ئەمدى سىلەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن تەرىپلەيمەنكى، ئى قېرىنداشلار، ھەممە ئىشلاردا سىلەر مېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىسىلەر، مەن سىلەرگە تاپشۇرغىنىمدەك، كۆرسەتمىلەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتىسىلەر. |
ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھەر ئەرنىڭ بېشى مەسىھدۇر، ئايالنىڭ بېشى ئەردۇر ۋە مەسىھنىڭ بېشى خۇدادۇر دەپ بىلىشىڭلارنى خالايمەن. |
شۇڭا، [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. |
ئەمما [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئايال بېشىغا بىرەر نەرسە ئارتمىغان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، [رەسۋا قىلىنغان] ئايالدىن پەرقى يوقتۇر. |
ئايال كىشىنىڭ بېشىغا ئارتقىنى يوق بولسا، چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلسۇن؛ ئايالغا نىسبەتەن چاچلىرىنىڭ كېسىۋېتىلىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىلىشى ئۇياتلىق ئىش بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر ئارتقىنى بولسۇن. |
چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر. |
چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر. |
شۇنىڭدەك ئەر كىشى ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال كىشى ئەر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. |
بۇ سەۋەبتىن، ھەم پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇق[نىڭ] [بەلگىسىگە] ئىگە بولۇشى كېرەك. |
ھالبۇكى، رەبدە ئايال ئەرسىز بولماس ۋە ئەر ئايالسىز بولماس؛ |
چۈنكى ئايال ئەردىن چىقىرىلغىنىدەك، ئەر ئايال ئارقىلىق [تۇغۇلىدۇ]؛ لېكىن ھەممە ئىش خۇدادىندۇر. |
ئۆز كۆڭلۈڭلاردا باھا بېرىڭلار؛ ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ خۇداغا دۇئا قىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟ |
تەبىئەتنىڭ ئۆزى سىلەرگە ئەر كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا ئۇنىڭغا ئۇيات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتمىدىمۇ؟ |
ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا، بۇ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنىڭغا بېزەك-يېپىنچا بولسۇن دەپ تەقدىم قىلىنغان. |
[بىرسىنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق] تالاش-تارتىش قىلغۇسى بولسا، [شۇنى بىلسۇنكى]، بىزلەردە ھەم خۇدانىڭ جامائەتلىرىدىمۇ شۇلاردىن باشقا ھېچ قائىدىلەر يوقتۇر. |
ئەمما ھازىر دېمەكچى بولغان ئىش، يەنى سىلەر يىغىلغان سورۇنلارغا كەلسەك، ئۇنىڭدا سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن؛ چۈنكى يىغىلغىنىڭلارنىڭ نەتىجىسى پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولۇۋاتىدۇ. |
چۈنكى بىرىنچىدىن، سىلەر جامائەتتە يىغىلغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. |
ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاراڭلاردا كىمنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى. |
سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، سىلەر [ھەقىقەتەن] «رەبنىڭ زىياپىتى»دىن يېمەيسىلەر. |
چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ. |
يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى تەرىپلەمدىمەن؟ ياق، سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن. |
چۈنكى مەن سىلەرگە [رەبنىڭ زىياپىتى توغرۇلۇق] يەتكۈزگەنلىرىمنى ئۆزۈم رەبدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن؛ دېمەك، رەب ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىنغان كېچىدە ئۇ قولىغا نان ئېلىپ، |
تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن ئۇنى ئوشتۇپ: «مانا، سىلەرگە ئاتالغان مېنىڭ تېنىم؛ بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. |
شۇنىڭدەك، غىزادىن كېيىن ئۇ جامنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر؛ ھەر قېتىم بۇنىڭدىن ئىچكىنىڭلاردا، مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. |
چۈنكى سىلەر ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگەن، بۇ جامدىن ئىچكەن بولساڭلار، تاكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە سىلەر رەبنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. |
شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى لاياقەتسىز ھالدا بۇ ناننى يېسە ياكى رەبنىڭ جامىدىن ئىچسە، رەبنىڭ تېنى ھەم قېنىغا نىسبەتەن گۇناھكار بولىدۇ. |
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرسى بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ناندىن يېسۇن، جامدىن ئىچسۇن. |
چۈنكى [رەبنىڭ] تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ. |
بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى. |
لېكىن ئەگەر ئۆز ئۈستىمىزنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقارغان بولساق، بېشىمىزغا [رەبنىڭ] ھۆكۈم-جازاسى چۈشۈرۈلمەيدىغان بولىدۇ. |
ئەمما گەرچە ئۈستىمىزگە رەب تەرىپىدىن ھۆكۈم-جازالار چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن «تەربىيە جازاسى»دۇر؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىنماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. |
شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، [رەبنىڭ زىياپىتىدە] يېيىشكە جەم بولغىنىڭلاردا، [ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە] بىر-بىرىڭلارنى كۈتۈڭلار. |
بىرسى ئاچ قورساق بولسا ئاۋۋال ئۆيىدە يەپ كەلسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلار ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈم-جازا يەتكۈزمەيدىغان بولىدۇ. قالغان باشقا مەسىلىلەرنى بولسا، مەن بارغىنىمدا تەرتىپكە سالىمەن. |