< ၁ ကရိန္ထိနး 13 >

1 မရ္တျသွရ္ဂီယာဏာံ ဘာၐာ ဘာၐမာဏော'ဟံ ယဒိ ပြေမဟီနော ဘဝေယံ တရှိ ဝါဒကတာလသွရူပေါ နိနာဒကာရိဘေရီသွရူပၑ္စ ဘဝါမိ၊
مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس.
2 အပရဉ္စ ယဒျဟမ် ဤၑွရီယာဒေၑာဎျး သျာံ သရွွာဏိ ဂုပ္တဝါကျာနိ သရွွဝိဒျာဉ္စ ဇာနီယာံ ပူရ္ဏဝိၑွာသး သန် ၑဲလာန် သ္ထာနာန္တရီကရ္တ္တုံ ၑက္နုယာဉ္စ ကိန္တု ယဒိ ပြေမဟီနော ဘဝေယံ တရှျဂဏနီယ ဧဝ ဘဝါမိ၊
ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن.
3 အပရံ ယဒျဟမ် အန္နဒါနေန သရွွသွံ တျဇေယံ ဒါဟနာယ သွၑရီရံ သမရ္ပယေယဉ္စ ကိန္တု ယဒိ ပြေမဟီနော ဘဝေယံ တရှိ တတ္သရွွံ မဒရ္ထံ နိၐ္ဖလံ ဘဝတိ၊
ئەگەر بارلىق مال-مۈلكۈمنى سەدىقىگە ئاتاپ ھەم تېنىمنى [خۇدانىڭ يولىدا] قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈلۈشكە سۇنغان تەغدىردىمۇ، ئەمما مەندە يەنىلا مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق پايدام يوق بولغان بولىدۇ.
4 ပြေမ စိရသဟိၐ္ဏု ဟိတဲၐိ စ, ပြေမ နိရ္ဒွေၐမ် အၑဌံ နိရ္ဂရွွဉ္စ၊
مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ،
5 အပရံ တတ် ကုတ္သိတံ နာစရတိ, အာတ္မစေၐ္ဋာံ န ကုရုတေ သဟသာ န ကြုဓျတိ ပရာနိၐ္ဋံ န စိန္တယတိ,
نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛
6 အဓရ္မ္မေ န တုၐျတိ သတျ ဧဝ သန္တုၐျတိ၊
ھەققانىيسىزلىقتىن خۇشال بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىن، ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ؛
7 တတ် သရွွံ တိတိက္ၐတေ သရွွတြ ဝိၑွသိတိ သရွွတြ ဘဒြံ ပြတီက္ၐတေ သရွွံ သဟတေ စ၊
ھەممە ئىشتا قورسىقى كەڭلىك قىلىدۇ، ھەممىگە يۈزلىنىپ [خۇداغا] ئىشىنىدۇ، ھەممە ئىشقا ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممىگە چىدايدۇ.
8 ပြေမ္နော လောပး ကဒါပိ န ဘဝိၐျတိ, ဤၑွရီယာဒေၑကထနံ လောပ္သျတေ ပရဘာၐာဘာၐဏံ နိဝရ္တ္တိၐျတေ ဇ္ဉာနမပိ လောပံ ယာသျတိ၊
مېھىر-مۇھەببەت ھەرگىز ئاخىرلاشمايدۇ. بېشارەتلەر بولسا، كارغا كەلمەيدۇ: «نامەلۇم تىللار» بولسا، تۈگەيدۇ: [مۆجىزىلىك] بىلىملەرمۇ كارغا كەلمەيدۇ.
9 ယတော'သ္မာကံ ဇ္ဉာနံ ခဏ္ဍမာတြမ် ဤၑွရီယာဒေၑကထနမပိ ခဏ္ဍမာတြံ၊
چۈنكى بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز قىسمەن، بېشارەت بېرىدىغانلىرىمىز قىسمەن؛
10 ကိန္တွသ္မာသု သိဒ္ဓတာံ ဂတေၐု တာနိ ခဏ္ဍမာတြာဏိ လောပံ ယာသျန္တေ၊
لېكىن مۇكەممەللىك كەلگەندە، قىسمەنلىك يوقىلىدۇ.
11 ဗာလျကာလေ'ဟံ ဗာလ ဣဝါဘာၐေ ဗာလ ဣဝါစိန္တယဉ္စ ကိန္တု ယော်ဝနေ ဇာတေ တတ္သရွွံ ဗာလျာစရဏံ ပရိတျက္တဝါန်၊
مەن كىچىكىمدە بالىلارچە سۆزلىدىم، بالىلارچە ئويلىدىم، بالىلارچە ھېسابلىدىم؛ چوڭ بولغىنىمدا، مەن بالىلىقنى تاشلىدىم.
12 ဣဒါနီမ် အဘြမဓျေနာသ္ပၐ္ဋံ ဒရ္ၑနမ် အသ္မာဘိ ရ္လဘျတေ ကိန္တု တဒါ သာက္ၐာတ် ဒရ္ၑနံ လပ္သျတေ၊ အဓုနာ မမ ဇ္ဉာနမ် အလ္ပိၐ္ဌံ ကိန္တု တဒါဟံ ယထာဝဂမျသ္တထဲဝါဝဂတော ဘဝိၐျာမိ၊
چۈنكى بىز ھازىر بىر تۇتۇق دېرىزىدىن مۈجمەل ھالدا كۆرىمىز، لېكىن شۇ چاغدا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز: ھازىر مەن قىسمەن تونۇيمەن، شۇ چاغدا مەن [خۇدا] مېنى تونۇپ كېلىۋاتقاندەك تونۇيمەن.
13 ဣဒါနီံ ပြတျယး ပြတျာၑာ ပြေမ စ တြီဏျေတာနိ တိၐ္ဌန္တိ တေၐာံ မဓျေ စ ပြေမ ၑြေၐ္ဌံ၊
ھازىر ئىشەنچ، ئۈمىد، مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەرسە تۇرۇپتۇ؛ بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.

< ၁ ကရိန္ထိနး 13 >