< Исход 31 >

1 И сказал Господь Моисею, говоря:
پەرۋەردىگار خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
2 смотри, Я назначаю именно Веселеила, сына Уриева, сына Орова, из колена Иудина;
مانا، مەن ئۆزۈم يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىردىم؛
3 и Я исполнил его Духом Божиим, мудростью, разумением, ведением и всяким искусством,
ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ،
4 работать из золота, серебра и меди, из голубой, пурпуровой и червленой шерсти и из крученого виссона,
تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان،
5 резать камни для вставливания и резать дерево для всякого дела;
ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدىم.
6 и вот, Я даю ему помощником Аголиава, сына Ахисамахова, из колена Данова, и в сердце всякого мудрого вложу мудрость, дабы они сделали все, что Я повелел тебе:
شۇنىڭدەك مانا، مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تەيىنلىدىم، شۇنداقلا مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەممە نەرسىلەرنى ياسىسۇن دەپ، بارلىق پەم-پاراسەتلىك كىشىكەرنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدىم؛
7 скинию собрания и ковчег откровения и крышку на него, и все принадлежности скинии,
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى، چېدىرىنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرىنى،
8 и стол и все принадлежности его, и светильник из чистого золота и все принадлежности его, и жертвенник курения,
شىرە بىلەن ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى، ساپ ئالتۇندىن ياسىلىدىغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى،
9 и жертвенник всесожжения и все принадлежности его, и умывальник и подножие его,
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى ياسىيالايدىغان،
10 и одежды служебные и одежды священные Аарону священнику, и одежды сынам его, для священнослужения,
خىزمەت كىيىملىرى، يەنى كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى توقۇيالايدىغان،
11 и елей помазания и курение благовонное для святилища: все так, как Я повелел тебе, они сделают.
مەسىھلەش مېيى ۋە مۇقەددەس جايغا تەييارلىنىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەردىن خۇشبۇينى ياسىيالايدىغان بولدى. مەن ساڭا ئەمر قىلغىنىم بويىچە ئۇلار بارلىق ئىشنى بەجا كەلتۈرىدۇ.
12 И сказал Господь Моисею, говоря:
پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
13 скажи сынам Израилевым так: субботы Мои соблюдайте, ибо это - знамение между Мною и вами в роды ваши, дабы вы знали, что Я Господь, освящающий вас;
سەن ئىسرائىللارغا ئەمر قىلىپ ئۇلارغا: ــ «سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى چوقۇم تۇتۇڭلار؛ چۈنكى بۇلار سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ.
14 и соблюдайте субботу, ибо она свята для вас: кто осквернит ее, тот да будет предан смерти; кто станет в оную делать дело, та душа должна быть истреблена из среды народа своего;
شابات كۈنى سىلەرگە مۇقەددەس قىلىپ بېكىتىلگىنى ئۈچۈن، ئۇنى تۇتۇڭلار؛ كىمكى ئۇنى بۇزسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ؛ بەرھەق، كىمكى ئۇ كۈنىدە ھەرقانداق ئىشنى قىلسا، ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن.
15 шесть дней пусть делают дела, а в седьмой - суббота покоя, посвященная Господу: всякий, кто делает дело в день субботний, да будет предан смерти;
ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈن بولۇپ، ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ كىمكى شابات كۈنىدە بىرەر ئىش قىلسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ.
16 и пусть хранят сыны Израилевы субботу, празднуя субботу в роды свои, как завет вечный;
ئىسرائىللار شابات كۈنىنى تۇتۇشى كېرەك؛ ئۇلار ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە تۇتسۇن.
17 это - знамение между Мною и сынами Израилевыми навеки, потому что в шесть дней сотворил Господь небо и землю, а в день седьмой почил и покоился.
بۇ مەن بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەبەدىي بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان بىلەن زېمىننى يارىتىپ، يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئېلىپ راھەت تاپقانىدى»، ــ دېگىن.
18 И когда Бог перестал говорить с Моисеем на горе Синае, дал ему две скрижали откровения, скрижали каменные, на которых написано было перстом Божиим.
خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاختايلار تاشتىن بولۇپ، [سۆزلەر] خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن ئۇلارغا پۈتۈلگەنىدى.

< Исход 31 >