< Псалтирь 36 >

1 Начальнику хора. Раба Господня Давида. Нечестие беззаконного говорит в сердце моем: нет страха Божия пред глазами его,
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي: ــ رەزىل ئادەمنىڭ ئاسىيلىقى مېنىڭ قەلبىمدە بىر بېشارەتنى پەيدا قىلىدۇ: ــ «ئۇنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر!».
2 ибо он льстит себе в глазах своих, будто отыскивает беззаконие свое, чтобы возненавидеть его;
چۈنكى ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ماختايدۇكى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ــ «مەندە گۇناھ تېپىلماس، قىلغىنىم يىرگىنچلىك ئىش ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ.
3 слова уст его - неправда и лукавство; не хочет он вразумиться, чтобы делать добро;
ئاغزىدىكى سۆزلەر قەبىھلىك ۋە ھىيلىگەرلىكتۇر؛ پەزىلەتلىك ئىش قىلىش پاراسىتىدىن ئۇ ئاللىبۇرۇن مەھرۇمدۇر.
4 на ложе своем замышляет беззаконие, становится на путь недобрый, не гнушается злом.
ئۇ ئورنىدا ياتقاندىمۇ گۇناھنى كۆزلەيدۇ؛ ئۇ دۇرۇس بولمىغان يولغا مېڭىشنى ئىرادە قىلىدۇ؛ يامانلىقتىن ھېچ نەپرەتلەنمەيدۇ.
5 Господи! милость Твоя до небес, истина Твоя до облаков!
ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە تاقىشىدۇ؛ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ بۇلۇتلارغا يېتىدۇ!
6 Правда Твоя, как горы Божии, и судьбы Твои - бездна великая! Человеков и скотов хранишь Ты, Господи!
ھەققانىيلىقىڭ بۈيۈك تاغلاردەك، ھۆكۈملىرىڭ تىلسىماتلىق چوڭقۇر دېڭىزلاردەكتۇر. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى ساقلىغۇچىدۇرسەن؛
7 Как драгоценна милость Твоя, Боже! Сыны человеческие в тени крыл Твоих покойны:
سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ نەقەدەر قىممەتلىكتۇر، ئى خۇدا! شۇڭا ئىنسان بالىلىرى قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھلىنىدۇ.
8 насыщаются от тука дома Твоего, и из потока сладостей Твоих Ты напояешь их,
ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول داستىخاندىن تويغۇچە بەھرىمەن بولىدۇ؛ سەن ئۇلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىڭنىڭ دەرياسىدىن ئىچكۈزىسەن.
9 ибо у Тебя источник жизни; во свете Твоем мы видим свет.
چۈنكى سەندىلا باردۇر ھاياتلىق بۇلىقى؛ نۇرۇڭدا بولۇپ نۇرنى كۆرىمىز.
10 Продли милость Твою к знающим Тебя и правду Твою к правым сердцем,
ئاھ، ئۆزۈڭنى تونۇپ، بىلگەنلەرگە مۇھەببىتىڭنى، كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ ھەققانىيلىقىڭنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغايسەن.
11 да не наступит на меня нога гордыни, и рука грешника да не изгонит меня:
تەكەببۇرلارنىڭ پۇتىنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمىغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ قولى مېنى ئورنۇمدىن قوغلىۋەتمىسۇن؛
12 там пали делающие беззаконие, низринуты и не могут встать.
مانا، يامانلىق قىلغۇچىلار يىقىلدى! غۇلىتىۋېتىلدى، ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدۇ!

< Псалтирь 36 >