< Иеремия 47 >

1 Слово Господа, которое было к пророку Иеремии о Филистимлянах, прежде нежели фараон поразил Газу.
پىرەۋن گازا شەھىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىلگىرى، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيلەر توغرىسىدىكى سۆزى: ــ
2 Так говорит Господь: вот, поднимаются воды с севера и сделаются наводняющим потоком, и потопят землю и все, что наполняет ее, город и живущих в нем; тогда возопиют люди, и зарыдают все обитатели страны.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، شىمالدىن [دولقۇنلۇق] سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ؛ ئۇ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنىڭ ئۈستىدىن، شەھەر ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىدىن تاشقىن بولۇپ باسىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار [ئازابتىن] نالە-زار قىلىدۇ؛
3 От шумного топота копыт сильных коней его, от стука колесниц его, от звука колес его, отцы не оглянутся на детей своих, потому что руки у них опустятся
تولپارلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ تاراقشىشلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرىنى، چاقلىرىنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتىلار ئۆز بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قوللىرى بوشاپ، ئارقىغىمۇ قارىمايدۇ.
4 от того дня, который придет истребить всех Филистимлян, отнять у Тира и Сидона всех остальных помощников, ибо Господь разорит Филистимлян, остаток острова Кафтора.
چۈنكى بارلىق فىلىستىيلەرنى نابۇت قىلىدىغان كۈن، ھەم تۇر ۋە زىدوننى ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك بارلىق قالغان ئادەملەردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ.
5 Оплешивела Газа, гибнет Аскалон, остаток долины их.
گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ؛ ئاشكېلون شەھىرىدىكىلەر داڭ قېتىپ قالىدۇ؛ قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر، ئى فىلىستىيە كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار؟
6 Доколе будешь посекать, о, меч Господень! доколе ты не успокоишься? возвратись в ножны твои, перестань и успокойся.
ئاپلا، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، سەن قاچانغىچە تىنمايسەن؟ ئۆز قىنىڭغا قايتقىن، ئارام ئېلىپ تىنچلانغىن!
7 Но как тебе успокоиться, когда Господь дал повеление против Аскалона и против берега морского? туда Он направил его.
لېكىن ئۇ قانداقمۇ توختىيالىسۇن؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈرگەن؛ ئاشكېلون شەھىرىگە ھەم دېڭىز بويىدىكىلەرگە زەرب قىلىشقا ئۇنى بېكىتكەندۇر!

< Иеремия 47 >