەتمەڭلار! بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىنا قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، |
ئوغرىلار، نەپسانىيەتچىلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ياكى ئالدامچى-كاززاپلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛ |
بەزىڭلار دەرۋەقە شۇنداق بولغانسىلەر؛ ئەمما سىلەر رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا ۋە خۇدايىمىزنىڭ روھى بىلەن يۇيۇلدۇڭلار، پاك-مۇقەددەس قىلىندىڭلار، ھەققانىي قىلىندىڭلار. |
«ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما ھەممە نەرسە پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ؛ «ھەممە نەرسە ماڭا ھالالدۇر»، ئەمما مەن ھېچقانداق نەرسىنىڭ خۇمارىغا قۇل بولمايمەن. |
«يېمەكلىكلەر ئاشقازان ئۈچۈن، ئاشقازان بولسا يېمەكلىكلەر ئۈچۈندۇر»؛ ئەمما خۇدا ئۇ ۋە بۇ ھەر ئىككىسىنى يوققا چىقىرىدۇ؛ تەن بولسا بۇزۇقچىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەب ئۈچۈندۇر؛ رەب تەن ئۈچۈندۇر. |
خۇدا رەبنى تىرىلدۈردى، شۇنىڭدەك بىزنىمۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدۇ. |
تېنىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، مەسىھنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىپ، پاھىشە ئايالنىڭ ئەزالىرى قىلسام بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! |
كىم پاھىشە ئايال بىلەن باغلانغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدۇ، دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى «[ئەر-ئايال] ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى. |
ئەمما رەبگە باغلانغۇچى بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر روھتۇر. |
بۇزۇقلۇقتىن قېچىڭلار. «ئىنسانلارنىڭ ھەربىر سادىر قىلغان گۇناھى ئۆز تېنىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ!» ــ ئەمما بۇزۇقلۇق سادىر قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلىدۇ. |
سىلەرنىڭ تېنىڭلار سىلەرنى تۇرالغۇ قىلغان، خۇدا تەرىپىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىنغان مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمنىڭكى ئەمەس دەپ بىلمەمسىلەر؟ |
چۈنكى سىلەر چوڭ بەدەل بىلەن سېتىۋېلىنغانسىلەر؛ شۇڭا تېنىڭلاردا خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار. |