ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ |
«گەپ مۇنداق كۆپ تۇرسا، ئۇنى جاۋابسىز قالدۇرغىلى بولماس؟ سۆزمەن كىشى ئۆزىنى ئاقلىسا بولامدۇ؟ |
سېنىڭ سەپسەتەلىرىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىسا بولامدۇ؟ سەن مازاق قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن، ھېچكىم بۇ ئىشنى يۈزۈڭگە سالمىسۇنمۇ؟ |
چۈنكى سەن: «مېنىڭ ئەقىدىلىرىم ساپتۇر، مەن سەن [خۇدانىڭ] ئالدىدا پاكمەن» ــ دېدىڭ. |
ئاھ، تەڭرى گەپ قىلسىدى! ئاغزىنى ئېچىپ سېنى ئەيىبلىسىدى! |
شۇنداق قىلىپ ئۇ دانالىقنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېچىپ بەرسىدى! چۈنكى دانالىق ئىككى تەرەپلىكتۇر! تەڭرىنىڭ گۇناھىڭنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، ئۇلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ قوي! |
سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟! ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟ |
[بۇنداق دانالىق] ئاسماندىن ئېگىزدۇر، [ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە] نېمە ئامالىڭ بار؟ ئۇ تەھتىسارادىن چوڭقۇردۇر، سەن نېمىنى بىلەلەيسەن؟ (Sheol h7585) |
ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەر-زېمىندىن ئۇزۇندۇر، كەڭلىكى دېڭىز-ئوكيانلاردىن كەڭدۇر. |
ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئادەمنى قامىسا، ئۇنى سوراققا چاقىرسا، كىممۇ ئۇنى توسالىسۇن؟ |
چۈنكى ئۇ ساختا ئادەملەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئالدامچىلىقنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان. |
«ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە، نادان ئادەم دانا بولۇر!». |
بىراق سەن بولساڭ، ئەگەر قەلبىڭنى توغرىلاتساڭ، قولۇڭنى خۇداغا قاراپ سوزساڭ، |
قولۇڭدىكى قەبىھلىكنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىلساڭ، چېدىرلىرىڭدا ھېچ يامانلىقنى تۇرغۇزمىساڭلا، |
سەن ئۇ چاغدا يۈزۈڭنى قۇسۇرسىز كۆتۈرۈپ يۈرىسەن، تەۋرەنمەس، قورقۇنچسىز بولىسەن؛ |
جاپايىڭنى ئۇنتۇيسەن، ھەتتا ئېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن سۇنى ئويلىغاندەك ئۇلارنى ئەسلەيسەن؛ |
كۈنلىرىڭ چۈشتىكى نۇردىن يورۇق بولىدۇ، سېنى ھازىر قاراڭغۇلۇق باسقىنى بىلەن، تاڭدەك پارلاق بولىسەن. |
ئۈمىدىڭ بار بولغاچقا، سەن ھىمايىگە ئىگە بولىسەن، سەن ئەتراپىڭغا خاتىرجەم قاراپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرىسەن. |
راست، سەن ياتقىنىڭدا، ھېچكىمنىڭ ۋەسۋەسىسى بولمايدۇ، ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ. |
بىراق رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرىدىن كېتىدۇ، ئۇلارغا قېچىشقا ھېچ يول قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس». |