پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم! ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛ شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛ |
لىباس بىلەن پۈركەنگەندەك يورۇقلۇققا پۈركەنگەنسەن، ئاسمانلارنى چېدىر پەردىسى كەبى يايغانسەن. |
ئۇ يۇقىرىقى راۋاقلىرىنىڭ لىملىرىنى سۇلارغا ئورناتقان، بۇلۇتلارنى جەڭ ھارۋىسى قىلىپ، شامال قاناتلىرى ئۈستىدە ماڭىدۇ؛ |
ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ. |
يەرنى ئۇ ئۇللىرى ئۈستىگە ئورناتقان؛ ئۇ ئەسلا تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ. |
لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن، سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى. |
سېنىڭ تەنبىھىڭ بىلەن سۇلار بەدەر قاچتى، گۈلدۈرماماڭنىڭ ساداسىدىن ئۇلار تېزدىن ياندى؛ |
تاغلار ئۆرلەپ چىقتى، ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى، [سۇلار] سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى. |
ئۇلار تېشىپ، يەرنى يەنە قاپلىمىسۇن دەپ، سەن ئۇلارغا چەكلىمە قويغانسەن. |
[تەڭرى] ۋادىلاردا بۇلاقلارنى ئېچىپ ئۇرغۇتىدۇ، سۇلىرى تاغلار ئارىسىدا ئاقىدۇ. |
دالادىكى ھەربىر جانىۋارغا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ، ياۋايى ئېشەكلەر ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. |
كۆكتىكى قۇشلار ئۇلارنىڭ بويىدا قونىدۇ، دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سايرايدۇ. |
ئۇ يۇقىرىدىكى راۋاقلىرىدىن تاغلارنى سۇغىرىدۇ؛ يەر سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنىڭ مېۋىلىرىدىن قاندۇرۇلىدۇ! |
ئۇ ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپلەرنى، ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا ناننى يەردىن چىقىرىدۇ؛ |
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شارابنى، ئىنسان يۈزىنى پارقىرىتىدىغان ماينى چىقىرىدۇ؛ ئىنساننىڭ يۈرىكىگە نان بىلەن قۇۋۋەت بېرىدۇ؛ |
پەرۋەردىگارنىڭ دەرەخلىرى، يەنى ئۆزى تىككەن لىۋان كېدىر دەرەخلىرى [سۇ ئىچىپ] قانائەتلىنىدۇ. |
ئەنە ئاشۇلار ئارىسىغا قۇشلار ئۇۋا ياسايدۇ، لەيلەك بولسا، ئارچا دەرەخلىرىنى ماكان قىلىدۇ. |
ئېگىز چوققىلار تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ، تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ. |
پەسىللەرنى بېكىتمەك ئۈچۈن ئۇ ئاينى ياراتتى، قۇياش بولسا پېتىشىنى بىلىدۇ. |
سەن قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىسەن، تۈن بولىدۇ؛ ئورماندىكى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا شىپىر-شىپىر كېزىپ يۈرىدۇ. |
ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۆركىرەيدۇ، تەڭرىدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىشىدۇ؛ |
قۇياش چىقىپلا، ئۇلار چېكىنىدۇ، قايتىپ كىرىپ ئۇۋىلىرىدا ياتىدۇ. |
ئىنسان بولسا ئۆز ئىشىغا چىقىدۇ، تا كەچكىچە مېھنەتتە بولىدۇ. |
ئى پەرۋەردىگار، ياسىغان ھەرخىل نەرسىلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر! ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن، يەر يۈزى ئىجات-بايلىقلىرىڭ بىلەن تولدى. |
ئەنە بۈيۈك بىپايان دېڭىز تۇرىدۇ! ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز غۇژ-غۇژ جانىۋارلار، چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار بار. |
شۇ يەردە كېمىلەر قاتنايدۇ، ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار؛ |
ۋاقتىدا ئوزۇق-تۈلۈك بەرگىن دەپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قارايدۇ. |
ئۇلارغا بەرگىنىڭدە، تېرىۋالىدۇ، قولۇڭنى ئاچقىنىڭدىلا، ئۇلار نازۇنېمەتلەرگە تويىدۇ. |
يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ، روھلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار جان ئۈزۈپ، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ. |
روھىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە، ئۇلار يارىتىلىدۇ، يەر-يۈزى يېڭى [بىر دەۋر بىلەن] ئالمىشىدۇ. |
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شۆھرىتى ئەبەدىيدۇر، پەرۋەردىگار ئۆز ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ. |
ئۇ يەرگە باققىنىدا، يەر تىترەيدۇ، تاغلارغا تەگكىنىدە، ئۇلار تۈتۈن چىقىرىدۇ. |
ھاياتلا بولىدىكەنمەن، پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ ۋۇجۇدۇم بولسىلا خۇدايىمنى كۈيلەيمەن. |
ئۇ سۈرگەن ئوي-خىياللىرىمدىن سۆيۈنسە! پەرۋەردىگاردا خۇشاللىنىمەن! |
گۇناھكارلار يەر يۈزىدىن تۈگىتىلىدۇ، رەزىللەر يوق بولىدۇ. ئى جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر! ھەمدۇسانا! |